+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-4-23 11:48 9179 قېتىم كۆرۈلدى 27 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مېيزۇ يانفونلىرى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا سۈپەتلىك لايىھەسى، بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئىستىمالچىلارنىڭ ياختۇرىشىغا ئېرىشىپ، «جۇڭگونىڭ ئالمىسى» دەپ تەرپلەنگەن. ئەمما مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە كامېراسىغا ياخشىسىنى ئىشلەتمەي، رىقابەتچىلىرى تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ مېيزۇ مەستانىلىرى ھېلىھەم خېلى كۆپ.
بۇ قېتىم  flyme7 سىستېمىسىغا خېلى كۈچەپ قويۇپتۇ، ئەمدى قاتتىق دېتال جەھەتتىن بايراقدار دەرىجىلىك سەپلىمە ئىشلەتسە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىن ئۈمىد بار.

s_f5867021d1ab4bde860f5a5e7841875a.jpg

مېيزۇ شىركىتى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى flyme7 سىستېمىسنى رەسمىي تارقاتتى. بۇ سىستېمىنىڭ مەشغۇلاتى تېخىمۇ قولايلىق قىلىنىپ، كىچىك كۆزنەك ھالىتى، چىراي تونۇش قاتارلىق بىر قاتار يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى. ئۇقتۇرۇش ئىستونى، سىنبەلگە، ئۇچۇر قاتارلىقلار قايتىدىن لايھىلەندى. قوشۇلغان ئىقتىدارلار تۆۋەندىكىچە:

微信图片_20180423113917.png

كېچە ھالىتىنى ئۆزى تەڭشەش ئىقتىدارى قوشۇلدى. ھەر قايسى ئەپلەرنىڭ كېچە ھالىتىنى ئىشلەتكۈچى خالىغانچە تەڭشىيەلەيدۇ. مەسىلەن: تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تېلېفون ئۇرۇش، تور كۆرگۈ، باغاقچە... قاتارلىقلارنىڭ كېچە ھالىتىنى ئىشلەتكۈچى تەڭشىيەلەيدۇ.

微信图片_20180423113910.jpg

ھەر بىر ئەپكە تېرە قوشۇلدى. مەسىلەن: مۇزىكا قويغۇچ، كىرگۈزگۈچ...قاتارلىقلارغا. بۇلارنىڭ تېرىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز.

微信图片_20180423113925.jpg

مېيزۇ ئۆزى ياسىغان كىچىك كۆزنەك ھالىتى قوشۇلدى. تور بەت كۆرۈۋاتقاندا ئۈندىداردىن خەت كەلسە ئۇنى كىچىك كۆزنەك ھالىتىدە ئېچىپ كۆرۈشكە، مەشغۇلات قىلىشقا بولىدۇ. خۇددى كومپىيۇتېردەك.

微信图片_20180423113929.jpg

ھاۋارايى مەلۇماتنىڭ كۆرۈنمە يۈزى قايتا لايھىلەندى. تېخىمۇ جانلىق قىلىندى.

微信图片_20180423113935.jpg

سىنلىق سۆزلەشكەندە گۈزەللەشتۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى. يەنى ئۈندىداردا بىرەرسى بىلەن سىنلىق سۆزلەشكەندە چىرايىڭىزنى گۈزەللەشتۈرۈش، تەھرىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى. گىرىم قىلىپ بولالمىغان ۋاقتىڭىزدا يىگىتىڭىزدىن (ئىرىڭىز) دىن سىنلىق سۆزلىشىش كېلىپ قالسا ئەمدى قورقماي ئۇلاپ سۆزلەشسىڭىز بولىدۇ.

微信图片_20180423113940.jpg

s_881e614e68cd43d6a10282ba6b8b17b7.jpg


flyme ھېساباتى ئارقىلىق يانفوندىكى ھۆججەتلەرنى كومپىيۇتېرغا كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى. يەنى يانفونىڭىزنىڭ ئېكرانى چېقىلىپ مەشغۇلات قىلىشقا ئامالسىز قالغاندا كومپىيۇتېردا flyme ھېساباتىنى ئېچىپ يانفوندىكى ھۆججەتنى كومپىيۇتېرغا يوللىغىلى بولىدىكەن.

