+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2018-3-13 20:26 5266 قېتىم كۆرۈلدى 25 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى قېتىملىق يازمىلاردا قانداقسىگە نۇرغۇن پروگرامما تىللىرى پەيدا بولۇپ قالدى؟ زادى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قايسى پروگرامما تىلىنى ئۈگىنىش كىرەك دىگەننى مۇلاھىزە قىلىشقاندۇق،
بۇ قېتىملىق يازمىمۇ بۇنىڭدىن كېيىن يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ھازىرقى مودا بولۇۋاتقان يۇمشاق دېتال ئىچىش ئەندىزىلىرى ۋە شۇ يازمىنىڭ داۋامى شەكىلدە بولىدۇ.

ئەسلى پروگرامما يېزىشنى ئۈگىنىشنىڭ توغرا تەرتىۋى قانداق بولىدۇ دىگەندە ئەڭ ئاۋال سىز ئۆزىڭىزنىڭ نىمە قىلماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىڭىز كىرەك. يەنى ئۆزىڭىزدىن مەن پروگرامما يىزىشنى ئۈگىنىپ نىمە قىلماقچى دىگەننى سوراڭ.
جاۋابى بۇ يەردە تەبئىيلا ئايان بولىدۇ.
- مەن Android پروگراممىسى يازماقچى...
- مەن تور بەت ياسىماقچىدىم...
- مەن قاتتىق دېتالغا پروگرامما يازىمەن، يەنى ئۆزەككە پروگرامما يىزىش ئارقىلىق ھەر خىل ئەقلىيلاشقان گۈزەل نەرسىلەرنى ياساپ باققۇم بار...
- مەن كومپىيۇتېرغا پروگرامما يازماقچى...
- مەن IOS كە ئەپ ئاچاي دىگەن...

ناھايتى ياخشى،  سىزنىڭ نىشانىڭىز ئىنتايىن ئايدىڭ ئىكەن، سىزنىڭ يەنە قايسى پروگرامما تىلىنى ئۈگىنىش كىرەك دىگەن مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلغۇدەك ئاساسىڭىز ھەم تاللىشىڭىز يوق، سىز پەقەت ئۆزىڭىز قىلماقچى بولغان ئىشنى قايسى پروگرامما تىلىدا قىلسا سىز شۇ پروگرامما تىلىنى ئۈگەنسىڭىزلا بولىدۇ.

ئەمما مەن بۇلارنى نۇرغۇن بالىلاردا دەپ بولۇپ تۇرۇپلا ئۆزۈم ئويلىنىپ قالدىم، توغرا، مەن ئىلگىرى پروگراممىرلىقنى ئۈگەنگەندە مەن نىمە قىلماقچى بولغىيىتتىم؟
كۆپ ئويلاندىم، مەن پروگراممىرلىقنى باشلىغاندا مەندە يۇقارقىدا دىيىلگەندەك ئالاھىدە بىر نىشان، مەقسەت مۇددىئامۇ يوق ئىدى، چوقۇم بار دىيىلسە ئىھتىمال كومپىيۇتېر پروگراممىسى بولسا كىرەك.
ئەمما مەن باشلىغان ۋاقىتتا مەن ھەقىقەتەن بۇلارنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ھەم ماڭا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ بىرىدىغان ياكى يىتەكلەيدىغان ھىچكىم يوق ئىدى، مەندە بارى پەقەت پروگراممىغا بولغان ئوتتەك ئىنتىلىش ۋە قىزغىنلىىقلا بار ئىدى، بۇلارنى ئويلاۋىتىپ ئەمەلىيەتتە ئۆزۈم ئويلاپ باقمىغان بىر مەسىلىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭسام تازا توغرا بولمايدىغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم.
ئىھتىمال مەن ئۇلارغا سىز زادى نىمە قىلماقچى؟ سىز قانداق قىلماقچى دىگەندەك سۇئاللارنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى ھەر ھالدا توغرا يولغا يىتەكلەيدىغان كونكىرىت بىرەر تەۋسىيەنى بەرسەم ئىھتىمال بۇمۇ توغرا بولىشى مۇمكىندۇ. (چۈنكى مەن ئۈگىنىشنى باشلىغاندا ئۆزۈمنىڭ نىمە ئۈگىنىۋاتقىنىمنى، كىيىن نىمە قىلىدىغىنىمنى بىلمەيتتىم، نەچچە يىلدىن كىيىن بىلدىم.)

بۇمۇ ياخشى بولدى.

strategy_chess_0.jpg

ھەر قانداق بىر ئىش قىلىشتا تاكتىكا، ئىستىراتىگىيە ۋە تۇتقان يول ئىنتايىن مۇھىم،
ئىستىراتىگىيە سىزنى ئۆزىڭىز قىلماقچى بولغان مەنزىلگە باشلايدىغان يول،

سىزنىڭ تېخنىكىڭىز ھەر قانچە يۇقىرى بولۇپ كەتسۇن، قانچىلىك ئىقتىدارلىق بولۇپ كىتىڭ سىزنىڭ ياخشى بىر ئىستىراتىگىيەرىڭىز تاكتىكىڭىز بولمىسا ئاخىرىدا سىز يەنىلا كۆپ نەرسىلەرگە ئىرىشەلمەيسىز،
بۇ يەردىكى ئىستىراتىگىيە دىگەن مەسىلە توغۇرلۇق بىر مىسال ئالاي،

مىنىڭ چوڭ دۇنياۋىي شىركەتلەرنىڭ ئىشلىرى توغرىسىدا مۇنازىرە يۈرگۈزۈشكە سالاھىيىتىم توشمايدۇ، ئەمما مەنمۇ بىر ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۆۋەندىكى مۇلاھىزىنى قىلىپ باقسام بولىدۇ،

BlackBerry قارا بۆلجۈرگەن،
ھەممىمىز بىلىمىز، ھىچ بولمىسا ئاڭلاپ باققان،
كانادادىكى داڭلىق پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ بىرى ئىدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئاساسلىق كەسپى بولغان كۆچمە ئۈسكۈنە كەسپىنى باشقىلارغا سىتىۋىتىشتەك كۈنگە قالدى، بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟
يەنە مەسىلەن بىز فىنلاندىيەنىڭ پەخىرلىك ماركىسى Nokia نى بىلىمىز، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قانچىلىك سەلتەنەت سۈرگىنىنى مىنىڭ تەكرارلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىچۇ؟

ئەسلىدە ئۇ ھەتتا ئالما، سامسۇڭلارمۇ رەقىپ بولالمايدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى ئىدى، ئەمما نەتىجىدە كىيىن كۆچمە ئۈسكۈنە تارمىقى مىكروسوفىتقا سىتىۋىتىلدى، ھازىر بولسا باشقا بىر كۆچمە ئالاقە شىركىتى HMD غا Nokia ماركىسى ھوقوقىنى بىرىۋەتتى،  ئۆزى بولسا كەسپىنى قايتىدىن تەڭشەپ زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ تور قۇرۇلۇشى، بىخەتەرلىك دىگەندەك ساھەلەرگە كۆچتى، ئەمما شۇنى دىيەلەيمىزكى Nokia نى ئەڭ ئۇتۇق قازاندۇرغىنى ۋە Nokia قىلالايدىغىنى دەل كۆچمە ئۈسكۈنە كەسپى ئىدى، ھىچ بولمىغاندا پىقىر شۇنداق ئويلايمەن،

Samsung كورىيەنىڭ پەخىرى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ OLED ئىكران ئىشلەپ چىقارغىچى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساقلىغۇچ ئۆزىكىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپ چىقىرالايدىغان شىركەت،
يەنە ئۇ باشقا شىركەتلەرگە باتارىيەمۇ تەمىنلەيدۇ،
ئۇنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنە ساھەسىدىن باشقا ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئىلىكتىرون، نىفىت خىمىيە، كىمىسازلىق، نىفىتچىلىك، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، بىناكارلىق، توقۇمچىلىق.... بۇلارنى سۆزلىمەيلى،

بىز قارا بۆلجۈرگەندىن باشلايلى،
قارا بۆلجۈرگەننىڭ تېخنىكىسى يوقمۇ؟
ئەجىبا ئەينى ۋاقتىدا ئالما، سامسۇڭلار قىلالىغاننى قىلالمامتى؟
نوكىياچۇ؟ نوكىيانىڭ ئالدىدا ئەينى ۋاقىتتا ئالما بىلەن سامسۇڭ تىخى شۇمتەكلەر ئىدى،
نوكىيانىڭمۇ شۇ ۋاقىتتا ئالما بىلەن سامسۇڭ قىلالىغاننى قىلالىغۇچىلىك تېخنىكىسى يوقمىدى؟ ياكى مەبلىغى يوقمىدى؟
ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس،
بۇ يەردىكى مەسىلە تېخنىكا مەسىلىسى ئەمەس، مەبلەغ ۋە باشقا مەسىلىلەرمۇ ئەمەس،
بۇ يەردىكى مەسىلە ئىنتايىن ئاددىي،
پەقەت قىلىش ۋە قىلماسلىقنى تاللاش مەسىلىسىلا خالاس،
قىلىش ۋە قىلماسلىق ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىدى،

