+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-4-10 18:07 6692 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئادەتتە تورغا ئۇلاش ئۈچۈن مەخسۇس تور سىمى ياكى سىمسىز WiFi ئىشلىتىمىز. بۇلار بولمىسىمۇ توك سىمى ۋە توك بولسىلا تورغا ئۇلىغىلى بولىدىغان يەنە بىر ئامال بار.
توك روتېرى (电力猫)دەيدىغان بىر ئۈسكۈنە بار. روزېتكىغا چېتىپلا قويسا تورغا ئۇلىنىدۇ. يەنى تور تارقىتىدىغان يەردە روتېرنىڭ بىرسىنى تورغا چېتىپ روزېتكىغا چېتىپ قويىسىز، ئاندىن شۇ دائىردىكى خالىغان بىر روزېتكىغا يەنە بىر روتېرنى چېتىپلا تور قۇبۇل قىلسىڭىز بولىدۇ.
微信图片_20180410175238.jpg
ئائىلە، ئىشخانىلاردا تور سىمى ئورنىتىلغان بولسىغۇ كومپىيۇتېر ۋە روتېرلارنى شۇ تور سىمىغا چېتىپ تورلاشتۇرساق بولىدۇ، ئەمما تور سىمى ئورنىتىلمىغان بولسا قايتىدىن تور سىمى تارتىش بىر ئاۋارىچىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىننەتلەپ بولغان ئۆيگە تور سىمى تارتىمەن دېسە تامنى زىدە قىلسا بولىدۇ ياكى ئۆينى سەتلەشتۈرۈپ تور سىمىنى قالايمىقان تارتىشقا توغرا كېلىدۇ. توك سىمى تامنىڭ قېتىغا ئېلىۋېتىلگەن، شۇ توك سىمىدىن تور سىمى ئورنىدا پايدىلانساق بولىدۇ.

bk_ca9deeeae6ba4dd845f2c29dcc4de39a_UDVSq7.jpg

بۇ خىل توك روتېرىدا تور تارقاتسا بىر توك سائىتى ئىچىدە ئىشلەيدۇ. يەنى سىزنىڭ ئۆيېڭىزدىكى تور توك سائىتىڭىزگىچە بېرىپ، ئۇنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ. دېمەك بىخەتەر بولىدۇ. سىمسىز WiFi غا ئوخشاش ئەتراپىمدىكىلەر تورىمدىن پايدىلىنىپ كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرىمەيسىز. WiFi غا سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇردا تام ۋە باشقا توسالغۇ قىلدىغان نەرسىلەرنىڭ سىگنالنى توسۇۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

微信图片_20180410175248.jpg

توك روتېرنىڭ ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈش ئارىلىقى بىر توك سائىتى دائىرسى ئىچىدە 300 مىتېردىن ئاشىدۇ. ئادەتتىكى تور سىمىنىڭ ئادەتتە 100 مىتېر ئەتراپىدا.
تور روتېرىنىڭ تور سۈرئىتى 1200Mbps گە يېتىدۇ، بۇمۇ ئادەتتىكى تور سىمىدىن تېز.
جىڭدوڭ ياكى تاۋباۋغا 电力猫 دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدىتىپ باشقا تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.

10ئادەم ئىنكاس يازدى

AZIZJANIM ۋاقتى: 2018-4-10 18:23:38
.بۇلدىغان ئىشكەن، مەن ئەكەلتۇرۇپ سىناپ باقسام بولغۇدەك
yn181 ۋاقتى: 2018-4-10 18:45:08
ۋاھ نىماندا ئېسىل تىما  بۇ قولڭىزغا دەت كەلمسۇن
sardar0998 ۋاقتى: 2018-4-10 19:52:23
بۇ ئۈسكىنە بىر ئۆيدە تور بولسا شۇ ئائىلدكى باشقا ئۆيدە تور بولمىسمۇ لىكىن تور سىمى بولمىسمۇ  شۇ توك سائىتدىن چىقىپ كەتمىگەن ئاساستا  باشقا ئۆيدە ئولتۇرۇپ بۇ ئۈسكىنە ئارقىلىق توكقا چېتىپ قۇيۇپ بىر ئائىلە كىشلىرى ئورتاق پايدىلنىش دىگەن گەپ ئىكەن
چېلىشچى ۋاقتى: 2018-4-10 22:25:11
بۇ نەرسىنى مەن ئىشلىتىۋاتقىلى 5 يىلدىن ئاشتى. لېكىن ئاجىزلىقى بىر توك سائىتى بولسىمۇ ئەگەر ئارىلىقتا بىر تال بىخەتەرلىك ساقلىغۇچى
保护机 بولسىلا
ئىشلىمەيدىكەن.
paykar ۋاقتى: 2018-4-11 01:33:21
بۇ روتېر تۆت سىملىق توك توك يولىدىمۇ نورمال ئىشلەمدۇ؟
begtash ۋاقتى: 2018-4-11 01:55:43
چېلىشچى يوللىغان ۋاقتى  2018-4-10 22:25
بۇ نەرسىنى مەن ئىشلىتىۋاتقىلى 5 يىلدىن ئاشتى. لېكىن ئاج ...

保护机 دىگەن قانداق نەرسە ئۇ؟ خاتا يىزىپ قويدىڭىزمۇ قانداق؟
چوغ ۋاقتى: 2018-4-11 18:37:27
چېلىشچى يوللىغان ۋاقتى  2018-4-10 22:25
بۇ نەرسىنى مەن ئىشلىتىۋاتقىلى 5 يىلدىن ئاشتى. لېكىن ئاج ...

مۇمكىن بولسا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم، تىمىنى ئوقۇپ ئازىراق چۈشەندىم سىزدىن سوراپ باقسام بۇ رۇتىرنى توك بار ئەمما تور يوق ئۆيلەردە ئىشلەتكىلى بولامدۇ ؟ قوشنىلارنىڭ ئۆيىدىمۇ تور يوق بولغان شارائىتتا. ئەگەر قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە تور بار بىز مەخپى نۇمۇرنى بۈلمىسەك ئىشلەتكىلى بولامدۇ ؟ جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار رەھمەت.
بىلگار ۋاقتى: 2018-4-12 12:38:22
ئۆيېڭىزدىكى سىملىق تورنىڭ سىمىنى بۇ روتىرغا چېتىپ بۇنى توكقا چېتىپ،،،يەنە بىر ئېغىزلىق ئۆيېڭىزدىكى توكقىمۇ مۇشۇ روتىردىن بىرنى چېتىپ خاتىرە كومپيۇتېرىڭىزنى تور سىمى بىلەن روترغا چاتىدىكەنسىز تورغا چىقىدىكەنسىز.
kulgina ۋاقتى: 2018-4-18 00:36:01
يەنە يېڭى بىلىمكەن ئەسقاتقۇدەك لىكىن
سەل ئاۋارچىلىقمۇ قانداق ئىككى روتىرىر چىتىپ قويغاندىن بىر سىمسىز روتىرىر ئىشلۈتسەكلا بولدى ئەمەسمۇ  كۆپۈنچە ئۈسكىنىلەدە سىمسىز تور قوبۇللاش ئىقتىدارى با تۇرسا
约麦尔 ۋاقتى: 2018-4-21 20:15:39
بۇنىڭ  قۇبۇل  قىلىپ كومپىيوتىرغا تورسىمى چاتىدىغان  ئېغىزىغا روتىر چاتسا تور تاقىتالامۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部