+تېما يوللاش
uyghurmug يوللانغان ۋاقتى:2018-3-6 11:47 5567 قېتىم كۆرۈلدى 15 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەگەر سىزنىڭ يېقىندا يان تېلېفون ئالماشتۇرۇش پىلانىڭىز بار بولسا ئۇنداقتا يەنە ئازراق ۋاقىت تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ، چۈنكى بۇ ئايدا يەنە بىر نەچچە خىل ئېسىل تېلېفونلار ئېلان قىلىنىدۇ.

114740k11re6sswappwysy.jpg
 1. خوڭمى Note5 ، ئالدىنقى كۈنى شياۋمى شىركىتى Note5 يانفونىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگە مۇقىملاشتۇردى. خوڭمىنىڭ بۇ يېڭى بايراقدار مەھسۇلاتىغا 5.99 ديۇملۇق پۈتۈن يۈزلۈك ئېكران، سناپدىراگون636 بىر تەرەپ قىلغۇچ، 6G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 64G لىق ئىچكى سېغىم، 12 مىليون پېكسىللىق قوش كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ، باھاسى 1299 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەگەر 1000 يۈەن ئەتراپىدىكى تېلېفونلارنى سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز بۇ مەھسۇلات بىر ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

114740kck16cscw9kv99x6.jpg
 2. خۇاۋېي P20 ، خۇاۋېي شىركىتى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالىي تىپلىق بايراقدار مەھسۇلاتى بولغان خۇاۋېي 20 نى ئېلان قىلىدۇ. بۇ مەھسۇلاتقا خۇاۋېي ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان چىلىن 970 بىر تەرەپ قىلغۇچ، كەينى تەرىپىگە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئۈچ كامېرا سەپلەنگەن، يۈز پەرقلەندۈرۈش ۋە IP67 دەرىجىلىك «ئۈچتىن ساقلىنىش» ئىقتىدارى قوشۇلغان، سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 4000 يۈەن ئەتراپىدا بېكىتىلگەن.

114741bll9ddrywweyws9s.jpg
 3. شياۋمى MIX2S ، شياۋمىنىڭ بۇ مەھسۇلاتى يۇقىرىدىكى خۇاۋېي P20 بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە ئېلان قىلىنىدۇ. ھازىرقى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا شياۋمى MIX2S تېلېفونىغا سناپدىراگون 845 بىر تەرەپ قىلغۇچى، 8Gلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 256G لىق ئىچكى سېغىم سەپلەنگەن بولۇپ ئىقتىدارى كەسپىي ساھەدىكى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت تېلېفوننىڭ سىرتقى لايىھەسىگىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغىمۇ ئوخشاشلا تولۇق يۈزلۈك ئېكران ئىشلىتىلگەن، باھاسى 3299 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن

114741fhq51911157hb7z7.jpg
 4. OPPO R15، تۈنۈگۈن OPPO شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار مەھسۇلاتى OPPO R15 نىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، كونكىرت ئېلان قىلىنىش ۋاقتى بولسا 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بولۇشى مۇمكىن. بۇ مەھسۇلاتقا سناپدىراگون 670 بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4Gلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 64G لىق ئىچكى سېغىم، 20 مىليون پېكسىللىق ئارقا كامېرا ۋە 16 مىليونلۇق ئالدى كامېرا سەپلەنگەن، ئىقتىدارى كەسپىي ساھەدىكى ئوتتۇرھال يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈلگەن، لىكىن OPPO نىڭ ئادىتىگە ئاساسلانغاندا بۇ مەھسۇلاتمۇ ئانچە
ئەرزانغا توختىماسلىقى مۇمكىن.

مەنبە :   نۇر تورى   

15ئادەم ئىنكاس يازدى

2635210282 ۋاقتى: 2018-3-6 12:20:39
خوڭمى note5كە قىزىقتىم جۇما كۇۋالكۇم 636يەنە 6GBيۈرگۈزۈش سىغىمنى مەرتلىك بىلەن سەپلەپتۇ،باھاسىمۇ مۇۋاپىقكەن.ياشا شىئاۋمى .
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-3-6 12:34:26
ئىقتىدار جەھەتتە  يەنىلا شىياۋمىنىڭ يۇقىرى ئىكەن ، باھاسى ھەممىدىن تۆۋەنكەن. باھا قويۇشقا كەلگەندە باشقا شىركەتلەر مەڭگۈ شىيامىنى دورىيالمىغۇدەك. ئېسىل  ئېسىل
xatmen ۋاقتى: 2018-3-6 13:33:48
خۇڭمى نوت 5 كە بىر بەلەت
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-3-6 14:40:13
mix2s بوپ قويغۇدەك ، لىكىن بەك چوڭمۇ قانداق ، ھەقىچان 8.0 ئالدىن چاقىلىنا بۇ تىلفۇنلارغا
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2018-3-6 14:57:15
شاۋمى2ئەس كە بەك پەيزىغۇ، باھاسىمۇ مۇۋاپىق،
salam211520 ۋاقتى: 2018-3-6 15:10:08
R15/R15梦镜版配置确认,6.28吋19:9刘海全面屏(分辨率2280×1080);安卓8.1;两个版本处理器分别为联发科P60(主频2.0GHz)和骁龙670(主频2.2GHz)
售价:2999/3499

