+تېما يوللاش
mahmudbahg يوللانغان ۋاقتى:2018-4-23 16:20 5678 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
سالام ئالىپ ئەھلى . ھەممىڭلارنىڭ ئۇشبۇ ۋاقتىڭلا خەيرلىك بولسۇن . كەمىنە تەڭرىتاغ تىخنىكا گۇرۇپپىسىدىن مەھمۇدبەگ بولىمەن . بۈگۈن بەيدۇ توردىسكىسىنى es ھۆججەت باشقۇرغۇچىسىى ئارقىلىق چەكلىمىسىز ھالدا ئىشلىتىش ۋە چەكلمىسىز سىن يوللاش ئۇسۇلىنى سىلەرگە ئىلىپ كەلدىم .
كۆپىنچىمىز ئاساسەن بەيدۇ تور دىسكىسىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىز ھەم es ھۆججەت باشقۇرغۇچىسىنىمۇ شۇنداق . بەيدۇ دىسكىسىغا ئالاھىدە ئەزا بولغانلىرىمىز ئاساسەن فىلىم ياكى چوڭراق پىرىسلانغان دىتاللارنى يانفۇندا چىقىرالايمىز ئەمما  ئالاھىدە ئەزالىقىنى ئاچمىغانلىرىمىز قىلالمايمىز ، بەزى چاغلاردا يانفۇندىكى ئۆزىمىزنىڭ خاتىرە سىن فىلىملىرىمىزنى بەيدۇغا چىقىرىشقا ئىمكان بولمايدۇ ،كەمىنە شۇنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇ مەسلىنى ھەل قىلىدىغان چارىنى تىپىپ كەلدىم . شۇنداقلا بەيدۇ دىسكىسى دىتالىنى قاچىلىماي تۇرۇپمۇ es ھۆججەت باشقۇرغۇچىسى ئارقىلىق بەيدۇ تور دىسكىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۆرسىتىپ ئۆتەي .
بۇ es ھۆججەت باشقۇرغۇچنى كۆپ چۈشەندۈرمىسەكمۇ كۆپچىلىك ئوبدان بىلىدىغۇ دەيمە . مەن ئالدىنقى يىلى es بىلەن ھەپىلىشىۋىتىپ ئۇنىڭ توردىسكىسى ئىقتىدارىنى بايقاپ قالدىم ھەم بەيدۇ دىسكامنى چىتىپ باقتىم ، شۇھامان بەيدۇ دىسكام es تە نامايەن بولدى ، بەكلا ھاياجانلىنىپ ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىدىم ، ئاساسلىقى بەيدۇ دىسكىسىنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرى كۆرۈنمەيدىكەن ، ئەمما دىسكىدىكى بارلىق ساقلىغان ھۆججەتلەر شۇ ھالىتىدە چىقىدىكەن ، نەچچە تال ماتىرىيالنى ئادەتتىكى كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى بىلەن كۆچۈرۈپ ئىلىپ يانفۇننىڭ ساقلىغۇچىسىغا چاپلىسام شۇھامانلا es نىڭ چۈشۈرۈش ئىقتىدارى ئىچىلىپ چۈشۈرۈشكە باشلىدى ، چۈشۈپ بولۇپ مەن بەلگىلىگەن ئورۇنغا مۇۋاپىقىيەتلىك كۆچۈرۈلدى ، شۇنىڭ بىلەن يانفۇننىڭ ساقلىغۇچىدىكى ھۆججەتنى بەيدۇ ھۆججىتىگە كۆچۈردۈم ، نورمال تەرتىپ بويىچە يوللىنىپ كۆچۈرۈلدى ، شۇ خوشلۇقتا بەيدۇ دىسكا دىتالىدا چىقارغىلى بولمىغان بىر سىن فىلىمىنى كۆچۈرۈپ باقسام ئۇمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك كۆچۈرۈلدى ، چۈنكى ئالاھىدە ئەزا بولمىساق بەيدۇ دسكىسىنىڭ دىتالىدا سىن چىقارغىلى بولمايتتى ، esتە چەكلىمىسىزلا يوللاندى ، ھەتتاكى خالىغانچە يۇيۇپ خالىغانچە ھۆججەت قۇرۇپ ، رەتلەپ ، كۆچۈرۈپ ،  ھەممىنى نورمال قىلغىلى بولىدىكە .  ۋاھ!!! نىماندا پەيزى !!! بۇمۇ بولىدىغان ئۇسۇلكەن دەپ ئىشلىتىپ يۈردۈم ، ھەم es ئارقىلىقلا بەيدۇ دىسكىسىنى ئاچىدىغان بولدۇم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە es نىڭ غول مۇندەرىجىسىنىڭ بىرىنچى ھۆججەت قىسقۇچى دەل توردىسكىسىدىكى ماتىرىيال ساقلىنىدىغان ئورۇن ئىكەن .
خوش ئەمدى رەسمى گەپكە كىلىلى ،
1-بۇ مەشغۇلاتلارنى قىلىش ئۈچۈن بىرىنچى قەدەمدە es نىڭ توردىسكىسى ئىقتىدارىنى ئاچىمىز