ئەينى ۋاقتىدا قارا بۆلجۈگەن ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك چوڭ ئىناۋىتى ۋە كۈچى بار ۋاقىتتا پەقەت يىڭىلىققا يۈزلەنسىلە بولاتتى،
ئەمەلىيەتتە پۈتۈن كونۇپكا تاختىسىدىن ۋاز كەچسىلا بولاتتى،
مەن بىر ئىستىمالچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئويلايمەن، بىر تېلېفوننىڭ يىرىمىغا پۈتۈن بىر كومپىيۇتېرنىڭ كونۇپكا تاختىسىنى پىرىسلاپ ئورناتسىڭىز سىزچە تىز سۈرئەتتە خەت بىسىش ۋە ئىشلىتىش شۇنچە قۇلايلىقمۇ؟
باشقا شىركەتلەر فىزىكىلىق كونۇپكا تاختىسىدىن ۋاز كىچىپ يىڭىلىققا ئىنتىلگەندە پەقەت ئۇلارمۇ شۇنداق قىلسىلا بولاتتى،
ئەمما قىلمىدى.
باشقىلار سىزىمچان ئىكرانغا يۈزلەنگەندە بۇلارمۇ تامامەن ئويلىشىپ باقسا بولاتتى،
ئەمما قىلمىدى،
ھەتتا ھازىر پۈتۈن ئىكرانلىق دەۋىردىمۇ يەنا كونۇپكا تاختىسىغا جاھىللىق بىلەن ئىسىلىۋىلىشنىڭ زادى زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟
ئەمما ئۇلار يەنىلا قىلمىدى،
ئۆزگىچىلىك، خاسلىق ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما خىرىدارنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم، بىز خىرىدارغا ئۆزى كۈتكەن نەرسىنى ئاتا قىلالمىساق ئۇنداق خاسلىقنىڭ قىممىتى بولماي قالىدۇ،

بۇلار پەقەت قىلىش قىلماسلىق مەسىلىسى ئىدى،

نوكىيامۇ ئوخشاش.
ئەمەلىيەتتە نوكىيا ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىر كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ Symbian سىستېمىسىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرسا ۋە قاتتىق دېتاللارنىڭ سەپلىمىسىنى، يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ ماڭسا بولىۋىرەتتى،
يۇمشاق دېتالنىڭ چىكى بولمايدۇ
ياكى بولمىسا ئۇلار ئۆزىنىڭ Linux ئاساسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى Meego نى ئىشلىتىۋەرسە بولاتتى،
ئەمما ئۇلارمۇ بۇنى قىلمىدى،
ۋە ياكى ئەينى ۋاقىتتىلا Android لاگىرىغا قوشۇلۇپ كەتسىمۇ بولاتتى، ئەمما قىلمىدى (مەن Android لاگىرىغا قوشۇلۇپ كەتمىگىنىنى توغرا دەپ قارايمەن)
ئەسلى ئۇلار ئۆزىگە ئىشەنسە بولاتتى،
(نوكىيانى ئۇنداق قىلسا بۇنداق قىلسا توغرا بولاتتى دىيەلمەيمىز، ئەمما ئۇلارمۇ باشقىلار قىلغاننى قىلسىلا بولاتتى، ئەمما قىلمىدى، بۇ يەردىكى قىلمىغاننى قىلمىدى دىگەنلىك ھەرگىزمۇ Android ئىشلىتىشى كىرەك ئىدى ياكى مىكروسوفىت توغۇرلۇق ئەمەس، بەلكى ئۇلار كۆكلەپ گۈللەنگەن دەۋرلەردە يىرىم ئۆتكۈزگۈچ، ھەتتا مۇناسىۋەتسىز باشقا كەسىپلەر، مەسىلەن ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى دىگەندەكلەرنى تەتقىق قىلسىمۇ بولىۋىرەتتى، بىزنىڭ باشقىلارنى مۇنداق قىلىشى كىرەك ئىدى دىيىشكە سالاھىيىتىمىز توشمايدۇ، ئەمما مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت قىلىش ۋە قىلاسلىقتىن ئىبارەت تاللاش مەسىلىسى)

سامسۇڭنىڭ تارىخىنى ئوقۇپ بىقىڭلار،
ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئوخشىتىپ ياسالغان تاغتۇرا مەھسۇلاتلارنى ياساپ تۆكمە قىلىپ ساتىدىغانلار ئىكەنتۇق،
ئەمما ھازىرچۇ؟

مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئىستىراتىگىيە، نىشان
يەنى سىز تۇتقان يول ھەممىدىن مۇھىم،
سىزنىڭ ياخشى بىر ئىستىراتىگىيەرىڭىز بولمىسا سىز ۋەيران بولىسىز، نىشانىڭىز بولمىسا 10 يىلدىن كىيىنكىسىمۇ يەنە شۇ سىز بولىۋىرىسىز.
ئىستىراتىگىيە: پروگرامما بىلەن مۇناسىۋەتسىز نەرسە.
ئەمەلىيەتتە چوڭ نۇقتىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا سىز پەقەت قىلىش ۋە قىلماسلىقتىن بىرىنى تاللىسڭىز بولىدۇ،
ئىھتىمال بەزىدە قىلىشنى تاللىشڭىز سىزنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرسە بەلكىم قىلماسلىقنى تاللاش سىزنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرىشى مۇمكىن،
بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان مەسىلىنى چۈشىنىڭ،
سىز ياخشى بىر پىلانغا مۇھتاج،
ياخشى بىر ئىستىراتىگىيەگە مۇھتاج، شۇ ئىستىراتىگىيە بىلەن نىشانىڭىزغا ئىنتىلىڭ.

سىز مەيلى ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇڭ ۋە ياكى ئۈگەنگۈچى بولۇڭ ۋە ياكى باشقا ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشىلەر بولۇڭ سىزنىڭ تۇتقان يولىڭىز، ئىستىراتىگىيەرىڭىز سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،
كەلگۈسىدە سىزنىڭ قانداق بولىشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،

ئىستىراتىگىيە تۈزۈش دىگەنلىك تەقدىرنى لاھىيەلەش دىگەنلىكتۇر، ئىستىراتىگىيە ۋە ئاخىرقى نىشان پروگرامما يىزىشتىن مۇھىم،[color][]
تۇتقان يول ۋە ئىستىراتىگىيە ھەممىدىن مۇھىم


بىز گىپىمىزنى قايتۇرۇپ كىلەيلى،
سىز يىڭى پروگرامما يىزىشنى ئۈگەنگۈچى بولسىڭىز مەيلى سىز نىمە قىلىڭ سىز ھەقىقەتەن ياخشى بىر ئىستىراتىگىيەگە مۇھتاج،

ئىلگىرى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ئىنتىرنىت ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ھازىرقىدەك ئوموملاشمىغان ھەم تەرەققىي قىلمىغان ئىدى،
ئۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىمۇ شۇ ۋاقىتتىكى تېخنىكىغا قاراپ ئىدى،
ئۇ ۋاقىتتىكى كومپىيۇتېر پروگراممىلىرى كۆپۈنچىسى تورسىز ئىشلەيتتى ۋە ياكى تار دائىرىلىك توردا ئىشلەيتتى


بۇ ئىنتايىن چوڭ ئورۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرايتتى،
سانلىق مەلۇماتلارنى مەلۇم بىر نۇقتىغا يىغىش قىيىن ئىدى،


كىيىن ئىنتىرنىت تورى تەرەققىي قىلىپ ئوموملىشىشقا باشلىدى،
كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بارلىققا كەلدى،


ئەينى ۋاقىتتىكى تورسىز ئىشلەيدىغان ئۇ پروگراممىلاردا ئىنتايىن كۆپ يىتەرسىزلىكلەر ساقلانغان ئىدى،
لىكىن ئىنتىرنىت ھەممىنى ئۆزگەرتتى،
ھازىر ھەممە پروگراممىلار تورلىشىشقا يۈزلىنىپ كەتتى،
بارلىق سانلىق مەلۇماتلار بىرلا نۇقتىغا مەركەزلىشىپ ئوخشىمىغان ئورۇندا  ئورۇن چەكلىمىسى ۋە ئۈسكۈنە چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن سانلىق مەلۇمات ماسقەدەملەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى
چوڭ سانلىق مەلۇمات توپىنى بارلىققا كەلتۈردى،
مانا ھازىر سۈنئىي ئىدراك بىلەن بۇ چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىپ ئۇلاردىن مەلۇم نەتىجىگە ئىرىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىمىز.

ھازىرقى تەرەققىيات ئاللىبۇرۇن كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە يۈزلىنىپ كەتتى،
[كۆچمە ئۈسكۈنە، تورلىشىش[]


دەۋىر ئۆزگەردى،
ئەتراپىڭىزدا خەۋەر كۆرۈش ئۈچۈن تورخانىغا كىرىپ ياكى كومپىيۇتېرىنى ئىچىپ كومپىيۇتېردا كۆرىدىغانلار بارمۇ؟
ناخشا ئاڭلاش ئۈچۈن سىز كومپىيۇتېرنى قوزغىتامسىز؟
ھازىرمۇ كومپىيۇتېرىڭىزنى تورغا ئۇلىمىغان ھالەتتە ئىشلىتەمسىز؟؟؟

قولىڭىزدىكى تېلېفونىڭىز ئۆيىڭىز ياكى ئىشخانىدىكى چوڭ ھەم كىلەڭسىز، كۆتۈرۈپ يۈرگىلى بولمايدىغان كومپىيۇتېرلاردىن بەكلا قۇلاي ئەمەسمۇ،

دەۋىر ئۆزگەردى،
ئىلگىرىكى تورسىز ئىشلەيدىغان ۋە ياكى تار دائىرىلىك توردا ئىشلەيدىغان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ھازىرقى تورلاشقان دەۋىرنىڭ ئىھتىياجىدىن چىقالمىدى
شۇ ۋەجىدىن ئەينى ۋاقىتتىكىكەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن نۇرغۇن تېخنىكا ۋە پروگرامما تىللىرى قوللىنىلىش نىسبىتى تىك سىزىق بىلەن تۆۋەنلەش ھەتتا زاۋاللىققا يۈزلىنىشكە قاراپ ماڭدى،


دەۋىر ئۆزگەردى،
ئىھتىياج ئۆزگەردى،
ئۆزگەرگەن يىڭىچە ئىھتىياجنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يىڭىدىن تېخنىكىلار ۋە يىڭىدىن پروگرامما تىللىرى بارلىققا كەلدى،
يىڭىچە ئىھتىياجنى ياخشى ھەل قىلىشقا ماس كەلمەيدىغان پروگرامما تىللىرى ۋە تېخنىكىلار ئۆز پىتى بىر ئىزىدا توختاپ قالدى،
سىز دەرھال يىڭى ئىھتىياجنى ھەل قىلىش چارىسى ئىزدىشىڭىز كىرەك،
ئەگەر سىز بىر پروگراممىر تۇرۇپ بىر ئىھتىياجنى ھەل قىلالمىسڭىز ئۇنداقتا زامان سىزنى شاللىۋىتىدۇ،

ئۇنداقتا سىز توختىماي ئۈگىنىشىڭىز، ئىزدىنىشىڭىز كىرەك.



