+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-4-14 15:51 6091 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 2G تورىنى تاقاش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى. 4-ئاينىڭ 12-كۈنى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشچە، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى مەلۇم ئۆلكىلىك شىركىتى 2G ئاساسىي پونكىت ۋە چاستوتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىغان. ئالدىنقى قېتىم خەۋەر قىلغاندەك باشقا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىمۇ 2G تورىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

20180412_093256_986.jpg

ئۇنداقتا 2G تورىنى تاقىسا يانفون ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟
1. پەقەت 2G تورىنىلا قوللايدىغان كونا يانفوننى چوقۇم ئالماشتۇرۇش كېرەك. 2G تورىنى تاقىۋەتسە پەقەت 2G تورىنىلا قوللايدىغان يانفونلار تورغا چىقىش ئەمەس، ھېچقانداق سىگنال چىقمايدۇ، سۆزلەشكىلىمۇ بولمايدۇ. چوڭلار ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكىلىق يانفونلار ئاساسەن شۇنداق، پەقەت 2G تورىنىلا قوللايدۇ. شۇڭا ئۇنداق يانفوننى 3G\4G قوللايدىغان يانفونغا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

7bce000115b18b0f0467.jpg

2. يانفونى 3G\4G تورىنى قوللايدىغان، ئەمما پەقەت 2G كەسپىنى بىجىرگەن ئىشلەتكۈچىلەر يانفوننى ئالماشتۇرمىسىمۇ بولىدۇ، 2G تورىنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە بېرىپ 2G كەسپىنى 4G گە ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
بالىلار قول سائىتى، ھەمبەھر ۋېلىسپىت دېگەندەك 2G نىلا قوللايدىغان باشقا ئۈسكۈنىلەرنىمۇ ئالماشتۇرۇش كېرەك. بولمىسا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا نۆۋەتتە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 2G ئىشلەتكۈچىلىرى ئومۇمى ئىشلەتكۈچىنىڭ %2 نى ئىگىللەيدىكەن. 2017-يىل يىل ئاخىرغىچە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ جەمئىي ئىشلەتكۈچىسى 280 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2G ئىشلەتكۈچىلىرى 5 مىليون ئەتراپىدا. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ 5 مىليون ئادەم يانفون ئالماشتۇرمىسا ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە بېرىپ 4G كەسپىگە ئالماشتۇرمىسا يانفوننى ئىشلىتەلمەيدۇ.

ئىزاھات: 4G ياكى  5G  گە ئائىت يازما يېزىلسىلا بەزى تورداشلار 4G بولمىسا... ئۈچ جىدىن بىراقلا 5 جىغا سەكرەمدىكەنمىز... دېگەندەك ئىنكاسلارنى يازىدىكەنسىلەر. يانفونىڭىزنىڭ 4G تورىغا ئۇلانماسلىقى 4G تورنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرمەيدۇ.

4ئادەم ئىنكاس يازدى

13139744004 ۋاقتى: 2018-4-14 16:46:46
بۇمۇ بەلەن بوپتۇ 2G تورىنى تاقاپ ئۇ تورغا ئىشلەتكەن مەبلەغنى 4G تورىغا ئىشلەتسە تېخىمۇ ئومدان بولغۇدەك بۇ بىر ياخشى ئىش
تەشنا4433 ۋاقتى: 2018-4-14 20:26:53
كۆپ رەھمەت تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرۋاتىمەن بۇ 2G تورنى تاقاشنى
komsar ۋاقتى: 2018-4-16 13:41:06
كۆچمە خەۋەرلىشىشمۇ تاقايدىغان بوسا 500مىليوندىن كۆپرەك ئابونتىدىن بىراقلا ئايرىلىپ قالىدۇ، چۈنكى كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 2جى تورىلا ئاستا بولسىمۇ نۇرمال ئىشلەيدۇ، 3جى تورى پەقەت شەھەر مەركىزىدىلا ئىشلەيدۇ
ababakri520 ۋاقتى: 2018-4-23 00:53:01
ئىككى جى تورنى تاقاش چوقۇم ئۈچ جى ، تۆت جى ، بەش جىي تورنىڭ سۈرئىتىنىڭ تىخىمۇ تىزلىشىشىدىن دىرەك بەرمەيدۇ . مىنىڭچە بۇ پەقەت بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ چىقىم تىجەش ئويۇنى خالاس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部