+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2018-3-30 16:04 42387 قېتىم كۆرۈلدى 33 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى قىتىملىق يازمىدا يوللىغان خەت نۇسقىسى دوسلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشتى ۋە نۇرغۇن پىكىرلەرنى بىرىشتى،

ئۇ يازمىدىكى خەت نۇسقىسى ئەسلىدە ئارىلىقى كەڭ خەتلەرنىڭ ئارىلىقىنى مەجبۇرىي قىسىش ئارقىلىق تەييارلانغان بولۇپ بەزى پىنيىنسى ئۇزۇن خەتلەر ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەندە بىر بىرىنى بىسىۋالىدىغان، ئۈستمۇ-ئۈسىت جىپىسلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى،

شۇ ۋەجىدىن باشقا ھەر خىل پىنيىن خەت نۇسقىلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشتۇق،

نۇرغۇن دوسلار خەت نۇسقىسى تەۋسىيە قىلىشتى (سىلەرگە رەھمەت)،

يەنە بىر كىچە تاللاش، ئويلىنىش، سىلىشتۇرۇشلاردىن، جاپالىق خەت نۇسقىسى كۆچۈرۈشلەردىن كىيىن نۇسقىسى  ۋە رازمىرى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە خەت نۇسقىسىنى بىرىكتۈرۈپ چىقتىم،

Xiaomi Hongmi ئىشلىتىدىغانلار بۇ يازمىدىكى ئەپ بىلەن بۇ خەت نۇسقىلىرىنى قاچىلىساڭلار بولىدۇ، Root كەتمەيدۇ

1. خەت نۇسقىسى ئالاھىدىلىكى:
پەقەت ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىزچە نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خەت شەكلى چىرايلىق، يىقىشلىق، ئىنگىلىزچە ھەم ئۇيغۇرچە ئوخشاشلا چىرايلىق، خەنزۇچە تۈز خەت نۇسقىسى ئىشلىتىلگەن

پەقەت ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىزچە (پىنيىننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئەگەر پىنيىن چىقىدىغان خەت نۇسقىسىغا ئىھتىياجىڭىز بولمىسا مۇشۇ خەت نۇسقىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ)

DeepinScreenshot_select-area_20180330125837(copy).png

00.png

01.png



ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىدا: Ukij cij
ئىنگىلىزچە خەت نۇسقىسىدا: Ubuntu
چۈشۈرۈش:
UkijCJK+Ubuntu.zip (677.2 KB, چۈشۈرۈش سانى: 5600)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
ئارتۇچ + 10 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