[كۆچمە ئۈسكۈنە توغۇرلۇق ئازراق توختىلايلى،



[ mobile devices.jpg


كۆچمە ئۈسكۈنىلەر شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلدى،

غايەت زور ئىستېمال توپى كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە بولغان تېخنىكىلىق ئىھتىياجنى باشلاپ كەلدى،

كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە پروگرامما يىزىشمۇ دەل شۇلارنىڭ بىرى،



Android, IOS بۇ ئىككى سۇپىنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىشى Android ۋە IOS پروگراممىسى يىزىش ئىھتىياجىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،
نۇرغۇن پروگراممىر Android ۋە IOS نى باشلىۋىتىپ بولدى،


بولۇپمۇ Android نىڭ تەرەققىياتى ئاجايىپ تىز بولۇۋاتىدۇ،
ھەتتا ۋىندوۋس نىڭ زىمىن تەۋەلىكىگە بۆسۈپ كىرىشكە باشلىدى،
Android بۇ پەقەتلا تېلېفون، تاختا كومپىيۇتېرلاردىكىلا يۈزلىنىش بولماستىن بەلكى IOT ئۈسكۈنىلىرى(ئاپتوموبىل، پەن-تەتقىقات، ئوقۇتۇش)، كۆچمە مۇلازىمەت ئاپاراتلىرى (مەسىلەن POS ماشىنىسى، ئاپتوماتىك مۇلازىمەت قىلىدىغان ماشىنىلار) غىچە كىڭىيىپ باردى،
ھەتتا قولىڭىزدىكى سائەتنىڭ ئىچىگە قاچىلانغىنىدىن تارتىپ Android بولۇپ كەتتى،
بىز ئىستىمالچىلارغا تىخىمۇ ياخشى ئىشلىتىش تەسراتى ۋە تىخىمۇ قۇلاي ئىشلىتىش مۇھىتى ھازىرلاش ئۈچۈن كومپىيۇتېردىكى نۇرغۇن پروگراممىلارنى كۆچمە ئۈسكۈنە سۇپىلىرىغا يۆتكىدۇق،


ئۇنداقتا ھازىر يىڭىدىن ئۈگەنگۈچىلەر نىمىدىن باشلىسا زىيان تارتمايدۇ؟



1. كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئەپ ئىچىش



[ Trends-in-Mobile-App-Development-1.jpg


نۆۋەتتە ئىككى چوڭ مەشغۇلات سىستېمىسى Android ۋە IOS
بۇلار ئۈچۈن تۆەندىكى پروگرامما تىللىرىنى ئىشلىتىمىز


Android:
Kotlin && Java
(Kotlin ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ، چۈنكى گۇگىل تەرەپ ئۆتكەن يىلىلا بۇنىڭدىن كىيىن Kotlin نى Java نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ Android ئۈچۈن ئاساسلىق پروگرامما تىلى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى)


IOS:
Objectv-C && Swift
(Swift تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئەمما تورلاردا دىيىلىشىچە Swift دە يەنىلا بەزىدە قوتۇر Objectv-C غا ئىھتىياج چۈشۈپ قالىدىكەن)




بىز كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ بولدۇق،
كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ كەينىدە ئەمەلىيەتتە غايەت زور بىر ئىھتىياج يوشۇرۇنغان،

2. مۇلازىمىتىر پروگراممىسىغا بولغان ئىھتىياج



Client-server-model.svg.png





ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز تېلېفونىڭىزدا ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان قايسى بىر ئەپ تورغا ئۇلانماي ئىشلەيدۇ؟
ھەتتا ھۆججەت باشقۇرۇغۇچمۇ تورغا ئۇلىنىپ ئىشلەۋاتسا؟
ئويۇنلارمۇ پۈتۈنلەي تورلۇق بولۇپ كەتتى،
دىمەك كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەۋزەللىكى دەل ئىنتىرنىت بىلەن مۇكەممەل بىرىككەنلىكىدە،


سىز ھەر كۈنى نۇرغۇن ئەپلەرنى ئىشلىتىسىز،
سىز ئىشلىتىۋاتقان ئەپلەر تورغا ئۇلىنىدۇ،
سىز تور ئارقىلىق تېلېفون، كومپىيۇتېر، تاختا كومپىيۇتېر تور بەت قاتارلىقلاردا ئوخشاش بىر سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەپ ئورتاق ئىشلىتەلەيسىز، ھەممىسىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز،






ئەمدى سىز ئازراق Android ياكى IOS ۋە ياكى پروگرامما يىزىپ باققان ئادەم بولسىڭىز بۇنى چۈشىنىسىز،
يادىڭىزدا بولسۇن، كۆچمە ئۈسكۈنە توردىن ئايرىلالمايدۇ،
دىمەك كۆچمە ئۈسكۈنە توردىكى مەلۇم بىر مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە ئىھتىياجلىق بولىدۇ،

يەنى بىز دەيدىغان مۇلازىمىتىر.



كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلەرنىڭ ئىھتىياجىنىڭ ئىشىشى ھىساپتا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان مۇلازىمىتىردىكى مۇلازىمىتىر پروگراممىسىغا بولغان ئىھتىياجنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۋىتىدۇ،



بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى:

كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىھتىياجى قانچە ئاشسا مۇلازىمىتىر پروگراممىسىغا بولغان تەلەپ ۋە ئىھتىياجمۇ شۇنچە ئاشىدۇ،



كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىھتىياجى مۇلازىمىتىر پروگراممىلىرىغا بولغان ئىھتىياجنى ئىلىپ كىلىدۇ،



بىز ئادەتتە كۈندە چىقىۋاتقان تور بەتلەرمۇ ئەمەلىيەتتە مۇلازىمىتىر پروگراممىسىنىڭ بىر خىل شەكلى خالاس،

ئەمەلىيەتتە مۇلازىمىتىردا تور بەتلەردىن باشقا ھىچقانداق كۆرۈنمە يۈزىمۇ بولمايدىغان، تىپتىنىچ مۇلازىمىتىردا يۈرگۈزۈلۈپ مەخسۇس تېلېفون، كومپىيۇتېر، تاختا كومپىيۇتېر، تور بەت قاتارلىقلارغا مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان پروگراممىلار بولىدۇ،

WebService, RestAPI, WebAPI قاتارلىقلار دەل بۇلارنىڭ مىسالى بولالايدۇ،

سىز كۈندە ئىشلىتىدىغان ئۈندىدار ۋە QQ ۋە باشقا بارلىق تور بىلەن ئۇلىنىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ كەينىدە غايەت زور مۇلازىمىتىرلار يوشۇرۇنغان،
ئاشۇ مۇلازىمىتىرلار سىزگە ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ،
ئۇلار تىپتىنىچ يۈرگۈزۈلۈپ مەخسۇس سىزنىڭ تېلېفونىڭىز ئۈچۈن مۇلازىمەت تەمىنلەيدۇ،


سىز بىر دوستىڭىزغا خەت ئەۋەتسىڭىز سىز ئەۋەتكەن خەت ئاۋال مۇلازىمىتىرغا بارغاندىن كىيىن مۇلازىمىتىر ئۇنى دوستىڭىزغا ئەۋەتىپ بىرىدۇ،
ھەرگىزمۇ سىزنىڭ تېلېفونىڭىزدىن دوستىڭىزغا بىۋاستە ئەۋەتىلمەيدۇ،

يۇقارقى رەسىمدە كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى بىر مۇلازىمىتىر نۇرغۇن كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ،
بارلىق سانلىق مەلۇماتلار پەقەت بىرلا مۇلازىمىتىردا ئورتاق ساقلىنىدۇ،
شۇ ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىلەرگە ئوخشاش مۇلازىمەت ۋە ئوخشاش سانلىق مەلۇمات تەمىنلىگىلى، ئۇلار ئارىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ماس قەدەملەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ،
ئەمەلىيەتتە مۇلازىمىتىر پروگراممىسى دىگەن ئىنتايىن چوڭ ساھە،
يەنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار ئەڭ قورقىدىغان ئارقا سۇپا مۇ ھىساپتا تور پروگراممىسىنىڭ بىر خىل شەكلى،

تۆۋەندە بىر خىل تور پروگراممىسى ئەندىنزىسىنىڭ سىخمىسىنى قالدۇراي،



DeepinScreenshot_select-area_20180214185521.png


بۇ خىل Server Client Model سىخمىسىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئالاھىدىلىكلىرى بار،
1. بارلىق سانلىق مەلۇماتلار بىرلا نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى تورسىز پروگراممىلارغا ئوخشاش نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات پەقەت بىر كومپىيۇتېر ياكى بىر ئۈسكۈنە ئىچىدىلا چەكلىنىپ قالمايدۇ،
بۇنىڭ بىلەن ئورۇن ۋە ئۈسكۈنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن ئوخشىمىغان مۇھىت ۋە ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىلەردە ئوخشاش سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
2. بارلىق كەسپىي لوگىكا پەقەتلا پەقەت مۇلازىمىتىر تەرەپتىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ،
سىزنىڭ بارلىق قىلماقچى بولغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى (پروگراممىڭىزنىڭ بارلىق ئەمەلىي ئىقتىدارلىرىنى(ساندان مەشغۇلاتى، سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش، ۋە باشقا بارلىق ئىقتىدارلار مۇشۇ  يەردە بولىدۇ)) سىز ئەڭ ئاۋال مۇلازىمىتىر پروگراممىسىدا يىزىۋالىسىز، يەنى يىزىپ تەييارلاپ مۇلازىمىتىردا ئەمەلگە ئاشۇرىسىز، ئاندىن يىزىپ تەييارلاپ قويۇلغان بۇ ئىقتىدارلارنى API شەكلىدە سىرىتقا قارىتا ئىچىۋىتىسىز،
يەنى بىر مۇلازىمەت شەكلىدە سىرىتقا تەمىنلەيسىز،
ئاندىن Android, IOS, Windows, Linux, Os X, Web page قاتارلىقلاردا ئاللىبۇرۇن تەييارلاپ قويۇلغان يۇقارقى ئورتاق بىر API لارنى ئىشلىتىسىز،
سىز ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىلەردە ئوخشاش بىر مۇلازىمەت قەۋىتىنى يەنى ئوخشاش بىر API نى ئىشلىتىسىز،
بۇنداق بولغاندا سىز ھەر خىل ئۈسكۈنىلەردە ھەر خىل پروگرامما تىللىرىدا يەنە قايتىدىن 0 دىن باشلاپ كەسپىي لوگىكىلارنى يىزىپ چىقىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق،


