+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-4-12 17:08 4861 قېتىم كۆرۈلدى 14 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن شاڭخەي شەرق تەنتەربىيە سارىيىدا خۇاۋېي P20/P20 Pro دۆلەت ئىچى نەشىرى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ يانفون «دۇنيا بويچە رەسىم تارتىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفون»

s_a46f7d59844c4cd49146070a7fe511b2.jpg

خۇاۋېي P20 Pro غا ئۈچ دانە لېيكا كامېرا سەپلەنگەن. يەنى 40 مىليون پىكسېللىق رەڭلىك+20 مىليون پىكسېللىق رەڭسىز+8 مىليون پىكسېللىق ئۇزۇن فوكۇسلۇق ئۈچ دانە كامېرا سەپلەنگەن.

20180412_150742_423.jpg

نۇر سەزگۈچ سېنزورنىڭ ھەجىمى 1/1.7 دىيۇم، نۇر سىزىشچانلىق دەرىجىسى ISO 102400 گە يېتىدۇ. ئۈچ ھەسسە ئوپتىكىلىق فوكۇس توغرىلاش، بەش ھەسسە ئارىلاش فوكۇس توغرىلاش، 10 ھەسسە رەقەملىك فوكۇس توغرىلاشنى قوللايدۇ. 960 فىرام ئاستا سىنغا ئېلىشنى قوللايدۇ. يەنى كىنولاردىكىدەك ھەرىكەتنى ئاستىلىتىپ سىنغا ئالالايدۇ. كەچ ۋاقىتلىرى قاراڭغۇدىمۇ ئىنتايىن سۈزۈك، ئېنىق رەسىمگە تارتىدۇ.

20180412_150828_486.jpg

20180412_151842_215.jpg


سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە پورىسچى لايىھەسى قوللىنىلغان.

20180412_160752_4.jpg
20180412_142134_766.jpg

20180412_103603_600.jpg

قاتتىق دېتال سەپلىمىسى: بۇ يانفونغا بوبرا كىيىك 970 سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدارلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 6GB ئىچكى ساقلىغۇچ،  2K ئېنىقلىقتىكى OLED يۇمشاق ئېكران ئىشلىتىلگەن. P20 نىڭ ئېكرانى 5.8 دىيۇم، P20 Pro نىڭ ئېكرانى 6.1 دىيۇم.

20180412_153526_823.jpg

20180412_152730_774.jpg

باتارىيەسى P20 نىڭ 3400mAh ـ P20 Pro نىڭ  4000mAh ، سىمسىز تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. سىمسىز زەرەتلەش سۈرئىتى iPhone X تىن %80 تېز.

20180412_161016_797.jpg

بارماق ئىزى سېنزورى ئېكران ئاستىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان. ئېكراننى چەكسىلا بارماق تونۇيدۇ.

20180412_160935_836.jpg

سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدار (AI) يانفوننىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا قوشۇۋېتىلگەن. رەسىمگە تارتىش، توك تېجەش، يانفون تەڭشەكلىرىنى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇش، سۆزلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدار رولىنى جارى قىلدۇردۇ. AI سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدارنىڭ يەنە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى بار.

20180412_155417_516.jpg

قوش كارتا 4G ۋە قوش VoLTE نى قوللايدۇ. ئاساسى كارتا، قوشۇمچە كارتا دەپ ئايرىلمايدۇ. AR ئىقتىدارى بار. IP67 دەرىجىسىدا سۇدىن، چاڭ-توزاندىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ.

20180412_155443_580.jpg

باھاسى: خۇاۋېي P20 دۆلەت ئىچى نەشىرىنىڭ 6+64GB لىقى 3788 يۈەن، 6+128GB لىقى 4288 يۈەن؛ خۇاۋېي P20 Pro دۆلەت ئىچى نەشىرىنىڭ 6+64GB لىقى 4988 يۈەن، 6+128GB لىقى 5488 يۈەن؛
بۈگۈن كەچتە سېتىشقا باشلايدۇ.

بۇ قېتىمقى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىندا يەنە 华为Watch 2 سائىتى، MateBook X Pro كومپىيۇتېرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارمۇ ئېلان قىلىندى.

