+تېما يوللاش
mingyil2013 يوللانغان ۋاقتى:2018-4-20 11:45 9118 قېتىم كۆرۈلدى 28 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىشى مۇمكىن oppo يانفۇنلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتى ھەقىقەتەن چىرايلىق ۋە قالتىس، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا R11 قاينام تاشقىنلىقتا سىتىلىپ كەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر oppo  يانفۇنلىرى شىيامىدىن ئىشىپ كەتتى دەپ قاراشتى ھەمدە مۇۋاپىقىيەت قازانغان دۆلەت ئىچىدىكى بىرىنچى يانفۇن ماركىسىغا ئايلاندى. ئالما ۋە سەنشىڭدىن قالسا رىقابەتچىسى يوق دەپ قارالدى. ئەمما 2017-يىلىدىن باشلاپ oppo  يانفۇنلىرىنىڭ سىتىلىشى ئىزچىل تۆۋەنلەپ كەلمەكتە، مال بازارغا كىرمەي تۇرۇپلا باھاسى تۆۋەنلەش خەۋىپىدىن باشقا ئىستىمالچى بىلەن ساتقۇچى ئارلىقىدىكى باھا پەرقىنى ئالاھىدە زور بولىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى؟ بۇ بولسا ئىستىمالچىلارنىڭ oppo  يانفۇنلىرىغا قايتۇرغان نۇرمال ئىنكاسى.
QQ截图20180420114841.jpg
1- پو ئېتىش!
oppo يانفۇنلىرى ئىزچىل ئالدى كەينى 20 مىليۇن پىكسىللىق كامىراسنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاۋاتقان ۋاقىتتا چەتئەل يانفۇن باھالاش ئورۇنلىرىنىڭ باھالاش سۈپىسىدا 2 نۇمۇرغىمۇ ئىرىشەلمىگەن، ئاساسلىق سەۋەبى رەسىم ئەسلى مۇھىت بىلەن پەقەتلا ماس كەلمەسلىك، رەڭ ئۈنۈملىرى ئېنىق ئەمەس دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن ئالدىنقى 20 يانفۇننىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن. تارتىلغان رەسىملەر ئەسلىدىكىسى بىلەن زور پەرىق چىقىپ قالغاچقا ئالما يانفۇنلىرىدىن ئېشىپ كىتىدۇ قارالغان بۇ يانفۇن ئالما 6 يانفۇنىغىمۇ يىتەلمىگەن. (سىنىغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ماۋۇ ھە مىنى تىللاپ كەتمەي ئەمدى)، دەرۋەقە كۆپلىگەن ئىستىمالچىلار يانفۇننىڭ ئىلاندىكى بىلەن بولغان پەرقىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرلىقىنى كۆپ قىتىم ئىنكاس قىلغان.  شىياۋلۇڭ 660 نىڭ ئۈزىكىنىڭ ئىقتىدارىنى شىياۋلۇڭ 835 دىن يۇقىرى دەپ پو ساتقان بۇ ئىنىقلا ئىستىمالچىلارنى ئەخمەق كۆرگىنى ئەمەسمۇ. ھەرقانچە ئەخمەق بولسىمۇ 660 بىلەن 835 نى پەرىق ئىتەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئەخمەق ئەمەستۇ دەيمەن ئۆزەمچە.