162048tjqnjf4xixpr5i55.jpeg

2-«تور» دىگەن تىزىملىكنىڭ ئىچىدىن - «توردىسكىسى» دىگەننى ئاچىمىز

162048foprsc2jh9sclups.jpeg

3-بۇنىڭدا ئاساسەن باغلىغىلى بولىدغان دىسكىلار كۆرسىتىلگەن ، ئۆزىمىز ئىشلىتىدىغان بەيدۇ دىسكىسىنى تاللىۋالىمىز ، دىققەت باشقىلار بىلەن ئىتىشماڭ ، باشقىلىرىنىڭ  كۆپىنچىسى جۇڭگونىڭ ئەمەس !!!

162048rgo3juk3susv33ig.jpeg

4-بۇيەردىن بەيدۇ ھىساباتىمىزنى تىزىملىتىپ كىرىمىز

162049wc9wwn56hszy99jn.jpeg
162049b9z9y554e90l9y4s.jpeg
162049y7nukcyuutzqmi7t.jpeg

5- تىزىملىتىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ رەسمىي ھالدا بەيدۇ دىسكىمىزنى بىر ئايلىنىپ چىقساق بولىدۇ

162050p9zskh9f532cvop9.jpeg
162050alrtzc3o4ovxrc5a.jpeg

6- ئەمدى بىز يانفۇندىكى سىننى كۆچۈرۈپ دىسكىغا ساقلاپ باقايلى

162050po33ij3wd670vzcu.jpeg

7- كۆچۈرۈپ بولغاندىن كىيىن باش مۇندەرىجىگە قايتسىڭىز تور دىسكىڭىزنى تاپالايسىز يەنى net disk دىگەن قىسقۇچ دەل سىزنىڭ بەيدۇ دىسكىڭىز شۇ ، ئاشۇ يەرگە كىرىپ چاپلاشنى باسسىڭىز چەكلىمىسىز ھالدا كۆچۈرۈلىدۇ

162051lithhtb2t1qmilt6.jpeg
162051m84w4oko5mbfxlww.jpeg

دىمەك بىز ئالاھىدە ئەزالىق چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدۇق ، ھەتتاكى يوللاش سۈرئىتىمۇ 1 مىگابايتتىن ئىشىپ سۈئەت چەكلىمىسىدىنمۇ ھالقىپ كەتتۇق ، ئەمدى بەيدۇ دىسكىسى ئەپ تىرمىنالىغا قاراپ باقايلى زادى بولدىمۇ يوق ؟

