+تېما يوللاش
Ego_amare يوللانغان ۋاقتى:2018-3-4 14:35 5205 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
  ھۆرمەتلىك ئالىپ ئەھلى ياخشىمۇسىلەر! بۈگۈن سىلەرگە كۆرك تېلۋېزور قۇتىسىدىن بايقىغان تېلفوننى تېلۋېزور قۇتىسىغا ئۇلاپ، تېلفوندىكى نەرسىلەرنى تېلۋېزوردا كۆرۈش ئىقتىدارىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن، بەلكىم بۇ ئۇسۇل كۆركلا ئەمەس باشقا تېلۋېزور قۇتىلىرىدىمۇ بۇلىشى مۇمكىن،ئۆيدە باشقا تېلۋېزور قۇتىسى بار دوستلىرىمىز مۇشۇ يازمىدىكى چۈشەندۈرۈش بويىچە ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ.(ئەگەربۇ سىلەرگە قارىتا كونا ئىش بۇلۇپ قالسا بىلمەيدىغانلار پايدىلانسۇن) ئەمسە باشلاي!
كۆركنىڭ بۇ ئىقتىدارى ئارقىلىق تېلفۇننىڭ ئېكرانىدا نىمە چىقسا شۇنى تېلۋېزوردا چىقارغىلى بۇلىدۇ.فىلىم قويغان بولسىڭىز پۈتۈن ئېكران قىلسىڭىز تېلۋېزوردىمۇ پۈتۈن ئېكران ھالىتىدە كۆرگىلى بولىدۇ،يەنى تېلفۇندىكى فىلىملەرنى پۈتۈن ئېكران ھالىتىدە تېلۋېزور ئېكرانىدا كۆرگىلى بولىدۇ،ئۇيۇنمۇ شۇ تېلفوندا ئوينىسىڭىز تېلۋېزور ئېكرانىدا پۈتۈن ئېكران ھالىتىدە ماس قەدەمدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1-قەدەمدە:كۆرك تېلۋېزور قۇتىسى بىلەن تېلفۇن ئوخشاش سىمسىز تورغا ئۇلايسىز(ئەگەر تېلۋېزور قۇتىسىنى سىملىق ئۇلىغان بولسىڭىزمۇ بولىدۇ.)
2-قەدەمدە كۆرك تېلۋېزور قۇتىسىنىڭ باش بەت ئېچىلغان يېرىنى تېزگىنەك ئارقىلىق ئوڭغا سىيرىسىڭىز (كۆرك جەمئىي ئۈچ بەتكەن،ئۈچىنچى بېتىنى ئاچسىڭىز بولىدۇ.)miracastدىگەن بىر تاللاش بار،شۇنى باسسىڭىز:miracast等待设备连接دەپ چىقىدۇ،ۋە ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇلۇڭىدا 设备名称:Android-5597دەپ چىقىدۇ،بۇ ئىسىم ھەرخىل تېلۋېزور قۇتىسىدا ھەرخىل چىقىشى مۇمكىن.
InkedIMG20180304095341_LI.jpg InkedIMG20180304095319_LI.jpg

3.قەدەمدە:تېلفۇنغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز،((مەن ئۆزۈم ئىشلەتكەنOPPOR11نى مىسال قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەيمەن،باشقا تېلفۇنى بارلار مۇشۇ ئارقىلىق ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ)تېلفۇننىڭ تەڭشىكىگە كىرىپ،其他无线连接ئاندىن多屏互动ئاندىن多屏互动ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتسەڭلار بولىدۇ.تېلۋېزورداmiracast等待设备连接ھالىتىدە ئاستىكىدەك Android-5597دىگىنى چىقىدۇ شۇنى باسساڭلىلا تېلفۇن تېلۋېزورغا ئۇلىنىدۇ دىگەن گەپ،ئاندىن تېلفۇندا نىمە مەشغۇلات قىلساڭلار تېلۋېزور ئېكرانىدىمۇ ماس قەدەمدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

IMG_20180304_142740.jpg IMG_20180304_142809.jpg IMG_20180304_142832.jpg
ھازىر كۆپىنچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلۋېزور ۋە تېلۋېزور قۇتىسىنىڭ مۇشۇنىڭدەك ئىقتىدارى بار،بۇنى بەيدۇ ئارقىلىق ئىزدىنىپ باقساڭلار بولىدۇ.بۇ يالغۇز كۆرك قۇتىسىنىڭلار ئىقتىدارى ئەمەس.