سىز پەقەت كەسپىي لوگىكىلارنى بىرلا قىتىم يىزىپ چىقىپ ئاندىن شۇلارنى باشقا ئۈسكۈنىلەردە يۆتكەپلا ئىشلىتىسىز،


3. بۇنداق بولغاندا ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىە ئوخشىمىغان پروگرامما تىلىدا بىر ئوخشاش ئىشنى تەكرار قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، يەنە كىلىپ يىڭىلاش ئاسراش قاتارلىقلار ھەممىسىگە ئورتاق بولىدۇ،
ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىلەردە ئوخشاش بىر خىل مۇلازىمەتنى ئىشلەتكۈچىگە تەمىنلىيەلەيسىز.


4. بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ،
پروگراممىنىڭ بارلىق يادرولۇق بۆلەكلىرى مۇلازىمىتىردا بولىدۇ، ساندان مەشغۇلاتى، سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار مۇلازىمىتىردا بولغاچقا ساندان ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە بىۋاستە توردىكى مۇلازىمتىردىكى ساندانغا مەشغۇلات قىلغانغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدۇ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە چۈشىدىغان بىسىم تىخىمۇ يىنىكلەيدۇ،


بۇ ئۆز ئالدىغا ئاجايىپ چوڭ ساھە،
ساندان باشقۇرۇش، سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش، مۇلازىمىتىر ئاسراش ۋە باشقا نۇرغۇن نۇرغۇن ساھەلەرنى بۇ چوڭ ساھە ئۆز ئىچىگە ئىلىۋىتىدۇ،
بۇ يەردە بۇلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ،

يىزىشقا بولىدىغان پروگرامما تىللىرى: (ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىۋى يوق)


C++, C#, VB.Net, Python, PHP,Java, Kotlin, Go, Rust


C++ نى ئالاھىدە ئىھتىياجدىن سىرىت ئىشلەتمەيدۇ، شۇڭا چىقىرۋەتسەكمۇ بولىدۇ.


C#, VB.Net لار ئارقىلىق Windows مۇلازىمىتىرىدا ASP.Net MVC دا ۋىندوۋس مۇلازىمىتىر پروگراممىسى يىزىشقا بولىدۇ


C# ئارقىلىق .Net Core مۇھىتىدا  Windows, Linux Mac قاتارلىق سۇپىلاردا سۇپا ئاتلىغان مۇلازىمىتىر پروگراممىلىرىنى يىزىشقا بولىدۇ


Python دا ئوخشاشلا DJango قاتارلىق رامكىلاردا سۇپا ئاتلىغان مۇلازىمىتىر پروگراممىلىرىنى يىزىشقە بولىدۇ


PHP نى دىمىسەممۇ ھەممىمىز بىلىمىزغۇ، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مۇلازىمىتىر قوليازما تىلى دەپ تەرىپلىنىدۇ، سۇپا ئاتلىغان


Java ئارقىلىق كارخانا دەرىجىلىك سۇپا ئاتلىغان مۇلازىمىتىر پروگراممىلىرى يىزىپ چىقىلىدۇ


Kotlin ئارقىلىق JetBrains نىڭ Ktor رامكىسىدىن پايدىلىنىپ تىز سۈرئەتتە قىستۇرمىلاشتۇرۇلغان سۇپا ئاتلىغان مۇلازىمىتىر پروگراممىلىرىنى يىزىشقا بولىدۇ


Go گۇگىلنىڭ چىقارغان پروگرامما تىلى، ئاساسلىقى مەخسۇس يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمىتىر پروگراممىسى يىزىشقا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن ئويۇن مۇلازىمىتىرى. سۇپا ئاتلىغان


Rust ئوت تۈلكە FireFox نى ھەممىمىز بىلىمىزغۇ دەيمەن، شۇنىڭ شىركىتى Mozilla تەتقىق قىلىپ چىققان تۆۋەن دەرىجىلىك پروگرامما تىلى، تۆۋەن قاتلام مۇلازىمىتىر پروگراممىلىرىنى يىزىشقا بولىدۇ، سۇپا ئاتلىغان

ۋە يەنە باشقا باشقا....
3. تور كۆرگۈچتە ئىجرا بولىدىغان پروگرامما (تور بەت)


يۇقارقى ئىككى چوڭ گىگانىت ئىھتىياجدىن سىرىت يەنە بىر چوڭ ئىھتىياج تور بەت ئالدى كۆرۈنمە يۈز،
ئادەتتە تور بەت پەقەت تور كۆرگۈچ قاچىلانغان ھەر قانداق بىر نۇرمال تورغا چىقالايدىغان ئۈسكۈنىدە نۇرمال ئىجرا بولىدۇ
بۇنىڭغا قانداقتۇر ئالاھىدە ئىجرا مۇھىتى كەتمەيدۇ، مەيلى كومپىيۇتېر، مەيلى تېلېفون، مەيلى باشقا ئۈسكۈنە بولسۇن، مەيلى قانداقلا مەشغۇلات سىستېمىسى بولسۇن ھىچقايسىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ،
ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋىي ئۈستەل يۈزى پروگراممىسىنىڭ ئورنىنى ھازىر تور كۆرگۈچتە ئىجرا بولىدىغان پروگراممىلار ئىلىپ بولدى ھەم ئىلىۋاتىدۇ (كۆپ قىسىم ساھەلەردە)

HTML5, CSS3, JavaScript, TypeScript قاتارلىق پروگرامما تىللىرىدا يىزىپ چىقىلىدۇ.


ھازىرقى ئومومىيۈزلۈك تور بەتلەردە HTML نى مۇلازىمىتىر تەرەپتە ھاسىللايدۇ، يەنى مۇلازىمىتىر تەرەپتە قوراشتۇرۇپ چىقىدۇ،
ئەسلى مۇلازىمىتىردا قائىدە بويىچە بولغاندا پەقەت كەسپىي لوگىكىلا بولىشى كىرەك، ھەر قانداق كۆرۈنمە يۈزگە مۇناسىۋەتلىك نەرسە بولسا بولمايدۇ، (شۇنداق بولسا ياخشى)


ئەمما ھازىرقى ئىنتايىن كۆپ قىسىم تور بەتلەر HTML نى مۇلازىمىتىر تەرەپتە قوراشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈپ چىقىپ ئۇنى تور كۆرگۈچ تەرەپكە ئەۋەتىپ بىرىدۇ،
بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك يىتەرسىزلىكلىرى بار:


1. مۇلازىمىتىر تەرەپتە كۆرۈنمە يۈزگە ئالاقىدار كودلار بولماسلىقى كىرەك، قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشى، مۇلازىمىتىردا كۆرۈنمە يۈزگە مۇناسىۋەتلىك كود بولسا ئورتاق بولغان سانلىق مەلۇمات تەمىنلەش قىيىنغا چۈشىدۇ (كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە مەخسۇس WebAPI تەمىنلىگەننى ئاز دەپ تور بەت ئۈچۈنمۇ مۇلازىمىتىردا HTML ماتورى ئىشلىتىسىز، ئاسانلا سانلىق مەلۇمات قەۋىتى بىلەن كۆرۈنمە يۈزنى ئارلاشتۇرۇپ قويسىىز) ئەسلى قائىدە بويىچە بولغاندا مۇلازىمىتىردىكى HTML ماتورلىرىنى چۆرىۋىتىش كىرەك (PHP نىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى مۇشۇ ئىدى ئەمما،)


2. مۇلازىمىتىر تەرەپكە بىسىم ئىلىپ كىلىدۇ،


3. سىز ئالدى بەتنى يىزىش ئۈچۈن ئارقا سۇپا پروگرامما ئىچىش تىللىرىنى ۋە تېخنىكىلىرىنى بىلىشىڭىز كىرەك،
سىز مىڭ جاپادا چىرايلىققىنە يىزىپ قويغان HTML قىلىپىنى يەنى ئەندىنزىسىنى PHP, C#, Java قاتارلىقلارنىڭ كودىغا سىڭدۈرۈپ پارچىلاپ قىستۇرۇشى كىرەك،
بۇنىڭلىق بىلەن ئەسلىدىكى چىرايلىق چۈشىنىشلىك HTML نىڭ ئىسكەتى قالمايدۇ.


