+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-4-6 13:26 5381 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئالىپاي ۋە ئۈندىداردا تېنچ كودنى سايىلەپ چىقىم قىلىشتا بىر كۈنلۈك چەكلىمە 500 يۈەن قىلىپ بەلگىلەندى. بۇ بەزى كۆپراق پۇل خەجلايدىغانلارغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى.
微信图片_20180406132424.jpg
ئۈندىدار بۇ چەكلىمىگە قارىتا يېڭى ئىقتىدار قوشۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بىر كۈندە 500 يۈەندىن كۆپ چىقىم قىلىشىغا قولايلىق ياراتتى. يەنى ئۈندىدارنىڭ 6.6.6 نەشىرىگە يېڭى بىر ئىقتىدار قوشۇلدى. تېنچ كودنى سايىلەپ چىقىم قىلغان پۇل سوممىسى 500 يۈەندىن ئاشقاندا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتىش چىقىپ، بىر ھەرىكەتچان ئىككىلىك كود چىقىرىپ بېرىدىكەن. ئاستىدىكى 识别并支付 كۇنۇپكىسىنى باسسا 500 يۈەندىن ئارتۇق سوممىنىمۇ چىقىم قىلغىلى بولىدىكەن.
微信图片_20180406132433.png
بۇ ئىقتىدار نۆۋەتتە ئالما ios نەشىردىكى ئۈندىدارغا قوشۇلدى. ئاندرويد سىستېمىسىدىكى نەشىرىگە پات ئارىدا قوشۇلىشى مۇمكىن.

ئىزاھات:  تېنچ كودنى سايىلەپ چىقىم قىلىشتا بىر كۈنلۈك چەكلىمە 500 يۈەن دېگەن گەپ دۇكاندارلار قەغەزگە بېسىپ چىقىرىپ چاپلاپ قويغان تېنچ ھالەتتىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ پۇل تۆلەشكە قارىتىلغان. قارشى تەرەپنى ئۈندىدارغا قوشۇپ پۇل يۆتكىسە ياكى قىزىل بولاق ئاتسا بۇ چەكلىمىنىڭ دائىرسىگە كىرمەيدۇ.

4ئادەم ئىنكاس يازدى

hawaskar555 ۋاقتى: 2018-4-6 13:59:53
ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ.  ئادەمگە بەزىدە بانكىدىن نەخ پۇل ئېلىش قولايسىز بوپقالغان ۋاقىتلاردا ئۈندىداردا چىقىم قىلىش ناھايتى قولايلىق.  رەھمەت تېمىڭىزغا!
热柯普江 ۋاقتى: 2018-4-7 01:10:39
hawaskar555 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-6 13:59
ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ.  ئادەمگە بەزىدە بانكىدىن نەخ پ ...

سىز گەپنى چۈشەنمىدىڭىزمۇ ياكى؟بۇ بۇرۇنقىدىن قولايسىزلىشىپ قاپتۇ
alijan110 ۋاقتى: 2018-4-7 09:29:06
ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. تۈنۈگۈن تېخى ئالما تېلفۇندا 10400 يۈەن پۇل چىقىم قىلساق چىقىم قىلىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان ئىدى. ئەسلىدە كەينىدە مۇنداق ئىش بار كەندە
سەھرا@ ۋاقتى: 2018-4-14 15:10:29
ئالپايغمۇ  قاتسا بۇلاتتى بۇ ئقتداردنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部