33ئادەم ئىنكاس يازدى

patih ۋاقتى: 2019-2-18 09:30:40
Screenshot_2019-02-18-07-29-15.png
مىنىڭ نوكىيا x6تېلفۇنۇمغا بەك چىرايلىق ئۆزلەشتى
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-3-30 16:57:06
شىياۋمىي، خوڭمىي لار ياكى MIUI9 يۈرگۈزىلىۋاتقان باشقا تېلېفونلارنى ئىشلىتىۋاتقان بۇرادەرلەر ماۋۇ يازمىدىن خەت نۇسقىسى قاچىلاش قۇرالىنى چۈشۈرۈڭ، Root ھاجەتسىز
almas1992 ۋاقتى: 2018-3-31 13:25:33
ئاستى سىزىق بىلەن ئوتتۇرا سىزىقنى پەرىقلەندۈرۈش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولامۇ ؟ مەسىلەن 2018-3-31 دىكى ئوتتۇرا سىزىق ئاستى سىزىققا ئوخشاش كۆرىنىدىكەن
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-3-30 16:31:39
قانداقلا خەت نۇسخىسى قاچىلىسام ھەممە يېرى نورمال ئەمما
سالون يازمىلىرىدىكى خەتلەر نورمال ئەمەس ، ئى ھەرپى
ئۇلاشمايدۇ ھەم خەتنىڭ شەكلىمۇ سەت ، تىلفۇن : سامسۇڭ
سەركار ۋاقتى: 2018-3-30 16:41:16
بولسا تورداشلار مۇشۇ خەت نۇسخىلىرىنى مىيزۇ تېلفۇنلارغا روت ئالماي تۇرۇپ قاچىلاش ئۇسۇلىنى قالدۇرساڭلار
09032555 ۋاقتى: 2018-3-30 17:47:15
موتو z play غا خەنزۇچە خەتنىڭ ئۈستىگە پىنىيىن چىقىدىغان قىلغلى بولمامدىغاندۇ
bvrkvt ۋاقتى: 2018-3-30 17:55:31
قاچىلاپ بولدۇق،بەك پەيزى چىقىپتۇ.
bulbulla ۋاقتى: 2018-3-30 18:23:35
مەن ئىشلىتىۋاتقان سامسۇڭغا 爱字体دايېڭى خەت نۇسخىسى قاچىلىساملا بۇرۇنقىسى يوقاپ كىتىپ,ئاخىرى爱字体da بولاقلىغان خەت نۇسخىسىنى بولىقىنى mtباشقۇرغۇچتا ئېچىپ ئىچىگە ئۇيغۇرچە ئىنگىلىزچە(ھېلىقى زەنجىردەك يۆگىشىپ كىلىدىغان شەكىلدىكى)،خەنزۇچە قاتارلىق بىرنەچچە خىل خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىمزا قۇيۇپ قاچىلىۋالغان ئىدىم شۇ بولاقنى يانفۇنغا قاچىلىغان ھامان بىرنەچچە خىل خەت نۇسخىسى بىراقلا قاچىلىنىدىغان قىلىۋالغان ئىدىم قاچان يېڭى خەت نۇسخىسى ئېلان قىلىنسا شۇنىڭغا قوشىۋالىمەن ماۋۇ خەت نۇسخىلىرىنى بەك ياخشى چىقىپتۇ مۇشۇنىمۇ قوشىۋالسام بولغۇدەك!جاپا تارتتىڭىز مۇختەرجان!
182334k8k0hkzpkppvzrfo.jpg
182334fmmtq3835vvtvtzm.jpg
mahmudbahg ۋاقتى: 2018-3-30 21:35:30
بۈگۈن شىياۋمىيچىلارغا بايرام بوپتۇ دىسە نىم دەيدىغاندۇ دەپتىكەنمەن ، بۈگەن ماڭا راستىنلا بايرامدەك تۇيۇلدى ماۋۇ تىمىنى كۆرۈپ ، miui9غا «دوپپا ئالماشتۇرىدىغان » ئەپنىمۇ دەل ۋاختىدا يىزىپ چىقىپسىلە ، بەك كۆپ رەھمىتىم بار سىلەرگە
uysal ۋاقتى: 2018-3-30 21:39:46
قاچانمۇ خەت نۇسخىسنىڭ پەيزىنى سۇرەمەن پىنيىن چىقىدىغان فۇنىتنى دىمەيلا تۇراي(ى)ھەرپى ئۇلاشمايۋاتىدۇ  سامسۇڭs5    نەشىرى 6.0.1ئىدى 爱字体  دا روتسىز فۇنىت قاچىلغىلى بولمىدى يا روت ئالالمىدىم
yusup2013 ۋاقتى: 2018-3-30 23:02:56
سامسۇڭ سېستىمى 7.0  يانفۇنلارغا  بولمايدىكەن
bulbulla ۋاقتى: 2018-3-30 23:08:39
uysal يوللىغان ۋاقتى  2018-3-30 21:39
قاچانمۇ خەت نۇسخىسنىڭ پەيزىنى سۇرەمەن پىنيىن چىقىدىغا ...

ۋاي بولىدىغۇ مەن s5نى نەچچە يىل ئىشلەتكەن نەچچە خىل خەت نۇسخىسىنى روتسىز قاچىلىغان 爱字体نى كونا نەشىرىنى تېپىپ شۇنىڭدا قاچىلاپ بېقىڭە يېڭى نەشىرىدە بولاقلىغان خەت نۇسخىسىنىڭ ئىچىدىكى xmlھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ تىزىلىشى ئوخشىمايدىكەن
bulbulla ۋاقتى: 2018-3-30 23:13:56
uysal يوللىغان ۋاقتى  2018-3-30 21:39
قاچانمۇ خەت نۇسخىسنىڭ پەيزىنى سۇرەمەن پىنيىن چىقىدىغا ...