4. HTTP دىكەن بىر خىل مۇقىم ھالىتى يوق كىلىشىم، سىز مۇرەككەپ بولغان ئىقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا تور كۆرگۈچ ھەر بىر قىتىم يىڭىلىنىش سەۋەپلىك تور كۆرگۈچتە ساقلاپ قالىدىغان ئۇششاق سانلىق مەلۇماتلارنى يوقىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن كود يازىسىز
ئەمما ئادەمنى ژىغا تۇتىدۇ دەل مۇشۇ يىرىدە.
قىسقىسى بۇنداق بەتتە مۇرەككەپ ئىقتىدارلارنى چىرايلىق تاماملاش ئىنتايىن قىيىن، بۇ قانچە قىيىن بولغانسىرى مۇلازىمىتىردىكى html ماتورى تەرەپنىڭ ئىشىمۇ يەنە ئاۋۇيدۇ
بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بەت يىڭىلانماسلىقى كىرەك، بەت يىڭىلانماسلىق ئۈچۈن ajax ئىشلىتىش كىرەك،
ajax ئىشلىتىپ مەسىلىنى ھەل قىلغاندا سىز زور مىداردا HTML Dom غا JavaScript بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كىلىسىز،
findElementById... ئەدەمنى ژىغلىتىدىغان مانداق فۇنكىسىيەلەرنى كۆپلەپ ئىشلىتىسىز،
ئىھتىمال JQuery ئىشلىتىشىڭىز مۇمكىن،
ئەمما مەنچە بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ياخشى ئۇسۇل ئەمەس،


دەل يۇقارقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كىشىلەر يىڭى رامكىلارنى يىزىپ چىقتى
يىڭى پروگرامما تىللىرىنى يىزىپ چىقىشتى،


مەسىلەن: Angular, Vue, React قاتارلىقلار،
بۇلار يۇقارقى مەسىلىلەرنى ئىنتايىن چىرايلىق ھەل قىلغان،
مەن تور بەت يازىمەن دەيدىغان ئادەمنىڭ ھىچ بولمىغاندا بىرسىنى بىلىشى زۆرۈر، بولمىسا مەن تور بەت يازىمەن دىمىسىمۇ بولىدۇ،


Angular نىڭ ئەڭ يىڭى نەشىرى 5.3،
Angular 1 نى JavaScript دا يىزىپ چىققان
Angular2 دىن باشلاپ ئۇنى TypeScript (مىكروسوفىت چىقارغان بىر خىل سىتاتىك تىپلىق قوليازما پروگرامما تىلى، يەنى JavaScript قا تەرجىمە قىلىنىدۇ) دا يىزىپ چىققان،
ھازىر Electron, NW لارنىڭ ياردىمىدە بىز Html5, Css3, JavaScript&&TypeScript لار ئارقىلىق ئىنتايىن ئاسان ۋە چىرايلىق بولغان ئۈستەل يۈزى پروگراممىلىرىنى يىزىپ چىقالايمىز،
ھەم ھازىر ئىنتايىن كۆپ HTML5 كۆچمە ئەپ ئىچىش رامكىلىرى بار، مەسىلەن Cordova نى يادرو قىلغان باشقىلىرى.



تۆۋەندىكىسى مەن html5, css3, typescript, javascript لارنى ئارلاشتۇرۇپ يىزىپ چىقان Electron دا يۈرگۈزىلىدىغان ئۈستەل يۈزى پروگراممىسى


[


{Y_VT2]`92M[HF4EI]%TRI4.jpg



T_`9]39XL~24F_(E]@_Q3.jpg





Linux, Windows, Os X نەشىرلىرى بار، ھەممىسىدە ئورتاق ئىشلەيدۇ،




قىسقارتىپ گەپنى يىغىنچاقلىسام:


ھازىرقى 2018. يىلىدىن كەلگۈسىگە قارىغاندا ئۈگىنىشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان تېخنىكىلار تۆۋەندىكىچە: (قىيىنلىق دەرىجىسى بويىچە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرىلىرىدىن ئاسانلىرىغا تىزىلدى)
1. مۇلازىمىتىر پروگراممىلىرىنى ئىچىش
2. كۆچمە ئۈسكۈنە يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىچىش
3. تور كۆرگۈچ پروگراممىلىرى (تور بەت ئالدى يۈز) ئىچىش


(ئەگەر سىزنىڭ قىززىقىدىغىنڭىز قاتتىق دېتال بولۇپ قالسا يۇقارقىلارنى كۆرۈپ پايدىلىنىپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئەمما بۇ سىزنىڭ ئۈگىنىش ھالىتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ،
چۈنكى بۇ يازمىدا تونۇشتۇرۇلغان مەزمۇن بىلەن قاتتىق دېتال پروگراممىرلىقى ئايرىم ئايرىم ساھە.)


ئۇنداقتا 2018. يىلى ئۈگىنىشكە ئەرزىيدىغان بىر قىسىم يادرولۇق تېخنىكىلارنى كۆرۈپ ئۆتتۇق.
ئەمدىكىسى تەۋسىيە قىلىنمايدىغان بىر قىسىم ۋاقتى ئۆتكەن ۋە ئۈگىنىش قىممىتى يوق تېخنىكىلار:

2018. يىلى پەۋقۇلادە ئەھۋال بولمىسا ئۈستەل يۈزى پروگراممىسى يىزىشنى ئۈگىنىشكە زىھنىڭىزنى سەرىپ قىلماڭ


توغرا، خاتا ئەمەس،ئالاھىدە ئىھتىياجىڭىز بولمىسا سىز تامامەن ئۈستەل يۈزى پروگراممىسىنى چۆرۈپ تاشلىۋەتسىڭىز بولىدۇ،
ئۈستەل يۈزى پروگراممىسى بۇنىڭدىن كىيىن يوقىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمما بۇرۇنقىدەك ئوت بولۇپ يانمايدۇ، ئۇ يەنىلا مەلۇم كەسپىي ساھەلەردە داۋاملىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرىۋىرىدۇ،
ئەگەر سىز كەسىي ئىش قىلمىسڭىز 2018. يىلى ئۈستەل يۈزى پروگراممىسى يىزىشنى ئۈگەنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،

تۆۋەندىكىلەر ئۈگىنىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ

Java AWT
Java SWT
Java Swing

Windows Forms
WPF (ئەگەر UWP ۋە Xamarin يىزىپ قالسىڭىز ئۈگىنىشىڭىز كىرەك، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى پەقەت ئۈستەل يۈزى نۇسقىسى)
MFC
QT C++ (ئەگەر OpenGL, ۋە ياكى ئۈنۈم ئالاھىدە يۇقىرى، مەسىلەن ئويۇن، OpenCV ۋە Linux Embedded devices قا پروگرامما يىزىش ئىھتىياجى بۇنىڭ سىرتىدا)

ئەگەر چوقۇم ئۈستەل يۈزى پروگراممىسى يىزىشقا توغرا كەپ قالسا:*   .Net مۇھىتىدا CefSharp ئىسىملىك ئوچۇق كودلۇق تۈرنى ئىشلىتىش،
CefSharp بولسا Chromium نىڭ .Net قا تۇتاشتۇرۇلغان نۇسقىسى، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى،
كۆرۈنمە يۈزنى پۈتۈنلەي HTML, Css JavaScript, TypeScript لاردا يازىسىز، ئىقتىدارىنى .Net دىكى ئۆزىڭىز ئىشلىتىدىغان پروگرامما تىلىدا يازىسىز،
تىخى سىزىمچان ئىكران قوللايدۇ،
Windows Forms, Wpf لارغا كونتىرول شەكىلدە ئەكىرىپ ئىشلىتىشنى قوللايدۇ.

*   JVM مۇھىتىدا JavaFX تەۋسىيە، سۇپا ئاتلىغان، Swing غا قارىغاندا مىڭ ياخشى، قاتتىق دېتال مەنبەلىرىنى ياخشى ئىشلىتەلەيدۇ، OpenGL قوللايدۇ،
يەنە بىر تەۋسىيە CefJava مۇ بولىدۇ.

*   Electron, NW لاردا سۇپا ئاتلىغان ئۈستەل يۈزى پروگراممىسى يىزىش

2018. يىلى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا بۇ تېخنىكا ۋە پروگرامما تىللىرىنى ئۈگىنىپ زىھنىڭىزنى سەرىپ قىلماڭ

PowerBuilder
Delphi
C++ Builder
Visual Basic 6.0 (دىققەت، Visual Basic .Net ئەمەس، ئىككىسىنىڭ ئىسمى ئوخشاپ كەتكەن بىلەن ئىككىلىسى ئىككى نەرسە.)
Flash, ActionScript
ASP


سىز ئاجايىپ تىز يىڭىلىنىدىغان بۇ ساھەگە كىرىشتىن بۇرۇن باشلىنىشىڭىز چىرايلىق ھەم ئەھمىيەتلىك، ئىسىل بولسۇن، بۇمۇ ئىستىراتىگىيەرىڭىزنىڭ بىر قىسمىپەقەت بىرلا مەقسىدىم، مەن پەقەت سىزنى چىرايلىق بىر باشلىنىشغا ئەكىرىۋىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن، كونىلىققا ئىسلىۋالماڭ، يىڭىلىققا ئىنتىلىڭ،
ھازىر بىلىپ بىلمەي قىزغىنلىق بىلەن ئۈگىنىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھازىر تىرىشىپ ئۈگەنگەنلىرىڭىزنىڭ ئاللىبۇرۇن ئانچە ئىشلىتىلىپ كەتمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن ھازىرقى چىرايلىق باشلىنىش ياخشى دەپ قارايمەن

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
بۇ يازما پەقەت قوللىنىشچان پروگرامما يازىدىغان كۆپ قىسىم يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە يۈزەكى چۈشەنچە بىرىش ۋە يول باشلاش مەقسىتىدە يىزىلدى، مەسىلەن سىز قاتتىق دېتالغا پروگرامما يىزىشقا قىززىقسىڭىز بۇ يازما سىزگە ماس كەلمەيدۇ
يۇقارقى بەزى پروگرامما تىللىرى ۋە تېخنىكىلارنىڭ ئورنىنى باشقا تىل ۋە تېخنىكا ئالالمايدىغان ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ،
مەسىلەن:


C++ QT تۆۋەن قاتلام يۇمشاق دېتاللار (مەسىلەن مەشغۇلات سىستېمىسى) گىرافىك بىر تەرەپ قىلىش (OpenGL, OpenCV) ۋە Linux Embedded devices
Win32



ئاخىرىدا يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ ئەگەر قاتتىق دېتالغا پروگرامما يىزىش قىززىقىشى بولمىسا C, C++ دىن باشلىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن،

نۇرغۇن بالىلارنىڭ كاللىسىدا C تىلى ھەممىسىنىڭ ئانىسى، شۇنى ئۈگىنىۋالسام قالغىنى ئاسان دەيدىغان ئىددىيە باركەن قىسقىسى C نى ئاسان دەيدىغان ئىددىيەدىكى بالىلار باركەن،
سەمىمى تەۋسىيە، Java دىن باشلاڭ، سەۋەبىنى مەن ئالدىنقى يازمىدا دەپ بولغان، قاتتىق دېتالغا پروگرامما يازمىسىڭىز C, C++ دىن باشلىماڭ،
2018. يىلى يەنە C, C++ نىڭ گىپىمۇ؟
ئەمەلىيەتتە ئوبىيكىتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تىللىرى ئىنتايىن ئاسان، پەقەت ئۆزىڭىز شۇنداق ئويلىۋالىسىز خالاس.

