+تېما يوللاش
mingyil2013 يوللانغان ۋاقتى:2018-4-21 12:54 3853 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
لايىھە جەھەتتە:
شەنشىڭ S8 يانفۇنللىرى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ تاشقى قىياپىتى ئالدىنقى تاللاش بولۇپ قالدى، ھەقىقەتەن قالتىس دىيىشكە بولىدۇ.
پۈتۈن ئەگمە ئېكران، SPEN قەلىمى، كىچىلىك كۆرۈنمە ھالىتى قاتارلىقلار ئالما يانفۇنىدىن ئىشىپ كەتكەن بولسىمۇ لىكىن دۆلىتىمىز يانفۇنلىرى ئالدىدا يەنىلا باش ئەگمەي ئامالى يوق.  سەپلىمىسى جەھەتتە ھەر يىلى كەينى -كەينىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان بايراقدار بىر تەرەپ قىلغۇچلىرى بازارنى 1 ئايدىن ئارتۇق ئىگەللىيەلمەسلىكى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى.
ھەر يىلى سەنشىڭنىڭ يېڭى يانفۇن ئېلان قىلىشى پەقەت ئالما بايراقدار يانفۇنلىرى ۋە بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىنىڭ بىسىمىدىن دەپلا ئويلايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ بولدى. «دەرۋەقە ئاندىروئىد يانفۇنلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى يوق» دىگەن قاراش ھەر پەسىلدە ئىلان قىلىنىۋاتقان بايراقدار يانفۇنلارنىڭ تولىلىقىدىن ئادەملەرنىڭ قايسىسىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىپ بولالمىغۇدەك دەرىجىگە ئىلىپ باردى. ھازىر ئايدا بىر دىسەكمۇ توغرا بولۇپ قالىدۇ. ئاساسى گەپكە كىلەيلى ئەمدى!
QQ截图20180420213814.jpg
سەنشىڭ يانفۇنلىرىنىڭ ئەڭ پارلاق ئۆتكەن ۋاقتى 2015-يىلىدىن 2016- يىل ئاخىرغىچە بولۇپ دۆلىتىمىزدە ئىگەللىگەن نىسبىتى %30 ئاشقان بولۇپ، پەقەت ئالما يانفۇنىلا ئۇنىڭ رەقىبى ھېساپلىناتتى ئەمما 2017-يىلىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا سەنشىڭنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى %2.1 چۈشۈپ قالغان. دىمەك دۆلىتىمىزدە ئالما بىلەن بەسلىشىپ 1-2- قاتاردىنلا ئورۇن ئلىپ كىلىۋاتقان سانشىڭ يانفۇنلىرى 10- قاتاردىنمۇ ئورۇن ئالالماي «باشقىلار» قاتارىغا ئۆتۈپ كەتكەن.
بازارنىڭ سوغۇقلۇققا قاراپ يۈزلىنىشى
2018- يىلى 3-ئايدا ئۇچۇر مىنىستىرلىكى دۆلىتىمىز سىتىپ چىقىرىلغان ئومومي يانفۇن سانىنىڭ 818 مىليۇن 700 مىڭ دانە بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش پەسىلدىكىگە قارىغاندا %27 تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
QQ截图20180420214508.jpg
ئوخشاشلا ئالما شىركىتىنىڭ قاتتىق باھا پىرىنسىپىنى بۇزۇپ 3- تەرەپ سۇپىلىرىدا باھانى 1000 يۈەن تۆۋەنلىتىپ سىتىشى ئەلۋەتتە سەنشىڭ ۋە باشقا دۆلتىمىز يانفۇنلىرىنىمۇ ھالسىرىتىپ قويدى. ئوخشاشلا بازارنىڭ تويۇنۇپ قىلىشى، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى، تولۇقلىما سىياسەتلىرىى تۆۋەنلىشى، ياساپ چىقىش تەننەرقىنىڭ ئۆسۈپ كىتىشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەپلەردىن ئىستىمالچىلار بارغانسىرى بايراقدار يېڭى يانفۇنلارنى ئويلاشمايدىغان، دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان 2000-3000 يانفۇنلارنى سىتىۋىلىشى سەنشىڭنىڭ تۆۋەن بازارنى مۆلچەرلەش چۈشىنى ئاللىبۇرۇن بەربات قىلغان بولۇپ شىياۋمى، مىيزۇ قاتارلىقلار ئاللى بۇرۇن بۇ بازارلارنى بۆلىشىۋالغان ئىدى. شۇڭا دۆلىتىمىز ئىچىدىن پات يىقىندا يوقىلىش گىردابىغا بىرىپ قالغان ئىككىنچى HTCدەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
