+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-4-9 18:17 7125 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ھەمدە تولۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يەتتە تىكەن (北斗) يول باشلاش سىستېمىسنىڭ خەرىتە ئەپ دېتالى 1-مايدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.  بۇ يول باشلاش سىستېمىسى تېخىمۇ ئېنىق يول باشلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

微信图片_20180409175942.jpg

يەتتە تىكەن خەرىتىسى بولسا يەتتە تىكەن سۈنئىي ھەمراھىنىڭ يول باشلاش مۇلازىمىتى ئاساسىدىكى ئورۇن بەلگىلەش قورالى. ئۇ ئىشلەتكۈچىلەرنى تېخىمۇ توغرا بولغان ئۇرۇن ئۇچۇرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
نۆۋەتتە خەلقئارادا ئىشلىتىلىۋاتقان يول باشلاش سىستېمىلىرىدىن ئامېرىكىنىڭ GPS ، روسىيەنىڭ GLONASS ، ياۋروپانىڭ GALILEO (داڭلىق ئاستىرنوم گالىلىينىڭ نامى بېرىلگەن) قاتارلىقلار بار.

微信图片_20180409175950.jpg

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىز ئامېرىكىنىڭ GPS نى ئىشلىتىپ كەلگەن. ئەمدى دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇرۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇق، بۇ ھەممىمىزنىڭ پەخرى.
يەتتە تىكەن يول باشلاش سىستېمىسى ئۈچۈن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 29 دانە يەتتە تىكەن سۈنئىي ھەمرا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىغان. ئۇ سۈنئىي ھەمراھلار ئۆز-ئارا تورلىشىپ يول باشلايدۇ. ھازىر بىرىنجى باسقۇچلۇق خىزمەت تاماملاندى. ھازىر يەتتە تىكەن يول باشلاش سىستېمىسى ئاسىيا رايوننى قاپلاپ بولدى. بۇ يىل يەنە 8 دانە سۈنئىي ھەمراھ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلماقچى، شۇنداق قىلپ 2020-يىلى پۈتۈن يەر شارى بويچە ئۇرۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
يەتتە تىكەن يول باشلاش سىستېمىسنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى بىر مېتىرغا يېتىدۇ.  GPS نىڭ بولسا 10 مېتىر. يەتتە تىكەن يول باشلاش سىستېمىسنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى GPS تىن 10 ھەسسە يۇقىرى دېگەن گەپ.

微信图片_20180409175953.jpg

بۇ سىستېمىنىڭ ئەپ دېتالىنى يانفونلىرىمىزدا ئىشلىتەلەمدۇق؟
يول باشلاش سىستېمىسنىڭ ئەپ دېتالى نورمال ئىشلىشى ئۈچۈن قاتتىق دېتالى سۈنئىي ھەمرا سىگنالىنى قۇبۇل قىلىپ، يېشەلىشى كېرەك. نۆۋەتتە بازاردىكى خۇاۋېي، شىياۋمى، سامسۇڭ، مېيزۇ، ئوپپو قاتارلىق كۆپ ساندىكى يانفونلارنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى يەتتە تىكەن سىستېمىسىنى قوللايدىكەن. ئالما يانفونلار قوللىمايدىكەن.

9ئادەم ئىنكاس يازدى

margan65 ۋاقتى: 2018-4-9 18:34:07
بۇمۇ بىر يېڭى باشلىنىش بولۇپتۇ ، ئۇنداقتا بۇ ئەپنى ھەقسىز ئىشلىتەلەمدۇق يوق؟
r0998 ۋاقتى: 2018-4-9 18:46:21
ۋاھ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ مەن ۋەتنمدىن ئىنتايىن پەخرلىنمەن يەنمۇ ياخشى نەتىجلەرنى قولغا كەلتۇرشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
@بەخىت ۋاقتى: 2018-4-9 18:59:14
نىمىگەن ياخشى!دۆلىتىمىزنىڭ تىخىنىكىسى كۈندىن كۈنگەن ياخشىلنىۋاتىدۇ.
oylan111 ۋاقتى: 2018-4-9 19:05:07
قالتىس ،مەن تىخى  GPSنى ئىلىمىز تەمىنلىگەن دەپ ئويلاپ كەلگەن ،مۇشۇ دەۋىرنىڭ شاھىدى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن،ئىلىمىزنىڭ تىخىمۇ گۈللەپ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بىركىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن .
ablatjan0997 ۋاقتى: 2018-4-9 23:41:34
پاھ ، ناھايىتى ياخشى ئىش بولۇپتۇ ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا گەپ كەتمەيدۇ جۇمۇ ، دوستلاربولسا مۇشۇنى تېلېفونىمىزغا يېشىپ ئىشلىتەلىسەك ھەقسىز تورسىزمۇ ئىشلىتەلەمدۇق ياكى ھەقلىق ئىشلىتەمدۇق ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن بىلىمىزدە دوستلار. ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۆپ تەشەككۈر ، ياشناپ كىتىڭ ۋەتىنىم جوڭگۇ.
3131446363 ۋاقتى: 2018-4-10 10:26:37
ۋەتىنىمنىڭ كۈندىن كۈنگە تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ياشاپ كەت ئۇلۇغ ۋەتىنىم جۇڭگۇ
oguzbag ۋاقتى: 2018-4-11 18:36:45
راستىنلا قالتىس خەۋەركەن تېخىمۇ كۆپ غەلبىلەر يار بولسۇن ۋەتىنىم
扎瓦1288 ۋاقتى: 2018-5-5 13:13:28
چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقمىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部