+تېما يوللاش
komsar يوللانغان ۋاقتى:2018-3-11 23:43 6346 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   komsar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-3-11 23:47  

پىندودو بولسا تاۋباۋغا ئوخشاش توردا مال سېتىۋېلىش سۇپىسى بولۇپ، تاۋباۋغا ئوخشىمايدىغان بىر يىرى بولسا توردا كوللىكتىپ مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللايدۇ. ئۇنداقتا بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان كوللىكتىپ مال سېتىۋېلىش دىگەن زادى قانداق بولىدۇ. تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرەي.
    مەھسۇلات سېتىۋالغاندا ئىككىخىل تاللاش بار بىرى كوللىكتىپ سېتىۋېلىش، يەنە بىرى ئايرىم سېتىۋېلىش. كوللىكتىپ سېتىۋېلىشنى تاللىغاندا ئايرىم سېتىۋېلىشقا قارىغاندا ئەرزانراق سېتىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن ئايرىم سېتىۋالغاندا 49يۈەنگە سېتىۋالىدىغان مەھسۇلاتنى كوللىكتىپ سېتىۋالغاندا 39 يۈەنگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئەرزان سېتىۋالالايسىز. ئەمەلىيەتتە بۇ پىندودو قوللانغان بىر سودا تاھتىكىسى، پىندودو سۇپىسى دۇكاندارلار مال باھاسىنى بىكىتكەندە كوللىكتىپ سېتىش باھاسىنى ئايرىم سېتىۋېلىش باھاسىغا قارىغاندا ئەرزانراق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىز كوللىكتىپ سېتىۋېلىشنى تاللىسىڭىز  سىز بىلەن ئوخشاش كوللىكتىپ سېتىۋالغانلارنىڭ سانى دۇكاندار بەلگىلىگەن مەلۇم سانغا يەتكەندە ئاندىن دۇكاندار مالنى سىزگە سېلىپ بىرىدۇ، شۇڭىلاشقا مالنى كوللىكتىپ سېتىۋالغاندا مەھسۇلاتنىڭ سىزنىڭ قولىڭىزغا تىگىش ۋاقتى ئادەتتىكىدىن ئاستىراق بولىدۇ.  پىندودونىڭ ئەگەشكۈچىلىرى 200مىليوندىن ئاشتى. ھەقىقەتەن ئىشلىتىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
   پىندودودىن باھا كىسىپ ھەقسىز مال سېتىۋېلىش (ھەقسىز نەرسە بىكارغا كەلمەيدۇ شۇڭا ئازراق جاپا تارتىپ قالىسىز)
    پىندودودىن باھا كىسىپ ھەقسىز مال سېتىۋېلىشنىڭ تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ، باھا كىسىپ پائالىيىتىدە سېتىۋالغۇچى چوقۇم 24 سائەت ئىچىدە ئۆزىنىڭ مال سېتىۋالغاندىكى باھا كىسىش ئۇچۇرىنى ئۈندىدار ۋە چچ دا باشقىلارغا يوللاپ ئۇلارنىڭ ياردەم قىلىپ مال باھاسىنى كىسىپ 0 يۈەنگە چۈشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، شۇندىلا مەھسۇلات سېتىۋالغۇچى بۇ مەھسۇلاتقا ئىرىشەلەيدۇ، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى مەھسۇلات سېتىۋالغۇچى باھانى كىسىپ مەلۇم سوممىغا چۈشۈرگەندىن كىيىن مەسىلەن 350كويلۇق مەھسۇلاتنى باھا كىسىش ئارقىلىق 10 يۈەنگە چۈشۈرۈپ ئاخىردا مۇشۇ 10 يۈەننى تۆلەپلا مالنى سېتىۋالالمايسىز،  مال باھاسى چوقۇم 0 يۈەنگە باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن كىسىپ چۈشۈرىشىڭىز كېرەك، بىر پۇڭ قالسىمۇ بۇنىمۇ كىسىپ 0يۈەنگە چۈشۈرىشىڭىز كېرەك.
  ھازىر سىز تاۋباۋدىن باھا كىسىش مۇلازىمىتىنى ئىزدەپ تاپالايسىز، بىر قىتىملىق باھا كىسىپ بىرىش ھەققى 0.5يۈەن(بەش موچەن)  ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ چوقۇم 10نى سېتىۋالىسىز يەنى بەش يۈەنگە 10 قىتىم باھا كىسىش مۇلازىمىتىگە ئىرىشەلەيسىز.  ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى باھا كىسىپ ھەقسىز سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلار تاۋباۋدىكىن قىممەت بولىدۇ، لىكىن ئاخىرىدا بىزنىڭ قولىمىزغا ھەقسىزلا كىلىدۇ ئەمەسمۇ..........
  