QQ截图20180420215730.jpg
ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى سەنشىڭ Note 7يانفۇنلىرىنىڭ ئۆزلىكىدىن باتارىيە كۆيۈپ كىتىش ۋەقەسى سەنشىڭ شىركىتىنىڭ ئىستىمالچىلار قەلبىدىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ ناچارلەشتۈرۋەتتى. خەلىقئارا نۇسقىسىدىكى Note 7 يانفۇنى كۆيۈپ كىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي دۆلىتىمىز نۇسقىسىدىكى Note 7يانفۇنلىرىمۇ كەينى كەينىدىن ئۆزىنىڭ مۇددەتلىك بومبا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. سەنشىڭ شىركىتى بۇ يانفۇنلارنى يىغىۋىلىپ پۇلىنى قايتۇرۇش بىلەن بىرگە يىغىۋالغاندىن كىيىن بۇ مۇددىتى يوق بومبىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يىغىۋالغاندىنمۇ كۆپ مەبلەغ چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىز ئىچىدە Note 7يانفۇنلىرىنى تونۇشقا ۋە ئايروپىلانغا ئىلىپ چىقىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسدا ئومومىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ سەركە دەپ ئاتالغان بايراقدار يانفۇن شۇنىڭ بىلەن يوق بولدى. ئۇنىماي ئىشلىتىمەن دىگەن ئابۇنىتلارنىڭ يانفۇن باتارىيەسىنىڭ توك قاچىلاش چىكىنى %70 ھالىتىدە كونتىرول قىلىپ ئەرىز قىلىنىشقا ئۇچراپ تېخىمۇ ئازاپلارغا قالدى. (نىمە دىگەن قايغۇلۇق خەۋەر بۇ ئەمدى، جىنىنى قۇتقۇزىۋاتسا يەنە ئەرىز قىلىدۇ، ئىستىمالچى دىگەن شۇ)
QQ截图20180420215621.jpg
بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كەتتى يامان بولغىنى دەۋىرگە ماسلىشالماسلىق، جۇڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ ئىشلىتىش ئادىتى بىلەن كارى بولماسلىق سەنشىڭنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى بولۇپ، دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان 3000-3500 يۈەنگىچە بولغان يانفۇنلار كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىپ ھەممىلا يەرنى ئىگەللىدى شۇنىڭ بىلەن سەنشىڭنىڭ ئۈلۈشى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ ھازىرقى ھالەتنى شەكىللەندۈردى.
تېخنىكا جەھەتتە:
تېخنىكا جەھەتتە تېخىمۇ ئەۋزەللىكى قالمىدى چۈنكى MWC2018 چوڭ يىغىنىدا دۆلىتىمىز كارخانىلىرىدىن خۇاۋىي ئۆزىنىڭ 5G بەلباغ ئۈزىكى ۋە 5G ئالاقە تېخنىكىسىنى نامايەن قىلىپ يەرشارى بويىچە تۇنجى 5G تېىنىكىسىنى قوللايدىغان سودىغا ئىشلىتىدىغان پۈتۈن يەرشارى قوللايدىغان 5G  چاستوتىسىنى ئېلان قىلدى.
QQ截图20180420220550.jpg
VIVO APEX بولسا ئەڭ يارقىن نوقتا بولۇپ ئاپتۇماتىك چىقىدىغان كامىرا، يۈشۈرۇن تېڭشىغۇچ، ئېكران ئاستى بارماق سىزىش تېخنىكىلىرىنى ئىلان قىلىپ خىرىدارلار دەل ساقلاۋاتقان يېڭىلىقنى ئىلىپ كەلدى. ماڭلاي يوق پۈتۈن ئېكران، پۈتۈن ئېكراندا بارماق ئىزىنى تونۇش تېخنىكىسى ئالما ۋە سەنشىڭ يانفۇنلىرى بىلەن بەسلىشىپ بىقىشقا تولۇق ئۇل ھازىرلىدى.