162051c3kbtjwfjvbvmxh5.jpeg
162052hz1znsfntggglths.jpeg

ئۇنداقتا بىز مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بەيدۇ دىسكىسىنى es ھۆججەت باشقۇرغۇچىسى ئارقىلىق ئەپچىل ئىشلىتىش شۇنداقلا ئالاھىدە ئەزالىق چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئۈگىنىپ بولدۇق ، بەيدۇ دىسكىڭىزنى يانفۇندىكى ھۆججەتكە ئوخشاش نورمال مەشغۇلاتلارنى بىمالال ئىلىپ بارالايدىغان بولدىڭىز ، دوسلارنىڭ ئىنىق بىلەلمەي قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىن دەرسلىكى قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق ، مەزكۇر دەرسلىك بەيدۇ دىسكىسى ۋە تىڭشۈن دىسكىسىغا يوللاندى ، قايسىسى سىزگە ماس كەلسە شۇنىڭدىن چۈشۈرۈپ ياخشى تىخنىكىلاردىن بەھرىمان بولۇڭ .
دەرسلىكنى بەيدۇدىن چۈشۈرۈش ئادرىسى
https://pan.baidu.com/pcloud/album/info?query_uk=1182262441&album_id=5737210263859214475
بىر دەسسىڭە قىنى قاندا بولىدىكى
دەرسلىكنى تىڭشۈندىن چۈشۈرۈش ئادرىسى
https://share.weiyun.com/55NPUmF
بىرنى تەپسىڭىز شالاققىدە چۈشىدۇ دەيدۇ

كۆپرەك مۇلاھىزە قىلىشىپ ئۈگىنەيلى دىسىڭىز كىيۇ كىيۇ توپىغا مەرھەمەت قىلىڭ ، بۇ توپ دەل شىياۋمىي ھەۋەسكارلىرى توپى شۇ ، ئەسكەرتىش شۇكى - بۇ توپنى يىشىللاشتۇرۇش ئۈچۈن توپ ھەقلىق قىلىندى ، ۋاقىپ بولغايسىزلەر . توپ نۇمۇرى -715700854
يەنە دوسلارنىڭ تەڭرىتاغ  تىخنىكا گۇرۇپپىمىزنى قوللاپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز ، سالۇن ئادرىسىمىز uydiyar
خەير دوسلار ئامان بولۇڭلار .
تەڭرىتاغ  تىخنىكا گۇرۇپپىسى

مەزمۇن سىزنىڭ چاڭقىغان ئۇسسۇزلۇقىڭىزنى قاندۇرالىغان بولسا ئاز تولا تارتۇقلاپ قويۇڭ

