+تېما يوللاش
selqut يوللانغان ۋاقتى:2018-2-25 20:08 10257 قېتىم كۆرۈلدى 31 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئېقىم كارتىلىرى

1.  جۇلا كارتىسى.
ئايلىق ئىجارە ھەققى: 19 يۈەن
ئېقىم:  كۈندە 1 يۈەنگە 500 مىگابايىت
  ئىقىم مىقدارى ھېسابلىمايدىغان ئېتىبار ئەپلەر:  QQ , ئۈندىدار ،    تىڭشۈن ئەپلىرى، تىڭشۈن ئويۇنلىرى،  ئۇيغۇرچە كۆزنەك ئەپ دېتالى
سۆزلىشىش:  كەلگەن تېلېفون ھەقسىز.  تېلېفون ئۇرسا دۆلەت ئىچىدە بىر مو.   نومۇر كۆرسىتىش  ھەقسىز.
  ئۈندىدار سالونى ئىزدەش ئىسمى: julakarta
بېجىرىش ئادرېسى:https://m.10010.com/queen/zhula/zhulacard.html?channel=01


2.تىيەنشىن كارتا

ئايلىق ئىجارە ھەققى: 5 يۈەن
ئېقىم:  كۈندە 1 يۈەنگە 800 مىگابايىت ( يەنە بىر خىل 3 يۈەنگە چەكسىز .  بىرلەشمە ئەپ دېتالىدىن  بىر بىرىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.)
سۆزلىشىش:  كەلگەن تېلېفون ھەقسىز.  تېلېفون ئۇرسا دۆلەت ئىچىدە بىر مو.   نومۇر كۆرسىتىش  ھەقسىز.
ئېتىبار ئەپلەر:  يوق
  ئۈندىدار سالونى  ئىزدەش ئىسمى: 天神卡助手
بېجىرىش ئادرېسى: https://m.10010.com/queen/xiaomi/infinite-fill.html?product=1
كارتىنى بېجىرىپ  ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە  ساقلاپ  ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالىغا بېرىپ
بېجىرگەن چاغدا يانفونىڭىزغا كەلگەن ئۇچۇرنى كۆرسەتسىڭىز  كىملىكىڭىزگە ئاكتىپلاپ بېرىدۇ.  يىگىرمە كۈن ئىچىدە  ئاكتىپلىمىسىڭىز  نومۇر ئاپتوماتىك  يىغىۋېلىنىدۇ.



تېلېگراف خەۋەرلىشىش  ئېقىم  كارتىلىرى.

1.   بېلىق كارتىسى

ئايلىق ئىجارە ھەققى: 9 يۈەن
ئېقىم:  كۈندە 1 يۈەنگە 800 مىگابايىت
  ئىقىم مىقدارى ھېسابلىمايدىغان ئېتىبار ئەپلەر: يوۋكۇ تورى،  گاۋدى خەرىتىسى،  uc توركۆرگۈچتە ئىچىلغان ھەرقانداق تور بىكەت ھەقسىز(ئەسكەرتىش:uc توركۆرگۈچنىڭ ئاندىروئىد نەشىرى
11.7.0 دىن يۇقىرى، ئايفۇندا 11.6.3 دىن يۇقىرى بولىشى كىرەك)
سۆزلىشىش:  كەلگەن تېلېفون ھەقسىز.  تېلېفون ئۇرسا دۆلەت ئىچىدە بىر مو.   نومۇر كۆرسىتىش  ھەقسىز.
  ئۈندىدار سالونى ئىزدەش ئىسمى: 鱼卡助手
بېجىرىش ئادرېسى:
http://cservice.client.189.cn:9092/alifishcard/alifishcard_detail.html
بۇ كارتىنى بىر كىملىككە بىر قېتىملا  ئالغىلى بولىدۇ.  كارتىنى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىدۇ.  ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق تىجارەت زالىغا بېرىپ  كىملىكىڭىزگە ئاكتىپلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.  يىگىرمە كۈنگىچە  ئاكتىپلىمىسىڭىز نومۇر يىغىۋېلىنىدۇ.  ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەرنى تاللاپ  نومۇر بېجىرىڭ  بولمىسا باشقا شەھەرنىڭ نومۇرىنى ئۆز رايونىڭىزدا ئاكتىپلىيالمايسىز.  