QQ图片20180311232103.gif


يۇقارقىسى بولسا مەن باھا كىسىپ سېتىۋالماقچى بولغان چاچ قۇرتقۇچ ئىككى دوستۇمنىڭ باھا كىسىپ بىرىشى بىلەن 180يۈەنلىك چاچ قۇرتقۇچ ھازىر 145.12يۈەنلىك باھاغا كەلدى  يەنى 34.88يۈەن باھاسى كىسىلدى،  يەنە 22 سائەت ئىچىدە تەخمىنەن 10دەك ئادەم باھا كىسىپ بەرسە چاچ قۇرتقۇچنى ھەقسىز ئالالايمەن دىگەن گەپ.
ئەمدىكى گەپ مۇشۇ خىل پائالىيەتكە مەن بىلەن بىللە قاتنىشىپ باھا كىسىپ بىللە نەپ ئېلىشنى خالايدىغانلارغا بىر چچ توپىنى يېڭىدىن قۇرۇپ قويدۇم، سىزنىڭ  ئۆزئارا سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ بىللە سېتىۋالىمىز، توپتا يەنە تاۋباۋدىكى ماللارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋېلىش ھەققىدە ئورتاقلىشىمىز. ئەگەر مۇشۇ ھەققىدە بىلمىگەن چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرساڭلار ياكى بىۋاستە چچ توپىغا كىرىپ مەندىن سورىساڭلار بولىدۇ
چچ توپ نۇمرى  729682126
ھەر قەدەمدە مىڭ بەدەل ، ھەر بەدەلدە مىڭ ئەجەل!

16ئادەم ئىنكاس يازدى

nawayi ۋاقتى: 2018-3-12 15:02:12
ئالامەت رەھمەت جۇما ماڭلا يوللاپسىز بۇ تىمىنى مەنمۇ توردىن مال سېتىۋېلىشنى ئۆگەنمەكچى ئىدىم
سودىگەر1 ۋاقتى: 2018-3-12 16:30:36
مەن تاۋباۋ  تىيەنماۋغا سالغان ئادىرسن سالسام مەۋجۇئەمەس دەپ چىقۋىلىپ پەقەت مال سىتۋالالمىدىم  تاۋباۋغا  ئوخشاش ئادەتتىكىدەك مال سىتىۋالغىلبولمامدۇ
xahru555 ۋاقتى: 2018-3-12 18:06:13
بۇ ئىشىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ
HaYaTManzii ۋاقتى: 2018-3-12 18:56:37
بۇ ئىشىڭزغۇ  ياخشى  بوپتۇ   مۇنداق دىسەم ئاچچىقىڭىز كەممىسۇن مەن ئىشلىتىۋاتقىلى  2يىلدىن ئاشتى  بۇئەپنى   مەسسۇلاتلىرى  پەقەت  ياخشى  ئەمەس  سۇپەتسىز  چىقىپ قالدىكە
WANDAY ۋاقتى: 2018-3-12 19:55:30
مېنىڭ دوستۇم پىندودودىن بىر چاپان ئاپتىكەن،250كە بەكلا ناچار چىقىپتۇ ئېسىت دەپ ئولتۇردۇ قايتۇراي دىسە قايتۇرالماپتۇ ئالاقىلشالماي،شۇڭا مېنىڭچە ئىشەنچلكگرەك توردىن بىر نەرسە ئالغان ياخشى
foxtpdf ۋاقتى: 2018-3-12 22:21:11
ئۇكامغا 0.9مو غا مېيزۇ نوت  تىلفۇنى ئېلى
ۋېلىڭ دەپ ئۈندىداردا ئۇچۇر كەپتىكەن
ۋاقىت ئىسراپ قىلدىغان بىكا ئالدام
چى نىمە ئۇ دەپ قويغانتىم. ئەسلى شۇ باھا  

ۈشۈردىغان ئىشكەندە
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2018-3-12 22:57:27
تاۋباۋ دا باھاسىنى چۈشۈرۈش توغىرلۇق مۇنازىرلەشسەك بولىدىغۇ
muzat1970 ۋاقتى: 2018-3-12 23:01:27
ئەگەر راستىنلام سودا تور بېتى بولسا ئالدى بىلەن كومپىيوتۇردا ئېچىلىدىغان تور بەت بار بولاتتى ،قارىغاندا بۇ پىندۇ دىگەن ئالدامچىنىڭ نەرسىسىدەك قىلىپ تۇرىدۇ،ئەڭ ياخشىسى ئىشەنچىلىك سودا تورلىرىدىن ئالساق بولغىدەك ..............................
浪漫小子 ۋاقتى: 2018-3-13 01:09:46
بۇ بىر ئالدامچىلىق،ھەممە ئادەم سىزدەك كەسكىلى تۇرسا،بۇنى قۇرغان شىركەت كىسىلىپ تۈگىمەمدۇ،شۇلارمۇ نان تېپىپ يىيىش ئۈچۈن قۇرغاندو شۇ تورنى…
music ۋاقتى: 2018-3-13 03:40:16
توردىكى بىر نەچچە ئالدامچىلىق ئىچىدىكى بىرسى مۇشۇنداق،ئۇسۇللا ئارقىلىق سېتىشمۇ باركەنتۇق