يېڭىدىن چىقىدىغان ئوپپو R15 ئەرزان ئەمسكەنجۇمۇ ، يەنىلا باشقا تېلفۇن لارنى ئويلاشساق بولغۇدەك
1315060aa ۋاقتى: 2018-3-6 19:08:05
ئاۋۇ oppoR15نىڭ باھاسى ھەممىسىدىن يۇقىرى بولىشى مۇمكىن
akburkut ۋاقتى: 2018-3-7 14:56:30
مەن مېيزۇنىڭ ئەس6 دىن بىرنى ئالاي دىگەن ،ئىشلىتىپ باققانلا تەسىراتىڭلىنى سۆزلىۋەتمەمسىلە؟ئىككىلىنىپ قالدىم   باشباشقىلارمۇ ئىككىلىنىپ قاپتۇ.
كۈندە ئالغىلى بولمىسا يا.
Arslanaziz ۋاقتى: 2018-3-8 21:34:40
akburkut يوللىغان ۋاقتى  2018-3-7 14:56
مەن مېيزۇنىڭ ئەس6 دىن بىرنى ئالاي دىگەن ،ئىشلىتىپ باقق ...

مەن يېڭى ئىلان قىلغاندا  قارا رەڭلىكىدىن بىرنى سېتىۋالغانتىم
ئىشلەتكىلى بىر ئايدىن ئېشىپتۇ تاشقى قىياپىتى يامان ئەمەس ئېكران ئىگەللەش نىسپىتىمۇ پۇلىسىغا قارىغاندا بوپقۇيىدۇ
قاپسالماي ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن قولغا بەرگەن سىزىمى بىرخىل راھەت ھەم يىنىك
كەمچىلىكىگە كەلسەك ئويۇن ئوينىغاندا ئازراق قىززىي دىكەن
يەنە تۇكىغا كەلسەك ئۇيۇن ئويناپ نورمال مەشخۇلات قىلسىڭىز بىر كۈن ئازادە يىتىدۇ  بىر سائەت ئەتراپىدا تۇلۇق توك قاچىلاپ بۇلىدۇ
رەسىمگە تارتىشى كەينى تەرەپنىڭ خېلى ئوبدانلا تارتىپ قۇيىدىكەن
ئالدىمۇ يامان ئەمەس ئىشقىلىپ  ئامالبار قاراڭغۇدا رەسىمگە تارتماڭ
ئۆتمۈش123 ۋاقتى: 2018-3-8 23:33:33
يەنىلا  ئاۋۇ خۇاۋېي بىلەن شىياۋمى نوچىكەن ، ئېلىش توغرا كەلسە چىققاندا كۈرۈپ بىرسىنى ئالسام بولغىدەك ، مەنمۇ شۇ خۇاۋېينىڭ تېلفۇنى قانداقراق چىقاركىن دەپ تۇرغان.
ئۆتمۈش123 ۋاقتى: 2018-3-8 23:34:44
شىياۋمى mix2s نىڭ بارماق كەينى تۇنۇيدىغان چىقىپ قالارمۇ ؟
تەنھا530 ۋاقتى: 2018-3-9 12:15:25
تور سۈرئىتىنى قوغلىشىدىغانلار خۇاۋېينى ئېلىڭ ، باھاسىنى ئويلاشقانلار شاۋمى مەكىس 2 ئەسنى ئېلىڭ ، ئەرزانراق سەپلىمىسى ياخشى بولسا بولاتتى دىگەنلەر خۇڭمى نوتى 5 نى ئېلىڭ  ، مەن سىناقتىن ئۆتكۈزگەن بۇ يانفۇنلارنى ، تور سۈرئىتى جەھەتتە شاۋمى خۇاۋېيغا يىتەلمەيدىكەن ، باھا جەھەتتە شاۋمىغا باشقا يانفۇنلار يىتەلمەيدىكەن ، ئىشەنمىسەڭلار ئوخشاش سەپلىمىدىكى يانفۇننى بىر يەرگە ئەكىلىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ ، قالغىنى ئۆزەڭلارنىڭ تاللىشى ، ئۇ نوچا بۇ پوچا دىگەنلىك ئەمەس .
akburkut ۋاقتى: 2018-3-11 14:33:58
Arslanaziz يوللىغان ۋاقتى  2018-3-8 21:34
مەن يېڭى ئىلان قىلغاندا  قارا رەڭلىكىدىن بىرنى سېتىۋا ...

توردىن قاچىدىغان كىسىلى ساقايغانمىدۇ؟مەسلەن دۇدۇجۇ  ئويناۋاتسا ئۈزۈلۈپ قالدىغان دىمەكچى،قۇلۇمدىكى نوت بەش    تۇلا توردىن قاچىدۇ
otkur_apandi ۋاقتى: 2018-3-11 21:53:16
مەن شاۋمى تىلفۇندىن بىرنى ئالماقچى ئىدىم يېڭى چىققان ئىلغارراق تىلفۇنلاردىن قايسىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلدى؟ دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن؟
2635210282 ۋاقتى: 2018-3-12 21:52:47
otkur_apandi يوللىغان ۋاقتى  2018-3-11 21:53
مەن شاۋمى تىلفۇندىن بىرنى ئالماقچى ئىدىم يېڭى چىققان ئ ...

شىئاۋمى 3تىن يۇقىرىنىڭ، ھەم miui8دىن يۇقىرىنىڭ ھەممىسىدە  ئاساسەن ئۇيغۇرچە قۇشۇلۇپ بولدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部