微信图片_20180423113944.jpg

flyme تۆۋەندىكى چوڭ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلاشتى

微信图片_20180423113954.jpg

flyme7 گە ئائىلە باشلىقى قوغداش، يىراقتىن نازارەت قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. بالىڭىز يانفوننى بىر سائەت ئوينىسۇن دەپ دەپ بەلگىلەپ قويسىڭىز، بىر سائەتتىن كېيىن ئويناۋاتقان ئويۇندىن مەجبۇرى چېكىنىپ كېتىدۇ. بالىڭىز ئۇ ئويۇننى ئاچالمايدۇ، بالىڭىز باشقا ئويۇننى چۈشۈرمەكچى بولسا ONEmind ئۇ ئەپنى ئاپتوماتىك تۇنۇپ، قارا تىزىملىككە تىقىۋېتىدۇ، دېمەك بالىڭىز خالىغانچە ئويۇن چۈشۈرەلمەيدۇ.

微信图片_20180423114001.jpg
微信图片_20180423113958.jpg

چىراي تونۇپ ئېچىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. يانفونىڭىزنى ئالماشتۇرمىسىڭىزمۇ flyme7 نى قاچىلىغان بولسىڭىزلا 0.1 سېكۇنتتا چىراي تونۇپ ئېچىش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ. چىراي تونۇش ئىقتىدارىغا يەنە ھاياتلىقنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان. رەسىمنى تونۇتۇپ ئاچقىلى بولمايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا flyme7 كومپىيۇتېر دەرىجىسىدە ئىچكى ساقلىغۇچنى باشقۇرۇپ، كونترول قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىچكى ساقلىغۇچ توشۇپ قېلىپ، تېزلىك ئاستىلاپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنغان.
flyme7 سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدار جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردىغان كارخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ، سىستېمىغا ئەڭ ئىلغار ئالگورىزىمغا ئىگە One Mind AI ماتورىنى قوشتى.

