+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-4-21 13:42 4534 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۇزاق ئىشلىتىلمىگەن، پۇل يوق بانكا كارتىلىرى قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ؟
تىللا شىركىتى تەرجىمىسى

ئۈندىدار ۋە چىقىمدانلار بانكا كارتىسىغا باغلىنىشى، مائاش ئالغاندىمۇ كۆرسىتىلگەن بانكىدىن كارتا بېجىرىش كېرەك! ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۈگۈنكى كۈندە بانكا كارتىسى بىلەن باغلانمايدىغان ئىش قالمىدى. بىراق، بانكا كارتىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتمىسە، ئىچىدە پۇل بولمىسىمۇ كۈچتىن قالدۇرۇۋەتمىسە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟
بىر بانكا كارتىسىدا ھېساب ئېچىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكىدەك بېكىتىۋېتىلگەن ھەقلەر شەكىللىنىدۇ: تەننەرخ ھەققى بەش يۈەن (بەزى ئۆزەكلىك كارتىلار 10 يۈەن)، يىللىق ھەققى 10 يۈەن، ئاز سوممىلىق ھېسابات باشقۇرۇش ھەققى پەسىللىكى ئاز دېگەندە ئۈچ يۈەن، جەمئىيسى ئاز دېگەندە 27 يۈەن بولىدۇ. تەننەرخ ھەققىنى چىقىرىۋەتكەندە 2-يىلىدىن باشلاپ ئاز دېگەندە 22 يۈەن چىقىم بولىدۇ.
ناۋادا قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئېچىلغان بولسا ھەر ئايدا ئاز دېگەندە ئىككى يۈەن، يىلدا 24 يۈەن تۆلىنىدۇ، ئۈچ خىل چىقىمنى قوشقاندا ئاز دېگەندە 46 يۈەن بولىدۇ. ناۋادا بانكا كارتىڭىزنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز، كارتىڭىزدا ھېچقانداق پۇل بولمىسىمۇ يۇقىرىدىكى ھەقلەر نورمال ھېسابلىنىپ ماڭىدۇ، كارتىغا پۇل كىرگەن ھامان تۇتۇۋېلىنىدۇ.
微信图片_20180421130135.jpg
بەزىلەر بۇ يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي بانكا « پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەت ھەققىنى ۋاقتىنچە توختىتىش ئۇقتۇرۇشى» چىقارغانلىقى، بۇنىڭدا يىللىق ھەق ۋە ئاز سوممىلىق ھېسابات باشقۇرۇش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، ئەستە تۇتۇشىڭىز كېرەككى، سىز چوقۇم بانكىغا بېرىپ «قوش كەچۈرۈم» ھېساباتىنى دەلىللىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بىردەك ھەق تۇتۇلىدۇ.
بانكا كارتىڭىزنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن بانكىغا بېرىپ دەلىللەپ يۈرمەيسىز. بىراق، ھەق داۋاملىق تۇتۇلۇۋېرىدۇ. ناۋادا بىر نەچچە بانكا كارتىڭىز بولسا پەقەت بىرىنىلا ھەقسىز قىلالايسىز، باشقىلىرى ئۇ مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.
ئۇنداقتا، بانكا كارتىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتمىسە، ئىچىدە پۇل يوق تۇرسىمۇ كۈچتىن قالدۇرۇۋەتمىسە قانداق بولىدۇ؟
بانكىدىكىلەر ئاۋۋال كارتىڭىزنى توڭلىتىدۇ، ئارقىدىن سىچوتتىن ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بانكىلارنىڭ ئۇيقۇ ھالىتىدىكى كارتىلارنى باشقۇرۇشى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. چۈنكى كىشىلەرنىڭ قولىدىكى كارتا بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن. مەملىكەت مىقياسىدىن ئالغاندا ئىشلىتىلمەيدىغان كارتىنىڭ سانى ئىككى مىليارد 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا بانكىلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تازىلاش تەدبىرى قوللانغان.
ئىلگىرى سودىگەر چاقىرىش بانكىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھېسابات بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ شەرتكە چۈشمەيدىغان، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلمىگەن ھەم ئىچىدە ھېچقانداق پۇل يوق شەخسىي ھېسابات نومۇرلىرىنى سىچوتتىن ئۆچۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
پۇدوڭ تەرەققىيات بانكىسى باشقۇرۇشنى يەنە بىر دەرىجە كۈچەيتتى: 2017-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن ئىلگىرى تارقىتىلغان ھەم بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ھېچقانداق ئىشلىتىلمىگەن «قوش نۆل» كارتىلارنىڭ ھېساب ئۇچۇرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى.

