+تېما يوللاش
elexat358 يوللانغان ۋاقتى:2018-3-11 15:11 2367 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
  Delphi پىروگىرامما تىلى بولسا داڭلىق Borland شىركىتى تۈزۇپ چىققان كۆرۇنمە يۈزلۈك(可视化) يۇمشاق دېتال ئېچىش قورالى.
ھەقىقىي پىروگىراممىر c تىلىلىنى ئشلىتىدۇ،ئەقىللىق پىروگىراممىر Delphi نى ئىشلىتىدۇ.(网上那样描述的) توردا مۇشۇنداق باھا بىرىلگەن (بۇ سۆزگە ئارتۇقچە ھاياجانلانماسلىقىڭلارنى ئومىد قىلىمەن،بۇ مىنىڭ سەخسىي كۆز قارىشىم ئەمەس)
Delphi پىروگىرامما تىلى بولسا 4 -ئەۋلاد پىروگىرامما تىلى ، ئاسان،يۇقىرى ئۇنۇملۈك،ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.vc بىلەن سىلىشتۇرغاندا   Delphi تخىمۇ ئاسان ،ئاسان ئۈگىنىشكە بولىدۇ. Delphi ھەققىدە مۇشۇنچىلىك توختىلاي قالغىننى توردىن كورۇپ پايدىلانساڭلە بولىدۇ.
بىكەت مەسئولىغا سەمىمي تەكلىپ: Delphi پىروگىرامما تىلى ھەققىدە داۋاملىق تېما يوللىنىپ تۇرىدۇ،بولسا Delphi پىروگىرامما تىلىنى پىروگىرامما سەھىپىسىگە قوشۇپ قويسىڭىز.

Delphi پىروگىرامما ئېچىش قورالىنىڭ ھازىرقى يېڭى نەشىرى Delphi XE10.2،يېڭى ئۈگەنچىلەر delpi7.0 نى چۇشۇرۇپ ئۈگەنسەڭلار بولىدۇ.

Delphi XE10.2 نىڭ ئالاھىدىلىكى android pc ios os x قاتارلىق سۇپىلارغا ئوخشاش بىر كود بىلەن يۇمشاق دېتال ئاچالايسىز(بەزى ئالاھىدە ئېھتىماللىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا) تۆۋەندە مەن بىر قىسىم Delphi XE10.2 ياسىغان دېتاللارنىڭ ئۆزىنى ۋە رەسىمنى يوللاپ قويىمەن.قىزىققۇچىلار ئېنكاس يوللىساڭلار بولىدۇ.
1.png
2.png
3.png
4.png
5.png

دېتالنى چۇشۇرۇش: كومپىيۇتېر نۇسخىسى   يانفۇن نۇسخىسى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +52 يىغىش سەۋەبى
3d.maya + 2 ياخشى يازما
alip + 50 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

11ئادەم ئىنكاس يازدى

elexat358 ۋاقتى: 2018-3-11 15:54:56
ئۇيغۇرچە Delphi پىروگىرامما تىلى ھەققىدە ماتىريال يوق دىيەرلىك ،شۇڭا مۇشۇ بوشلۇقنى تولۇقلاپ ماڭالىساق ئەجەپ ئەمەس

باھا سۆز

قوللايمىز  ۋاقتى: 2018-3-11 15:55
alip ۋاقتى: 2018-3-11 15:49:11
تەلىپىڭىز بويچە Delphi سەھىپىسى قۇرۇلدى. Delphi ھەققىدىكى يازمىلارنى كۆپلەپ يېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. مەخسۇس سەھىپە بولغانغا چۇشلۇق يازما بولمىسا سەھىپە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
elexat358 ۋاقتى: 2018-3-11 15:53:52
بولىدۇ چاتاق يوق!
infinite ۋاقتى: 2018-3-11 23:27:52
مەن بۇرۇن ئانچە كومپىيۇتىر تىلى بىلىدىكەن مانچىنى بىلىدىكە دىسە ھەيران قالاتىم ،لىكىن يىقىندا شۇنى ھىس قىلدىم بىرگە جاۋا بىرگە c،يەنە بىرسىگە باسىك تىلىنى ئۈگىنىۋالسا قاچان چىققان تىل بولسۇن تىزلا چىقىشىم كەتكىلى بولىدىكەن ،ئىقتىدارى ئوخىمىغان بىلەن ئىپادىلىنىش ئۇسسۇلى ئوخشاش...
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-3-12 03:19:07
مەن ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقمىغان تىللارنىڭ بىرىكەن مۇشۇ،
بىر ۋاقىتلاردا Borland C++ نى ئازراق ئويناپ باققان، ئەمما ما Dephi نى ئويناپ باقماپتىكەنمەن.
alip_eza ۋاقتى: 2018-3-12 16:35:20
يانفۇنغا دېتال ئاچقاندا ئۇيغۇرچە يېزىقنى نورمال كۆرسىتىشكە بولامدۇ؟
eltugh ۋاقتى: 2018-3-12 16:44:10
بولسا نۆلدىن باشلاپ سۆزلەپ چۈشەندۈرسىڭىز بەلكىم پروگراممىېرلاردىن بىر قانچىسى يېتىشىپ چىقسا ئەجەپ ئەمەس
uyghurdetal ۋاقتى: 2018-3-12 23:54:04
ئىلگىرى قۇتياردا مۇشۇ ھەقتىكى يازمىلىرىڭىزنى ۋە ياسىغان دېتالىڭىزنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالغان ئىدىم. ئۇيغۇرچە ئەمەس خەنزۇچىمۇ تۈزۈك سىن دەرس يوقكەن توردا قارىسام. سىزدە بولسا تەمىنلەپ بېرەرلەرسىزمۇ؟
tarhan009 ۋاقتى: 2018-3-13 13:43:40
بەك ياخشى باشلىنىش ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىش بوپتۇ، مەن داۋاملىق مۇشۇنداق تىمىلارنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كىلىشىنى تىلەيمەن،
2017 ۋاقتى: 2018-4-19 18:02:38
مەن بىچارە شىركەتنىڭ بۇرۇنقى  دېلفىدا يازغان سىستىمىللىرىنى س شارىپتا يازغانغا يېڭلاپ بۇلالماي ھېرىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،دېلفىدا يېزىلغان پىروگىراممىلار ھەقىقەتەن ياخشى ،تەڭشەش ئاسان ،سانلىق مەلۇمات ئۇقۇشى تىز .لىكىن تاللاش كۆپ بىرۋېتىلگەچ تاللاپ بۇلالماي ،تەڭشەپ بۇلالماي زىرىكىپ كىتدىكەن .بەزىدە بەزى يەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئەسلەپمۇ قالمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部