دەپ كەلسەك تەرەققىيات راسلا تىز بازارنى ھەقىقەت دۆلىتىمىز يانفۇنلىرى ئىگەللىدى. ئەمما ئاساسلىق ئىش ھالقىلىرى پۈتۈن OLED ئېكران، يۇقىرى تىزلىكتىكى ساقلىغۇچ، كامىرا، بىر تەرەپ قىلغۇچ، بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۇلاش ئىغىزى قاتارلىق ھالقىلىق تېخنىكىلاردا يەنىلا دۆلىتىمىز يانفۇنلىرى سەنشىڭغا ئىھتىياجلىق كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە بۇ ئىش ھالقىلىرى دۆلىتىمىز يانفۇنلىرىدا داۋاملىق سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. يىقىندىن بۇيان ئوپپو ۋە ۋىۋو يانفۇنلىرىنىڭ مال يىتىشمەي سىز تۇرىۋاتقان جايلارغا كەپ بولالمىدى دەپ قاراۋاتامسىز، گەپنىڭ مۇھىمى سەنشىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى يانفۇنلارغا پۈتۈن ئېكران تەمىنلەش قەدىمىنى ئاستىلىتىپ مال يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ بازاردىن سىقىپ چىقىرلىش خەۋىپىنى ئاستىلىتىۋاتىدۇ خالاس.
timg.jpg
ئەگەر 10 يىل ئىچىدە دۆلىتىمىز كارخانىلىرى ئۆزىگە تەۋە بولغان بىر تەرەپ قىلغۇچ، كامىرام، ئاساسى ئۈزەك، يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى ئېكرانغا ئىگە بولمايدىكەن، ھەرقانچە تەرەققىي قىلسىمۇ جۇڭشىڭ شىركىتىدەك بىر كىچىدىلا ۋەيران بولۇش خەۋىپىدىن قۇتۇلالمايدۇ، پۈتۈن يەرشارىغا خوجا بولۇپ جۇڭگۇ كارخانىلىرىنىڭ پەخرى بولغان جۇڭشىڭ شىركىتى بۇنىڭ تىپىك مىسالى، چۈنكى دۆلىتىمىزمۇ بىلىم-مۈلۈك ھوقوقىنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلغان بولغاچقا پاتنىت دەۋاسىغا چىتىلىپ قىلىشتىن بۇرۇن يۇقىردىكى مەسىلىلەرنى ئوڭشىيالمىسا ھەرقانچە تەرەققىي قىلغان بىلەن يەنىلا خەقنىڭ نەرسىسى ساتمايمەن دىسە ئامالىمىز يوق.
QQ截图20180420221209.jpg



تولۇقلىما مەزمۇن (2018-4-21 13:52):
مۇنازىرلىشىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلا، ۋاقىت يوق قايسىسىنى ياقتۇرساڭلا شۇ .....

تولۇقلىما مەزمۇن (2018-4-21 13:53):
ئوپپو ئىشلەتكۈچىلەر ۋەھشى خاپا بوپتۇ ھىس قىلدىم سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىم...

8ئادەم ئىنكاس يازدى

ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-4-21 14:25:28
خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئىستېمالچىلار كەسپى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى يۈ چېڭدوڭنىڭ  يەكشەنبە كۈنى(25-فېۋرال) بارسېلونادا دىيىشىچە، ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون شىركەتلىرى رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىشى زۆرۈر ئىكەن. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، پەقەت ئاز ساندىكى يانفون شىركەتلىرىلا پۇل تاپالايدىكەن، كۆپ قىسىملىرى شاللىنىپ كېتىدىكەن، شۇڭا ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون ساھەسى چۇقۇم قايتا تەشكىللىنىدىكەن.   
يۈ چېڭدوڭنىڭ دېيىشىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئون يىللىق تارىخىنى كۆزەتكەندە، بازار ئۈلۈشى%10 دىن تۆۋەن بولغان ھەر قانداق بىر شىركەت زىيان تارتىدىكەن. بازار تەكشۈرۈش شىركىتى IDC ۋە Strategy Analytics ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى يەرشارى بويىچە ئۈچىنچى چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى تۆتىنچى پەسىلدىكى بازار ئۈلۈشى %10.2 بولغان، سامسۇڭ ۋە ئالما شىركەتلىرىنىڭلا كەينىگە تىزىلغان.
يۈ چېڭدوڭ بىر قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغاندا مۇنداق دەيدۇ:« كەلگۈسىدە پەقەت ئۈچتىن تۆتكىچىلا ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون شىركەتلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، ھەتتا تۆتكىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. نۆۋەتتە كىچىك تىپتىكى جۇڭگو يانفون شىركەتلىرى بىرلىشىپ كۆپ ساندىكىلىرى يوقالماقتا، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەبلىغى يېتەرلىك بولمىغاچقا مەھسۇلات ئېچىش، سېتىش ۋە ئوبراز يارىتىش جەھەتلەردە چوڭ شىركەتلەرگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ شىركىتىڭىزنىڭ بازار ئۈلۈشى %10 كە يەتمىسە ئۇنداقتا سىز زىيان تارتىسىز، %10 كە يەتكەن ۋاقىتتا سىز پايدا بىلەن زىياننى تەڭپۇڭلاشتۇرالايسىز، %15 تىن ئاشقاندىن كېيىن ئاندىن پايدا ئالالايسىز».   