2.يوۋكۇ كارتىسى
بۇ كارتا   كۈندە بىر يۈەنگە 500  مېگابايت   ئايلىق ئىجارە ھەققى توققۇز يۈەن.  يوۋكۇ تورىدا  فىلىم كۆرسە ھەقسىز.  ئۈستىدىكى بېلىق  كارتىسىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.  ئۈستىدىكى نىڭ ئېقىم مىقدارى بىر قەدەر كۆپ.
http://cservice.client.189.cn:9092/kushicard/kushicard_activity.html
باشقىلار پۇلغا بىجىرىپ بىرىدىكەن بەك ئاسان ئۆزۈڭلارمۇ بىجىرەلەيسىلەر،  شۇڭا يوللاپ قويۇشۇم.

Screenshot_2018-02-25-19-54-21-485_com.tencent.mtt.png

ياردەم  qq  توپ نۇمۇرى: 200287551

31ئادەم ئىنكاس يازدى

selqut ۋاقتى: 2018-2-25 20:18:53
IMG_20180225_191539.png
بىلىق كارتىسى
بىجىرىش ئادرىسى قايتا تەھرىرلەپ قويدۇم ، تىمىنى تەھرىرلىيەلمىدىم
http://cservice.client.189.cn:9092/alifishcard/alifishcard_index.html?ct=0&cmpid=jt-alyk-gzh-ljdg&shopid=lmk.cps.jtalykgzhljdg


IMG_20180225_190257.png
تىيەنشىن كارتىسى
https://m.10010.com/queen/xiaomi/infinite.html
MB2490 ۋاقتى: 2018-2-25 21:31:47
تىيەنشىن كارتا  3يۇەنگە بىرئاي  چەكسىزمۇ ياكى كۈنلۈك چەكسىزمۇ
ئەخمەت@ ۋاقتى: 2018-2-25 22:10:39
selqut يوللىغان ۋاقتى  2018-2-25 20:18
بىلىق كارتىسى
بىجىرىش ئادرىسى قايتا تەھرىرلەپ قويدۇم ...

ئادەتتىكى تاۋسەن كارتىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىنى مۇشۇنىڭغا ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ
1589728092 ۋاقتى: 2018-2-25 22:34:18
ناھايتى ياخشى تىما يوللاپسىز، كونا كارتىلارنى مۇشۇ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرگە ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بارمىدۇ؟
arslanhan ۋاقتى: 2018-2-25 22:54:50
تېلگىرافنىڭ يەنە  49 يۈەنگە يەرلىك تور  ئېقىم چەكسىز 100 مىنۇت سۆزلىشىش ۋە يەنە ئايلىق ئىجارە ھەققى 5 يۈەن 1 يۈەن ﮔە 800 مىگا تور بىرىدىغان كارتىلىرىمۇ بار
aplisin ۋاقتى: 2018-2-25 23:27:04
مەن كۆزنەك ئەپ دىتالى ئارقىلىق جۇلا كارتىسىدىن بىرنى بىجىرگەن ئىدىم ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئىدى ، لىكىن ماڭا ئۇچۇر كەلمىدى ،بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتىنمۇ تىلفۇن قىلمىدى ، نىمە سەۋەپتىن ئۇنداق بولىدۇ ، ئەگەر بىرلەشمىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرىپ قالغان بولسا شۇنداق بولامدىغاندۇ يا ، ھىچ بىلەلمىدىم ، بىلدىغانلار جاۋاپ بەرسەڭلا ياخشى بولاتتى ، يەنە بىر سوئالىم ،،، مۇشۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ چەكسىز تور چىقىدىغان كارتىلىرى يوقمىدۇ ، ماڭا بەكلا لازىمتى ،،،،
xatmen ۋاقتى: 2018-2-25 23:27:39
نۇمۇر ئۆزگەرىتمەي  مۇلازىمەتنى ئۆزگەرىتكىلى بولغان بولسا بولىدىكەندۇق
r0998 ۋاقتى: 2018-2-26 11:22:27
رەھمەت تىما ئىگىسى ناھايتى پايدىلىق تىمدىن بىرنى يوللاپسىز  
xohdj ۋاقتى: 2018-2-26 13:02:53
بىرلەشمەخەۋەرلىشىشنىڭ بەش يۈئەنلىك تىيەنشىن كارتىسنىڭ 1يۈئەنلىك 800مىگابايىت تورى كۈندە ئۆزى ئېچىلىپ كىتەمدىغاندۇيا تورنى ئىشلەتسە ئېچىلامدىغاندۇ، تور ئىشلەتمىسە ئېچىلمىسا ياخشى كارتىكەنتۇق ياشانغانلارغا بىجىرىپ بەرسە تېلفۇن سۆزلەشمىسە بەش يۈەن بىلەن بىرئاي چىققۇدەك دىمەك ياشانغانلار كۆپ تېلفۇن سۆزلىشىپ كەتمەيدۇ
باشقۇرغۇچى ئىكاسىمنى تەستىقلاپ قويشىڭلارنى ئۈمۈت قىلمەن
@بەخىت ۋاقتى: 2018-2-26 13:30:44
جۇلا كارتىسىدا كۈنلىكى بىر يۈەنگە ئەمەس بەلكى شۇ بىر يۈەنگە ئالغان بەش يۈز مىگا تور تۈگىسە ئاندىن بىز يەنە داۋاملىق تور ئىشلەتسەك ئاندىن ئاپتۇماتىك ھالدا بىر يۈەنگە بەش يۈز مىگا تور ئىچىلىپ ماڭىدىكەن
@بەخىت ۋاقتى: 2018-2-26 14:22:23
Xohdj ئىسىملىك تورداش ئۇ بەش يۈەن ئىجارە ھەقىقى سۆزلىشەلمەيسىز.بىر بولسا ئاينىڭ بىشىدا تۇتىدۇ بىر بولسا كۈنلۈكى 16 پۇڭدىن تۇتىدۇ.دىمەك كارتىدا ئالتە يۈەن پۇلىڭىز بولسا بىر كوينى ئىشلىتەلەيسىز دىگەن گەپ. ئەگەر ئايلىق ئىستىمالى بەش يۈەن بولغان بولسا سىز دىگەندەك بولاتتى
تېلسىم ۋاقتى: 2018-2-26 14:27:01
بەك پايدىلىق تېما يوللاپسىز تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت
selqut ۋاقتى: 2018-2-26 14:32:46
MB2490 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-25 21:31
تىيەنشىن كارتا  3يۇەنگە بىرئاي  چەكسىزمۇ ياكى كۈنلۈك چە ...

