+تېما يوللاش
_ketmen يوللانغان ۋاقتى:2018-3-11 16:13 3770 قېتىم كۆرۈلدى 21 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن
بىرقانچە كۈندىن بېرى ئازغىنە بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ بىر ھاۋارايى ئەپ يازغانتىم، بۇ ئەپنىڭ كودىنى ئالىپداشلار بىلەن ھەمبەھىرلىنەي دىگەن، قارىسام ئالىپ تورىدا ئالما ئۈسكۈنىسىگە ئەپ يېزىش توغۇرلۇق بېرەر تېما يوللانماپتۇ، دېمىسىمۇ ئالما ئۈسكۈنىسىگە ئەپ يېزىش ئۈچۈن چوقۇم ئالما كومپىيۇتېر ياكى <<قارا ئالما>> ئىشلىتىش كېرەك، <<قارا ئالما>> قاچىلاش سەل ئاۋارچىلىق،
لىكىن راسلا قىززىقىدىغان دوسلار بولسا بۇ ئۇلار ئۈچۈن مەسىلە ئەمەس، چۈنكى كومپىيۇتېرغا << قارا ئالما >> قاچىلاش توغۇرلۇق ماتېرىياللار خىلى جىق، ئامدى بۇيەردە <<قارا ئالما>> دىگەن گەپ چىقىپ قالدى،
ئۇنداقتا <<قارا ئالما>> دىگەن نىمە؟:
<<قارا ئالما>> بولسا ئادەتتىلى كومپيۇتىرغا ئالما سېستىمىسىنى قاچىلاشنى كۆرسىتىدۇ، كومپىيۇتېرغا قارا ئالما قاچىلانغاندىن كيىن سىز ئالما كومپىيۇتىردا قىلغىلى بولىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلالايسىز دىگەن گەپ، يەنى ئالما ئۈسكۈنىلىرىگە ئەپ يېزىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

Screen Shot 2018-03-11 at 11.36.22 AM.png

ئالما سېستىمىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى سېلىق، كۆك ئېكران بوپ قالمايدىغان مۇقىم سېستىما، بۇسىستېمىغا كۆنۈپ قالغان ئادەمنىڭ ۋىندوسنى ئىشلەتكىسى كەلمەيدۇ (ماۋۇ كۆپتۈرمە گەپ ئەمەس ھە) چۈنكى سىز ۋىندوس تىن تاپالىغان دېتاللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئالما سېستىمىسىدىن تاپالايسىز، يەنە بۇسىستىمىغا بىرەر ئەپ چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز ۋىندوسقا ئوخشاش بېرقانچە ئەخلەت ئەپنى قوشۇپ قاچىلاپ قويمايدۇ، يەنە بۇ سېستىمىنىڭ يىزىق بىرتەرەپ قىلىش دىتاللىرى بەك ياخشى، بۇ سېستىمىدا تۈزگەن ھۆججەت ماتىرىياللار بەك سىلىق رەتلىك چىقىدۇ، يەنە پىروگىراممىرلارغىمۇ بەك ماسكىلىدۇ، بۇ سېستىمىنىڭ ساندان باشقۇرۇش دېتاللىرى، پىروگىرامما ئىجرا بولۇش مۇھىتلىرى تولۇق،  لىكىن بۇ سېستىما ئويۇن ئوينۇغىچىلارغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇسېستىمىنىڭ ئويۇنلىرى ئاز ھەم يىشىۋىتىلگەن ئويۇنلارنى تېپىش سەل قېيىن،

سېستىما بىلەن ئازراق بولسىمۇ تونۇشتۇق ئەمدى نەخگەپكە كەلسەك، مەخسىدىم قىزىقىدىغنلار بولسا ئالما بىلەن تەڭ ھەپىلەشسەك بىزگە قۇلايلىق ئەپ كىلىدىغان ئەپلەرنى كۆپلەپ ھۇجۇتقا كەلتۈرسەك دىگەن ئۈمۈتتە بۇ تېمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، سىستېما قاچىلاش توغۇرلۇق بىرقەدەر چۈشۈنۈشلۈكرەك بولغان سىن ئادرىسىنى يوللاپ قوياش.
   