كۆز قارىشىڭلار بولسا قالدۇرساڭلار بولىدۇ.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +42 يىغىش سەۋەبى
oyqil + 20 ياخشى يازما
Boy卍HEr〇 + 12 ياخشى يازما
begtash + 10 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

25ئادەم ئىنكاس يازدى

stilly ۋاقتى: 2018-3-14 16:09:50
مانا مانا ، ئېسىل يازمىلاردە مانا ! ئاپتورنىڭ تەھلىلىرى ۋە بايانلىرى شۇنداق چۈشىنىشلىك ۋە ئەتراپلىق بوپتۇ . كۆپ تەجىربىلىەرگە ئىگە ئىكەنلىكى يازمىسىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇ مانا .ئاپتورنىڭ قولىغا (ھەممە يىرىگە) دەرت كەلمىگەي .

مەنمۇ بەزى قاراشلىرىمنى دەپ باقسام :
ئادەتتە مېنىڭ كىيۇ كىيۇ ياكى ئۈندىدار نومۇرۇمنى قوشۇۋىلىپ پىروگرامما ئۆگىنىش توغۇرلۇق مەسلھەت سورايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس . مەنمۇ ئۆزەمنىڭ بىلگىنىچە ھىس قىلغىنىچە مۇۋاپپىق تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىمەن .مەيلى قارشى تەرەپ رازى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئىشقىلىپ سۆزلەپ قويىمەن .بەزىدە ئانچە مۇنچە چالۋاقاپمۇ قالىمەن . نىمىشقا دىگەندە سەۋەبى مۇنداق . مېنى ئىزدەيدىغانلار ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئادەملەر .

1.پىروگرامما لاھىيلەشكە قىززىقىدۇ .كومپىيوتېر ئۆگىنىپ ... ئىشقىلىپ بىر نىملەرنى قىلىپ دەششەت خاككىر بولۇپ، دۇنيانى ئۆزگەرتىپ ... بىرنىملەرنى قىلۋەتكۈسى بار ئادەملەر .شۇ ئۆگەنگۈسى بار ،لىكىن نىمە ئۆگىنىشىنى ئۇقمايدۇ (مۇنداقچە ئىيتقاندا پەقەت شۇندا غايىۋى خىياللا بارلاردە بۇلار) .شۇڭا بۇنداق تورداشلار بىلەن پاراڭلاشقاندا سەل خۇشياقمايدۇ ياكى تاراڭ تۇرۇڭ گەپ قىلىپلام گەپنى تاماملايمەن . نىمىشقا دىگەندە ھىس قىلىپ تۇرىمەندە ، ئۇلار مەن بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ بولغاندىن كىيىنلام يەنە ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ ، بۇ غايىۋى پاراڭلار شۇ يەردىلا قالىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاۋۋال ئۆزى بىر قاتار ئىزدىنىپ ،ئاساسىي نەزىرىيە ۋە ئۇقۇملارنى ئىگەللىشى كىرەكتى ھەم قىلالايتتى . پىروگرامما دۇنياسىدا ئۆزى ئىزدىنىغان ۋە ئۆگىنىدىغان روھ بولمىسا مەنچە ھەرقانچە سۆزلىسىمۇ بىكار. بۇ بىرىنجى تۈرلۈك كىشىلەرگە مەنچە ئەڭ قىسقا ۋە ئەڭ ئاقىل جاۋاب : ئاپتورنىڭ ئىيقىنىدەك «سىز نىمىش قىلماقچى؟» دىگەن سۆزى بولىشى مومكىن .

2. تىل بىلمەيدىغانلار (خەنزۇتىل ياكى ئىنگىلىز تىلى)
ئالدىنقى بىر مەزگىللەردە بىر نەچچە تورداش بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق .ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى خەنزۇتىلى ياكى ئىنگىلىز تىلىدىن ئاساسىي جەھەتتىن خەۋرى يوق (يازالمايدۇ ياكى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدۇ ).بۇنداقلار بىلەن پاراڭلاشقاندا مەن گەپنىڭ پوس كاللىسىنى قىلىمەن . پىروگرامما تېلى ئاساسەن ئىنگىلىز تىلىغا مايىل ھەم ھازىرقى زامان پىروگرامما تىللىرى بارغانسىرى ئىنسانىيەت ئىغىز تىلىغا بارغانسىرى يىقىنلىشىۋاتىدۇ. ھەم بىز جۇڭگولۇق ،دۆلىتىمىزدە پىروگرامما تىلىغا ئائىت ماتىرياللار ئاساسەن خەنزۇچە تىلدا .تىل بىلمەي تۇرۇپمۇ پىروگرامما تىلىنى ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ دىگەنلىك مەنچە ئۆزىنى ئالدىغانلىق ياكى بەزلىگەنلىك . تىل بىلىش پىروگرامما تىلى ئۆگىنىشتە كەم بولسا بولمايدىغان نېگىزلىك ئامىل ........ئىشقىلىپ يۇقارقىغا ئوخشاش بىرمۇنچە بىلجىرلەپ بىرىمەن ، ئۇلارمۇ لاسسىدە بولۇشۇپ قالىدۇ.(بەلكىم ھالى يامانكەن دەپ خاپولغانلارمۇ باردۇ )
بۇنداق دىسەم تورداشلارمۇ مۇنداق دىيشى مومكىن ، ئارىمىزدا خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە تىل بىلمەي تۇرۇپمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدىغانلار بارغۇ دەپ .مەن شۇ تىل بىلمەي تۇرۇپمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلۋىتەلەيدىغانلارغا چىن كۆڭلۈمدىن قايىل .لىكىن مەن تىل بىلمەي تۇرۇپ پىروگرامما تىلى ئۆگىنىشنى ئاقىلانىلىك دەپ قارىمايمەن .


2.مەلۇم پىروگرامما تىلى ئۆگىنىش ۋە مەلۇم تۈر ئىشلەش تەجىىربىسى بارلار (بۇ تۈردىكىلەر ئازلا ساننى ئىگەلەيدۇ)
بۇ تۈردىكى تورداشلار بىلەن پاراڭلاشقاندا بىزنىڭ پاراڭ تېمىمىز . بىراقلام مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە يېڭى تېخنىكىلارنىڭ مەلۇم بىرقىسىم ئالاھىدىلىكلىرى ياكى مەلۇم بىر تەڭشەكلىرى .... توغۇرلۇق پاراڭلار بولغاچ ، پاراڭنىڭ سۈپىتى ئالدىنقى تۈردىكىلەرگە قارىغاندا بىراقلام يۇقىرى بولىدىكەن . بۇنداقلار بىلەن پاراڭلاشقا پاراڭ قىلغانسىرى تېخىمۇ قىززىپ ، پاراڭدىن پاراڭدىن چىقىپ ... ئىشقىلىپ ئادەم زىرىكمەيدۇ،ئۆزى بىلگەننى ئورتاقلاشقۇسى (مۇشۇ جەرياندا چاندۇرماي ئاقسالىق قىلىشقىمۇ ھەم بولىدۇ ) كىلىدۇ .شەخسەن مەن مۇشۇنداقتە .

ئەڭ ئاخىردا گىپىمنى يغىنچاقلىسام :
پىروگرامما تىلى ئۆگەنمەكچى ياكى ئىشقىلىپ كومپيوتېر ساھاسىدە بىرە ئىش قىلماقچى بولغانلار
1.خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە خالىغان بىرتىلدىن خەۋرى بولۇش
2.ئۆزىنىڭ نىمىش قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
دىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ۋە ئاساسىي شەرتنى ھازىرلىغان بولشىى كىرەك .ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىھتىياجى بويىچە مەلۇم بىر تىلنى ئۆگەنگەندىن كىيىن ،باشقا تىللارغا بارا بارا كىرىپ كىتىشكە ۋە ئۆگىنىشكە بولىدۇ .خۇددى قورساق ئاچسا تاماق يىيىش يادىغا كەلگەندەك، ئادەم ئۆگەنگەنسىرى ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تەبىيلا تىپىۋالىدۇ .