QQ截图20180420115851.jpg
2- يۇقىرى باھا، تۆۋەن سەپلىمە
ئەگەر بىرىنچى خاتالىق دىيىلسە خىرىدارلار بۇرۇنلا ئىنكاس قايتۇرۇپ بولدى، ئىككىنچىسىگە چىداپ تۇرۇش ناھايتى تەس، (چىدىمايمۇ ئامال يوق ئەپبوغاندا) بۇ دەل قاتتىق دىتالنىڭ مەسىلىسى، بەزىدە 1500 يۈەنلىك شىيامى يانفۇنلاردا راۋان مىڭىۋاتقان ئويۇنچۇقلارنىڭ oppo غا كەلگەندە قىتىۋىلىپ يۈرگەنلىرىنى يادىڭىزغا كەلدى ھەقىچان،  باھا پەرقى 1 ھەسسە قىممەت، لىكىن ئىش ئۈنۈمى دىگەن نەرسە يوق، ئادەم كۈندە يانفۇندا پاراڭلىشىپلا ئۆتەمدۇ دەيمەندە ئەمدى. ئوغۇللار تۇنجى بولۇپ زىرىكىشكە باشلايدۇ بۇ يەردە. مۇشۇنداق ھېساپلىغاندا ئالما 7 ، يىجا 5 دىگەندەك يانفۇنلار يەنىلا ئالدىن تاللاش بولالايدۇ، (باھاسى چۈشتى، لىكىن ئىقتىدارى يۇقىرى دىمەكچىدە بۇ يەردە) ئەگەر ئالما 6س بىلەن سىلىشتۇرغاندىمۇ oppo  يەنىلا نەچچە كوچا ئارقىدا قالىدۇ. مىنىڭمۇ دۆلەت ماللىرىنى قوللىغۇم بار ئەمما مۇشۇنداق نۇمۇسسىزلىق قىلىۋەرسە ئامال يوق ناچارنىڭ ئەڭ ناچىرى دىيىشكە لايىق. بۇنداق يۇقىرى باھا تۆۋەن ئۈنۈمنى ھىچكىم قۇبۇل قىلالمايدۇ، بۇ جەھەتتە شىيامى دۆلەت ماللىرىنىڭ ئىپتىخارى ھېساپلىنىدۇ.
شۇڭا ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ يانفۇن سېتىۋالغاندا تاشقى قىياپىتىنىلا دىمەستىن ئىچكى سەپلىمىلىرىنىمۇ ئويلاپ قويىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
تىللايدىغانلارغا ئۈندىدارىمنى قالدۇرۇپ قوياي. ئاچچىقىڭلا كەپ قالسا چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا مەن مەسئۇل
QQ截图20180420120930.jpg
ھەقسىز مەسلىھەت ئۈندىدارىم

28ئادەم ئىنكاس يازدى

1760998027 ۋاقتى: 2018-4-20 14:12:17
مىنىڭچىمۇ تېلفۇن سېتۋالغاندا ماركىسىغا قاراپ ئولتاماي سەپلىمىسگىمۇ قاراپ قۇيۇشمىز كېرەك
1760903980 ۋاقتى: 2018-4-20 14:01:40
سىز تېلىفۇننى خېلى چۈشۈنىدىكەنسىز  سىزنىڭچە huawei nova3e  يانفۇنى قانداراق  مۇشۇ يانفۇندىن سېتىۋالاي دىگەن
ئەكبەر0997 ۋاقتى: 2018-4-20 14:17:12
ئوپپونىڭ مۇشۇ قېتىملىق يېڭى چىققان تېلفۇنىسى R15نىڭ CPU سىغىلام قاراڭلا MTKنى سەپلەپ قۇيۇپتۇ. تاشقى قىياپىتى بەك چىرايلىق بولغاندىكىن ئىچىگىمۇ سەل كۈچەپ قويسا بولاتتى.