27ئادەم ئىنكاس يازدى

kaylo ۋاقتى: 2018-4-23 12:24:37
ئالامەت ئىش بولۇپتىغۇ بۇ، ئەمدى مىزوغا كۆچمىزمۇ نېمە؟
14527885517 ۋاقتى: 2018-4-23 12:25:31
ئوپپو نىمىشقا يىڭلىق ياراتمايدىغندۇ
13139744004 ۋاقتى: 2018-4-23 12:33:15
مانا مائىشنى كۆرۈڭ بۇ ناھايىتى بەلەن ئىش بۇلاپتۇغۇ كۆچۈمىزمۇ يا يا ئۇنداق قىلماي يامان چىڭ ئۆشتۈم مېيزۇغا ماۋۇ قۇلامدېكى ئوپپو جىملا تۇردىيا
كىيىك ۋاقتى: 2018-4-23 12:44:34
مەندىمۇ مىيزۇ u20يانفۇندىن بىرسى با، ھەر قېتىم يېڭلاش ئۇچۇرى كەلسە يېڭلايتىم، ما قېتىم تازا مۇۋاپىقىيەتلىك بولمايۋاتدۇ، مىيزۇ note6گە يېڭلاشقا بولدىكەن، باشقىسىغا ھازىرچە يېڭلىغىلى بولمايدىغان چىراي،
بولسا چۈشۈرۈش ئادىرسىنى تەمىنلەپ قويساڭلار،
S80423-103912.jpg
燕山灰狼 ۋاقتى: 2018-4-23 13:02:36
ئوپپو  ۋىۋو  يانفۇنلار يېڭى سېستىمىنى پەقەت يېڭى ئېلان قىلغان يانفۇنغىلا قاچىلاشقا يول قۇيىدۇ، مەسلەن، شىياۋمىنىڭ بارچە يانفۇنلىرىنى miui9غا يېڭىلاشقا بۇلىدۇ،مېيزۇمۇ شۇنداق ، ئەمما  ئوپپو ۋىۋو سېستىمىدا بەك يەكلەيدىكەن
nubia ۋاقتى: 2018-4-23 13:15:51
مېيزۇ نوتې تۆت تىن بىرنى ئېلىپ ئىشلەتكەن،بۇندىن بۇرۇن ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن،،ئەمما ئالامەت تويغۇزىۋەتتى ماۋو نوتې تۆت،تۇرۇپ تۇرۇپلا ئېكران ئىشلىمەس بوپ قالىدۇ،قايتا قوزغاتماي ئامال يوق،توكى يېرىمكۈن ئاران ئاران يېتىدۇ تۆتمىڭ ئامپىرلىق باتارىيەسىنىڭ توكى يېرىم كۈن يەتمىسە نىمە گەپ بوپ كەتتى بۇ،،مۇلازىمەت زالىغا بارسام سېستىمىدا مەسىلە باركەن قايتا قاچىلاپ نېرىلى دەپ يولغا سالىدۇ،،ئورگان تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشسام  ھەقىقەتەن سېستىمىنىڭ جىدەي قىسىمىدا مەسىلە بار،بىز ئوڭشاۋاتىمىز دەپلا ئوڭشىمايدۇ،،شۇنداق قىلىپ ھېلىقى تېلفۇننى ئىككى ئايمۇ ئىشلەتمەي كۆزگە كۈرۈنمەيدىغان يەرگە تىقىۋىتىپ باشقا تېلفۇن ئالغانتىم
pakwisal ۋاقتى: 2018-4-23 13:25:12
燕山灰狼 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-23 13:02
ئوپپو  ۋىۋو  يانفۇنلار يېڭى سېستىمىنى پەقەت يېڭى ئېلان  ...

مىنىڭكى مىزۇپرو7 ئىدى يېڭىلىسام مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى لىكىن چىراي تۇنۇتىدىغان جايىنى تاپالمىدىم
ئېزىتقۇ. ۋاقتى: 2018-4-23 13:38:57
يېڭىلاپ باققانلار گەپ قىلۋېتىڭلار
رۇھ ۋاقتى: 2018-4-23 13:48:22
مېيزۇ مىتالغا يېڭى سېستىما قاچىلاش مۇمكىن بۇلمايدىغان ئۇخشايدۇ.بەك بۇلمىسا نوكىيا يەتتە پىلاستىن بىرنى ئېلىپ ئىشلىتىپ باقىدىغان ئىشمىدۇ.ئاندىرئىد سەككىزدە بىرنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بۇلىدىكەن دەيدۇ،
azizz ۋاقتى: 2018-4-23 14:29:23
مەنمۇ مىيزۇ ئشلىتۋاتمەن ،لىكىن  تىلفۇننىڭ  قۇزغىلىشى  بەك  ئاستلاپ كەتتى 4مىنۇتتا  ئاران  ئچىلدۇ   مىيلەن ئى1 فىلەيمى 6 بىلدىغانلا چۇشەنچە بەسەڭلا قاتتىق دىتالدىكى مەسلىمۇ  سىستمىدكىمۇ
5分钟前 删除
2635210282 ۋاقتى: 2018-4-23 16:36:22
مېيزۇ ئەزەلدىن ئاشۇنداق سېستىمىنى يېڭلىمايدۇ،يېڭىلىسا بوش  يېڭلىمايدۇ،تەرەققىي قىلغىن مېيزۇ.
2799482808 ۋاقتى: 2018-4-23 17:53:42
مىنە مەن بىرىنچى بولۇپ قاچلاپ باققان ئوخشايمەن ، كۆرۈنمە يۈزىگە خېلى كۈچەپتۇ ،  ئۈستىدىكى ھالەت سىتونى ئالمىنىڭكىگە ئوخشاش لايىھەلىنىپتۇ ، بارماق تونۇيدىغان يەرنى تاپاممىدىم ، ھەم ئەپلەرنىڭ كېچىلىك ھالىتىنى سىناپ باقاي دەپ ھەپىلەشكەن بولساممۇ كېچىلىك ھالىتى ئېچىلمىدى
热合曼江 ۋاقتى: 2018-4-23 20:14:33
ياخشىغۇ   خېلى  ئىلگىرلەش   بوپتۇ   
感觉 ۋاقتى: 2018-4-23 20:22:48
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ  لېكىن مېيزۇ تېلېفونلارغا OPPO تېلېفونلاردەك ئۇيغۇرچە پېنيىن قوشۇلغان خەت نۇسخىسىنى قاچىلاشنىڭ ئامالىنى تاپساق بولاتتى flyme7 گە  مۇشۇ ئىقتىدار قوشۇلغانمىدۇ يا؟flyme7 نى يېڭىلغانلار بولسا سىناپ باققان بولساڭلار
كىيىك ۋاقتى: 2018-4-23 20:52:38
感觉 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-23 20:22
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ  لېكىن مېيزۇ تېلېفونلارغا OPPO تېلېف ...