يۈ چېڭدوڭنىڭ دېيىشىچە، خۇاۋېينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلى تەخمىنەن %30 كە يەتكەن، بۇ يىلقى ئېشىش سۈرئىتى ئۇنىڭدىنمۇ تېز بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ يىل بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئايدا خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرىتى تېخىمۇ تېز بولغان. خۇاۋېي شىركىتى ئۈچىنچى ياكى تۆتىچى پەسىلدە تۇنجى 5G ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىنى چىقىرىدىكەن. خۇاۋېي شىركىتى بىر خىل يېڭى نۇسخىدىكى خاتىرە كومپىيوتېر ۋە ئىككى خىل تاختا كومپىيوتېر ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىل ياكى كېلەر يىلى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون شىركىتىگە ئايلىنىدىكەن، ھامان بىر كۈنى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون شىركىتىگە ئايلىنىدىكەن.
…………………………………
مەن يۇقارقى پەرەزلەرگە ناھايىتى بەك قوشۇلىمەن.
mingyil2013 ۋاقتى: 2018-4-21 17:29:17
يانفۇن ياساش دىگەن بۇ گەپنىڭ كەينىگە نۇرغۇن ئىنچىكە ھالقىلار يۇشۇرۇنغان، شۇڭا مىنى يانفۇنلارنى چۈشۈردۈڭ دەپ قارىغۇچىلار بولسا يانفۇن ئەمەس بىر تال ئۈن ئالغۇ ياساپ بىقىپ مەن بىلەن مۇنازىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-4-21 19:17:42
سامسۇڭنىڭكىدەك ئىسىل ئېكران ياساشنى بىر ئىشقا ئاشۇرسا بۇلاتتى دۆلتىمىز كارخانلىرى ، باشقا يىرىمۇ مەيلى ئىدى ، كۆز دىگەن ئىنتايىن مۇھىم ئەزادە ،  OLED ئېكران جەھەتتە ئىزدىنىپ باقسا بۇلاتتى جۇمۇ ، سامسۇڭنىڭ ھەقىقەتەن ئىسىلكەن ئېكرانى كۆزنىمۇ بەك ئاغرىتىپ كەتمەيدىكەن ، ئېكرانىغا قايىل بولماي تۇرالمايمەن ، قالغىنىغا ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ شانلىق نەتىجەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەي دۆلتىمىز كارخانىلىرى
扎瓦1288 ۋاقتى: 2018-4-24 15:57:52
قولۇمدىكى سامسۇڭ 7000دىن ناھايتى رازى ئىككىيىلدىن ئاشتى، ھازىرقى يېڭى چىققان ئوپپو لارغا تىگەشمەيمەن ئۇلاردىكى ئىقتىدارنىڭ ھەممىسى باركونا تېلىپۇن بولسىمۇ گەرچە
17797917961 ۋاقتى: 2018-4-29 12:23:11
ئەزىزلەر ياخشىمۇ،  بۇلارنىڭ ھەممىسى تاشقى ئەمەلىيەت،  ھەقىقى ئىچكى ئەمەلىيەت ئەمەس،  يانفۇن ياساش ئۇنچە قىيىن مەسلە ئەمەس ئادەتتە ئۆزىمىزمۇ كىتەرلىك زاپچاسلارنى سېتىۋىلىپ قۇراشتۇرساق بولىدۇ،  لىكىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى  ئىگىلىك ھۇقۇقى دىگەن بىر گەپ،  ئادەتتە شىركەت ۋە ماركىلار ئارا بىر چىكىت ۋە بىر رەڭ پاتنىت دەۋاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئالما بىلەن سەنشىڭ ئوتتىرسىدىكى پاتنىت دەۋاسى قانچىلىك مەسلە لىكىن ھازىرغىچە سۆرىشىپ كەلدى، ۋىۋو ئېكىس پىلاي ئالتە،  شىياۋمى نوتى ئىككى،  ئالدى ئىلىپپىس