ئۆتمۈش123 ۋاقتى: 2018-4-20 14:36:40
دىمىسىمۇ ئوپپو ئوپپو دىگەن بىلەن تاشقى شەكلىدىن باشقا بىر ۋاي دىگىدەك يىرى يوق،  سەپلىگەن سېستىمىغا قارىغاندا پۇلىسى قىممەت
0996faruk ۋاقتى: 2018-4-20 14:57:09
ئېلانچىلىق شىركىتى ئاچسا ياخشى بۇلاركە

OPPO A79
دىن بىرنى ئالغان چىراي تۇنۇيدىكەن دەپ يېڭى چىققان ۋاقىتتا 2499يۈنگە ئالغان  يېڭى ۋاقىتتا يامان ئەمەستى ھازىر ئېغىرلىشىپ بىر تۇرىۋالسا تېخى قىتىپ
ئاكاممۇ شۇ ئېلانىغا قىزىقىپ ئالغان

باھا سۆز

بەك قىممەت ئاپسىز. mi6 كىلىدۇ پۇلىغا.  ۋاقتى: 2018-4-20 18:02
1389945 ۋاقتى: 2018-4-20 15:48:18
قارىسام تىلفۇنلارغا نىسپەتەن چۈشەنچىڭىز خېلى باركەن، سىزدىن سوراپ باقسام، مەندە 华为Mate9تىلفۇنى بار ئىدى، 白名单نى قوزغاتسام 白名单دىكى نۇمۇر لارنى قوبۇل قىلماي ھەممە تىلفۇننى چەكلەپ تۇرىۋالدى، بۇنى قانداق ھەل قىلغىلى بولامدۇ‎؟؟
14527885517 ۋاقتى: 2018-4-20 16:55:05
باشقىلار ياختۇردىمۇ يوخ بىلمدىم ئىشقىلىپ مىنىڭ بەكلا رايىم قايتىپ كەتتى
15599849184 ۋاقتى: 2018-4-20 17:46:36
مەن تىخى ئوپپو يانفۇنلىرى  خىلى ياخشى سىتىش بازىردا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم بۇ لانى كۆرۈپ ھىس قىلدىم
0903mutallip ۋاقتى: 2018-4-20 19:24:30
ھەممىدىن مۇھىمى دۇكان ئاچقۇچىلارغا ئايرىپ بىرىدىغان پايدىسى بەكلا كۆپكەن، ئايالىم R11 دىن بىرنى ئالىمەن دەپ پەقەت ئۇنىمىدى، سەپلىمىسى تۆۋەن باھاسى قىممەت دىسەم پەقەت ئۇنىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئورگان تورىغا قارىسام 3099يۈەنكەن، شۇنىڭ بىلەن خىزمەتدىشىم خوتەندىن ئالغىن مەن دىيىشىپ بىرەي دىدى، شۇنىڭ بىلەن دىيىشىپ قويغان دۇكانغا بېرىپ 2450 يۈەنگە بىرنى سېتىۋالدىم، باھا تالاشسما زاۋۇتتىن كەلگەن باھادا بەردىم دىدى، شۇنىڭغا قارىغاندا دۇكانلارنىڭ ئالىدىغان پايدىسى بەكلا كۆپكەن.
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-4-20 20:59:11
مۇشۇ oppo, vivo نى چۈشۈرگەنلىك ئەمەس ئۈزىمىزنىڭ ماركىسى  لىكىن cpu غا پەقەت ئەھمىيەت بەرمىدى بۇلار ھېچ بولمىغاندا 晓龙820 نى ئىشلەتسىمۇ مەيلى ئىدى ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ 660 دەك ئوتتۇرا دەرىجىلىك cpu نى ئىشلىتۋاتسا قاتمامتى ئەمىسە