يىتەرسىزلىكرىم ۋە خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام سەمىيمىيلىك بىلەن تەنقىدىي تەكلىپ پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىمەن .
2635210282 ۋاقتى: 2018-3-13 21:45:15
تېما ئىگىسى سىزدىن سوراپ باقسام:سىز پىراگگىرامما دۇنياسىغا قانچە ياش ۋاقىتتىڭىزدىن  باشلاپ قەدەم قويغانتىڭىز؟
bulbulla ۋاقتى: 2018-3-13 22:28:31
تېمىڭىز ئىنتايىن چۈشىنىشلىك جانلىق چىقىپتۇ ئىنتايىن ئەتراپلىق ھەم ئەستايىدىل يېزىپسىز قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن....
ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما تىلىنى ئۆگۈنۈش جەريانغا يۈزلەنگەن پىروگرامما تىلىنى ئۆگىنىشتىن راستىنلا ئاسان ئوخشايدۇ مەن cتىلى ئۆگىنىشنى باشلىغىلى نەۋاخ مانا ھازىرغىچە بىرەر تۈزۈكرەك پروگرمما يېزىشنى ئۆگىنىپ بولالمىدىم ئۆزۈمغۇ خېلى زىرەك بولمىسا ئىشقىلىپ بىريەرلىرى بىرقانداق. تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم،دەسلىۋىدە پروگرامما تىلى ئۆگۈنۈشنى باشلىغاندا خۇددى 国语،ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگەنگەنگە ئوخشاش بىرەر ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىش كېرەكمىدۇ؟؟ ياكى پروگرمما تىلى ئۆگۈنەلمەيدىغان ئادەممۇ بارمىدۇ؟؟(خۇددى بەزى باشقا يۈرتلۈقلار خوتەن شىۋىسىنى ئۆگىنەلمىگەندەكچۇ!مىسال ھە كۆڭلۈڭلارغا كەلمىسۇن)
ھەي پروگراممىر باللا!سىلەر ھېلى بۇتىلغا ھېلى ئۇ تىلغا كۆچۈپ پروگرمما يېزىپ يۈرىيدىكەنسىلە (ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇپ)سىلەر زادى قانداق ئۆگىنىسىلەر؟؟؟نەق ئەسقاتىدىغان ئۇسۇلنى دەپ بەرسەڭلارچۇ مەنمۇ ئۆگىنىۋالسام بىريىلدىن ئاشتى ماۋۇ cتىلىنى ھېچ ئۆگۈنۈپ بولالمايۋاتىمەن(تېما ئىگىسى سىز cتىلى سىن دەرسىنى تارقاتقاندىن كېيىن باشلىغان ئىدىم)
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2018-3-13 23:20:14
يېڭى يازمىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولدۇم رەھمەت ، ئالدىنقى يازمىڭىز (زادى قايسى پىروگىرامما تىلىنى ئۆگۈنۈش كېرەك ؟) نى PDF قا ئايلاندۇرۇپ توپلارغا تارقىتىپ قويغان ھەم باللارنىڭ قىزغىن ياختۇرشىغا ئىرىشىكەن ئىدى . يازمىنىڭ ئاخىرىنى ھەممەيلەن كۈتىۋاتقان ئىدۇق ، جاپا تارتتىڭىز .
ئەمدى تېمىنى كۆرۈپ بولۇپ تەسىراتىمنى سۆزلەي
nakix ۋاقتى: 2018-3-14 00:13:20
ئىخچام سۆزگە يىغىنچاقلىساق، تاللاش تىرىشچانلىقتىن مۇھىم
oylan111 ۋاقتى: 2018-3-14 12:45:44
سالام ئالىپ ئەھلى مەنمۇ يۇمشاق دىتال ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىنى يۈزدە يۈز قوللايمەن ،ھازىرمۇ ھەم javaئۈگىنىۋاتىمەن ،دىمىسىمۇ ئاسان ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىرۇگىرمما تىلى ،ئەگەر javaئۈگىنەي دىسىڭىز ۋە ياكى قىززىقسىڭىز مىنى قوشسىڭىز بولىدۇ .
qq1827878488
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-3-14 13:00:12
2635210282 يوللىغان ۋاقتى  2018-3-13 21:45
تېما ئىگىسى سىزدىن سوراپ باقسام:سىز پىراگگىرامما دۇني ...

4 يىل بۇرۇن
21 ياش ۋاقىتلارغۇ دەيمەن
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-3-14 13:04:31
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2018-3-13 22:28
تېمىڭىز ئىنتايىن چۈشىنىشلىك جانلىق چىقىپتۇ ئىنتايىن ئ ...

جاۋا ۋە ياكى باشقا پروگرامما تىللىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن
چۈنكى ئۇلارنىڭ قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى،
رىئال ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ،

مەنچە سىز قايسى پروگرامما تىلى بولسا خالىغان بىرسىنى ئۈگەنسىڭىز بولىۋىرىدۇ،
كىيىنكى كۈنلەردە سىزنىڭ بەرىىر ھاجىتىڭىز چۈشىدۇ،
سىز C بىلسىڭىز پەقەت ئۆزەكنىلا ئىشلىتەلەيسىز،
ئەمما Java نىمۇ بىلسىڭىز سىز قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ دائىرىسى تىخىمۇ كەڭ بولىدۇ،
سىز تىخىمۇ ئەركىن بولالايسىز،

ئوبىيكىتقا يۈزلەنگەن تىللارنىڭ ئىددىيەسى بىر بىرىگە ئوخشايدۇ.
ئەڭ مۇھىمى بىرەر تىلنى ئۈگىنىپ ئۇنى ئەمەلىي ئىشلىتىپ ئۇنى ھىس قىلسىڭىز شۇ ئەڭ ياخشى.
تەشنا4433 ۋاقتى: 2018-3-14 13:46:07
كۆپ رەھمەت  سىزگە بىزدەك يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە ئىلھام ئاتا قىلدىڭىز
كۆپ رەھمەت  سى
oylan111 ۋاقتى: 2018-3-14 14:38:37
يۇمشاق دىتال ئەپەندى ئىزچىل ئۆزلۈگىدىن ئۈگەنگۈچىلەرگە غەيرەت ،شىجائەت،ئاتا قىلىپ  كىلىۋاتىدۇ،مەنمۇ ھەم يۇمشاق دىتال ئەپەندىنىڭ قاراش ئىدىيەلىرىنى قوللايمەن،ئەمما بەزى ئۈگەنگۈچىلەر ھەتتا خەنزۇتىلى ئەمەس ھەتتا ئۇيغۇرچىنىمۇ ياخشى ئۈگەنمەيلا پىرۇگىرامما ئۈگەنسەم دەيدىكەن،مىنىڭچە بۇنداق قىلىش ئىنىقلا خاتا ،ئاددىسى سىز خەنزۇتىلىنى ئۈگىنىۋالسىڭىز دۇنيادىكى 3دىن 1قىسىم ئادەم بىلەن ئەركىن بىمالال ئالاقە قىلالايسىز دىگەن گەپ ،دىمەك بۇيەردىكى پىرۇگىرامما تىلىنىڭ كۈچى خەنزۇتىلىنى بىسىپ چۈشەممەيدۇ،دىمەكچى بولغىنىم ،خەنزۇتىلى ئۈگىنىشنى تاشلاپ قويمىساق ،پىرۇگىرمما تىلى ئۈگىنىشمۇ مۇھىم ،ئەمما خەنزۇتىلى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم دەپ  قارايمەن ،بۇپەقەت شەخسىي قارىشىم ،باشقىلار قانداق ئويلايدۇ ،ئۇنى بىلمىدىم رەھمەت كۆپچىلىك .
izdan2012 ۋاقتى: 2018-3-14 14:53:38
مەن  يانفۇنغا سېستىما قاچىلايدىغان سېستىمىچى ، مەن بۇرۇن بۇنداق C تىلى ۋە C++ تىلى دىگەنلەرنى بىىلمەيتتىم ، يېقىندىن بۇيان ئالىپتىكى ھەر قايسى پىروگىراممىر ئۇستازلارنىڭ ھەرخىل ئېسىل تىمىلىرىنى كۆرۈپ ، ئاندىن بىرئاز چۈشەنچە ھاسىل قىلدىم . ھەم مىنىڭمۇ قىزىقىشىم تېخىمۇ كۈچەيدى . مىنىڭمۇ ئاندىروئىد ئەپ دېتال ئاچالايدىغان بولسام ، ئۆزۈمگە كېرەكلىك بولغان دىتاللارنى ئۆزۈم خالىغانچە ياساپ ئىشلەتسەم دەيدىغان ئارزۇيۇم باتتى ، مەن ئۇستازلاردىن سوراپ باقسام ، مىنىڭ ئارزۇيۇمغا يىتىش ئۇچۇن مەن قايسى تىلنى ئۆگەنسەم ، ھاجىتىمنى تۇلۇق قامدىيالايمەن . يول كۆرسەتكەن بولساڭلار ، رەھمەت !  ئەگەر سىنلىق ھەقلىق دەرسلەر بولسىمۇ  سېتىۋالاتتىم ،  تىما ئىگىسى سىزنىڭ تىمىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم ، ئىزدەپ ئىزدەپ  دائىم سىزنىڭ  تىمىڭىزنىلا ئوقۇپ كەلدىم ، ۋاقتىڭىز بولسا سىنلىق دەرسلەرنىمۇ ئىشلەپ ، بىزدەك بىلمەيدىغان ،تورداشلارنى يىتەكلەپ بىرگىمۇ ئۆگۈتۈپ قويسىڭىز. تىمىڭىزغا رەھمەت ! سىزنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنسەم بولامدۇ ؟ چ چ  نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرغان بولسىڭىز ، سىزنى قاچىلىۋالسام ، مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم : 1203970354   
تەشنا4433 ۋاقتى: 2018-3-14 17:43:17
izdan2012 يوللىغان ۋاقتى  2018-3-14 14:53
مەن  يانفۇنغا سېستىما قاچىلايدىغان سېستىمىچى ، مەن بۇر ...

بۇ توغۇرلۇق يۇمشاق دىتال ئەپەندى جاۋابىنى قالدۇرۇپ بولغان
تەشنا4433 ۋاقتى: 2018-3-14 17:45:03
بۇ تىمىڭىز بىزدەك يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە  بەكمۇ ياردىمى بولدى ھەم بۇلدۇ بۇلىۋاتىدۇ
سىزگە كۆپ رەھمەت  
مەن ئىزچىل سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزگە بەكلا قايىل رەھمەت  سىزگە
bulbulla ۋاقتى: 2018-3-14 18:58:21
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2018-3-14 13:04
جاۋا ۋە ياكى باشقا پروگرامما تىللىرىنى تەۋسىيە قىلىم ...

