+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-3-2 19:12 4256 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
گوگۇل I/O 2018 پروگراممىرلار يىغىننى 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يىغىندا يېڭى بىر ئەۋلاد ئاندرويد مەشغۇلات سىسېتمىسى Android P يەنى ئاندرويد 9.0 ئېلان قىلىنىدۇ.
پروگراممىرلار گوگۇلنىڭ AOSP ئېچىۋېتىلگەن كود تۈردىكى كودلاردىن كۆز رەڭدار پەردىسىنى تونۇش تېخنىكىسىنى ئاندرويد ئەسلى سىستېمىسىغا توپلاشتۇرۋەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇنىڭ ئاندرويد 9.0 دە ئەمىللىشى مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن چوڭ.
كودتا كۆرستىلىشىچە، گوگۇل HAL (قاتتىق دېتال مەۋھۇم قەۋىتى) ئېغىزى ئارقىلىق ئاندرويد ئەسلى سىستېمىسىدا كۆز رەڭدار پەردىسىنى تونۇشنى ئىشقا ئاشۇردىكەن ھەم بۇنى ئۈچۈنجى تەرەپ ئەپلىرى يۆتكەپ ئىشلىتەلەيدىكەن.

s_275e224c13ca4d929ecd0d46389a2c22.jpg

نۆۋەتتە رەڭدار پەردىنى تونۇش تېخنىكىسىنى سامسۇڭ قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى يانفون ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئەگەر ئاندوريد ئەسلى سىستېمىسىدا رەڭدار پەردىنى تونۇشنى قوللىسا بۇ بۇنىڭدىن كېيىن چىقىدىغان كۆپ ساندىكى يانفوندا ئىشلىتىلىپ، كۆز رەڭدار پەردسىنى تۇنۇش تېخنكىسنىڭ ئومۇملىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئېكران ئاستىدىن بارماق ئىزىنى تونۇش، چىراي تۇنۇش قاتارلىق پىشمىغان تېخنىكىلارغا قارىغاندا ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئېلىپ كېلىدۇ.

12ئادەم ئىنكاس يازدى

HAKAN49520 ۋاقتى: 2018-3-2 20:05:44
گوگېلنىڭ تەرەققىياتى ئاندىرويىد ھەۋەسكارلىرنىڭ دىگەن يىرىدىن چىقىۋاتىدىغۇ
♡OTYURAK♡ ۋاقتى: 2018-3-3 00:04:27
مەن تېخى كۆز رەڭدار پەردىسىنى تونۇش ئۈچۈن يانفۇننىڭ ئاساسى تاختىسىغا مەخسۇس سېنزور ئورۇنلاشتۇرىلامدىىكى دەپتىكەن مەن يۇمشاق دىتال ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا تازا مۇكەممەل بولماي قالارمۇ بىراق گوگىل ئۇنداق مۇكەممەل ئەمەس تېخنىكىنى ئىستىمالچىلار غا سۇنماسلىقىمۇ مۇمكىن
nurjan11 ۋاقتى: 2018-3-3 01:34:12
بۇ ئىقتىدارنى سىستىما قوللىغان بىلەن قاتتىق دىتال قوللىمىسا
urum131 ۋاقتى: 2018-3-3 11:54:46
   ئاشۇ كودنى ئەسلى سىستىمىغا قوشۇۋەتسە كىيىنچە يانفون شىركەتلىرى قاتتىق دىتالنى كۆپ ئاۋارە بولمايلا يانفونغا ئىشلىتەلىسە كىرەك، سىز-بىز ئويلىيالىغاننى ئۇلار ئاللىقاچان ئويلاپ بولغان بولغان بولىدۇ-دە...
2635210282 ۋاقتى: 2018-3-3 14:15:09
كۆزنىڭ رەڭ پەردىسىنى تۇنۇش ئۈچۈن كامىراغا  تايىنامدۇ ،ياكى سىنزورغىمۇ؟
ranjima886 ۋاقتى: 2018-3-3 14:22:29
ياخشىمۇ دوسلار، ھەممىلا يەردە قارىسام ئاندىرويىد 9نىڭ گىپى، لىكىن ھازىر مەن تېخىچە ئاندىرويىد 7نى ئىشلىتىۋاتىمە، ئاندىرويىد 8قاچان چىقار دەپ تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمە، مەن قانداق قىلسام ئاندىرويىد 8نى ئىشلىتەلەيمە ھازىرقى تىلفۇنۇمدا، گەرچە بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالغان بولسىمۇ بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار
HAKAN49520 ۋاقتى: 2018-3-3 14:54:33
ھازىر ھەممە تىلپۇنلارنىڭ ئالدى كامىراسى بار بولغانكىن كامىرا ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرامىكىن دەيمەن ، مەسلەن چىراي تۇنۇش ئىقتىدارىغا ئوخشاش
ranjima886 ۋاقتى: 2018-3-3 16:02:22
2635210282 يوللىغان ۋاقتى  2018-3-3 14:15
كۆزنىڭ رەڭ پەردىسىنى تۇنۇش ئۈچۈن كامىراغا  تايىنامدۇ ، ...

بەلكىم كامىراغا تايىنىدىغاندۇ، چۈنكى سىنزور پەقەت يۇرۇقلۇق تونۇيدىغۇ دەيمەن، ئۇ رەسىم تارتىش ياكى چىراي تونۇشتا ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-3-4 01:56:42
9.0 نى دەپ يانفۇن ئالماشتۇرۇشىنڭ ئورنى يوقتە ، شۇنچە پۇلغا تىلفۇن ئېلىپ ئۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتكەننىڭ نىمىگە پايدىسى بار،،،
虚伪的真实 ۋاقتى: 2018-3-5 20:18:09
ئىلگىرى كۆز ئارقىلىق ئېچىلمايدىغان يانفۇنلارمۇ سېستىما يېڭىلاش ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى قوشتىغۇ ،  لىكىن  قاتتىق دىتالغا تايانماي يۇمشاق دىتال بىلەنلا بىرتەرەپ قىلسا ئانچە بىخەتەر بولمايدۇ
2051752452 ۋاقتى: 2018-3-17 17:51:42
كۆز پەردىسىنى تۇنۇتۇش بىلەن چىراي تۇنۇش ئىقتىدار ئوخشىمامدا ئۇستازلار مەن بەك چۈشۈنۇپ كىتەلمىدىم بۇ ئىتىدارلارنى vivo x9 غا چىراي تۇنۇش ئىقتىدار قۇشۇلۇپتۇ ئىشلىتىۋاتىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部