+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-4-16 15:07 4991 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
توكلۇق ماشىنا ھازىر پۈتۈن دۇنيادا قىزىق نۇقتا بولماقتا. يېقىلغۇ ماتورلۇق ماشىنىنىڭ ئورنىنى توكلۇق ماشىنا ئېلىش كەلگۈسىدىكى مۇقەررەر يۈزلىنىش. توكلۇق ماشىنا مۇھىت بۇلغىمايدۇ، توكنى قوياش ئېنېرگىيىسى، شامال ئېنېرگىيىسى، ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى... قاتارلىق كۆپ خىل پاكىز يوللار ئارقىلىق ھاسىل قىلىش مۇمكىن. ئەمما توكلۇق ماشىنىنىڭ زەرەتلەش مەسىلىسى بىر قىيىن مەسىلە. ئۇزۇن يولغا ماڭغاندا توك تۈگەپ كەتسە يولدا قالىدىغان گەپ.

15236826785082df68fdf24.jpg

3-ئاينىڭ 19-كۈنى مەركىزى تېلېۋزىيە ئىستانسسىنىڭ خەۋەر قانىلىدا مۇشۇ ھەقتە قالتىس خەۋەردىن بىرنى بەردى. يەنى دۇنيا بويچە تۇنجى بۇلۇپ يورۇقلۇق ۋولتلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دۆلىتىمىزدىكى شەندۇڭ جىنەندە ياسالدى. بۇ يول قوياش ئېنېرگىيىسىنى توكقا ئايلاندۇرۇپ ساقلىۋېلىپ، بۇ يولدا ماڭغان توكلۇق ماشنىنى زەرەتلەپ، توك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

15236827432634c70e0f2cb.jpg

بۇ يولنىڭ ھازىرقى ئۇزۇنلۇقى 1080 مىتېر. قوياش ئېنىرگىيىسىدىن توك ھاسىل قىلىدۇ. بۇ يول ئۈچ قەۋەت قۇرۇلمىدىن تەركىب تاپقان. ئەڭ ئۈستى قەۋىتى نۇر ئۆتكۈزدىغان سۈزۈك بېتون. چاق تېيىلمايدىغان قىلىپ لايھىلەنگەن. ئوتتۇرا قەۋىتىگە يورۇقلۇق ۋولت قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان. يەنى قوياش نۇرىنى توكقا ئايلاندۇردۇ. ئاستىنقى قەۋىتى ئايرىش قەۋىتى ئۈستىنكى قەۋىتىنى سۇ ۋە تۇپراقنىڭ تەسىرىدىن قوغدايدۇ.

152368270883369c9fd4e71.jpg
1523682724281f164b50c59.jpg

بۇ يولغا زەرەتلەش تۈۋرۈكى ئورنىتىلغان، كەلگۈسىدە سىمسىز زەرەتلەيدىغان ماشىنلار ئومۇملاشقاندا بۇ يولدا ماڭسا سىمسىز زەرەتلىندىكەن. نۆۋەتتە بۇ يورۇقلۇق ۋولتلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ قالغان، يىل ئاخىردا قاتناش باشلىنىش مۆلچەرلەنمەكتە.

1523682761140f0bd5a1da2.jpg

بۇ دۇنيا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى يەنە بىر تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى «Popular Mechanics» (ئاممىۋى ماشىنا) دا مۇشۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، «قۇياش ئېنېرگىيەلىك تاشيول ساھەسىدە جۇڭگولۇقلار يەنە بىر قېتىم بىزدىن ھالقىپ كەتتى» دېيىلدى.

3ئادەم ئىنكاس يازدى

oylan111 ۋاقتى: 2018-4-16 15:50:58
قالتىس  بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات ماشىنىدىلا ئەمەس بەلكى ،ھەرخىل ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرى ئۈستىدە يىراق ئارلىقتىمۇ سىسمسىز زەرەتلىنىش ئاشۇرۇلسا كىشىلەرگە تىخىمۇ قولايلىقلارنى يارىتىشى ئىنىقلا ئىدى،
司令 ۋاقتى: 2018-4-16 16:59:36
سىمسىز زەرەتلەش تېخنىكىسى تەرەققى قىلىۋاتىدۇ  ياخشى باشلىنىش
akbulut ۋاقتى: 2018-4-16 20:17:20
سىمسىز زەرەتلەش دىگەن wifi, كۆك چىشقا ئوخشاش مەلۇم دائىرىدە يۆتكەلسىمۇ بولىۋىرىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇ پەقەت سىمنى سىمغا بىۋاستە ئۇلىماسلىقنىلا كۆرسىتىدۇ. سىمسىز زەرەتلەشنىڭ پىرىنسىپى تىرانسىفۇرماتۇرنىڭ پىرىنسىپىغا ئوخشاش. شۇڭا ئۇنىڭ يۆتكىلىش دائىرىسى بەك چوڭ بوپ كەتسە، توك بىسىمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قاتىغاندا، توك چىقىرىدىغان يولدا پەقەت شۇ يولغا ماسلاشتۇرۇپ ياسالغان توكلۇق ماشىنىلار ماڭمىسا توك قۇبۇل قىلىشىغا تەسىر قىلىدۇ. دىمەك بۇ يولنىڭ ئۇموملىشىشى تېخى يىراقتىكى گەپ. ئەمما يېڭىلىق تۇيغۇسى بەك كۈچلۈك تۈركەن. تېمىڭىزغا رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部