+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-4-26 13:16 4986 قېتىم كۆرۈلدى 18 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
4-ئاينىڭ 25-كۈنى شىياۋمى شىركىتى ۋۇخەت ئونۋېرستىتىدا شىياۋمى 6X نى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ يانفونغا 5.99 دىيۇملۇق پۈتۈن ئېكران، ئالدى كەينىگە 20 مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلەنگەن.
S4087ab5b-f538-412b-a745-145a5e151007.jpg
شىياۋمى 6X يېڭىچە پارچە سېتىش لايھەسى بىلەن چىقىرىلغان مەھسۇلات. كەلگۈسىدە ئەمىلىي دۇكانلاردا سېتىشنى ئاساس قىلىدۇ.
s_39b79ed221bf45eba9bd8ae197de244e.png

بۇ يانفون شىياۋمىنىڭ ئەسىلدىكى يۇقىرى ئىقتىدار باھا نىسبىتى سىتىراتىگىيىسىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۈچ خىل نۇسخىسى بولۇپ، 4GB+64GB سىغىمدىكىسى 1599 يۈەن، 6GB+64GB سىغىمدىكىسى 1799 يۈەن، 6GB+128GB سىغىمدىكىسى 1999 يۈەن، 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ سېتىشقا باشلايدۇ.
S7434bea3-0089-4812-8a6f-13a86b12cfd4.jpg
سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى مودا ئېقىمنى ئاساس قىلغان. يانفوننىڭ قېلىنلىقى 7.3 مىللىمىتېر . بارماق ئىزى سېنزورى كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قىزىل، سېرىق، كۆك، قارا، ئاق بەش خىل رەڭدىكىسى بار.

S52fbec25-8884-4047-a0e5-de82403b348d.jpg

قاتتىق دېتال سەپلىمىسى: 5.99 دىيۇملۇق 2160×1080 ئېنىقلىقتىكى پۈتۈن ئېكران، كۇۋالكوم 660 AIE سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق 8 يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، Adreno 512 GPU سەپلەنگەن. ساقلاش سىغىمى ۋە ئىچكى ساقلىغۇچى 4GB+64GB、6GB+64GB、6GB+128GB دىن ئىبارەت ئۈچ خىل. باتارىيەسى 3010mAh ، تېز زەرەتلەش 3.0 نى قوللايدۇ. Android 8.1 ئاساسىدىكى MIUI 9 قاچىلانغان.

S5bb4d848-3a00-4ad4-a698-1367b91487c9.jpg

قوش كارتا كۆچمە، بىرلەشمە، تېلگىرافنىڭ 4G/3G/2G تورلىرىنى قوللايدۇ.
كۇۋالكوم 660 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا كۇۋالكوم 600 تۈردىكى cpu ئىچىدە تۇنجى بولۇپ، سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدار (AIE) ماتورى  ، Spectra ISP、Hexagon DSP ئىشلىتىلگەن. رەسىم تارتىش، ئويۇن ئويناش جەھەتلەردە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئىقىتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرىدۇ.

Sb44532f6-71a4-4346-b175-0b1e4789fe3b.jpg

شىياۋمى 6X يەنە 《王者荣耀》ئويۇنى بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، بۇ يانفوندا بۇ ئويۇننى ئوينىغاندا مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ كۆپ يادرو، كۆپ لىنىيىسە قوزغىلىپ ئويۇننى ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە ئوينىغىلى بولىدۇ.

S8856b962-3a3c-4cdd-ace8-cda553edeeac.jpg

بۇ يانفوننىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى تەبئىي رەسىمگە تارتىش. شىياۋمى 6X نىڭ كەينىگە 20 مىليون+12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا، سونىي IMX486 سېنزور سەپلەنگەن، لىنزىنىڭ دىئافراگمسى f/1.75، پىكسېل ھەجىمى 1.25μm ، بۇنداق بولغاندا كامېرا كۆزىدىن تېخىمۇ كۆپ نۇرنى قۇبۇل قىلىپ، تارتقان رەسىم تەبىئىيلىككە تېخىمۇ بەك يېقىنلىشىدۇ. كەينى كامېراسىنىڭ يەنە بىرسىگە سونىي IMX376 سېنزور ئىشلىتىلگەن، كېچىدە ۋە نۇر ئاجىز شارائىتىتا رەسىم تارتىش جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە. ئالدى كامېراسى 20 مىليون پىكسېل ئۆزىنى رەسىمگە تارتقاندە سۈزۈك تارتىدۇ.
Sb19b3acd-e2ec-427f-a875-0a47d9051340.jpg