162052bd0v0qri0cudqkkw.jpeg
ئىناۋەتلىك كارتىسى بارلارغا پوس ئاپپاراتى ھەقسىز

11ئادەم ئىنكاس يازدى

gaseya ۋاقتى: 2018-4-24 01:45:02
مەن  ئادەتتە   بەيدۇ  دىسكىسىنىڭ  vipسىنى  بۇزۇش  دىتاللىنى  ئىشلەتمەيمەن  ئادەتتە  جىق  ھۆججەت  يوللىمىساممۇ ياكى  چۈشۈرمىسەممۇ 10كويغا  بىر ئايلىق  ئەزا  بولۇپ  قويىمەن سەۋەبى  بەيدۇنى  قوللاش ئەگەر  كۈنلەرنىڭ بىرىدە  360قا  ئوخشاش ئىچىلماس  بولۇپ  قالسا قايلاپ  تۇردىغان گەپ  
nubia ۋاقتى: 2018-4-23 16:41:04
زۆرۈر بولغاندا جانغا ئەسقاتقۇدەك ھۈنەردىن بىرنى يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە
2635210282 ۋاقتى: 2018-4-23 18:10:37
رەھمەت سىزگە دوستۇم،قۇلۇڭىزغا دەرت تەگمىسۇن.ياخشى تېمىلارنى ئايىماي  تېخىمۇ كۆپ يوللاپ  تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن
muzat1970 ۋاقتى: 2018-4-24 00:08:32
كومپىيوتۇردىمۇ قىلغىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتىكە، يەنى كومپىتوردا 2جى  دىن چوڭ ھۆججەتنى تور دېسكىسىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئازا بولۇڭ دەپ چىقىۋېلىپ ئاۋارە قىلىۋەتتى...........شۇڭا مۇشۇ توغرىلىقمۇ بىر تېما يوللىغان بولسىڭىز دىمەكچى ئىدىم...........
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2018-4-24 00:45:35
esھۆججەت باشقۇرغۇچ بەيدۇ بۇلىتىنى قوشقاندىلا ئىشىلتىپ كەلگەن، ئاتايىتەن بەيدۇ بۇلىتىنى ئايرىم چۈشۈرۈپ قاچلاش ھاجەتسىز ، بىراق 4.1.7نەشىردىن باشلاپلا تور سۈرئىتىگە چەكلىمە قۇيۇپ قويغان چېغى ، شۇندىن بىرى بەيدۇ بۇلىتىدىن بىرنەسە چۈشۈرسەم ئاستا چۈشۈدىغان بولۇپ قېلىپ كونا ئېچىۋىتىلگەن نەشىرنى قاچلىۋالدىم ،
mahmudbahg ۋاقتى: 2018-4-24 02:20:03
2635210282 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-23 18:10
رەھمەت سىزگە دوستۇم،قۇلۇڭىزغا دەرت تەگمىسۇن.ياخشى تېم ...

سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت ، بولسا ياخشى تىمىلىرىڭىزنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرۇڭ ، يېڭى تىمىلىرىڭىزنى بەك سىغىنىپ قالدۇق ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ،
mahmudbahg ۋاقتى: 2018-4-24 11:42:00
muzat1970 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-24 00:08
كومپىيوتۇردىمۇ قىلغىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى ...

كەچۈرىسىز ، مەندە كومپىيوتېر يوق ، ئەمما گۇرۇپپىمىزدىكى باللا ئىزدىنىپ باقسۇن ،
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2018-4-24 15:47:43
كومپىوتىرغا ئاندىروئىد مۇھىتى ھازىرلايدىغان دىتال قاچىلاپ ئوخشاش مەشخۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ ، مەن 夜神安卓模拟器 نى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئارتۇچ ۋاقتى: 2018-4-26 13:41:31
百度网盘دىكى ماتىرياللىرىمىزنى چۈشۈرۈش ئۇچۇن يەنە بىر ئۇسۇل 夸克浏览器دىن پايدىلىنىپ چۈشۈرسەكمۇ بولىدۇ..تولۇق تور تىزلىكىدە چۈشۈرۈپ بىرىدۇ.
黑猫 ۋاقتى: 2018-4-28 14:59:17
كىيۇكىيۇدىن ھۆججەت ،فىلىملەرنى بىۋاستە 百度网盘گە ساقلىۋالغىلى بۇلامدۇ ؟
foxtpdf ۋاقتى: 2018-5-22 01:08:56
muzat1970 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-24 00:08
كومپىيوتۇردىمۇ قىلغىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى ...

كومپيۇتېر دىمۇ قىلغىلى بۇلىدۇ ،  (كومپىيوتېرىڭىز غا remix os نى قاچىلىسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بىرىنجى سېستىمىسى windows ئىككىنچى سېستىمىسى remix os بۇلىدۇ ،
يەنى  remix os بولسا تۆۋەن سەپلىمىدىكى كومپيۇتېر لارغىمۇ قاچىلىغىلى بۇلدىغان ئاندرويد سېستىمىسى، )
زۆرۈر بولغاندە كومپيۇتېرىڭىزنى ئاندرويد سېستىمىسغا يۆتكەپلا مەھمۇدجان دېگەن يۇقارقى مەشغۇلاتىڭىزنى  
قىلالايسىز ! سىناپ بىقىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部