شەكىللىك ئۆي كۇنىپكىسى بار ئوپپو ۋىۋولار، ھەتتاكى يىجىيا خۇۋېيدىگەن يانفۇنلارنىڭ لايىھەسى نەدىن كەلدى ئۇلار ھەممىسى ئالدىنى سەنشىڭ ئارقىسىنى ئالمىغا ئوخشۇتۇپ ياساشتى،   سىلەر دىيشىۋاتقان ئاشۇ تىز ئايلانمىلىق ساقلاش دىسكىسى ئۆزىكى،  كۆزگە يېقىشلىق ئېكران كىمنىڭ،  بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسلە ئىش ئۇنۇم چىدامچانلىق،  ئوپپو ۋىۋۇدەك،  تاشقى سۇپىتى بولۇپ ئىچكى سەپلىمىسى بولمىسا،  شىياۋمىدەك سەپلىمىسى ياخشى بولۇپ چىدامچانلىقى بولمىسا،  خۇۋىينىڭ راۋانلىقى ئېسىللىقىنى ياقمىسا،  (بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم بۇرۇن دەسلەپ يانفۇن ئىشلىتىشنى خۇۋىيدىن باشلىغان ئوخشاش باھالىق يانفۇنلار ئىچىدە ئەڭ ئەسكىسى مۇشۇ بولسا كىرەك بىزار ئىدۇق بۇ شەخسى قارشىم، ) چىدامچانلىق، راۋانلىق، يېقىشلىق، چوڭ سۈپەت (بۇلتۇر مەن ئىچكىرگە كىرگەن ۋاقتىمدا شۇ يانفۇنۇم ئارقىلىق يولداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن ئىدىم )ئىلغار سەپلىمىلەر سەپلەنگەن يىجىيانى كۆپلەپ سېتىۋالمىسا،  سىزنىڭ دۆلىتىمىز كارخانلىرى خۇددى خۇۋىينىڭ مەسئۇل خادىمى ئېيىتقاندەك كۇنگە قېلىشى ئىھتىمالغا يېقىن،  بىز يەنە قاچانغىچە  سۈپىتىنى ۋە ھەرجايدىكى ئىلانىغا قارتا سېتىۋالىمىز، ياكى باھاسىغا قارتا مىيزۇ شىياۋمى سېتىۋالمىز، سېتىلىش مىقدارى كۆپ بولغان خۇۋىينى؟ ئۇزۇنغا قالماي بىز يانفۇنلارنىڭ ھەقىقى ئىش ئۈنۈمىگە،  چىدامچانلىقىغا،  سەپلىمىسىگە يېقىشلىقىغا قارتا سېتىۋىلىشنى ئۈگىنىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلىتىمىز كارخانلىرى ئالدىن ئويلىنىشى كىرەك ۋاقىتلىق بازارنىڭ ياخشى بولىشى بىلەن كونا سەنىمىگە دەسسەۋەرسە بولمايدۇ باشقىلاردىن ئېشىپ كىتىش ئۇچۇن كۆپ بەدەل تۆلەش ۋە تىرشىش كىرەك نوكىيا ۋە موتورولا قارا بۆلجۇرگەنلەرنىڭ كۈنىگە قالماسلىق ئۈچۈن تېرشىش كىرەك ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭمۇ بازىرى ياخشى ئىدى كۆپ سۆزلەپ قويدۇم شەخسى كۆز قاراش
xereli132 ۋاقتى: 2018-4-30 03:06:55
17797917961ئىسىملىق  توردىشىم قارىسام كۆپنى كۆرگەن بىلىملىك پىرافىسسۇردەك قىلىسىز ، سىز بىرەر يانفون ياساش ئۇنچە تەس ئەمەس  دەيسىز ، ئۆزىڭىز قول سېلىپ بىرەر نەرسە ياساپ باققانمۇ ؟ قۇراشتۇرۇپ باققان بولسىڭىزمۇ ھىساپ ؟   دوستۇم سىز بىلەن بىز بىرەر يانفۇن ياسىيالىغان بولساق  ھازىر خەقنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەپ يۈرمەيمىز ، ئەگەر سىز راستىنلا يانفۇن ياسىيالىسىڭىز ، سۆزلىشىش ئاپپاراتى ياساش سىز ئۈچۈن ھىچقانچە گەپ ئەمەس پىرىنسىپىنى بىلسىڭىزلا  ، ئەگەر راستىنلا سۆزلىشىش ئاپپاراتى ياساپ بىرىمەن دىسىڭىز سىز رازى بولغىدەك  ھەق بىرەي ، قول ئاستىمدا ئىشلەڭ . .  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部