qeqnus ۋاقتى: 2018-3-13 11:14:44
مال سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بۇ پىندودونىڭ ... نەرسىللىرى ھەقىقەتەن ئەرزان ، لېكىن يىپۇڭ جاچەن يىپۇڭ خو
ئاتەش11 ۋاقتى: 2018-3-13 12:54:33
مەنمۇ بۇ 拼多多نى  ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن.بىر نەچچە قېتىم مال ئېلىپ باقتىم ماللارنىڭ سۈپىتى ئانچە ياخشى ئەمەس.
月牙华 ۋاقتى: 2018-3-14 02:48:59
abdurahman52o يوللىغان ۋاقتى  2018-3-13 13:07
ئىشەنچىلىك ئوخشايدۇ جۇمۇ ، مېنىڭ يولغا چىقىپتۇباشقۇرغ ...

مال سالسىلا ئىشەنچلىك دېمەڭ ئالدىنقى قېتىم بىر تونۇش مۇشنڭدىن مال ئېلىپ بېرىڭلار دەپ بىر ئىشتان ئالغان ئۇ ئىشتانىڭ سۈپتىنىڭ ناچارلىغا گەپ كەتمەيدۇ ھازىرلا چۇۋۇلۇپ چۈشۈپ قالدىغاندەك سۈپەت بەق ناچار مۇۋاپقيەتلىك ئالاقىلشىش نىسپىتى 25% ئاساسەن ئالاقىشالمايسىز مال قايتۇرۇش قولايسىز ئاساسەن قايتۇرشىلى بولمايدۇ دېيىشكە بولدۇ ئالدىراپ ئەرزان ئىكەن دەپ سېتۋېلىۋەرڭلار تاۋباۋنىڭ ئىناۋىتى مۇلازىمىتىنىڭ ياخشلىق ۋە باشقا ھەرخىل ئەلا مۇلازىمەتلىرى بىلەن ھازىرغا ئۇلاشقان مال ئاسىلا ھېساپ ئەمەس سۈپەت بولىش كېرەك بۇنڭدىن كاپلەتدىن ئېغىز ئېچىشقۇ بىر گەپ بۇ يەردىن مال سېۋېلىش گەپنىڭ سەتى پۇپنى ئاسمنغا چېچىپ يول بويدىن نەرسە تىرىپ يەۋالغانغا ئوخشالا ئىكەن
tegz ۋاقتى: 2018-3-17 20:44:00
كۆپ ئادەم ئالسا ئەرزان دېگەن گەپ ئېلان قىلىپ بەر دېگەن گەپ ، قانچە كۆپ ئادەم بولسا ئېلانمۇ شۇنچە تېز تارقىلىدۇ ئەمەسمۇ . مەن تېخى يېقىندا بىلىدىم بۇ تور سودا سۇپىسىنى ، لېكىن تاۋباۋ ، جىڭدۇڭ تورىغا تەڭ قىلمىدىم .
►J_AS_S_U_R◄ ۋاقتى: 2018-3-21 02:50:08
月牙华 يوللىغان ۋاقتى  2018-3-14 02:48
مال سالسىلا ئىشەنچلىك دېمەڭ ئالدىنقى قېتىم بىر تونۇش  ...

توغرا دېدىڭىز ، نىمكەش ماللار بازىرى . سىزمۇ ماڭا ئوخشاش زىيان تارتقان ئوخشايسىز ، مال يارىماي قايتۇرۇپ ، پۇلىڭىز قايتۇرماي دىگەندەك . مۇلازىمەت قىلىش ، ياكى دۇكانلار ئالدىدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى يوقكەن ، تاۋباۋغا ئوخشاش 7 كۈنگىچە پۇل قايتۇرشنى ئىلتىماس قىلسا تاۋباۋ سېستىمىدىن قايتۇرۇپ بەرگەن بىلەن پىڭ دودو دا پۇلىڭىز قايتمايدىكەن مالنى قايتۇرغان بىلەن شۇڭا ئەرزان دىمەڭ ھەممە نەرسە پۇلغا چۈشلۇق بولىدىكەن تەۋسىيەرىم تاۋباۋ بىلەن تىينماۋ پىڭ دودوغا ئالدامچىلار يىغىلغان جايدەك ھېس قىلدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部