Scb61db7d-f0cf-435a-ba00-d64053019047.jpg

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىمقى شىياۋمى 6X نى ئېلان قىلىش يىغىنىدا لېي جۈن شىياۋمى قاتتىق دېتاللىرىنىڭ ئونۋېرسال ساپ پايدىسى مەڭگۈ %5 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ دېدى.
s_fbe3b472e5054733aa088b1e0c43244f.jpg
لېي جۈننىڭ ئېيتىشىچە، شياۋمى شىركىتىنىڭ 2018-يىلى 23-ئاپرېلدىكى مۇدىرىيەت يىغىنىدا، بۈگۈندىن باشلاپ شياۋمى قاتتىق دېتاللىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپ پايدىسىنىڭ مەڭگۈ %5تىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئەگەر ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئابۇنىتلارغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى قارار قىلىنغان.

18ئادەم ئىنكاس يازدى

日记 ۋاقتى: 2018-4-26 16:40:21
باتارېيە سىغىمى بەك تۆۋەن كەن ،، 4000mAhئىشلەپ باقسا نىم بولا دەيمە
2635210282 ۋاقتى: 2018-4-26 14:46:34
مەن  تۈنگۈن مۇشۇ 小米6Xتوغرۇلۇق تېما  تەييارلىغان،مانا  ھازىر  يوللاي دەپ تۇرسام  ماۋۇ تېما  تۇرىدۇ،ئالىپجان مەندىن بۇرۇن كەپ قاپتۇ  ھى   ھى  ،
ئەمما  ما  لىجۈننىڭ  ما  گىپىنىڭ  ھەقىقەتەن جېنى باركەن.ياشاپ كەت  شىئاۋمى .
144633k3mj74zfny36nk6n.png
kudung ۋاقتى: 2018-4-26 14:06:01
قالتسكەن مەن ھازىر شىياۋمى 5xئىشلىتىۋاتىمەن بەك ياخشىكەن توك سەرپىياتىمۇ ئىنتايىن تۈۋەن رەسمگىمۇ مۇزدەك تارتىدۇ كاساپەت مەن بۇرۇن ئوپپو r9sئىشلەتكەن ئۇ تىلفۇندىن كۆپ ياخشىكەن باھاسى شۇنداق ئەرزان تېخى
nabijan ۋاقتى: 2018-4-26 14:50:16
شياۋمىنىڭ ماۋۇ چىققانلىرىنىڭ سەپلىمىسى كۆڭۈلدىكىدەك كۆردۈم.  مۇشۇ چىققاننىڭ 128gb-6gb  ئىچىدىن ئالاي دەۋاتىمىن.  پۇلىمۇ ئەرزان ئىكەن.  لېكىن توكى ئۇزۇن يېتەرمۇ؟ 6GB+128GB  باتارىيەسى 3010mAh ئىكەن. سەل تۆۋەنمۇ قانداق ؟ بىر  مەسلىھەت  بەرسەڭلار.
yusup1356566 ۋاقتى: 2018-4-26 15:53:21
ياخشمۈزلەر دوسلار  660 سىپيو ھەقىقى ياخشى توك سەرىپياتى تۈۋەن بەكلا توك تىجەيدۈ  مەنمۇشاۋمىmix2sتىن بىرنىسىتىۋالغان بولمىسامەنمۇ ئالغان بۈلاتتم
kudung ۋاقتى: 2018-4-26 17:25:46
nabijan يوللىغان ۋاقتى  2018-4-26 14:50
شياۋمىنىڭ ماۋۇ چىققانلىرىنىڭ سەپلىمىسى كۆڭۈلدىكىدەك  ...