كۈنلۈك چەكسىز بىرئايدا 90كوي كىتىدۇ
selqut ۋاقتى: 2018-2-26 14:39:11
aplisin يوللىغان ۋاقتى  2018-2-25 23:27
مەن كۆزنەك ئەپ دىتالى ئارقىلىق جۇلا كارتىسىدىن بىرنى ب ...

بىجىرىپ بەش كۈن ئىچىدە تىلفۇن قىلمىسا ئۆزىڭىز تىجارەت زالىغا بارسىڭىز بولىدۇ،  مەنمۇ شۇنداق قىلغان
selqut ۋاقتى: 2018-2-26 14:41:40
xohdj يوللىغان ۋاقتى  2018-2-26 13:02
بىرلەشمەخەۋەرلىشىشنىڭ بەش يۈئەنلىك تىيەنشىن كارتىسنى ...

تور ئىشلەتمىسە ھەق ئالمايدۇ ئىشلەتسىڭىز ئاپتۇماتىك شۇ كۈنگە بىر كوي تۇتىدۇ،  ياشانغانلارغىمۇ ماس كىلىدۇ.
shemsher ۋاقتى: 2018-2-26 15:43:35
شىياۋمىنىڭمۇ مىيفىن كا بىرسى 1يۈەنگە 800 مىگا 3 يۈەبگە چەكسىز ئېچىلىدىغان مەن بىجىرىبپ توختىتىۋەتكەن ئىشلەتسە پۇل تۇتىدىكەن ئىشلەتمىسە پۇل تۇتمايدىكەن ئايلىق ئىجارىسى 5 يۈەن شىياۋمىنىڭ ئورگان تورىغا چىقىپ بىجىرۋالساڭلا بۇلىدۇ .يەنە نۇمۇر كۆرسىتىش كەسپى ھەقسىز ،بىرئايدا ھىچقانداق تورغا چىقمىسا 5 يۈەن تۇتىدىكەن تىلۇن ئۇرسىڭىز مىنۇتى 1مو ماڭىدۇ دۆلەت ئىچى سەييارە كەسپى ھەقسىز
MB2490 ۋاقتى: 2018-2-26 16:13:19
ئايلىق ئىجارە ھەققى يوق،  پەقەت سۆزلىشىشكىلا ماس كېلىدىغان كارتىلار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار بولۇپتىكەن.
xohdj ۋاقتى: 2018-2-26 18:06:52
@بەخىت يوللىغان ۋاقتى  2018-2-26 14:22
Xohdj ئىسىملىك تورداش ئۇ بەش يۈەن ئىجارە ھەقىقى سۆزلىشەل ...

