+تېما يوللاش
salam211520 يوللانغان ۋاقتى:2018-4-11 18:50 5716 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
Galaxy_S7edge_S7.png
ياخشىمۇ ئالىپداشلار !
ئۇزۇن بوپتۇ ئالپ تورىغا تېما يوللىمىغىلى ، بۇگۈن ئازراق بىكا ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ شەنشىڭ( s7edge( SM-G9350  نىڭ ئاندىروئىد 8.0 رومىنى ئالپداشلارغا ئىلىپ كەلدىم .
روم تىپى : Samsung Experience 9.0
روم ئاندىروئىد نەشىرى : Android 8.0
رومنىڭ چوڭ كىچىكلىكى :1.5G ۋە 180.1MB
رومنى قاچىلاش ئۇسۇلى :
    بۇ روم بولسا ئىگە تەرەپ رومى بولۇپ يانفۇننىڭ نەشىرى چۈقۇم  ئاندىروئىد 7.0 نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى بولىشى كىرەك (يەنى G9350ZCU2BQL3 بۇ نەشىرى ).
رومنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن سىرتقى ساقلاش كارتىسى (SD كارتا) غا كۆچۈرۈپ ئاندىن يانفۇننى رىكورىي ھالىتىگە كىرگىزىمىز (رىكورىغا كىرگۈزۈش ئۇسۇلى : ئاۋاز يوقىرلىتىش + مەنبە + ئۆي كونۇپكىسى )،ئاندىن رىكىرىغا كىرىپ بولغاندىن كىيىن قوش تازلاش ئىلىپ بارىمىز (ئىلىپ بارمىساقمۇ بولىدۇ ،لىكىن  قوش تازلاش ئىلىپ بارساق رومنىڭ ئۈنىمى تىخمۇ كۆرىنەرلىك بولىدۇ ) يەنى   wipe data/factory reset بىلەن wipe cache pateition  نى ، ئەمدى رىكورىدىن install zip from sdcard نى تاللاپ باياتتىن بىز چۈشۈرگەن رومنى تاللايمىز ، رومنىڭ قاچىلىنىپ بولىشىغا تەخمىنەن يىرىم سائەت كىتىدۇ ، سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاڭ
ئەسكەرتىش : روم ئىككى قىتىم يېڭىلانغانلىقى ئۈچۈن ئىككى قىتىم يېڭىلاش ئىلىپ بارىمىز  ، باشتا  BQL3_CRC3_full_package.zip   بۇنى يېڭىلاپ يانفۇن تولۇق ئىچىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن  CRC3_CRC4_ota_pacakge.zip  بۇنى يېڭىلاش ئىلىپ بارىمىز . بۇ روم بولسا ئاشكارلىنىپ قالغان سىناق روم ھەم يېڭلاش بوغچىسى بولغاچقا يېڭىلاشقا بىرئاز ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدۇ .
بۇ رومنى تاۋباۋ سودا تورىدا ھەرخىل باھالاردا ساتقىلى تۇرۇپتۇ ، بۇگۈن مەن سىلەرگە ھەقسىز ئىلىپ كەلدىم
مەن ئىشلىتىۋاتقان خەت نۇسقىسى :
拼音字体.part1.rar (1.9 MB, چۈشۈرۈش سانى: 162)

11ئادەم ئىنكاس يازدى

2635210282 ۋاقتى: 2018-4-11 21:13:26
ياخشى تېما بوپتۇ،ئالدىرمىساق  زاۋۇت تەرەپ ئاندىرويىد نى 8گە كۈتىرەتتى،
ئەمما بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بۇرۇنراق ئىشلەتكەچ تۇرساق بۇلىدۇ.
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-4-11 23:00:18
ھى ھى  ۋاھ نىمىدىگەن ياخشى مەن ئۈچۈنلا يوللاپسىز ، ھەراس مۇشۇ ئاينىڭ 13- كۈنى  يەنى ئىككى كۈندىن كىيىن  s7 يۈرۈشلۈكىگە ئورگان تەرەپتىن ئىۋەتەرمىش  ئەگەر ئىۋەتمەي قالسا مۇشۇنى قاچىلاپ ئىشلىتەي ، يەنە ئىككى كۈن قالدى ئەمەسمۇ ، لىكىن ماۋۇ رومنى يوللاپ بەك خوش قىلدىڭىز جۇمۇ ئادەمنى دىمەك ، راستىنلا 13- چىسلا ئىۋەتىپ قالامدۇ نىمە  مەن تېخى دۆلەت نەشىرىگە ئىۋەتمەسمىكى دىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا دۆلەت نەشىرنىڭمۇ پۈتۈپ قاپتۇ دە ،  كۆپ تەشەككۈر جۇمۇ بۇرادەر سىزگە
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-4-12 17:09:49
مۇمكىن بولسا دوسلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن قوشۇمچە ھۆججەت تەمىنلىگەندە zip شەكلىدە پىرىسلاپ تەمىنلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،