مىنىڭچە ئىككىلەنمەي سېتىۋېلىڭ شىياۋمى مەھسۇلاتلىرنىڭ ئەزەلدىن تۇكى ياخشى يىتىدۇ باشقا سەپلىمىلىگە شۇنچە كۈچەپتۇ بۇ تىلفۇننىڭ باتارىيە مەسىىلىسنمۇ ئويلاشقاندۇ مىنىڭچە ئوبدانلا يىتىپ قۇيدۇ لېكىن ما قۇلۇمدىكى 5xنىڭ 2كۈنلام يىتىۋاتىدۇ تۇكى
رۇھ ۋاقتى: 2018-4-26 17:43:54
مۇشۇ ئاندىرۇئىد يانفۇننىڭ ئەپ بازىرىدىن باشقا يەردىن قاچىلىغان ئەپ قاچىلانمايدىغان (ئالما.ۋىندۇۋىسفۇن ) غا ئۇخشاش پەقەتلا ئۈزنىڭ ئەپ بازىرىدىن قاچلىساق قاچلىندىغان يانفۇن بارمۇ؟
سەھرا@ ۋاقتى: 2018-4-26 17:58:21
باتارىيە سەل كىچكمۇ قانداق؟
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-4-26 18:16:57
820 سۈنئى ئەقلى ئىقتىدارنى قوللامدۇ دوسلار ، مەن ھېچ تاپالمىدىم يا ،،،،  
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-4-26 19:10:28
نەدە توك تىجەيدۇ دوستۇم ، مىنىڭ تىلفۇنۇمنىڭ 820 بىر كىچىدە  ئىككى ياكى ئۈچ پىرسەنت توك خۇرايدىغۇ  ، قۇيۇپ قويسام نەچچە سائەتتە بىر پىرسەنت توكنى يەيدۇ  s7 edge ھازىر Oreo سىستىمىدا ئىشلىتۋاتىمەن
qaq ۋاقتى: 2018-4-26 22:27:38
رۇھ يوللىغان ۋاقتى  2018-4-26 17:43
مۇشۇ ئاندىرۇئىد يانفۇننىڭ ئەپ بازىرىدىن باشقا يەردىن  ...

شاۋمى خوڭمى يانفونلارنىڭ ئەپ بازىرىدىن ئەپ قاچىلىسىڭىز نورمال قاچىلىنىدۇ ، باشقا يەردىن ئەپ قاچىلىسىڭىز ، ھوقۇق بەرمىسىڭىز قاچىلانمايدۇ.
-نادىر- ۋاقتى: 2018-4-27 01:50:58
yusup1356566 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-26 15:53
ياخشمۈزلەر دوسلار  660 سىپيو ھەقىقى ياخشى توك سەرىپياتى  ...

شىياۋمى مىكىس 2ئېس قانراقراقكەن،تەسىراتىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار ئىدى
1529657456 ۋاقتى: 2018-4-27 11:22:38
3010mAh   باتارىيە قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلە بىر كۈن ئىشلىتىشكە يىتەمۇ  مەسلىھەت بەرسەڭلار
رۇھ ۋاقتى: 2018-4-27 12:32:59
qaq يوللىغان ۋاقتى  2018-4-26 22:27
شاۋمى خوڭمى يانفونلارنىڭ ئەپ بازىرىدىن ئەپ قاچىلىسىڭ ...

مىنىڭ دىگىنىم ھۇقۇقنى بەرگىلى بۇلمايدىغان دىمەكچى .ھازىرقى يانفۇنۇممۇ ھۇقۇق بەرمىسەم قاچىلىمايدۇ.
yusup1356566 ۋاقتى: 2018-4-27 13:50:38
mix2s  ئالغان  ئەتە كەچتە كىلەرمىكن چۈقۈم  تەسىراتىمنى يازمەن
arkin09971 ۋاقتى: 2018-4-27 15:44:19
mix 2s  نىڭ قاندىغى   مەن 256  ئاق  رەڭ بۇلۇپ قالسا پايدا بېرىپ ئالىمەن
AXEK007 ۋاقتى: 2018-4-28 20:02:51
مۇشۇ شىياۋمى 6x سىتۋالغان دوسلار بولسا ئىنكاسىڭلارنى يىزىۋاتاسىلە ھە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部