+تېما يوللاش
stilly يوللانغان ۋاقتى:2018-4-13 17:38 4119 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
github-10.jpg

2005 - يىلى Linux سىستېمىسىنىڭ بەرپاچىسى Linus Torvalds ئەپەندى Git نامىدا ئاددىي ۋە قوللىنىشچان نەشىر كونتىروللاش پىروگراممىسىنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە ئ‍وچۇق كودلۇق مەنبە سۈپىتىدە ئېلان قىلدى .شۇنىڭدىن كىيىن Git نەشىر كونتىرول قىلىش پىروگراممىسى كەڭ تارقىلىشقا ۋە ئالقىشقا ئېرىشتى .

2008- يىلى 4-ئايدا سىلتىسي جىلغىسىدىكى ئۈچ نەپەر ياش Git تېخنىكىسىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشىپ ، رەسمىي ھالدا GitHub تور بېكىتىنى ئېلان قىلدى . لىكىن ئەينا ۋاقتا ئۇلارمۇ GitHub نىڭ ھازىر ئېنتىرنىتتا  ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن پىروگرامما ئاچقۇچىلار دۇنياسىغا ئايلىنىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى . كۆزنە يۇمۇپ ئاچقىچە مانا 2018-يىلى 4 -ئاي دەل GitHub نىڭ 10 ياشقا تولغان خاتىرە كۈنى بوپ قالدى .

تۆۋەندە بۇ 10 يىل جەريانىدىكى GitHub دا يۈز بەرگەن بىر قانچە ۋەكىل خارەكتىرلىك ۋەقەلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى .

2008-يىلى 4- ئاينىڭ 3-كۈنى Ruby on Rails تۈرى كودىنى GitHub قا تاپشۇردى . بۇ تۈر GitHub دىن ئورۇن ئالغان تۇنجى تۈر بوپ قالدى .
2009-يىلى ئىجاد قىلىنغان بىت پۇلى كودى 2010-يىلى GitHub قا كۆچۈپ كىردى ۋە نۇرغۇنلىغان مەۋھۇم پۇل تۈرىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە تۈرتكە بولدى .
2009-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى Node.js رەسمىي نۇسخىسى GitHub تا ئېلان قىلىندى ۋە JavaScript نىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى . 2012 -يىلى JavaScript تىلى GitHub تا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن پىروگرامما تىلى بوپ قالدى .
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى GitHub جەمئىي ئابونتى 3 مىليونغا يەتتى .
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى  Docker 1.0 تۈرى GitHub دا ئېلان قىلىندى .
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى مىكروسوفىت GitHub دا .Net سۇپىسىنى ئوچۇق كودلۇق قىلدى .
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى Python تۈرى GitHub دىن ئورۇن ئالدى .
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى گوگول شىركىتى ماشىنا ئۆگىنىش تىلى رامكىسى TensorFlow تۈرىنى ئېلان قىلدى.
2017-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە GitHub قا ماكانلاشقان پايدا ئالمايدىغان ئورۇن ۋە تەشكىلاتلار سانى 30 مىڭغا يەتتى .
2017-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى GitHub قا 100مىلياردئىنجى قېتىملىق pull request تاپشۇرۇلدى .
2018-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى GitHub ئۆزىنىڭ 10 ياشقا كىرگەنلىك قۇتلۇق كۈنىنى كۈتىۋالدى .

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما  : https://github.com/ten   
https://learnfans.com/post/111

4ئادەم ئىنكاس يازدى

mahmudbahg ۋاقتى: 2018-4-13 23:12:05
سىلىتسىي جىلغىسى دىگەن ئاتالغۇ خاتا بوپ قالدىمۇ نىمە ؟ ئەسلى كىرىمىنىي جىلغىسى دىيىلىدىغاندۇ ؟ ۋەياكى ئاشۇنداق يەنە بىر جايمۇ بارمۇ ؟ بىلەلمەي قالدىم
stilly ۋاقتى: 2018-4-14 14:34:18
mahmudbahg يوللىغان ۋاقتى  2018-4-13 23:12
سىلىتسىي جىلغىسى دىگەن ئاتالغۇ خاتا بوپ قالدىمۇ نىمە ؟ ...

راس خاتا بوپ قاپتۇ ، تۈزەتكىنىڭىزگە رەھمەت
elbilge ۋاقتى: 2018-4-21 23:28:22
سىلتىسىي بىلەن كىرىمنىي بىر گەپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部