«قوش نۆل كارتا» دېگەن نېمە؟
«قوش نۆل كارتا» ساقلانغان قالدۇق پۇل ۋە ھېسابلانغان ئۆسۈم، ھېسابلانمىغان ئۆسۈم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نۆل بولغان كارتىنى كۆرسىتىدۇ.
قۇرۇلۇش بانكىسىدىكىلەر ناۋادا بانكا كارتىسى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلمىسە ھەقىقەتەن «ئۇيقۇدىكى ھېسابات نومۇرى» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، غەيرىي پۇكەي مۇلازىمىتى بېجىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ناۋادا كارتىدا ھېچقانداق پۇل بولمىسا ئۇيقۇدىكى ھېسابات نومۇرى قىلىۋېتىلگەندىن كېيىن كۈچتىن قالدۇرۇۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «بىراق، بانكا كارتىلىرى يۈتۈپ كېتىپ يېڭىدىن بېجىرگەندە Ⅰ تۈردىكى كارتا بېجىرگىلى بولمايدۇ.»
مەركىزىي بانكىدىكىلەر ئۇقتۇرۇش چىقارغاندىن كېيىن: شەخسلەر بىر بانكىدىن Ⅰ تۈرىدىكى ھېسابات نومۇرى ئاچقان بولسا شۇ تۈردىكى ھېسابتىن باشقا بىرىنى ئېچىشىغا بولمايدۇ، پەقەتⅡ، Ⅲ تۈرىدىكى ھېساباتنىلا ئاچالايدۇ. كېيىنكى ئىككى تۈرلۈك ھېسابات نومۇرلىرىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى Ⅰ تۈرىدىكى ھېسابات نومۇرلىرىغا يەتمەيدۇ، كۈندىلىك خىراجەت ۋە ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىقلاردا سومما چەكلمىسىگە ئۇچرايدۇ، بەكلا قولايسىز بولىدۇ.

بىر تورداش: ئۇ شېنجېندا ئوقۇۋاتقاندا پوچتا بانكىسىدىن بىر كارتا بېجىرگەن، ھازىر بەش يىل بولدى، ئىزچىل يۇرتىدا ئىشلەۋاتىدۇ. بىراق، يۇرتىدىن يېڭى كارتا بېجىرمەكچى بولغاندا ھېلىقى كارتىنىڭ كۈچتىن قالدۇرۇلمىغانلىقى، پەقەت 2-تۈردىكى كارتىنىلا بېجىرەلەيدىغانلىقى، ئۇ كارتىنى كۈچتىن قالدۇرۇش ئۈچۈن كىملىك، پۇل ئامانەت كېنىشكىسى، بانكا كارتىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ شېنجېنغا بېرىپ كۈچتىن قالدۇرۇشى كېرەكلىكىدىن خەۋەر تاپتى.
ئىلگىرى يەنە بىرەيلەن بىر بانكا كارتىسىنى كۈچتىن قالدۇرۇش ئۈچۈن مەكتىپىنىڭ يېنىدىكى بانكىغا بارغان. چۈنكى بانكا خىزمەتچىسى: «كارتا بېجىرىلگەن ئورۇنغا بېرىپ كۈچتىن قالدۇرۇڭ» دېگەنىدى. نېمە ئۈچۈن كارتىنى باشقا يەردە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن باشقا جايدا سىچوتتىن ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ؟
كېيىن ئۇنىڭ بىر ساۋاقدىشى بانكا كارتىسىنى پۇكەيدە كۈچتىن قالدۇرغىلى بولمايدىغانلىقى، ھوقۇق بېرىلگەن دېرىكتورنى ئىزدەپ بارغاندا بىر بارماق ئىزى بىلەنلا ئىش پۈتكەنلىكىنى ئېيتتى. ناۋادا سىلەرمۇ مۇشۇنداق ئىشقا يولۇقساڭلار پۇكەي خىزمەتچىلىرىدىن قانداق قىلغاندا كۈچتىن قالدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپ باقساڭلار بولامدۇ، قانداق؟ بەزى بانكا خادىملىرى ئاۋارىچىلىقتىن قېچىپ سىچوتتىن ئۆچۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، باشقا بانكىغا بېرىپ سوراپ بېقىشنى ئېيتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئەسلىدىكى كارتىنى 2-تۈرگە چۈشۈرۈش، يېڭىدىن 1-تۈردىكى كارتا بېجىرسە ياكى راستىنلا سىچوتتىن ئۆچۈرۈش نىيىتى بولسا پۇكەيدە كۈچتىن قالدۇرغاندىن كېيىن سىچوتتىن ئۆچۈرۈۋېتىپ قايتا بېجىرسە بولىدۇ.
يەنە بەزى بانكا خادىملىرى سىزگە مۇنداق دېيىشى مۇمكىن: «ئىشلەتمەيدىغان كارتىلارنى يۈتۈپ كەتتى دېسىڭىزلا بولىدۇ ياكى قايچىدا كېسىۋەتسىڭىز ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ». ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ تەسىرى بار. ھەرگىز بۇنداق قىلماسلىق كېرەك.