مېيزۇغا پىنيىنچە خەت تونىتىشقا ئامال ئىزدەش كەتمەيدۇ، مېيزۇنىڭ ئۇسلۇب بازىرغا كىرىپ 拼音دەپ ئىزدەتسەك بەك جىق پىنيىن قوشۇلغان خەت نۇسقىسى 4-6يۈەنگىچە پۇلغا سېتۋالمىز، مېنىڭمۇ يانفۇنۇم مېيزۇ خەت نۇسقىسىنى پۇلغا سېتۋالدىم،بىرەر يىلچە بولۇپ قالدى ئىشلىتىپ كىلۋاتقىنىمغا،
مانا ئۈنۈم رەسىملىرى:
S80423-184553.jpg
S80423-184522.jpg
感觉 ۋاقتى: 2018-4-23 21:35:06
سىزنىڭ دېگىنىڭىزنى چۈشەندىم ئۇيغۇرچە خەت چىرايلىق خەنزۇچە پىنيىن قوشۇلغان دېمەكچى،  ئۇيغۇرچە چىرايلىق چىقارسام خەنزۇچە پىنيىن يۇقاپ كېتىدىكەن خەنزۇچە پىنيىن قوشۇلغان فونىتنى ئورناتسام ئۇيغۇرچە چىرايلىق خەت نۇسخىسى يوقاپ كېتىدىكەن flyme5دە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان روتلىغاندىن كىيىن  قۇتيار ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاش دىتالنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇچەخەت نۇسخىسىنى چىرايلىق تونۇتىۋەتكەندىن كېيىن ئۇسلۇپ بازىرىغا كىرىپ سىز دېگەندەك  خەنزۇچە پىنيىن قوشۇلغان.خەت نۇسخىسى نورمال ئىشلىگەن.ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىمۇ چىرايلىق چىققان لېكىن flyme6روتلىغاندىن كېيىنمۇ؟ئۇيغۇرچە فوندنى ئورناتقىلى بولمىدى flyme7 دە بۇ ئىقتىدارلار قوشۇلغانمىدۇ؟دېمەكچى
كىيىك ۋاقتى: 2018-4-23 22:18:30
感觉 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-23 21:35
سىزنىڭ دېگىنىڭىزنى چۈشەندىم ئۇيغۇرچە خەت چىرايلىق خەن ...