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-4-20 21:09:09
كۇلۇمدىكى s7 edge  تاق كامىرالىق R11plus قوش كامىرالىق لىكىن ئاپراتى ، سۈرئىتى  ئېكراندىنغۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ، بەكلا چېنىپ قالىدىكەن ،  قارىماققا سۈزۈك تارتقاندەك كۈرنىدىكەن ، لىكىن چوڭايتىپ تاتقاندا نىمىلىكىنى بىلگىلى بولمىغقدەك تارتىدىكەن ، يەنە كىلىپ ئاپراتى قارىماققا سۈزۈكتەك تۇرغان بىلەن بەكلا قۇپال ، سەت تارتىپ قۇيىدىكەن ، بىر دوستۇم ئاپتىكەن ، ئاپراتىنى ئېچىپ ماختىنىپ كەتتى ئۇ ، شۇنىڭ مەندىكى تىلفۇن بىلەن سېلىشتۇرغان شۇنداقراق ھىس قىلدىم ، جىسىمنىڭ ئەسلى ھالتىنى ئۆزگەرتىپ بەكلا قۇپال چوڭ تارتىۋىتىدىكەن ،  سۈرئىتىمۇ بەك ئاشتا مىنىڭ ئىچىم سىقىلىپ كەتتى  تېخى 6Gلىق رام باركەن ، مەندىكىسى 4G راملىق ئىدى ، تىلفۇن ئالقدىغانلار 小米 ياكى 一加 تىلفۇن ئېلىڭلار  ئاندىن پۇشايمان قىلمايسىلەر ،
-نادىر- ۋاقتى: 2018-4-20 21:57:20
تېلفۇننى ھەقىقەتەن چۈشەنگەچكە قايىل قىلارلىق يېزىپسىز،مەن يېقىندا تېلفۇن ئالاي دىگەن،راۋۇرۇستىن،باھاسى بىلەن ھېساپلاشمايمەن،تەۋىسيە قىلسىڭىز،مەن تېلفۇننى ئاسراپ ئىشلىتىمەن،ئاز دىگەندىمۇ ئىككى يىل ئىشلىتىمەن.
bengbash ۋاقتى: 2018-4-20 22:03:52
تاشقى قىياپىتى چىرايلىق دەپ ئالغانلارمۇ چىرايلىق يەرلىرىنى ئاسرايمەن دەپ قاپ كىيگۈزۈپ قويۇپ، چىرايلىق يېرىنى كۆڭلىدە بىلىپ خۇشال يۈرۈيدۇ.
izdzan0997 ۋاقتى: 2018-4-20 23:01:57
ماۋۇ تىما مېنىڭچەناھايتى ياخشى  بوپتۇ، بۇ oppo  vivo  دىگەن يانفۇنلار، خواۋېي شاۋمىلارغا قارغاندا سەپلىمىسى تۆۋەن، باھاسى بەكلا يۇقرىكەن، يانفۇن سېتىۋالغاندا تاشقى كۆرۈنۈشگىلا قارماي، سەپلىمىسىنىمۇ ئوبدانراق تەكشۈرۈپ سېتىۋېلىش كېرەككەن
ئەنسارىm ۋاقتى: 2018-4-20 23:15:04
بۇ تېمىنى ناھايتى توغرا يېزىپسىز،مىنىڭ قۇلۇمدا    荣耀7xتىن بىرسى باتى،خىزمەتدېشىمنىڭ oppo r11sباركەنتۇق،ئاپرارتىنى سېلىشتۇرۇپ باقامدۇق،دىسەم ماقۇل دەپتى،سېلشتۇساق،3000يۇەنلىك oppoدىن،قولۇمدىكى 1300يۇەنلىك روڭياۋ شۇنداق سۈزۈك تاتىۋەتتى رەسىم دىگەننى،
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-4-21 00:32:19
-نادىر- يوللىغان ۋاقتى  2018-4-20 21:57
تېلفۇننى ھەقىقەتەن چۈشەنگەچكە قايىل قىلارلىق يېزىپسى ...