13ئادەم ئىنكاس يازدى

AM4080 ۋاقتى: 2018-3-4 18:56:19
مەن ئۆيۈمگە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تورىنى چۈشۈرگەنتىم، ئەمما ھەرقانچە ئىزدەپمۇ تېلفۇنغا ئۇلايدىغان تەڭشەكنى تاپالمىدىم، ئەجىبا بۇ تېلۋىزىيە قۇتىسىدا بۇ خىل ئىقتىدار يوقمىدۇ، بىلدىغانلا بىر ياردەم قىلساڭلار، تىپى، 移动魔百盒CM101S مۇشۇنداق ئىدى،
007xx ۋاقتى: 2018-3-4 19:32:54
AM4080 يوللىغان ۋاقتى  2018-3-4 18:56
مەن ئۆيۈمگە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تورىنى چۈشۈرگەنتىم، ئ ...

2194777969بۇ  چچنى  قىتىڭ  مەن ياردەم قىلاي
3131446363 ۋاقتى: 2018-3-4 19:34:18
بۇنداق ئۇلىغاندا يانفۇندا قويغان فىلىمنىڭ ئاۋازى تىلىۋىزۇردىنمۇ چىقامدۇ ياكى يانفۇندىلا چىقامدۇ..
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-3-4 19:41:39
ئادەتتە  تېلېۋىزورنىڭ  无线投屏  دېگەن ئىقتىدارى بولسا مۇشۇ ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىن تېلېفونىڭىزدا ماۋۇ رەسىمدىكىدەك ئىقتىدار بولسا ئېچىۋەتسىڭىز تېلېۋىزور ئاپتوماتىك تونۇيدىكەن.
Screenshot_20180304-193607-picsay.jpg
ئەمما سۈزۈكلۈكى ھەرقانچە يۇقىرى فىلىم قويساقمۇ  تېلېۋىزوردا ئانچە سۈزۈك كۆرۈنمەيدىكەن ، چۈنكى فىلىم يانفوننىڭ ئېكرانىنى مەركەز قىلىپ قويۇلىدىغان ئوخشايدۇ.
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-3-4 19:43:49
تېلېفوننى تېلېۋىزورغا ھەر خىل شەكىلدە ئۇلاشتا ماۋۇ تېمىنىڭ ئەڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن ،
https://aliptori.com/forum.php?mod=viewthread&tid=53934
كىيىك ۋاقتى: 2018-3-4 19:50:40
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىنو قۇتسىنى توردا سېتۋالغىلى بولامدۇ، توردىن سېتۋالاي دىسەم بۇ كىنو قۇتسىنڭ تۈرى كۆپ ئىكەن، بولسا مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە كىنو قۇتىسى ساتدىغان دوسلار بولساڭلار ئادىرسىڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار
تەنھا530 ۋاقتى: 2018-3-4 20:09:47
سىز دېگەن ئەپ   ھەممىلا قۈتىدا يوق.   بەزى بىر قىسمەن قۇتۇلالىدا بار ئىكەن.  ئۇ ئەپ  يوق قۇتىلاردا  电视控   دېگەن ئەپنى تېلېفون بىلەن قۇتىغا تەڭ قاچىلاپ  ،  ئىشلەتىسەك بولىدىكەن.
nawayi ۋاقتى: 2018-3-4 21:48:40
خاتىرە كومپيۇتېرنى يانفۇنغا ئۇلايدىغان ئامال بارمىدۇ
aski0903@ ۋاقتى: 2018-3-5 09:04:59
بولسا سىملىق  ئۇلايدىغان ئامال بولسا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز  
bulbulla ۋاقتى: 2018-3-5 11:07:05
كىيىك يوللىغان ۋاقتى  2018-3-4 19:50
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىنو قۇتسىنى توردا سېتۋالغىلى بولامد ...

كۆچمىنىڭ تىجارەت زالىدا 50يۈەندىن بىرىدىكەن مەن تور تارتقىلى بارغاندا شۇنداق دېگەن بۇ كۆچمىنىڭ تېلېۋىزور قۇتىسىدىمۇ يانفۇننى تېلېۋىزورغا ئۇلىغىلى بولىدۇ يەنە تېخى تېلېۋىزور قۇتىسىنى يانفۇندا باشقۇرغىلىمۇ بولىدىكەن تىزگىنەك ئىشلىتىش ھاجەتسىز.
AM4080 ۋاقتى: 2018-3-5 11:52:12
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2018-3-5 11:07
كۆچمىنىڭ تىجارەت زالىدا 50يۈەندىن بىرىدىكەن مەن تور ت ...

مىنىڭمۇ كۆچمىنىڭ تورى ئىدى، لىكىن تېلفۇننى ئۇلايدىغان يېرىنى پەقەت تاپالمىدىم، سىز قانداق ئۇلىدىڭىز، ئۇسۇلىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز، مىنىڭكى تىپى، cm101s魔百和网路机顶盒  سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق تىپمۇ،
nakix ۋاقتى: 2018-3-5 19:36:55
بۇ ھەم ئاددى ھەم ئۇنىملىك ئۇسۇل ئىكەن، رەھمەت سىزگە تىما ئىگىسى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部