مەن گىپىڭىزنى چۈشەندىم، شۇ خەت نۇسقىسنى مەن روت ھۇقۇقى ئىشلەتمەيلا قاچلىغان ئىدىم، ئۇيغۇرچە خەتمۇ خەنزۇچە خەتمۇ پىنيىندىن تارتىپ ھەممىسى چىرايلىق ئۇز چىقدۇ، مانا ماۋۇ مۇشۇ تىلفۇنۇمدىكى خەت نۇسقىسى شۇ كۆرۈپ بېقىڭ:
S80423-201456.jpg
S80423-201450.jpg
omuqukeg ۋاقتى: 2018-4-24 18:55:20
مېيزۇ يانفۇنى ئىشلەتكەنلەر قاقشىمغايسىلەر ،چۈنكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ ناچار تەرىپى بولىدۇ ھەتتا ئىنساندىن تارتىپ ، مەن ھازىرغىچە ئىشلەتكەن يانفۇنلىرىمدىن mx5 ,pro5,pro6 魅蓝e2,note 6 ھازىرغىچە ھېچقايسىسى قېتىۋالىدىغان ئىش يوق ، ،ھەممىسى شۇنداق راۋان… ھازىر قولۇمدىكىسى  note6
_ひyGんuR ۋاقتى: 2018-4-29 22:07:06
مەن ھەركۈنى سىستىما يېڭىلاش ئېلىپ بېرىۋتىمەن  لىكىن چىراي تونۇش ئىقدىدارى تېخى قوشۇلماپتۇ  تېلفۇن  魅族s6 ھازىرقى نەشىرى 7.8.4.28
647928665 ۋاقتى: 2018-4-30 02:05:31
_ひyGんuR يوللىغان ۋاقتى  2018-4-29 22:07
مەن ھەركۈنى سىستىما يېڭىلاش ئېلىپ بېرىۋتىمەن  لىكىن چى ...

مەن چىراي تونۇش ئىقتىدارىنى سىستىما يېڭلىغان كۈندىن باشلاپ،ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەنغۇ شۇنداق تىز ئاخشىمى ئېكراننى يورۇق  قىلىپ ئۇدۇللىسام ئىچىلىش سۇرئىتى تىز بارماق تونۇش سۇرئىتىمۇ بۇرۇنقىدىن تىزلىشىپتۇ
xereli132 ۋاقتى: 2018-4-30 02:40:58
2799482808 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-23 17:53
مىنە مەن بىرىنچى بولۇپ قاچلاپ باققان ئوخشايمەن ، كۆرۈن ...

ئاشۇ يەر شۇ
S80430-023431.jpg
S80430-023405(1).jpg
S80430-023411(1).jpg
S80430-023415(1).jpg
xereli132 ۋاقتى: 2018-4-30 02:44:22
omuqukeg يوللىغان ۋاقتى  2018-4-24 18:55
مېيزۇ يانفۇنى ئىشلەتكەنلەر قاقشىمغايسىلەر ،چۈنكى ھەر ...

مەندىمۇ 魅族NOTE5تىن  بىرسى بارئىدى ،،خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن يەنە بىر魅族NOTE6 دىن بىرنى ئالدىم دە Flyme7گە يېڭىلىۋالدىم
xohdj ۋاقتى: 2018-5-17 17:54:33
647928665 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-30 02:05
مەن چىراي تونۇش ئىقتىدارىنى سىستىما يېڭلىغان كۈندىن  ...

يانفۇن تىپى قانچە سىزنىڭ مىنىڭ نوتى 5 كە يېڭىلاش ئۇچۇرى كەلمەيدىغۇ نوتى6 گە يېڭىلىغانلار باركەن نوتى 5 كە يېڭىلىغانلار گەپ قىلۋىتىڭلار
◆、◇◆βǎЯ ۋاقتى: 2018-5-18 14:47:09
مەنمۇ، نوتى بەشنى يېڭىلىۋالدىم يېڭىلاش ئۇچۇرى كەلمەپتى  مېيزۇنىڭ تورىغا چىقىپ سىستىمى ى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم سىز مۇ شۇنداق قىلىڭ  flyme.cn
almjan0706 ۋاقتى: 2018-9-7 15:43:50
xohdj يوللىغان ۋاقتى  2018-5-17 17:54
يانفۇن تىپى قانچە سىزنىڭ مىنىڭ نوتى 5 كە يېڭىلاش ئۇچۇر ...

مەن ئايرىم چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部