مەن سىزگە بىر تىلفۇن تەۋسىيە قىلاي Oneplus يەنى   一加 6 يانفۇنى  ،  مۇشۇ 27 - چىسلا ئىلان قىلنىدىغاننىڭ گىپى بار ، يەنە ئازراق ساقلاپ شۇنى ئېلىڭ ، بەك ئىسىل چىقىدۇ  كۇۋالكۇمنىڭ بۇ يىللىق بايراقدار ئۈزىكى 845 سەپلەنگەن ، رام 6/8 روم 128/256  مۇشۇنداقراق كۆردۈم مەن  ئەنتۇتۇ يانفۇن باھالاش سۇپىسىدا ئىرىشكەن نۇمۇرىمۇ بەك يۇقىرى  راۋۈنلىق دەرىجىسى ئالاھىدە ماختاشقا ئەرزىيدۇ   شەكلىمۇ بىر خىل چىرايلىق ، دۆلتىمىز يانفۇنلىرى ئىچىدە  ئۈچ ماركا سېتۋېلىشقا ئەرزىيدۇ ، 华为 ,( Oneplus )一加  يەنە بىرسى  小米    مىنىڭ تەۋسىيەم  Oneplus 6  يەنە ئازراق ساقلاپ شۇنى ئېلىڭ
A_R_S_L_A_N ۋاقتى: 2018-4-21 05:24:51
ئوپپۇ ۋىۋونىڭ راسلا سەپلىمىگە كۇچىمەيدىغانلىقى راس ،ئەمما توكنىڭ ئۇزۇن يىتىشى بىلەن ئېكرانىڭ ياخشلىقغا گەپ كەتمەيدۇ،ھەممە ئادەم تىلفۇندا ئۇيۇن ئۇيناپ كەتمەيدۇ،بوپمۇ قىزلارنىڭ ئىشلىتشىگە ماس كىلدۇ دەپ ئۇيلايمەن،شياۋمنڭمۇ ئارتۇقچىلقى ھەم يىتەرسىزلىكى بار ئوپپۇ ۋىۋونڭمۇ ھەم شۇڭا بىراقلا بىر ماركنى بىر تەرەپلىمە كۆز قاراش بىلەن باھا بىرىش ياخشى ئەمەس، بولسا پالانى توربەت ياكى پالانى ئورگانىڭ سىتاستىكىسغا ئاساسەن ئوپپۇ تىلفۇنلارنىڭ سىتىلىشى ناچارلاشماقتا دەپ ئالسىڭىز ،ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارشى بولسا بۇنمۇ ھەم ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ ،ئۆزۇم تۇرۇشلۇق كىچىك بىر ناھىينى كۆزدە تۇتسام ئوپپۇ تىلفۇنلىرنىڭ سىتىلىشى داۋاملىق ئاشماقتا دەپ قارايمەن ،ئوپپۇ ۋىۋو تلىفۇنلىرى ئىلان ۋە مۇقىم دۇكانلىرىغا تاينىپ بازار ئىگەللەۋاتىدۇ،باھا چۇشۇش مەسلىسى ئاساسەن باشقا تىلفۇنلاردا بار يېڭى چىققاندا قىممەت كىين ئەرزانلايدىغان ئىشلار،ناچار نەرسىلەر ھامان بازاردىن شالىنپ كىتدۇ مەنچە بولسا تىلفۇن سىتۋالغاندا سەپلمە قوغلىشىدىغانلار ،ئۇيۇن ئۇيناشقا ئامراقلا شياۋمى ،يىجىيا تىلفۇنلىرىنى تالىسا بولىدۇ ،ئاپرات جەھەتتە سەنشىڭ ،خۇاۋي ،ئالما تىلفۇنلار تالىسا بولىدۇ،تىلفۇن بىلەن كۇپ ئىتشمايمەن نۇرمال ھاجىتىمدىن چىقسا توكى ئۇزۇنراق يەتسە بولىدۇ دىگەنلەر ئوپپۇ ۋىۋونى تالسا بولىدۇ، مىنىڭ سىتاستىكامغا ئاساسلانغاندا بۆلۇمىدە ئالتە نەپەر ئادەم بار بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئادەمنىڭ قولىدا ئوپپۇ بار دوختۇرخاندا 200 ئادەم بار بۇلارنىڭ 90% پىرسەنتىدە ئوپپۇ بار ،5% تىدە ۋىۋو تىلفۇن ،قالغان5%تىدە شياۋمى ۋە مىيزۇ بار سەنشىڭ بىلەن ئالما ئاساسەن يۇق دىيەرلىك ،كۇپنچە تىلفۇندا ئىمتاھان بىردىغان ئىشلار بولغاچقا خىزمەتداشلىرىم تىلفۇنلىرنى يىنىمغا ئەكلىدۇ شۇنىڭغا قاراپ ئايرىدىم .  
