+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-2-26 15:38 6104 قېتىم كۆرۈلدى 15 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
vivo يانفونلىرى سىرتقى كۆرۈنۈش، كامېراسىغا ئەھمىيەت بىرىپ، سەپلىمىسىگە ئادەتتىكىچە قاتتىق دېتاللارنى ئىشلىتىپ كەلگەن. شۇڭا يانفوننى چۈشىندىغانلار ۋىۋونىڭ سەپلىمىسى تۆۋەن، باھاسى قىممەت دېيىشەتتى. ئىلگىرىكى يازمىلىرىمىزدىمۇ ۋىۋو، ئوپپو يانفونلىرىنىڭ كامېراسىدىن باشقا يەرلىرى بەك ۋاي دېگۈدەك ئەمەس، ئېلانغا، ئەمىلىي سېتىش دۇكانلىرىغا بەك كۈچەيدۇ دەپ مۇلاھىزە قىلغان.
بۈگۈن ئەتىگەن vivo ئىگە تەرەپتىن vivo APEX ئۇقۇم يانفوننىڭ تەشۋىق ۋىدېئوسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ۋىدېئوغا قارىغاندا بۇ يانفون «سەپلىمىسى تۆۋەن» دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ يانفونغا تارتما شەكىللىك كامېرا، ئېكراننىڭ يېرىمىدا بارماق ئىزىنى سېزىش، يوشۇرۇن سېنزور، ئېكراننىڭ ھەممە يېرىدىن ئاۋاز چىقىش... دېگەندەك نۇرغۇن يېڭى تېخنىكا ئىشلىتىلگەن. ئېكران نىسبىتى %98 گە يەتكۈزۈلگەن.

s_f3d93ddd95a6422da1f260b393658711.jpg

20180226_111049_923.jpg

20180226_111140_972.jpg

20180226_111059_543.jpg

20180226_111122_560.jpg

20180226_111118_43.jpg

vivo APEX گە 5.99 دىيۇملۇق 18:9 نىسبەتلىك پۈتۈن ئېكران ئىشلىتىلگەن. چوققىسى، ئوڭ-سول گىرۋىكى 1.8mm ، ئاستىنىڭ 4.3mm . ئېكراننىڭ يېرىمىدا بارماق ئىزىنى تونۇيىدۇ. X20 Plus UD گە ئوخشاش مۇقىم بىر يەردىلا بارماق ئىزى تونۇماستىن ئېكراننىڭ يېرىمىدا خالىغان يەرنى چەكسە بارماق ئىزى تونۇيدىكەن. يەنە ئىككى ئادەمنىڭ بارماق ئىزىنى تونۇشنى قوللايدىغان بولۇپ، ئوخشىمىغان بارماق ئىزىدا ئوخشىمىغان ھېساباتتا ئېچىلىدىكەن. ئوخشىمىغان ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان شەخسىي بوشلۇقىغا كىرەلەيدىكەن.

20180226_111207_547.jpg

s_17d77c7af5b04bab83a6d419a3c40846.png



ئېكراندىن ئاۋاز چىقىدىغان لايىھە قوللانغان بۇلۇپ، ئايرىم تىڭشىغۇچ يوق. ئېكراننىڭ خالىغان يىرىدىن سۈزۈك ئاۋاز چىقىدىكەن. ئارىلىق سېنزورى... قاتارلىق سېنزورلار ئېكران ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

20180226_111145_720.jpg

20180226_111150_961.jpg

20180226_111159_70.jpg


پۈتۈن ئېكرانلىق يانفوندا ئالدى كامېرانى نەگە ئورۇنلاشتۇرۇش بىر مەسىلە. ئايفوندا سەت ماڭلاي چىقىرىپ قويدى، شىياۋمى مىكىستا ئېكراننىڭ ئاستىغا ئۇرۇنلاشتۇردى. vivo APEX تا بۇ مەسىلىنى ناھايتى ئەپچىل ھەل قىلغان. يەنى يانفوننىڭ چوققىسىغا تارتما شەكىلدە كىرگۈزىۋەتكەن. ئالدى كامېراسى ئىشلىتىدىغان ۋاقىتتا سىيرىلىپ چىقىدىكەن. (ئىنكاس ۋاقتى 0.8 سېكۇنت)
بۇ ئۇقۇم يانفونى، ئەمەلىيەتتىمۇ راستىنلا شۇنداق چىقسا ھەم مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا ياخشىراقنى ئىشلەتسە يۇقارقى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خېلى كۆپ يانفوننى بېسىپ چۈشىدۇ.