ھە راس مەن تۇلاراقى بادام كىرگۈزگۈچنىڭ بۇرۇنقى نەشىرىدىكى ھېلىقى costomئىسىملىك قاچىلاش بولىقى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تۇنىتاتتىم بادام كىرگۈزگۈچنىڭ يېڭى نەشىرىدە خەت نۇسخىسى قاچىلاش ئىقتىدارىنى چىقىرۋېتىپتۇ بۇنىڭمۇ كونا نەشىرىنى تېپىق شۇنىڭدىكى خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ بېقىڭ،ئەگەر بىرەر مۇشۇنىڭدا نۇرمال قاچىلانسا شۇخەت نۇسخىسى بولىقىنىڭ تەھرىرلەپ ھەرقانداق خەت نۇسخىسىنى (پىنيىن چىقىرىدىغان خەت نۇسخىسىمۇ بار)نۇرمال قاچىلىنىدىغان قىلغىلى بولىدۇ
tuman0998 ۋاقتى: 2018-3-31 11:30:28
ئالماشتۇرۇش قۇرالىنىڭ ئىسمىنى  ياكى چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يۇللاپ بەرگەن بۇلساڭلار  رەھمەت
almas1992 ۋاقتى: 2018-3-31 13:24:14
ئاستى سىزىق بىلەن ئوتتۇرا سىزىقنى پەرىقلەندۈرۈش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولامۇ ؟ مەسىلەن 2018-3-31 دىكى ئوتتۇرا سىزىق ئاستى سىزىققا ئوخشاش كۆرىنىدىكەن
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-4-1 00:47:43
almas1992 يوللىغان ۋاقتى  2018-3-31 13:25
ئاستى سىزىق بىلەن ئوتتۇرا سىزىقنى پەرىقلەندۈرۈش قىيىن ...

بولىدۇ،
سىز قايسى تەرەپتىن دەۋاتىسىز؟
چۈشىنەلمىدىم،
ئەمما مەن تەمىنلىگەن خەت نۇسقىسىدا شۇنداق ئىنىق ئىپادىلىنىدىكەن
gaseya ۋاقتى: 2018-4-1 18:56:06
مومكىن   بولسا  خەت  نۇسقىسىنى  بىرلەشتۈرۈشنى  چۈشەندۈرۈپ  قويسىڭىز  بوپتىكەن
مەن  ھازىر font creator program نى ئىشلىتىپ  بىرلەشتۈرۈپ  باقاي  دەپ سىناق  قىلىۋاتىمەن يەنە  بەيدۇنىڭمۇ   بار ئوخشايدۇ توربىكەت  نۇسقىسىكەن  ئۇنى  ئىشلەتمىدىم

بەيدۇنىڭ font creator program ئىشلىتىپ  بىرخەت نۇسقىسىدىكى  بارلىق  ئۇچۇرلارنى  كۆچۈرۈپ  چاپلاپ (复制粘贴 ) سىناپ  باقاي   دەيمەن ئەمما ئەسلىدىكى خەت  نۇسقىسىنىڭ  ئۇچۇرلىرى  ئۆچۈپ  كىتىپ  قالسا  قۇرۇق  ئاۋارە  بولىدىغان ئىشكەن
begtash ۋاقتى: 2018-4-2 06:26:06
ھەممە خەت نۇسقىسىنى قاچىلاپ كۆرۈپ باقتىم، يۇقاردا دىيىلگەن 3- خەت نۇسقىسى بەك ياخشىكەن، رەھمەت تېما ئىگىسى. تورداشلارغا 3-خەت نۇسقىسىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-4-2 13:21:38
nejmi يوللىغان ۋاقتى  2018-4-1 12:49
پىنيىنى ئاستىدا چىقىدىغان بىرسىنى ياساپ قويغان بولساڭ ...

بولىدۇ، مۇمكىن بولسا ئۆزڭىز ياقتۇرغان پىنيىنى ئاستىدا چىقىدىغان بىرەر خەت نۇسقىسى بولسا تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-4-2 13:38:45
gaseya يوللىغان ۋاقتى  2018-4-1 18:56
مومكىن   بولسا  خەت  نۇسقىسىنى  بىرلەشتۈرۈشنى  چۈشەندۈر ...


خەت نۇسقىسىنى بىرلەشتۈرۈشتە ھەر بىر خەتنىڭ Unicode قىممىتىدە Glyph قوشۇشتىن باشقا ئەڭ ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا بار،
ئۇ بولسىمۇ Layout script كۆچۈرۈش،
Layout script دىگەن نىمە؟
ئويلاپ باقتىڭلارمىكىن، بۇ ئۇيغۇرچە يىزىق باشقا يىزىقلارغا ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن بىر ھەرىپنىڭ 4 خىل يىزىلىشى بولىدۇ،
مەسىلەن ئا ھەرىپىنى بىسال قىلساق باش ئا، ئوتتۇرا ئا، ئاخىر ئا، يالغۇز ئا، دىمەك ئا ھەرىپىنىڭ باشتىن ئاخىرى Unicode قىممىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمما ئوخشاش بولمىغان ھەرىپلەر بىلەن بىللە كەلگەندە ئوخشاش بولمىغان ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ،
ئۇنداقتا بۇ ئالاھىدە قانۇنىيەت، قايسى ھەرىپنىڭ كەينىدىن قايسى ھەرىپ كەلسە قايسى ھەرىپنىڭ قايسى ۋارىيانتى چىقىشى قەيەردە قانداق بەلگىلەنگەن؟
دەل Layout script دا بەلگىلەنگەن،