سۆزلەشسە بەشكوينىڭسىرتىدا مىنۇتى بىرمۇ ماڭىدىغاندۇ مەن شۇنى دىمەكچى
bengbash ۋاقتى: 2018-2-26 23:13:40
@بەخىت يوللىغان ۋاقتى  2018-2-26 13:30
جۇلا كارتىسىدا كۈنلىكى بىر يۈەنگە ئەمەس بەلكى شۇ بىر ي ...

ھەجەپ ياخشى گەپ قىلدىڭىز، مەن تېڭشۈن داۋاڭ كارتا بىجىرەي دەپ زالغا كېرىپ قارىسام جۇلا كارتىسىنىڭ ئېلانى باركەن. شۇنىڭ بىلەن جۇلا كارتسىنى بىجىرگەن. 500 مىگا تور توغرىسدا كارتا بېجىرىدىغان مۇلازىمەتچى قىزمۇ ئىنىق چۈشەنچە بېرەلمىگەن ئىدى.  سىز دېگەندەكلا بولسا ئەمدەى خاتىرجەم بولدۇم. قورقماي ئىشلىتىۋېرەي ئەمدى. مەن ئەسلىدە  500 مىگا تورنى بىركۈنلۈك دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن.

باھا سۆز

بېكا گەپ ئۇ ئىشەنمەڭ  ۋاقتى: 2018-2-27 10:21
رەشىدە ۋاقتى: 2018-2-26 23:17:35
3كويغا40جى ئالغىلى بۇلىدۇ 1كونلۇك
selqut ۋاقتى: 2018-2-27 00:05:11
bengbash يوللىغان ۋاقتى  2018-2-26 23:13
ھەجەپ ياخشى گەپ قىلدىڭىز، مەن تېڭشۈن داۋاڭ كارتا بىجى ...

جۇلا كارتا،  داۋاڭ كارتا شۇ بىركۈنلۈك بىركويغا 500مىگا ئىچىلىدۇ،  ئىشلىتىپ بولالمىسىڭىزمۇ ئەتىسى نۆلگە ئايلىنىپ يەنە 1كويغا بىركۈنلۈك 500 مىگا ئىچىلىدۇ.
binam ۋاقتى: 2018-2-27 09:45:10
تىلگىرافنىڭ 49كويغا چەكسىز ئىقىم كارتىسىنى كونا نۇمۇرغىمۇ ئېچىپ بىردىكەن ،ۋېلايەت ئىچىدىكى ئىقىم مىقدارى 100G،چەكسىز ئېقىمغا ئىھتىياجىڭلا بولسا كونا نۇمۇرغىمۇ بىجىرەلىسەم بۇلىتى دىگەنلە تۇرۇشلۇق ئورنۇڭلادا تىلگىرافنىڭ سىگنالى ياخشى بولسا مۇشۇ كەسىپنى بىجرىپ ئىشىلتىڭلا .كونا نۇمۇرلاغىمۇ بۇلىدىكەن .
qeqnus ۋاقتى: 2018-2-27 10:18:58
@بەخىت يوللىغان ۋاقتى  2018-2-26 13:30
جۇلا كارتىسىدا كۈنلىكى بىر يۈەنگە ئەمەس بەلكى شۇ بىر ي ...

مەن جۇلا كارتىسى ئىشلىتىۋاتىمەن .
سىز دېگەندەك ئەمەس ، تور ئىشلەتسىڭىز جۇلا كارتا ھەقسىز تور دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەندە ، مەسىلەن : تور كۆرگۈچتە ئالپنى زىيارەت قىلساق ، ئالىپاي دېتالىنى ئاچساق ، بادام ئويۇنىنى ئوينىساق ... دېگەندەك جۇلا دائىرە سىرتىدىكى ھەرقانداق تور بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىشنى قىلساق بىر مىگابايت تور بىر مودىن باشلاپ ھىساپلىنىپ - ئون مىگابايت تور بولغاندا يەنى بىر يۈەن بولغاندا ئاپتۇماتىك بىر يۈەنگە 500 مىگابايتلىق تور ئېچىلىدىكەن . بۇ تورنى ئىشلىتىپ بولسىڭىز قانداق ھىساپلايدۇ ئۇنى بىلمىدىم ، لېكىن تۈگىسە ياكى تۈگىمىسە شۇ كۈنى كەچ سائەت 0 دە يۇيۇلۇپ ، قايتىدىن ھىساپنى باشلايدىكەن ...
مەن ئايدا 800 مىنۇت پاراڭ ، 600 مىگا تور بار 50 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى قىممەت كۆرۈپ 10010غا شىكايەت قىلىپ يۈرۈپ جۇلاغا ئالماشتۇرغان بۇ ئىككى ئاي ئىشلىتىش جەريانىدا جۇلانى ئىشلىتىپ كۆرۈپ ، ئالماشتۇرغىنىمغا پۇشايمان قىلىپ قايتىدىن 16 يۈەنلىك مەكتەپ كارتىسىغا ئىلتىماس قىلدىم ...
جۇلا كارتىسىدا كۈندە يىمىدىم دېگەندىمۇ 5 مولۇق تورنى يەپلا ماڭىدىكەن . ياكى مەن تور تەڭشەشنى بىلمىدىممۇ .... ئالىپاي ، ئالپ ، بانكا تېرمىنالىنى ئاچماي يۈرگىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ - بىر كويدىن قېچىپ
xohdj ۋاقتى: 2018-2-27 12:21:04
qeqnus يوللىغان ۋاقتى  2018-2-27 10:18
مەن جۇلا كارتىسى ئىشلىتىۋاتىمەن .
سىز دېگەندەك ئەمەس  ...