zip بولسا خەلىقئارادا ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىدىغان، ئوچۇق مەنبەلىك ھۆججەت پىرىسلاش ھىساپلاش ئۇسۇلى،
ھازىرغىچە ئىنتايىن كۆپ سانلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى، ھۆججەت باشقۇرغۇچ قاتارلىقلار سۈكۈتتە قوللايدۇ،
ئىنتايىن كۆپ ساھەلەردە ئىشلىتىدۇ، (ئەڭ ئاددىيسى apk ھۆججەتنىڭ ئۆزىمۇ zip شەكىلدىكى پىرىس ھۆججىتى، Java نىڭ پروگرامما بوغچىسى jar ھۆججەتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، قاراپ باقىدىغان بولساق بۇنىڭدەك مىساللار ئىنتايىن كۆپ،)
ئەمما rar بولسا شەخسىي ھەم ئوچۇق مەنبەلىك بولمىغان تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى، قانۇنلۇق ھوقوق بىلەن ئىشلىتىش ئۈچۈن سىتىۋىلىپ ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ،
بۇ ھۆججەت فورماتىنى ھەر قايسى مەشغۇلات سىستېمىلىرى، كۆپ سانلىق ھۆججەت باشقۇرغۇچلار سۈكۈتتە قوللىمايدۇ،
مەسىلەن مانا ھازىر مەن Mac os x نىڭ ئالدىدا سىز تەمىنلىگەن بۇ ھۆججەتنى پىرىستىن يىشىشكە ئامالسىز قالدىم،
ھەم Linux مەشغۇلات سىستېمىلىرىغىمۇ بۇ فورماتنى قوللىتىش ئۈچۈن سىرىتتىن قوشۇمچە بوغچىلارنى قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ،

tar.gz فورماتى Linux مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سۈكۈتتىكى فورمات، ئەمما Windows نىڭ بۇنىڭغا سۈكۈتتىكى قوللىشى يوققۇ دەيمەن،

شۇڭا دوسلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن باشقىلارغا ھۆججەت تەمىنلىگەندە ئەڭ قۇلايلىق بولىشى ئۈچۈن zip شەكلىدە پىرىسلاپ تەمىنلىشىنى، ئەگەر ئالاھىدە سىغىمىنى قىسىپ كىچىكلىتىش ئىھتىياجىغا توغرا كەلگەندە 7z فورماتىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن،
13139744004 ۋاقتى: 2018-4-12 22:13:48
بۇ سامسۇڭ زە تېلفۇنلىرى ياخشى بىراق نەشىرىنى يېڭلىشى بەكلا ئاستا ھەرقايسې يۈرۈشلۈك تېلفۇنلىرنى تېزراق ئاندىرود 8.0 يېڭلىسا بۇلتې نىكەم مەن كۈتۈۋاتقىلى
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-4-13 19:58:58
قوش تازلاش ئېلىپ بارساق ناخشا كىنو رەسىملەر يۇيلۇپ كىتەمدۇ ياقمۇ ، تازلاش ئېلىپ بارماي قاچىلساقمۇ بۇلىۋىرەمدۇ
ئۆزباش ۋاقتى: 2018-4-13 20:45:07
خەت نۇسقىسىدا پىرىستىن يىشىش شىفىرى باركەن
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-4-20 21:00:46
مەن ئاخىرى قاچىلۋالدىم  ھەقىقەتەن پەچەتكەن ، سۈرئىتى خېلى تىزلەشكەندەك ھىس قىلدىم يەنە بىر قانچە ئىقتىدارلار قۇشۇلغان چىراي ، ئىشقىلىپ بىر خىل يېقىشلىق بوپتۇ ، رەھمەت جۇمۇ دوستۇم
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-4-21 01:00:52
Screenshot_20180421-005859_Android Easter Egg.jpg

مانا سەككىز ئاياقنىڭ سۈرىتى چىقىدىكەن  8.0 بولغاچقا سەككىز ئاياقنى كىرگۈزگەن چىراي
پەخرىم110 ۋاقتى: 2018-4-21 16:42:20
دوسلار مىنىڭ يانفۇنۇم سەنشىڭ s7 edge  نىڭ  تاق كارتىلىق  يەنى   g935v  نۇسقىسى ئىدى،    ھازىرقى نەشرى  6.0    يا بىر  يېڭىلاش  ئۇچۇرى يۇق،    ماۋۇ  سىستىمىنى چۈشۈرۈپ  قاچىلىساممۇ  بۇلامدۇ ياكى  قانداق قىلىش كىرەك
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-4-23 10:29:24
سىزنىڭ دىگەن ئامرىكا نۇسخىكەن ، بۇ دىگەن دۆلەت نەشىرى g9350 نىڭ رومى ، بۇنى يازسىڭىز تىلفۇنىڭىز ئېچىلماسلىقى مۇمكىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部