+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2018-3-17 13:13 12388 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تور بېتىمىزدە ئالدىنقى قېتىم كۆكنۇرنىڭ زىيىنى ۋە كۆك نۇر تۇسىدىغان چاپلاق، كۆزئەينەك ھەققىدە يازما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىكى «simple» ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەخسۇس شۇ ھەقتە تەجرىبە ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەجرىبە جەريانى ۋە نەتىجىسىنى ئەۋەتىپ بەردى.
تۆۋەندىكىسى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسى ئوپتىكا تەجرىبىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىنىڭ بىرىنجى قول ماتېرىيالى.

بۈگۈن بىر ئاددىيغىنە تەجرىبە لايىھىلەپ ئىككى خىل كۆز ئەينەكنىڭ كۆك نۇرنى توسۇش ئۈنۈمىنى سېلىشتۇردۇم ، تەجرىبەمنىڭ قىسقىچە جەريانىنى  سىنغا ئېلىپ تورغا يوللىغان شۇنىڭدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ.



سىن قويۇلمىسا ماۋۇ يەرنى بېسىڭ

微信图片_20180317122957.jpg
ئالدى بىلەن كۆك نۇرغا ئاددىي بىر ئېنىقلىما ، بېرىۋېتەيلى. كۆك نۇر دېگىنىمىز ئادەتتە دولقۇن ئۇزۇنلۇقى380-500 نانومېتىرغىچە بولغان ئولتۇرا بىنەپشە نۇرغا يېقىن نۇر بۆلىكىنى كۆرسىتىدۇ ، كۆك نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقا بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئېنېرگىيىسى يۇقىرى. ئۇزاق مۇددەت كۆك نۇرغا قاراش كۆز قۇرغاقلىشىش ، كۆز ئاجىزلىشىش، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەجرىبىنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپى مۇنداق: ئالدى بىلەن ، بىز كۆز ئەينەكنى قويماي تۇرۇپ نۇر كۈچلۈكىنى ئۆلچەيمىز. ئاندىن كۆز ئەينەكنى قويۇپ ، يەنە بىر قېتىم ئۆلچەپ بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى كۆزىتىمىز.

بىرىنچى رەسىمدىكىسى كۆزەينەكنىڭ لازىر نۇرنى توسۇش ئۈنۈمى ، بۇنىڭدا ئىككى خىل كۆز ئەينەك لازېر نۇرىغا نىسبەتەن ھېچقانداق بىر تەسىر كۆرسەتمدى ، دولقۇن ئۇزۇنلىقى 532 نانومىتىر بولغان لازېر نۇرنى توسالمىدى.

微信图片_20180317122946.jpg

ئىككىنچى رەسىمدىكىسى ئا   تىپلىق كۆزەينەكنىڭ كۆك نۇرنى توسۇش تەجرىبىسى ، توسۇش ئۈنۈمى. ئۇ كۈچىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتى 590 دىن 77 گە چۈشتى. يەنى ئەسلىدىكىنىڭ %13 گە تەڭ.

微信图片_20180317122949.jpg

ئۈچىنچى رەسىمدىكىسى ب   تىپلىق كۆزەينەكنىڭ نۇرنى توسۇش ئۈنۈمى ، بۇ كۆزەينەكنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ، نۇر كۈچلۈكلىكى ئەڭ چوڭ قىممىتى 640 تىن 38 گە چۈشتى. ئەسلىدىكىنىڭ %6 تى ، دېمەك ، بۇ ئىككى خىل كۆز ئەينەكنىڭكى ئىچىدە ب تىپلىق كۆزەينەكنىڭ كۆك نۇرنى توسۇش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى.

微信图片_20180317122952.jpg

بۇنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپى -ئەينەكلەر  ئۇزۇن ئۆتكۈزىدىغان قىسقا ئۆتكۈزىدىغان ئىككى خىل ئايرىلىدۇ. ئۇزۇن قىسقا دېگىنى ئاساسلىقى دولقۇن ئۇزۇنلۇقىغا قارىتىلغان. مانچىدىن ئۇزۇن ئۆتكۈزىدۇ دېگىنى دولقۇن ئۇزۇنلىقى شۇ قىممەتتىن چوڭ نۇرلارنى ئۆتكۈزىدۇ.

微信图片_20180317130853.jpg

قوشۇمچە قىلىپ چوڭلارغا دەپ قويىدىغىنىمىز ، ھازىر بازارلاردا بىر خىل  لازېر نۇرلۇق ئويۇنچۇق چىراغلار بار. بالىلار ئويناشقا بەك ئامراق  ، ئەمما ، ئۇ بىر خەتەرلىك ئويۇنچۇق.
微信图片_20180317122933.jpg
چۈنكى لازېر نۇرنىڭ ئېنېرگىيىسى كۈچلۈك ھەم يىغىلغان بولغاچقا ناۋادا كۆزىگە ئۇدا نەچچە سىكونىت تۇتۇپ قالسا قارىغۇ قىلىپ قويۇش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بالىلارغا بۇ ئويۇنچۇقنى ئويناتمىغان ياخشى. بىز كەسىپتىكلەرنىڭ چاخچاق قىلىپ ' بىر ئادەم ھاياتىدا پەقەت بىر قېتىملا لازىر نۇرغا قارىيالايدۇ " دەپمۇ قويىمىز . ئاخىرقى رەسىمدىكى بىزنىڭ لازىر نۇر ئىشلەتكەندىكى ئېھتىيات ھالىتىمىز...