music ۋاقتى: 2018-4-21 11:05:59
ئالما،ئوپپو،ۋېيۋو،مېيزۇ دېگەنلەرگە نېمىشقىكىن يېقىن يولىمايمە،بىر قېتممۇ ئىشلىتىپ باقمىدىم،بۇ بىرخىل ھېسيات،ياقتۇرماسلىق زاڭلىق قىلىش دېگەن گەپ يوق،پەقەت شۇ ئىشلەتكۈم يوق،يېقىندىن بېرى بۇ ھېسياتىمنىڭ توغرىلىقى يۇقىرى بولىۋاتىدۇ تېمىدا يېزىلغاندەك
2410nurali ۋاقتى: 2018-4-21 11:24:02
لىكىن مەن oppo تىلفۇنلارنىڭ توكىغا بەك قايىل
kalwaxum ۋاقتى: 2018-4-21 13:25:04
ئاتكاچىلىق بولسىمۇ دەپ قۇياي، بەزىلىرىڭلار ئالما، ئوپپو، ۋە ياكى باشقا تىلفۇنلارنى ئۇنداق مۇنداق دەپ سۆزلەپكىتىپسىلەر ھەر قانداق ئاندىرويىد تىلفۇن بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن ئېغىرلىشىپ كىتىشى ئۇ ھەقىقەت، بۇ پەقەتلە بىر ياكى بىر قانچە تىلفۇننىڭ مەسىلىسى ئەمەس. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ، ھەممە تىلفۇننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار. ئاساسلىق مەسىلە ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن تاللاش ئەڭ مۇھىم. مەسىلەن ھازىر بازاردىكى ئەڭ قىممەت ئالما تىلفۇننى مىسالغا ئالسا بىز پەقەت ئابدۇي قوغلىشىپلا ئالىمىز لىكىن 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئالغان تلفۇننىڭ ئىقتىدارىنىڭ 10%تىنىمۇ ئىشلەتمەيمىز بىزنىڭ پەقەت قىلدىغىنىمىز رەسىمگە چۇشۇش، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۇندىدار ئويناش، ئۇيۇن ئويناش قاتارلىقلار.شۇڭا مىنىڭچە بولغاندا ئۇ ماركىنى ئانداق بۇ ماركىنى مانداق دىمەي ئېھتىياجىمىزغا چۇشلۇقنى ئالساق بولىدۇ
TARQAT ۋاقتى: 2018-4-22 01:32:46
ئوپپو،ۋېيۋو نىڭ ئادەمنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان يىرى ئىلان تەشۋىقات،سىتىش ئۇسۇلىدا،چوڭ شەھەر دىن باشلاپ كىچىك بىريىزىغىچە ھەممە يەردە بۇلارنىڭ مەخسۇس سىتىش دۇككانلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ،سەپلىمە جەھەتتە دىگەندەك ياخشى بولمىغىنى بىلەن،بۇلار مەھسۇلات سىتىش دائىرسىنى ھەممە يەرگە كىڭەيتكەن،خىرىدار مەنبەسىگە بەك ئىتبار بەرگەن،شۇڭلاشقا پۇت تىرەپ تۇرۋاتىدۇ
tatlikim61 ۋاقتى: 2018-5-10 18:51:43
ئوپپو قىزلارنىڭ مەبىتى دەپ ئويلايمەن ، ئۇ شىركەتمۇ يامانكەن ، تاشقى سۈپەتىنى ئايالچە قىلىپ تۆۋەن سەپلىمە بىلەنلا ئىشلەپ بازارغا سېلىۋىرىدىكەن
eliyas1227 ۋاقتى: 2018-5-28 11:04:50
پۇلى يوق ئەدەمگىمۇ ساتىدۇ ئوپپو ۋىۋونى شۇڭا  بازىرى ياخشى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部