14ئادەم ئىنكاس يازدى

ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-4-12 17:14:14
خۇاۋېي بۇ قېتىمقى يانفونىدا باھا جەھەتتە ئازراق مۇرەسسە قىلغان ئوخشايدۇ. فوتو يان تېلېفونى دەپ مۇشۇ تېلېفوننى دېسە بولغۇدەك
0524 ۋاقتى: 2018-4-12 17:35:53
چىراي تونۇش ئىقتىدارى تېمىدا تىلغا ئېلىنماپتۇ دېسە. ھەممە ئىقتىدارلىرى تولۇق ھەقىقىي بايراقدار تېلفون بوپتۇ بۇ تېلفون.
ablatjan0997 ۋاقتى: 2018-4-12 17:50:03
دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا گەپ كەتمەيدۇ ، دوستلار خۇاۋېي تېلېفونى بۈ قېتىم باھا پەرقىنىمۇ ئازراق پەرقلەندۈرگەن ئوخشايدۇ . بولسا ئىقتىدارى يۇقىرى ، باھاسى ئەرزانراق چىقسا نېمىدېگەن ياخشى ، ھەممىمىز دۆلىتىمىزنىتېلېفوننى ئىشلەتسەك ھە.
-نادىر- ۋاقتى: 2018-4-12 19:15:23
ھازىر قولامدا خۇۋاۋېي P9 plusبار ئىدى،تېلفۇن ئالماشتۇرۇش ئويىدا مۇشۇخۇۋاۋېي P20 pro نى كۈتكىلى خېلى ئۇزاق بولغان ئىدى،بۈگۈن ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن باھاسى سەل قىممەت بىلىندى،ئۇنىڭ ئالدىدا+ Sumsung S9+غا كۆيۈپ يۈرگەن،ھازىر ئۆزەمچە 7000غا سامسۇڭ س توققۇز پىلاسنى ئالسام بولامۇ ياكى 5000غا خۇۋاۋېي پى 20 پىرو نى ئالسام بولامۇ دەپ ئىككىنلەندىم،تېلفۇننى ياخشى چۈشىندىغان دوسلار تەكلىپ پىكىر بەرسەڭلە بوپتىكەن،رەھمەت·
ئۆتمۈش123 ۋاقتى: 2018-4-12 20:25:37
بۇ تېلفۇننىڭ باھاسى ئېلان قىلىشىنىڭ ئالدىدا تورلاردا ئالدىن زاكاس قىلسا 999 يۈەن ئېتىبار قىلىدىغانلىق ئۇچۇرىنى كۆرگەن زاكاس قىلايمىكىن دەپ بۇلۇپ 5_6 مىڭ چىكىتىپ قالسا بەك قىممىت توختاپ قالغىدەك دەپ بۇيرۇتمىغان، ئىسىت ئەسلى ۋاقتىدا زاكاس قىلىدىغان ئىشكەنتۇق .
KARWA5938 ۋاقتى: 2018-4-12 23:31:21
مىنىڭچە تىلپۇننىڭ ئىقتىدارى ۋە سەپلىمىسى ،ئاپراتى دىگەندەكلەرنى قوشسا بۇ تىلپۇن تىلپۇنلارنىڭ ،ئەڭ ئالدى بوپ قاپتۇ ،باھاسىمۇ مۇۋاپىق چىقىپتۇ ،،3700 يۈەن قىممەت ئەمەس ماۋۇ تىلپۇنغا نىسبەتەن ،مەنغۇ جىڭدۇڭ تورىدا تۆت بەش كۈن 9999 يۈەن دەپ كۆرگەندەك قىلغان ،ئويلىغىنىمدىن كۆپ ئەرزان چىقىپتۇ
alipalim ۋاقتى: 2018-4-12 23:35:26
تەرەقىيات دىگەن مانا ئۇلۇغ دۆلىتىمىز تەرەقىيات ئەھۋالى ياخشى  بۇندىن كىين تېخىمۇ ياخشى بولغۇسى
بىلگەك ۋاقتى: 2018-4-13 02:09:36
ئالما  X بازارغا سېلىنغاندا ئۇنىڭ ماڭلىيى ھەممىنىڭ مەسخىرە ئوبىكتى بولۇپ قالغان. ئەمما ھازىر بازارغا سېلىنغان يانفونلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك شۇ نۇسخىدا چىقىۋاتىدۇ. دىمەك ئالمىنىڭ شۇنداق لايىھە ئىشلىتىشىدە بىر ئەۋزەل نوقتا بولۇشى مۇمكىن.
murat338 ۋاقتى: 2018-4-13 06:07:21
……ئېكران  بارماق  تونۇيدىغىنى huawei lp20pro ئەمەس  ،ئېكران بارماق تونۇيدىغىنى huawei mate RS 1523570585297.png
Screenshot_20180413-060642.jpg
Screenshot_20180413-060651.jpg
-نادىر- ۋاقتى: 2018-4-13 10:03:34
KARWA5938 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-12 23:31
مىنىڭچە تىلپۇننىڭ ئىقتىدارى ۋە سەپلىمىسى ،ئاپراتى دىگ ...

سىز كۆرگەن 9999يۈەنلىكى HUAWEI mate rs

خۇۋاۋېي p 20 نىڭ باھاسى 4-ئاينىڭ20-كۈنى چىقتى تېخى
25yax ۋاقتى: 2018-4-13 13:43:41
بىرنى  ئېلىپ  بولغىچە يەنە  بىرسى يېڭلانسا، تەرەققىيات بەك تىز قايسىنى  ئېلىشنى  بىلمەيلا  قالدىم، باھا  ئۆسمەي بولسا چۈشسە ياخشى
KARWA5938 ۋاقتى: 2018-4-13 15:09:41
ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى خۇۋاۋېي يانفۇنلىرنىڭ ،باھاسى شىياۋمى يانفۇندەك تىز چۈشمەيدىكەن ئەمەسمۇ،بولمىسا باھاسى چۈشكەندە سېتۋالساق ،لىكىن بۇ تىلپۇنلارنىڭ باھاسى چۈشكىچە يەنە يېڭى تىپتىكى يانفۇنلار چىقىپ كىتىپ ئادەمنى ئىككىلەندۈرۈپ قۇيدىكەن
-نادىر- ۋاقتى: 2018-5-18 19:37:03
KARWA5938 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-13 15:09
ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى خۇۋاۋېي يانفۇنلىرنىڭ ،با ...

چۈشمىسە ياخشى ئەمەسمۇ،ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قالالىسا شۇ نوچى ،بولمىسا يېڭى چىققاندا ئالغانلارنىڭ قوسىقى كۆپمەمدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部