+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-4-25 14:12 4422 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى: جۇڭگو 2030-يىلى ئادەملىك ئالەم ئۇچقۇسىنى ئايغا چىقىرىشنى ئەمىللەشتۈرىدۇ.
《央视新闻》نىڭ خەۋەر قىلىشچە، دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھىدىكى كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەر پىلانلىغان ئادەملىك ئالەم ئۇچقۇسىنى ئايغا چىقىرىش پىلانى 2030-يىلى تاماملىندىكەن.
20180425_092125_554.jpg
«ئايپەرى 4-نومۇر» يىل ئاخىردا قويۇپ بېرىلىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ پىلانى بويچە بۇ يىل يىل ئاخىردا «ئاي پەرى 4-نومۇر» قويۇپ بېرىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىنى تەكشۈرىدىكەن. توشۇغۇچى راكېتا جەھەتتە ئېلىمزنىڭ نۆۋەتتىكى توشۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان «ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇر» راكېتاسى يىل ئاخىردا 3-قېتىم سىناق ئۇچۇرۇلىدىكەن. 2017-يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى «ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇر» ئىككىنجى قېتىملىق ئۇچۇش تەجرىبىسىدە كاشلا يۈز بېرىپ قويۇپ بېرىش مەغلۇپ بولغان، نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى. دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسنىڭ باش كاتىپى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى تىيەن يۈ لوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇر» 3-قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسنى تاماملىغاندىن كېيىن داۋاملىق ھالدا ئاي تەكشۈرۈش قۇرلۇشىنىڭ 3-باسقۇچىدا «ئاي پەرى 5-نومۇر» تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ.
«ئايپەرى 4-نومۇر» دىن ئاۋۋال «سېغىزخان كۆۋرۈكى» (鹊桥) قويۇپ بېرىلىدۇ
«ئايپەرى 4-نومۇر» تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قويۇپ بېرىلىشىتىن ئاۋۋال «سېغىزخان كۆۋرۈكى» ناملىق يەر شارى بىلەن ئاي شارىنى تۇتاشتۇرغۇچى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلىپ، يەر شارى بىلەن ئاي شارىنىڭ ئارقىسى ئارىسىدا ئالاقىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردىكەن. تۇتاشتۇرغۇچى سۈنئىي ھەمراھ بۇ يىل 5-ئايدا قويۇپ بېرىلىپ لاگرانج 2 نۇقتىسىدا، يەنى يەر شارى بىلەن ئاينىڭ تەڭپۇڭ نۇقتىسىدا ئۇرۇنلىشىدىكەن.
كېيىنكى بېكەت مارس
ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مارس تەكشۈرۈش نىشانى 2020-يىلى قىلىپ بېكىتىلدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش پىلانىدىكى «ئايلىنىش، قۇنۇش، قايتىش» تىن ئىبارەت ئۈچ قەدەم بويچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مارسنى تەكشۈرۈشنى ئىككى قەدەم بويچە ئېلىپ بېرىش پىلانلاندى. بىرىنجى قەدەمدە بىر قېتىم مارسنى ئايلىنىپ ئۇچۇش، مارس يۈزىگە قۇنۇش، مارس ماشنىسى ئارقىلىق كۆزىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۈچ چوڭ ۋەزىپىنى تاماملايدۇ.
مۇتەخەسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئۈچ قەدەم» بويچە ئاينى تەكشۈرۈپ، «ئادەملىك ئايغا چىقىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن ھەمكارلىشىپ ئاي شارىدا پەن-تەتقىقات بازىسى قۇرۇش؛ ئاۋۋال ئايغا چىقىپ، مەشىق قىلىپ، تەجرىبە توپلاپ، ئاندىن كائىناتقا يۈرۈش قىلىش كېرەك.

IT之家 دىن تەرجىمە قىلىندى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部