15ئادەم ئىنكاس يازدى

2635210282 ۋاقتى: 2018-2-26 15:43:22
ۋىۋو بۇ قېتىم ئاچچىقلىغان ئوخشىمامدۇ.
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-2-26 15:49:46
مانا ماۋۇ ھەقىقى پۈتۈن ئېكرانلىق يانفونغا ئەڭ يىقىنلاشقان
يانفۇن بوپتۇ ، بولۇپمۇ ئالدى ئاپاراتىغا ھۈنەرنى جايىدا ئىشلىتىپتۇ ،  ئەمدى ئوپپودىنمۇ مۇشۇنداق خەۋەر كىلىشى مۇمكىن ، ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولۇر دەپتىكەن ،
مۇساجان2 ۋاقتى: 2018-2-26 15:56:09
سىرتقى كۆرنۈشتە باشقىلارنى دورىسىمۇ  بىراق ئىقتىدار جەھەتتە تېخنىكىدا يامان بوپ كىتىپباردۇ بۇلار  
pakwisal ۋاقتى: 2018-2-26 16:01:36
مۇشۇ تىلفۇن بازارغا سېلىنغاندا مەن بىرتال ئېلىپ ئىشلەتمىسەم بولمىدى
玉素甫。巴拉提 ۋاقتى: 2018-2-26 16:09:34
ئالدى كامىرانى ياخشى ماسلاشتۇرۇپتۇ،  بۇمۇ بىر يېڭىلىق بوپتۇ .
رۇھ ۋاقتى: 2018-2-26 17:47:18
پۈتۈن ئېكرانىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار مىنى ھىچ قىزىقتۇرالمىدى. قۇش ئېكرانغا خىلى قىزىقىپ قالغان.
15199755016 ۋاقتى: 2018-2-26 18:14:38
مەن  تىخى بۇ تىلفۇننى   بازارغا سىلىنىپ  بولغان  ئوخشايدۇ  دەپتىكەنمەن ئۇنداقتا  بۇ  تىخى بازارغا  سىلىنماپتۇدە
زومىگەر ۋاقتى: 2018-2-26 19:58:24
گىرۋەكلېرى ئالما 4 كە ئوخشاپ كىتپارامدۇ سىپتا لايىلەنمەپتۇ
لەغمەن ۋاقتى: 2018-2-27 00:36:05
ھەقىقىي پۈتۈن ئېكران بوپتۇ مانا لىكىن ئىككى خىل قۇلۇپتا ئىككى ئېچىلىش 2016،يىلىلا شياۋمى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان لىكىن ئالدى كامىراسى ھەقىقەتەن يېڭىلىق بوپتۇ
ئۈمىد ۋاقتى: 2018-2-27 22:57:49
توملىقى بىر ئاز قىلىنمۇ نىمە ؟
◆、◇◆βǎЯ ۋاقتى: 2018-2-28 13:02:28
چۆجىنى كۈزدە سانايمىز
uYuX ۋاقتى: 2018-2-28 15:58:27
ۋىۋونىڭ يۇقىرى سەپلىمىلك تىلفۇنى يوق  ئەمەس با ،  لىكىن  باھاسىغا نىسبەتەن  سەپلىمە تۈۋەن.
بۇنىڭ باھاسى  ئاسمانۇ  پەلەك   چىقا  ھەقاچان.
takatuka ۋاقتى: 2018-3-1 15:05:23
ھېچ بىرئالاھىدىلىكى يوقكەن
سىيرىلىپ چىقىدىغان كارمىرانى باشقىلار ئىشلەپ بولغان سىلەر بىلمىگەن بىلەن، ئازراق ئۆزگەرتىش قىپتۇ شۇ باھاسىنى كۆرىمىز تېخى سۈرئىتى شۇنچە ئىسىل بولغان بىلەن ئەمىلەتتىكى سۈرئىتى ئۇنداق چىراقلىق ئەمەس بىلىمەن
elbilge ۋاقتى: 2018-3-1 17:14:27
سەپلىمىسىنى  يۇقىرى قىلغان بىلەن باھاسى ئاندىن قىممەت چىقىدۇ
2635210282 ۋاقتى: 2018-3-1 17:23:39
ﺷﻴﺎﯞﻣﻰ 2015-ﻳﯩﻠﯩﻼ ﻟﯩﻔﯩﺖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻛﺎﻣﯧﺮﺍ ﭘﺎﺗﯧﻨﺘﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ

172338rlafe2b10j9ndj1y.png
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部