ئىشلەتمىگەن كارتىلارنى سىچوتتىن ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك. چۈنكى ئوخشاش بىر جايدىكى ئوخشاش بىر بانكىدىن 2-كارتا بېجىرگەندە تۇنجى قېتىم بېجىرگەن كارتىنىڭ تەسىرى بولىدۇ، بەزى كەسپلەرنى بېجىرگىلى بولمايدۇ، بېجىرىش ئامالى بولسىمۇ ئاۋارىچىلىق!
ئامانەت كارتىسى توڭلاپ قېلىش كىچىك ئىش. ناۋادا ئىناۋەت كارتىڭىز توڭلىتىلغان بولسا ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك. ئىناۋەت كارتىسى توڭلىتىلغاندىن كېيىن ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. گەرچە كارتا سۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولمىسىمۇ سىچوتتىن ئۆچۈرۈۋېتىلمىگەنلىكتىن يەنىلا يىللىق ھەق تۇتۇلىدۇ.
شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىناۋەت كارتىسى توڭلىتىۋېتىلگەنلەر ھەم قەرزى يوقلار كارتىنى سىچوتتىن ئۆچۈرۈۋېتىش، ناۋادا كارتىنى داۋاملىق ئىشلىتىش نىيىتى بولسا كارتىسىنىڭ توڭلىتىۋېتىلىش سەۋەبىنى ئېنىق بىلىۋالغاندىن كېيىن كارتىنى ئامال قىلىپ بوشىتىش كېرەك.
«قاتتىق ئۇيقۇ»دىكى كارتىلارنىڭ كۆپ بولۇشى بانكا بايلىقىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەندىن باشقا، يەنە كارتا ئىگىسىگىمۇ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
微信图片_20180421130147.jpg
«قاتتىق ئۇيقۇدىكى كارتىلار»دا بەش خىل خەتەر مەۋجۇت.
بىرىنچى زىيىنى: شەخسىي ئىناۋەت خاتىرىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىناۋەتلىك كارتا ئىلتىماسى تەستىقلانغان، كارتا بېرىلگەنلا بولسا قوزغىتىلىش، قوزغىتىلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر كارتا ئىگىسىنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسىگە يېزىلىدۇ. كارتا ئىگىسى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ئاساستا يىللىق ھەققە قەرز بولۇپ شەخسىي ئىناۋەت خاتىرىسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
ئىككىنچى زىيىنى، كارتا ئىگىسىنىڭ چىقىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
بىر قىسىم بانكىلاردىكى بەزى ئالاھىدە ئىناۋەتلىك كارتىلار قوزغىتىلغان، قوزغىتىلمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر كارتا ئىگىسى ئىمزا قويغانلا بولسا بانكا يىللىق ھەق ھېسابلايدۇ، كارتا ئىگىسىنىڭ پۇلى تۇتۇلىدۇ.
ئۈچىنچى زىيىنى، كارتىنىڭ ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋېلىش خەتىرى چوڭىيىدۇ.
«قاتتىق ئۇيقۇدىكى كارتا» ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرغاچقا باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن كارتا ئىگىسى خەۋەرسىز ھالەتتە ئىشلىتىۋېلىش خەتىرى چوڭىيىدۇ.
