+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-4-24 16:38 3039 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۆتكەن يىل iPhone X  كە چىراي تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلغاندىن كېيىن باشقا يانفونلارمۇ بەس-بەستە يانفونغا چىراي تونۇش ئىقتىدارنى قوشتى. ئەمما باشقا يانفونلارنىڭ چىراي تونۇش ئۈنۈمى، تېزلىكى iPhone X كە يەتمىدى. سەۋەبى نېمە؟
78b70006d9394bd3a507.jpg
iPhone X كە ئىشلىتىلگىنى 3D چىراي تونۇش سىستېمىسى. يەنى ئۈچ ئۆلچەملىك چىراي تونۇش سىستېمىسى. بۇ سىستېمىدا ئىنفىرا قىزىل نۇر ئارقىلىق ئادەم چىرايىنى ئۈچ ئۆلچەملىك سىكانېرلاپ ئاندىن تونۇش ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا يانفوننى ئادەم چىرايىغا ئۇدۇل قاراتمىسىمۇ ياندىن ياكى قىيپاش كۆرسەتسىمۇ تونۇۋېرىدۇ. ئىنفىرا قىزىل ئارقىلىق سىكانېرلايدىغان بولغاچقا قاراڭغۇدىمۇ ئادەم چىرايىنى تونۇيدۇ.
ھېچقايسى ئاندرويد سىستېمىلىق يانفونغا تېخى  3D چىراي تونۇش سىستېمىسى سەپلەنمىدى. پەقەت ئالدى كامېرا ئارقىلىق ئادەم چىرايىنى رەسىمگە تارتىپ، ساقلىۋالغان رەسىمگە سېلىشتۇرۇپ تونۇش ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا تېزلىكى ئاستا. ئادەم چىرايىغا ئۇدۇل قاراتمىسا تونۇيالمايدۇ، قاراڭغۇدىمۇ تونۇيالمايدۇ. بىخەتەرلىكى تۆۋەن.
Digitimes Research نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا دۇنيا بويچە 3D چىراي تونۇش تېخنىكىسى سەپلەنگەن ئاندرويد يانفونى بۇ يىل 3-پەسىلدە ئاندىن بارلىققا كېلىدۇ.
3D چىراي تونۇش سىستېمىسى يانفوننىڭ قاتتىق دېتالى، بولۇپمۇ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە يۇمشاق دېتالدىكى ئالگورىزىم ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
كۇۋالكوم، Himax Technologies ۋە Truly Opto-electronics قاتارلىقلار ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ياساپ چىققان 3D چىراي تونۇش قۇرۇلمىسى نۆۋەتتە خېلى پىشىپ يىتىلدى. ئەمما بۇ قۇرۇلما پەقەت كۇۋالكوم 845 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سۇپىسىدا ئىشلەيدۇ.
سامسۇڭ ۋە خۇاۋېيمۇ ئۆزىنىڭ 3D چىراي تونۇش ئالگورزىمىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا سامسۇڭ 2019-يىلدىن بۇرۇن 3D چىراي تونۇش سىستېمىسنى يانفونغا ئىشلىتەلمەيدىكەن.

78b600090c490fc5d6d4.jpg

شىياۋمى بىلەن كۇۋالكومنىڭ ھەمكارلىقى ياخشى. شىياۋمى1 دىن باشلاپ كۇۋالكومنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنى شىياۋمىغا تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ. شىياۋمى 7 نى ئالدىنقى يېرىم يىلدا چىقىردىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. ئەمما  3D چىراي تونۇش قۇرۇلمىسىنىڭ تەييارلىقى پۈتمىگەنلىكى ئۈچۈن شىياۋمى 7 نىڭ ئېلان قىلىشىنى كېچىكتۈردى.
شۇنىڭغا قارىغاندا تۇنجى 3D چىراي تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاندرويد سىستېمىلىق يانفوننى شىياۋمى ئېلان قىلدىغاندەك قىلىدۇ.

7ئادەم ئىنكاس يازدى

2635210282 ۋاقتى: 2018-4-24 19:08:33
بەزى شىركەتلەر  چىراي تۇنۇتىشنى سەل قاراپ سېستىما يېڭىلاپلام قۇشىۋەتتى،ئەسلىي چىراي تۇنىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا  قاتتىق دېتالمۇ كىتىدىغۇ دەيمەن.شىئاۋمى بۇ نوقتىنى ئويلىشىپتۇ،بۇنىڭدىن مىننەتدارمەن.
HaYaTManzii ۋاقتى: 2018-4-24 19:19:56
قالتىس   شاۋمى  دولىتىمىزنىڭ  بىرىنجى  ئۇرۇندا   تۇرۇشقا  مۇناسىپ  زادى   دائىم  ئالدىدا   ماڭىدۇ  ھەر جەھەتتىن  ماختاشقا  لايىق
uyghur26 ۋاقتى: 2018-4-24 19:31:54
شاۋمى 7شۇنىڭ ئۈچۈن چىقمايۋېتىپتۇدە، ھە بوپتۇ ساقلاپ تۇراي …
foxtpdf ۋاقتى: 2018-4-24 19:59:47
شىياۋمى شۇنچە يامانمىدۇ ؟ سامسۇڭ 2019دىن ئىلگىرى سەپلىيەمەيدۇ دېسە شىياۋمى تىزىلغان رەت تەرتىپى جەھەتتە
خۇۋاۋېينىڭ كەينىدە بولمىسا   
مەبلىغى كۆپ ئوخشايدۇ ھە؟
شىياۋمى تىلفۇنۇمنى ۋە  سېستىمىسىنى ياقتۇرىمەن ، بەك ياخشى بۇپتۇ


uyflash ۋاقتى: 2018-4-25 01:42:32
foxtpdf يوللىغان ۋاقتى  2018-4-24 19:59
شىياۋمى شۇنچە يامانمىدۇ ؟ سامسۇڭ 2019دىن ئىلگىرى سەپلىي ...

سامسۇڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئۈچ ئۆلچەملىك چىراي تونۇش سېستىمىسىنى سەپلەيدىغان ئوخشايدۇ، شىئاۋمى بولسا كۇۋالكومنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك چىراي تونۇش سېستىمىسىنى ساقلاۋىتىپتۇ.
ئوپال ۋاقتى: 2018-4-25 18:32:40
شىياۋمى 7نى چىقىرىشنى كىچىكتۈرگەن بولسا مەستانىلىرىنى  ئۈچۈن باشقا بىرەر تىپتىكى يانفۇننى چىقىرىشى مۇمكىن
ababakri520 ۋاقتى: 2018-4-26 11:45:02
شىياۋمى 7 نى چىقىرىشنى كىچىكتۈرگەن بولسا ئىنىقكى خوڭمى ....... ياكى شىياومى  ماكس   ... ئىشقىلىپ سەپلىمىسى شىياۋمى 7 گە يىتىشىپ قالىدىغان بىرەريانفۇننى چىقارغاچ تۇرىدۇ . مىنىڭ قارشىمچە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部