مىنىڭ نىشانىم ئۈزەككە پروگرامما يېزىش،شۇڭا cتىلىنى بىر ئامال پىششىق ئۆگەنسەم بولغۇدەك
bulbulla ۋاقتى: 2018-3-14 19:08:04
stilly يوللىغان ۋاقتى  2018-3-14 16:09
مانا مانا ، ئېسىل يازمىلاردە مانا ! ئاپتورنىڭ تەھلىلىر ...

دىگىنىڭىز ئىنتايىن ئورۇنلۇق پىروگرامما تىلى ئۈگىنىمەن دىگەن كىشىنىڭ زادى ئىنگىلىز تىلىدىن ئازتولا خەۋىرى بوپمىسا بولمايدىكەن.بولمىسا پروگرامما تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قاملاشتۇرۇپ ئوقۇيالمىغاننى ئازدەپ خاتا يېزىۋالىدىغان ھەتتا ئىسىدە تۇتالمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدىكەن، بۇنداق بۇلغاندا پروگرامما تىلىدىن ھېچ نەرسىنى ئۆگەنگىلى بولمايدىكەن ئۆگەندى دىگەن تەقدىردىمۇ ئۈلۈك يادلاپ ئەمەلىي پروگرامما يازالمايدىغان ئىش چىقىدىكەن.مەن نەق شۇنداق ئىشقا ئۇچرىغانلارنىڭ بىرى ئاخىرى ئىنگىلىز تىلىنى بىر قەپەس ئۆگىنىپ ئاندىن پىروگرممىغا قارىسام باشقىچىلا تونۇش تۇرىدۇ،مانا ئەپدى ئۆگۈنۈپ كېتىشىمگە تېخىمۇ ئىشەنچىم ئاشتى....
فەخرىي ۋاقتى: 2018-3-15 15:17:47
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2018-3-14 18:58
مىنىڭ نىشانىم ئۈزەككە پروگرامما يېزىش،شۇڭا cتىلىنى ب ...

مېنىڭ نىشانىممۇ سىز بىلەن ئوخشاش ئىكەن ، لىكىن سىز بىلەن ئەجەپ يولداش بولالمىدىم ، ھېچ بولمىغاندا ئۈندىدارىڭىزنى بولسىمۇ قوشۇۋالسام بولاتتى
oyqil ۋاقتى: 2018-3-15 15:39:05
مانا مانا  ئىسىل يازمىلاردە بۇ !!!!!!!!!!!!  مۇشۇ ئالىپ تورىنىڭ ھەر بىر تېمىسىدا بىر ئىسىل مەزمۇن بار ، مەن پىرىگىرامما يېزىش ، c تىلى دىگەنلارنى چۇشەنمىسەممۇ  يوللانغان تېمىنى باشتىن ئاخىر كۆرۇپ چىقتىم . يۇمشاق دېتال ئەپەندىم ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ناھايىتى چۇشۇنۇشلۇك ۋە ئەتراپلىق قىلىپ يوللاپتۇ ، بۇ يېڭىدىن پىرىگىرامما تىلى ئۆگۇنۇشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلار ئۇچۇن مۇھىم بىر دەرسلىك بۇلۇپ قالغۇسى . مۇشۇ ئالىپ تورىدا مېننەتسىز ، تاماسىز يولداشلار ھەقىقەتەن كۆپ ....... يارايسىلەر .......
_ketmen ۋاقتى: 2018-3-15 16:43:06
تېمىڭىزغا رەھمەت، ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك، ھەم ئىقچام سۆزلەپسىز، مەن تېمىلىرىڭىزنى ئىزچىل ئوقۇۋاتىمەن، ھەممىسىلا شۇنداق ياخشى، بەزىدە بۇ ئاداشنىڭ ئىشى يوقمۇدۇ  (تېما يېزىشقا كۆپۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىدىكەنسىز شۇڭا ) دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن،تېمىلىرىڭىزغا رەھمەت سىزنى قوللايمەن
_ketmen ۋاقتى: 2018-3-15 18:31:34
بولسا  electron توغرۇلۇق بېر تېما يازسىڭىز رەھمەت
bulbulla ۋاقتى: 2018-3-15 23:31:55
فەخرىي يوللىغان ۋاقتى  2018-3-15 15:17
مېنىڭ نىشانىممۇ سىز بىلەن ئوخشاش ئىكەن ، لىكىن سىز بى ...

ئەگەر راستىنلا نىشانىڭىز مىنىڭ بىلەن ئوخشاش بولسا ماۋۇ كودنى ئىجرا قىلىپ چۈشۈنۈپ بېقىڭ ئەگەر چۈشىنەلىسىڭىز ئاندىن ئويلىشىپ باقاي
233154nmwhm95cqb95cpbu.jpg
karar ۋاقتى: 2018-3-16 14:26:03
(ساراڭ دوغ ،  ئىلاستىكىلىق )بۇ گەپ بولسا شىركەتلەردىن ئۈزۈندە.........نىمىشقا مەغلۇپ بولدى دىگەن يەگە قارتىلغان؟  
ئەمدى تىما مەزمۇنى : دۇم كومتۈرۈلگەن ئىستاكان ئىچىدىكى  ئىككى چاشقان تەجىربىسى ---بىرسى چىقىش ئۈچۈن توختىماي ئىستاكان دىۋارىغا ئۇسۋېرىپتۇ؟ ئىستاكان دىۋارى سۈزۈكقۇ؟ شۇڭا ئۈسسۈيدۇ ، ھېسياتچان ، غايىۋى خىياللا ..... ئاخىردا ھېرىپ قاپتۇ ، قاراپلام جىم تۇرۇپتۇ  . يەنە بىرسى ئۈسۈپ بېقىپتۇ  ،  ئەمما ئۇنچە غايىۋى ، جايىلمۇ ئەمەسكەن ، چىقالمىغاندىكىن جىم يۈرۈپ ئۆزنىڭ ئىشىنى قىپتۇ؟   ئاخىردا ئىستاكانى ئېلىۋەتكەندە بىرنجى چاشقان يەنىلام قاراپ تۇرۇپتۇ (ھەرقانچە سۈزۈك بولسىمۇ توساق يەنىلام توساق)، ئىككنجىسى پەرتىدە تىكىۋىتىپ سىرىتقى دۇنيادا ياشاۋېرىپتۇ  . شۇڭا دەم ئېلىش ، نىمۇ ئىش قىلماڭ بىر دەققە بولسىمۇ دەم ئېلىش .ھېسياتچان ، غايىۋى خىياللارمۇ لازىم بولىدۇ.يېڭدىن ئىش باشلىماقچى بولغانلار 17-22 ياشلىق غايە پەرەسلەر،ھېسياتچانلارغا دەيدىغىنىم دەم ئېلىش . ئۈگنىش جەريانىدا دەم ئېلىش ،دەم ئېلىش بىلەن ئۈگنىشنى ، ئۈگنىش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرسەڭلا.........غايىۋىلىقىلار ، ھېسياتىڭلار كىيىنچە يەردە قالمىسۇن دەيمەن غۇ ؟
sewriyar ۋاقتى: 2018-3-20 14:02:37
Android رۇملىرىدىكى update-binary ھۆججىتىنىڭ ئەسلى كودىنى كۆرگىلى بولارمۇ؟
2_71828 ۋاقتى: 2018-3-20 18:16:14
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2018-3-15 23:31
ئەگەر راستىنلا نىشانىڭىز مىنىڭ بىلەن ئوخشاش بولسا ما ...

مۇشۇ كودنى يازغاچ بەك جاپا تارتقانسىز ھە،ياكى يېزىپ بولۇپ قالايمىقان قىلۋەتتىڭىزمۇ بىلمىدىم؟ئوقۇپ چۈشەن دىسىڭىز ئۇ تورداشنىڭ ۋاقتىنى بەك ئالىدۇ جۇمۇ.بىر قىممەتكە قاراپ بىر تەرتىپكە قاراپ،
ئىشقىلىپ مەن قاراپلا ھېرىپ كەتتىم
سۇئالنى مۇنداق سورايسىز،ماشىنىغا ئىجرا قىلدۇرماي،ماۋۇنى ئوقۇپ چۈشىنىپ بېقىڭ دىگەندەك.كودنى كۆچرۈپ ئەكىلىپ كۈنۈپ قالسا، ئوقۇپ چۈشىنەلمىسە يەنىلا ئوخشاش
bulbulla ۋاقتى: 2018-3-22 13:02:22
2_71828 يوللىغان ۋاقتى  2018-3-20 18:16
مۇشۇ كودنى يازغاچ بەك جاپا تارتقانسىز ھە،ياكى يېزىپ ب ...

ئۇ كودنى يېزىش جاپا تارتىپ قالغۇدەك تەس ئەمەسقۇ؟ ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنىڭ قىممىتىنى مەن ئەسلىدىنلا شۇنداق يازغان قالايمىقان قىلىۋېتىش ئەمەس ئازراق سىرلىقلارشتۇرۇش،ئۆزگەرگۈچى مىقدارلانىڭ قىممىتىنى ئازراق ھىساپلىمىسىڭىز بىر قاراپلا ئالالمايسىز سىزنى ھاردۇرۋەتكىنى بىكار ئەمەس.مىنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئۇ تورداشنى سىناپ بېقىش ئەمەس بەلكى دىمەكچى بولغىنىمنى بىلدۇرۇش،بۇنداق ئوسۇلدا بىلدۈرىشىمنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق سەۋەبى بار.ئۇقۇپ چۈشىنىڭ دىيىشنىڭ ھاجىتى يوق چۈنكى ئازراقلا پروگراممدىن خەۋرى بار ئادەم ئاۋۇ كودلارنى ئىجرا قىلسىلا نەتىجىسى چىقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ!.دىگىنىڭىزدەك كۆچۈرۈپ چاپلاپ كۆنۈپ قالمىسۇن دەپ رەسىم شەكىلدە يوللىدىم ئىجرا قىلماقچى بولسا بىرمۇ بىر يېزىپ چىقىشى كېرەك.
NSHAN ۋاقتى: 2018-7-13 18:40:28
يازمىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ئۇستاز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部