ئەمدى سىز خەت نۇسقىسى بىرلەشتۈرگەندە ئەگەردە ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنىڭ LayoutScript لىرىنىمۇ كۆچۈرمىسىڭىز سىزنىڭ خەت نۇسقىڭىزدا ھەرىپلەر بىر بىرى بىلەن ئۇلاشمايدۇ، مەيلى قايسىلا ھەرىپ بولسۇن يالغۇز ھەرىپى ھالىتىدىلا چىقىۋالىدۇ،

دىمەك، ئىككىنچى ئالاھىدە مۇھىم نۇقتا LayoutScript,
FontCreator 11.5 نەشىرىدە Tools تىزىملىكىدىن AutoKern نى چىكىش ئارقىلىق LayoutScript تەھرىرلەش بىتىگە كىرەلەيسىز،

كۆچۈرۈش مەسىلىسىگە كەلسەك ئەگەر LayoutScript ئىچىدىكى ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە خەت نۇسقىلىرىدا ئوخشاش ئىسىمدا قويۇلۇپ قالغان بولسا توقۇنۇش يۈز بىرىدۇ، بۇلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سىزدە ئازدۇر كۆپتۇر پروگراممىرلىق تەجرىبىڭىز بولىشى كىرەك،

ئەرەپچە قاتارلىق مۇرەككەپ يىزىقلاردىمۇ پۈتۈنلەي LayoutScript ئارقىلىق ئاشۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ،
ئەمدى LayoutScript نىڭمۇ مۇستەقىل گىرامماتىكىسى بولغاچ ھەم بىزنىڭ يەنە 0 دىن باشلاپ يېزىشىمىزنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى بولمىغاچ ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى ئىچىدىكى LayoutScript نى كۆچۈرۈپلا باشقا خەت نۇسقىلىرىغا قويساقمۇ بولىدۇ،

ياكى خەنزۇچە خەت نۇسقىسىدىكى ھەرىپلەرنى ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىغا قويساقمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ LayoutScript تەھرىرلىشىمىزنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ،

بۇ بىر قەدەر ئىنچىكە ھەم زىل نەرسىلەر بولغاچ، ھەم قىسقىسى ئۆزۈممۇ گەرچە خەت نۇسقىلىرىنى بىرلەشتۈرەلىگەن بولساممۇ ئەمما مىنىڭ قىلغىنىمنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن، شۇڭا توغرا بولمىغان ھەم ئۆلچەملىك بولمىغان ئۇسۇلنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلغۇم كەلمىدى،

مەن بىرلا ۋاقىتتا FontCreator نى ئىشلىتىشتىن سىرىت FontForge نىمۇ ئىشلەتتىم،
ھەم تەكرارلىقى ئاجايىپ يۇقىرى بولغان تەكرار ئىشلارنى ئاسانلا قىلىدىغاننىڭ بىرەر ھەل قىلىش چارىسىنى تىپىپ چىقىپ بولالمىدىم،
شۇ ۋەجىدىن ئالدىراپ تىنەپ يازما يازغۇم كەلمىگەندى،

ئەگەر مەندەك 4-5 سائەت ئولتۇرۇپ قىلساممۇ مەيلى دەيدىغان دوسلار بولسا ئۆزۈمنىڭ قىلغىنىنى يازما قىلىپ يوللاپ قويسام بولىدۇ،
xatmen ۋاقتى: 2018-4-4 16:07:53
4 - خەت نۇسقىسىنىڭ  بىرىنجى شەكلنى ئىشلەتتىم  . رەھمەت
HAKAN49520 ۋاقتى: 2019-2-7 00:12:40
يازما قىلىپ يوللاپ قويىسڭىز بەك بەلەن بۇلاتتى مەنما layout script نى كۆچۈرۈپ بىر تالاي خاتالىق چىقىپ ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ قىلسام ھەممە خەت ئۇلىنىپ ئۇ ھەرىپى ئۇلانماي ئۇنىڭ نەدىلىكىنى تېپ بۇلاماي تاشلاپ قويغان ، بولسا بىر تەلىم بەرسىڭىز تېمىڭىزغا رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部