微信图片_20180317122941.jpg

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىكى «simple» ئەپەندىنىڭ كۆك نۇر ھەققىدە مەخسۇس تەجرىبە ئىشلەپ تورداشلار بىلەن ھەمبەھرلەپ بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

10ئادەم ئىنكاس يازدى

maysa0997 ۋاقتى: 2018-3-17 13:38:20
ئۇنداقتا قايسى ماركىدىكى ياكى قايسى خىل كۆزەينەك نى سېتىۋالساق
بۇلىدۇ؟
HAKAN49520 ۋاقتى: 2018-3-17 14:06:09
كۆك نۇر توسىدىغان چاپلاق دىگىنى نىمسى ئەمدى ‎؟ يانفۇن ئېكران چاپلىقى مۇ ياكى باشقا مۇ ‎؟
玉素甫。巴拉提 ۋاقتى: 2018-3-17 14:26:29
كومپيۇتېرئېكرانى ۋە يانفون چاپلاقلىرىنىڭمۇ مۇشۇنداق كۆكنۇر توسۇش ئىقتدارى  بارمۇيوق،  بولسا مۇشۇ نەرسىلەرنمۇ بىر تەجىربە قىلىپ بىزنى بىر خەۋەردار قىلسىڭىز، تىمىڭىزغا كوپتىن كۆپ رەھمەت،
3131446363 ۋاقتى: 2018-3-17 14:39:04
ئۇنداق بولسا بىز ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان كۆكنۇر چاپلىقىنىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوق دىمەكچىمۇ......
قايسى ماركىدىكى كۆز ئەينەك ئىشلەتسەك ياخشى بولار.
alijan110 ۋاقتى: 2018-3-17 20:15:53
تەجرىبە نەتىجىسىنىڭ بىزلەر ئۈچۈن سۇنۇلغىنى ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر
ئۆزباش ۋاقتى: 2018-3-17 22:42:00
ھەي ئىسىت! مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئاۋۇ لازىر نۇرلۇق ئويۇنچۇقنى تولا ئوينايتىم
ھازىر تىلىفۇن ياكى تىلىۋىزورغائۇزۇنراق قارىسام كۆزۈم ئاغرىيدۇ

Expert ۋاقتى: 2018-3-17 23:48:57
سامسۇڭ نىڭ ئېكرانى بەك رەڭلىك چىقىدىكەن ،كۆكنى كۆپكۆك ،قىزىلنى قىپقىزىل ،شىئاۋمى نىڭ ئېكرانى ئۇنچە رەڭ پەرىق ئەتمەيدىكەن،سامسۇڭنىڭكىدەك  رەڭلىك ئېكراننىڭ كۆزگە زىيىنى يوقتۇ؟
13139744004 ۋاقتى: 2018-3-18 10:54:28
قايسې كۆزئەينەكنى ئىشىلتمىز ياكى يانفۇن چاپلاقلىرنىڭ قايسې كۆك نۇرنى توسالايدۇ ئۇستازلا بىرئېنىق مەسلىھەت بېرىپ كۆرسېتىپ بەرسەڭلار ھەممىمىز كۆزمىزنى ئاسىرۋالساق
ehrami ۋاقتى: 2018-3-18 11:55:29
مېنىڭ كۆزەينىكىمنىڭ گىرادۇسى 300 بولۇپ، تۆت يىلنىڭ ئالدىدا تاقىغانىدىم. ئەينىكى خېلى سۈزۈك ئىدى. ئۆتكەن يىلى ھەدىيە كۆز دوختۇرخانىسىنىڭ بىر پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، كۆك نۇرنى توسۇيدىغان ئەينەك توغرىلىق ئاڭلاپ، ئۆزۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەنسىرەپ قالدىم. كېيىن داشىزىغا بېرىپ كۆزەينەكنىڭ ئەينىكىنى ئالماشتۇردۇم. دېگەندەك، ئۈستىدىن نۇر چۈشۈرگەندە بۇرۇنقى ئەينەكتىن ئۆتۈپ كەتتى. يېڭى سالدۇرغان ئەينەكتىن ئۆتكۈزگەندە تۆۋەندە ئىنتايىن كىچىك نۇر بولۇپ چۈشتى. ئىككىسى روشەن پەرقلىنىدىكەن. بالدۇرراق ئالماشتۇرسامچۇ ئېسىت دەپ كەتتىم. ماۋۇ يېڭى ئەينەك چىراققا تۇتۇپ قارىسا يېشىل كۆرۈنىدىكەن. شۇنىڭغا قارىغاندا يېشىل ئەينەك بولغاچقىلا كۆك نۇرنى توسۇپتۇ دە،
maptun0998 ۋاقتى: 2018-6-4 12:30:57
مەنمۇ تولا كومپىيوتىر ئويناپ كۆز قىل قان تومۇرى قىزىرىپ كوپ چارچايدىغان بوپ قالغان كىيىن دوستۇنمىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن  ئۆزخان كۆك نۇر توسۇش كۆز ئەينىكىنى ئىشلىتۋاتىمەن كۆزۈمگە ئۈنۈمى بولدى باھاسىمۇ مۇۋاپىق  180كوي  ناۋادا ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقماقچى بولساڭلا  خەت قالدۇرۇپ كويۇڭلا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部