قارا ئالما قاچلاش سىن ئادرىسى:
http://v.youku.com/v_show/id_XMj ... 6source%3Dautoclick

ئەگەر سىز راسلا قىززىقسىڭىز، تېمامنى داۋاملىق ئوقۇۋاتقان بولىسىز، بولمىسا ئالىپتىكى باشقا ياخشى يازمىلارنى ئارلاۋاتقان بولىسىز،

بۇيەرگە كەلگەندە ئۈستىدە دىيىلگەن ھاۋارايى ئەپنى داۋاملىق سۆزلەيمەن.
مەن ئالما تېلىفون ئىشلىتىمەن بىركۈنى ماڭا ھاۋارايى ئەپ لازىم بوپ ئالما ئەپ بازىرىنى ئارلاپ بېرقانچە ھاۋارايى ئەپ چۈشۈردۈم، بىراق بىرسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى بىرقانداق بولسا بىرسىنىڭ يەنە بىر يىرى بىرقانداق، ئەسلىدا ياخونىڭ ھاۋارايى ئەپسى بەك ياخشىتى قارىسام ئاستىدا گوگۇلنىڭ ئىلانلىرى باركەن شۇڭا بۇنى ئىشلەتمەي، ئۇلىنىش شىركىتى ئىلانقىلغان ھاۋارايى ئەپنى چۈشۈرەي دەپ ئىزدىسەم ئاللىبۇرۇن ئۇلىنىش ئەپ دىتالى بىلەن ھاۋارايى ئەپنى بىرلەشتۈرۈۋىتىپتۇ، ھەي سەن نىمىشقىلىدىغان ئادەم دەپ ئويلاپ ئۆزۈم يېزىشقا باشلىدىم، گەرچە تولۇق بولمىسىمۇ ماڭا يەتتى شۇنۇڭ بىلەن ئالىپتا قىززىقىدىغانلار بولسا بۇئەپنى داۋاملىڭ كەڭەيتەرمىزمىكىن دەپ ئ‍ويلاپ، ئوچۇق كوتنى گىت ئې ئې غا يوللىدىم، ھەمدە ئالىپتا ئازراق بىلجىرلاپ قويدۇم، ئەپ swift تە يىزىلدى تور قىسمىنى بىرتەرەپقىلىشقا ئۈچۈنجى تەرەپ قىستۇرمىسى ئىشلىتىلدى، قىززىقساڭلار داۋاملىق كەڭەيتىشكە قاتناشساڭلار بولىدۇ.
ھازىر ئەپنىڭ پەقەتلا كەلگۈسى 5كۈنلۈك ھاۋارايىنى كۆرسىتىش، شەھەر ياللاش ئىقتىدارىلا بار، بۇنۇڭغا ھازىرقى ئورنىنى ئىلىش، شەھەرنى قولدا كىرگۈزۈپ ئىزدەش، ھاۋارايىغا قارىتا قانداق كىيىم كىيىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىش، يەنە ھاۋارايىنى ئۇقتۇرۇش بېتىدە كۆرسىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوشماقچى.
يەنە ئەپكە قارىتا يېڭىچە ئىقتىدارلارنى ئويلاشقانلار بولسا ئاستىغا ئىنكاس يازسا ئەپكە قوشساق بولىدۇ.

گىت ئادرىسى:
https://gitee.com/ketmen/Weather/tree/master

گىتتا 2500 گە يىقىن شەھەرنىڭ ئىسىملىكى بىللە يوللاندى بوشۋاقتى بارلار ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىپ قويساڭلار بولىدۇ،     

ئەپتىن كەسمە سۈرەت:
WechatIMG26 1.jpeg

تىل يېزىق سەۋىيەم چەكلىك شۇڭا يازمامدا خاتا سۆز ئىبارىلەر بولسا تۆزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +50 يىغىش سەۋەبى
alip + 50 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

