+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-4-17 19:08 6800 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ھەر خىل ئىش بىجىرىشتە، مېھمانخانىدا يېتىشتا، پويىز، ماشىنا بېلىتى سېتىۋېلىشتا كىملىك بولۇشى كېرەك، كىملىكنى ئۇنتۇپ قالساق ئىش بىجىرەلمەيمىز. كەلگۈسىدە يانفون بولسىلا كىملىك ئۇنتۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان مەسىللەرنى ھەل قىلالايمىز.
6365957483254902799132461.png
4-ئاينىڭ 17-كۈنى ج خ مىنىستىرلىكى بىرىنجى تەتقىقات ئورنىنىڭ كىملىك دەلىللەش سۇپىسى (CTID) دەلىللىگەن «كىملىك تور ئىقتىدارلىق ئىسپاتى» (居民身份证网上功能凭证) (قىسقارتىلىپ تور كىملىكى «网证» دېيىلىدۇ) تۇنجى بۇلۇپ ئالىپايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ھەمدە چۈجۇ، خاڭجۇ، فۇجۇ قاتارلىق ئۈچ شەھەردىكى سىناق نۇقتىلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا سىناق قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇزۇنغا قالماي بۇنى يەنە 4 مىليون ئادەم ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ تور كىملىكىنى كىملىكنى تەلەپ قىلدىغان ئورۇنلاردا ھەقىقى كىملىك ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
20180417_145247_621.jpg
ئالىپاي (支付宝) يانفون تېرمىنالىدىكى 卡包→证件 دېگەن يەردىن كۆرسەتمە بويچە چىرايىنى تۇنۇتۇپ سالاھىيىتىنى دەلىللىگەندىن كېيىن مەزكۇر ئادەم ئۆزىنىڭ «تور كىملىكى»گە ئىگە بولالايدۇ. ئىشلىتىدىغاندا تور كىملىكىنىڭ ئىككىلىك كودىنى ئېچىپ، سايىلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللىسە بولىدۇ.

微信图片_20180417185741.jpg

ئەمەلىيەتتە بۇ خىل «ئېلېكترونلۇق كىملىك» نىڭ ئالىپايدا بىرىنجى قېتىم چىقىرىلىشى ئەمەس. ئىلگىرى ئالىپايدا ئېلېكترونلۇق پىراۋا، ئېلېكترونلۇق سۇغۇرتا كارتىسى، ئېلېكترونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى... قاتارلىقلار چىقىرىلغان.

20180417_145450_433.jpg
بۇ تىزىملىكتىكىسى ئېلېكترونلۇق كىنىشكە مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغان شەھەرلەر.

ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، تور كىملىكى ھەقىقى كىملىكنىڭ ئورنىنى ئالمايدىكەن. پەقەت ساقلاشنى قولايلىقلاشتۇرۇپ، كىملىكنى ئۇنتۇپ قالغاندا زۆرۈر پەيىتتە ئىشلىتىلدىكەن. ھەم تور كىملىكى ئىنتايىن بىخەتەر بولۇپ، كىملىك يۈتۈپ كەتكەندە باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىش خەۋىپىنى ئازايتىدىكەن.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

HAKAN49520 ۋاقتى: 2018-4-17 21:57:53
ۋاھ ھەجەپ ياخشى بوپتىغۇ ، كىملىك مۇھىم بۇلىۋاتقان ھازىرقى مەزگىللەردە ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپ قالدىغان گەپكەن
چوغ ۋاقتى: 2018-4-18 20:11:35
ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ. بىزمۇ پات يىقىندا بۇ كىملىكنى ئىشلىتەلەيدىغان ئوخشايمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部