تۆتىنچى زىيىنى: ھېسابات نومۇرىنى ئېلىپ-سېتىش، باشقىلارنىڭ نامىدا ھېساب ئېچىش، توقۇلما ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ ھېساب ئېچىش قاتارلىقلاردا يوشۇرۇن خەتەر مەۋجۇت.
ج خ تارماقلىرىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرقى تېلېگراف تورى يېڭى تىپلىق جىنايى قىلمىشلىرىدا جىنايەتچى ئۇنسۇرلار بانكا ھېساباتى ۋە چىقىمدان ھېساباتىدىكى ئالدامچىلىق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن يۆتكىۋالىدۇ، بىۋاستە شەخسىي ھېسابات نومۇرى ۋە چىقىمدان ھېساباتى سېتىۋېلىنىدۇ.
بەشىنچى زىيىنى، بانكىلارنىڭ باشقۇرۇش بايلىقىنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلمىگەن ھېساب نومۇرلىرى بانكىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى خەتەرلىك نۇقتا بولۇپ قالىدۇ.
بىكار بانكا كارتىلىرى سىچوتتىن قانداق ئۆچۈرۈلىدۇ؟
بانكا كارتىسىنى سىچوتتىن قالدۇرۇش ئۈچۈن كارتا ئىگىسى كارتا ۋە كىملىكىنى ئېلىپ كارتا بېجىرىلگەن بانكىغا ئوخشاش يەنە بىر بانكىغا بېرىپ سىچوتتىن قالدۇرۇش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.
2. بانكا كارتىڭىز يۈتۈپ كەتكەن بولسا تولۇقلاپ بېجىرىپ سىچوتتىن ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.
3. ئىناۋەتلىك كارتىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا ئىناۋەتلىك كارتا مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ بىۋاستە سىچوتتىن ئۆچۈرسە بولىدۇ.
4. كارتا سىچوتتىن ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن بانكا خادىملىرى كېسىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. ناۋادا ئۇنداق قىلىنمىغان بولسا ئۆزىڭىز كېسىۋەتكەندىن كېيىن بىر نەچچە ئەخلەت ساندۇقىغا ئايرىپ تاشلىۋېتىڭ.
بانكىدا ھېساب ئېچىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئۇچۇرلىرىڭىز، مەسىلەن ئىسىم-فامىلىڭىز، ئادرېسىڭىز، يانفون نومۇرىڭىز، كىملىك نومۇرىڭىز، بانكا كارتا نومۇرىڭىز قاتارلىق مۇھىم شەخسىي ئۇچۇرلار ساقلىنىدۇ.
بانكىدىكىلەر مەخپىيەتلىكىڭىزنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلسىمۇ، ئەمما تاساددىپىيلىق يۈز بەرمەيدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ شۇڭا ئىشلەتمەيدىغان بانكا كارتىلىرىڭىزنى ۋاقتىدا سىچوتتىن ئۆچۈرۈۋېتىپ يوشۇرۇن خەتەر ۋە ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىڭ.

مەنبەسى: تىللا شىركىتى ئۈندىدار سالونى
微信截图_20180421130532.jpg

2ئادەم ئىنكاس يازدى

رويال ۋاقتى: 2018-4-21 15:23:17
مىنىڭمۇ سەنشىدىن بىجىرگەن بىر كارتام باتى ئىشلەتمىگىلى 5..6 يىل بوپ قالدى شۇ يەرگە بېرىپ ئۈچۈردىغان گەپما ئەمدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部