21ئادەم ئىنكاس يازدى

mangsur520 ۋاقتى: 2018-3-12 02:57:48
كومپيۇتېر  چۇقۇم   ئىنتىل  مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇ  بولغان  ئەھۋال  ئاستىدا mac os قاچلىغىلى بولىدۇ
ئېزىتقۇ. ۋاقتى: 2018-3-11 16:42:52
رەھمەت ياخشى تېمىدىن بىرنى ئەپ كەپسىز .ئادەتتىكى كومپىيوتېرغا ئالما سېستىمىسى قاچىلىغاندا ۋىندوسقا قارىغاندا سەل ئېغىرلىشىپ  قالامدۇ ياكى ئوخشاشمۇ ؟
androiduyghur ۋاقتى: 2018-3-11 17:00:19
بولسا سىنلىق دەرىس ئىشلىسىڭىز ياخشى بۇلاتتى  مەنمۇ بەش يىل بولدى قارا ئالما  ئىشلەتكىلى ھەم swift تە ئەپ يېزىشنى ئۈگۈنۋاتمەن  
nawayi ۋاقتى: 2018-3-11 17:25:43
ئالامەت ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز بولسا قارا ئالمىنىڭ سىستېمىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بولسا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
nawayi ۋاقتى: 2018-3-11 17:27:38
قارا ئالما سىستېمىسىنى ئادەتتىكى كومپىيوتېرغا قاچىلا دىسەم پەقەتلا تاپالمىدىم
ئاتاما ۋاقتى: 2018-3-11 19:09:50
بۇ ھاۋراي ئەپنى چۈشۈرگىلى بولمامدا
_ketmen ۋاقتى: 2018-3-11 19:41:17
nawayi يوللىغان ۋاقتى  2018-3-11 17:25
ئالامەت ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز بولسا قارا ئالم ...

بەيدۇدىن mac os  دەپ ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ، بىراق كۆپقىسمى بەيدۇ تور دىسكىسىدا ئىكەن مەن كىينچە چۈشۈرۈپ باشقا بوشلۇققا يوللاپ قوياي، قارا ئالما سىستېمىسى بىلەن ئالما سىستىمىسىنىڭ ھىچقانغاق بەرقى يوق شۇقا ئايرىم قارا ئالما دەپ ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق
18899202908 ۋاقتى: 2018-3-11 21:32:44
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ، تىما ئىگسىگە كۆپ رەھمەت، بولسا مۇشۇ windows مەشخۇلات سېستىمسىغا ئالمىنىڭ سېستىمسنى چۈشۈرۈپ قاچلاش توغۇرلۇق تەپسىلىي بىر مەزمۇن يېزىلغان بوسىدى بىزمۇ تەڭ پايدىلنار ئىدۇق
mrx. ۋاقتى: 2018-3-11 21:59:22
قانداق كومپىيۇتىر بولسا بولامدۇ ئالما سىستىما قاچىلىغىلى
_ketmen ۋاقتى: 2018-3-11 22:55:48
mrx. يوللىغان ۋاقتى  2018-3-11 21:59
قانداق كومپىيۇتىر بولسا بولامدۇ ئالما سىستىما قاچىلىغ ...

ياق بەزىلىرىگە ماس كەلمەيدۇ لېكىن كۆپ قىسىم كومپىيۇتېرغا قاچىلاشقا بولىدۇ
_ketmen ۋاقتى: 2018-3-11 22:59:15
ئاتاما يوللىغان ۋاقتى  2018-3-11 19:09
بۇ ھاۋراي ئەپنى چۈشۈرگىلى بولمامدا

بۇ تېخى بولاقلانمىغان ئەپ، بۇنى بولاقلاپ ئەلمە ئەب بازىرىغا چىقارغاندىن كىيىن چۈشۈرەلەيسىز، ھازىرچە پەقەت ئەپ ئاچقۇچىلارلا قاچىلىيالايدۇ
tulpar0007 ۋاقتى: 2018-3-12 14:00:58
بولسا مۇشۇ قارا ئالما قاچىلاش ئۇسۇلنى ئۇيغۇرچە چۇشۇنۇشلۇك تېما يولغان بولساڭلا بەك ياخشى بۇلاتتى  رەھمەت
ئاتاما ۋاقتى: 2018-3-12 16:48:21
ھە ياخشى بوپتۇ بولسا بولاقلاپ ئەپ بازىرغا يوللاپ قويۇڭ ھەقلىق بولسىمۇ چۈشۈرمىز.

يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-3-13 14:34:39
ios گە ئەپ يازمىسا ئەڭ ياخشىسى قارا ئالما ئىشلەتمىگەن ياخشى،
چۈنكى مەندەك ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئادەم بولسا تۆت كۈندە ئاچچىقتىن ئۆلۈپ كىتىدۇ،
شۇڭا مەن ھاياتى بىخەتەرلىكىمنى كۆزدە تۇتۇپ mac mini دىن mac نى يۇيۇپ linux قاچىلىۋالدىم،

مۇشۇمۇ مەشغۇلات سىستېمىسىما ھى؟
ھۆججەتنى كەسكىلى بولمىسا...
ئۆچۈرگەندە ئەخلەت ساندۇقىغا ئاپارماي بىۋاستە ئۆچۈرگىلى بولمىسا...
ئىشقىلىپ...
سىز مائۇسنى قۇچاقلاشقا ئامراق ئادەم بولسىڭىز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ،
مائۇس بولمىسا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان بىر سىستېما بۇ،
ئەمما
كۆرسىتىش ئۈنۈمى قالتىس،
ھەقىقەتەن ئىسىل
بوپ قويىدۇ


_ketmen ۋاقتى: 2018-3-13 19:51:35
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2018-3-13 14:34
ios گە ئەپ يازمىسا ئەڭ ياخشىسى قارا ئالما ئىشلەتمىگەن يا ...

سىزنىڭ قانداق ئىشلەتكىنىڭىزنى بىلمىدىم ھەرقانداق نەرسىنى تىز كۇنۇپكا بىلەن ئۆچۈرگىلى بولىدۇ، ھەم مەن بۇ سېستىمىدىن ئاچچىقلانغۇدەك مەسىلىگە ئۇچراپمۇ باقمىدىم ۋىندوستەك قىتىۋىل قايتا قوزغاتقىلى سالىدىغان ئەھۋال يوق، بىراق راسلا كىسىش ئىقتىدارىنى تاپالمىدىم،
قابىل ۋاقتى: 2018-3-14 18:19:42
بۇ بەك بەلەن بىلىم بوپتۇ ، بولسا مۇشۇ قارا ئالما قاچىلاش ئۇسۇلنى ئۇيغۇرچە چۇشۇنۇشلۇك تېما يولغان بولساڭلا بەك ياخشى بۇلاتتى  رەھمەت !
wali0993 ۋاقتى: 2018-3-15 09:58:55
ئويغۇرچە خەت بەك سۈپەتلىك چىقىپتۇ  ،تۈرمىدىن قانداق قاچۇردڭىز
lovever ۋاقتى: 2018-3-18 00:34:07
سىزنىڭ قارا ئالما قاچىلاش توغۇرلۇق تەپسىلى يېزىلماقچى بولغان تېمىڭىزغا ئىنتىزارمەن
lovever ۋاقتى: 2018-3-20 23:14:57
دوستۇم بامۇ سىز قارا ئالما قاچىلاش توغرىسىدىكى تېمىڭىزنى ساقلاپ تاقىتىم تاق بولدى قاچانلادا يوللارسىز بولسائۈندىدار نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز

باھا سۆز

QQ: 2449226584 ئالىپ دەپ ئەسكەرتىڭ  ۋاقتى: 2018-3-24 14:27
_ketmen ۋاقتى: 2018-3-24 14:16:03
lovever يوللىغان ۋاقتى  2018-3-20 23:14
دوستۇم بامۇ سىز قارا ئالما قاچىلاش توغرىسىدىكى تېمىڭى ...

ھازىر بەيدۇ توردىسكىسىغا چىققىلى بولمىغاچ ISO ھۆججىتىنى چۈشۈرگىلى بولمىدى شۇڭا ھازىر يوللىيالمايدىغان بولدۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部