تېڭشۈن داۋاڭ كارتا جۇلا كارتا دىگەنلەردە كۈندە بىر يۈەن يەپ كىتدۇ تور ھەقسىز ئەپلەرنىڭ ئېلانلىرىغا يەنە ئېقىم كىتىدۇ ئۈندىدار چ چ  دا قىسقا فىلىم سالۇنلاردا مەزمۇن كۆرسە يەنە پۇلغا ئېقىم مىقدارى سەرىپ بولدىكەن
بىرلەشمىنىڭ تيەنشىن كارتىسى بولغىدەڭ كىنو كۆرمەيدىغانلار بىر يۈەنگە800مىگا تور بىردىغىنى بولدىكەن  كىنونى كۆپ كۆردىغانلار 3يۈەنگە بىر كۈنلۈك چەكسىز تور بىردىغىنى بولدىكەن
مەنمۇ بىرلەشمنىڭ تىيەنشىن كارتىسىدىن بىر تال بىجىرسەم بولغۇدەك ماڭا بۇ كارتا خېلى يارىدى
كىنوچى ۋاقتى: 2018-2-27 17:48:03
داۋاڭ كارتىسى سىلەر دىگەندەك ئۇنداق بىكارغا تور يەيدىغان كارتا ئەمەسكەن، مەنمۇ 1-ئايدا بىرنى بىجىرگەن، تاۋباۋدىن 19 يۈەنگە، ئەتىسى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالىدىن تېلفون قىپتۇ، كارتىڭىزنى ئەپچىكىتىڭ دەپ، كىردىم كىملىكنى تۇتۇپ تۇرۇپ بەردىم، ئۇنى بۇنى قىلىپ كارتىنى ئېچىپ بەردى، ئارقىدىن خىزمەتچى خادىم، ھازىر 50 يۈەن تاپشۇرسىڭىز 70 يۈەن سوۋغا قىلىمىز دىگەنتى، 50يۈەن تاپشۇردۇم، شۇ ھامان كارتىغا 120 يۈەن كىرىپتۇ، مانا ھازىرغىچە بىرموچەن تۆلىمىدىم، تور سۈرئىتى بەك ياخشى، ھازىرمۇ پۇلى 70 كويدەك پۇلى بار، ئايلىق ئىجارىسى 19 يۈەن، 100 مىنۇت سۆزلىشىش، 5 تال قىسقا ئۇچۇر، يەرلىك 1G تور، ئۆلكە ئىچى 2G تور، تور تۈگىسە 1 يۈەنگە 800مىگا تور ئالغىلى بولىدۇ، كۆزنەك كىيۇ كىيۇ ئۈندىدار قاتارلىق تېڭشۈن ئەپلىرىنى ئىشلەتىمەن تور ئازادە يىتىۋاتىدۇ، ئىشقىلىپ بۇ كارتىنى بېجىرىپ توردىن غەم يىمەيدىغان بولدۇم، كۆزنەكتىن كۈندە يېڭى كىنولارنى كۆرىمەن، تور كەتمەيدىكەن، قالغىنىغا ئالىپداشلارنىڭ تەسىراتىدىن كۆرۈپ باقايلى.

باھا سۆز

3-4 ئاي ئۆتكەندىن كىيىن كۆرسىز تېخى ھەر كۈنى 5يۈەن پۇل قاچىلىمىسىڭىز .....  ۋاقتى: 2018-2-28 17:26
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部