+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-2-25 14:03 2964 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ماۋزۇ غەلىتە تۇيۇلدىمۇ؟
ھازىر چىقىۋاتقان يانفونلارنى ئېلان قىلغاندا ئاساسلىق سەپلىمىسىدىن كېيىن مۇھىم بىر تۈر بار، يەنى مانچىنجى دەرىجىدە سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ... دەپ. ئەمما سۇدىن مۇداپىئەلىنەلىسىمۇ ئۇ يانفوننى سۇغا تاشلىسىڭىز ئىچىگە سۇ كىرىپ كېتىپ بۇزۇلدىكەن. ئىشەنمىسىڭىز نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن.
ۋاڭ ئەپەندى ئۆتكەن يىل بىر دانە iphone x سېتىۋالغان، بۇ ئالمىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى يانفونى بولۇپ، تەشۋىقاتتىكى بىر مۇھىم نۇقتا سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئىدى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ۋاڭ ئەپەندى دېڭىز بويىغا ئوينىغىلى بېرىپ، ئېھتىياتسىزلىق ئايفونى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن. سۇ ئانچە چوڭقۇر ئەمەس بولۇپ، ۋاڭ ئەپەندى شۇ ھامان يانفوننى سۇدىن ئېلىۋالغان، ئەمما يانفون ئېچىلمىغان. سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ دەپ تەشۋىق قىلىغان يانفون نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟

微信图片_20180225134036.jpg

ئۆتكەن يىل 11-ئايدا ۋاڭ ئەپەندى خاڭجۇ شەھىرى ۋەنشىياڭ سودا شەھەرچىسىدىكى ئالما بايراقدار دۇكىنىدىن بىر دانە 250g سىغىملىق iphone x نى 9688 يۈەنگە سېتىۋالغان ھەم 1688 يۈەنلىك سۇغۇرتا سېتىۋېلىپ، يانفوننىڭ رېمۇنت كاپالەت ۋاقتىنى ئۇزارتقان.
ئالما ئىگە تەرەپنىڭ تەشۋىقاتىدا  iphone x كە IP67 دەرىجىسىدىكى سۇدىن مۇداپىئە تەدبىرى قوللانغان بولۇپ، 0.5-1 مىتېر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇدا يېرىم سائەت تۇرسىمۇ ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ دەپ ئېلان قىلىنغان. ۋاڭ ئەپەندىنىڭ يانفونى دېڭىز بۇيىدىكى چوڭقۇرلۇقى نەچچە سانتىمىتېر كېلىدىغان سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ھەم بىر سېكۇنت ئىچىدە شۇ ھامان ئېلىۋالغان. يانفون قەتئى ئېچىلمىغان.

微信截图_20180225140049.jpg


ۋاڭ ئەپەندى يانفوننى سېتىۋالغان دۇكانغا ئېلىپ بارغان، خىزمەتچى خادىم تەكشۈرۈپ كۆرۈپ يانفون ئىچىگە سۇ كىرىپ كەتكەنلىكنى بېكىتكەن. ھەمدە يانفون سۇغۇرتىسى سېتىۋالغان بولسا يەنە 628 يۈەن تۆلىسە بىر يېڭى يانفونغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئەگەر سۇغۇرتا سېتىۋالمىغان بولسا 4588 يۈەن تۆلىسە ئاندىن يېڭى يانفونغا تىگىشىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.  ۋاڭ ئەپەندى يانفون ئالما ئىگە تەرەپ ئېيتقاندا سۇدىن مۇداپىئەلىنەلمىسە بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى چۇقۇم ئالما شىركىتىدە بولۇشى كېرەك، ئىستىمالچىغا يوق مەسئۇلىيەتنى ئارتىپ قۇشۇمچە پۇل ئارتىپ قويۇش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قايىل بولمىغان. ئالما بايراقدار دۇكىنىدىكى خادىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلمىغان. ئالما ئىگە تەرەپ 400 خېرىدار قىزىق لېنىيىسىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالمىغان.

8ئادەم ئىنكاس يازدى

sadda(boy)006 ۋاقتى: 2018-2-25 14:57:31
ئالما شىركىتىنى سوتقا ئەرىز قىلىق كىرەك، ياكى ئالما شىركىتى بۇنىڭغا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇش كىرەك، بۇ ئېنىقلا باشقىلارنى ئالداپ قاقتق سوقتى قىلىشقا كىرىدۇ، ئالما بۇرۇن باجدىن قېچىپ پارا بىرىشكە چېتىلغان،ئەمدى بۇنداق بولسا ئالمىغا تازا ئىشەنچ قالمايۋاتىدۇ دىسە،
تەلەيچى ۋاقتى: 2018-2-25 15:10:39
چىدىماسمۇ نىمە بۇ ئالمىنىڭ دىرىكتورى  يا تۈزۈك ئەمەس بۇ iPhone  x
alipalim ۋاقتى: 2018-2-25 17:53:44
سۇغۇ چىداملىق يانفۇن جەھەتتىن sony يانفۇن ھەقىيقى سۇغا چىداملىق باشقىسى قانداقكىن سۇغا كىرسە ھالىدىن كىتىدىغان
manguluk ۋاقتى: 2018-2-25 19:38:01
ئالما بەك ئۇششۇق كۆك بوپ كىتىپ باردۇ جۇمۇ  باھاسىنىڭ قىممەتلىكى داڭلاڭ دىسە ئالتە شەنى ئالىدۇ لاپىغىسنىڭ ھالى شۇ
nabi01 ۋاقتى: 2018-2-25 20:15:45
بۇلتۇر iPhone7 تېلىفۇنۇم ئوينىغىلى بارغان يەردە ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم ئون مىنۇت ئىزدەپ ئاران تاپقان ئىدۇق ، لېكىن يانفۇنغا سۇ كىرمەپتىكەن ،  ئۇندىن بۇرۇن مەن سۇغا سېلىشتىن بەك قورقاتتىم تېلىفۇننى ،   شۇنىڭدىن كېيىن سۇغا سېلىپ يۇيۇۋېرىدىغان بولغان .   
nabi01 ۋاقتى: 2018-2-25 20:19:30
ئالمىلا ئەمەس ،سۇ كىرمەيدۇ دەپ تەشۋىق قىلىنغان يانفۇنلارنىڭ ھېچقايسىسىغا سۇ كىرىپ كەتسە ئىگە بولمايدۇ .   
yasman ۋاقتى: 2018-2-26 00:37:11
nabi01 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-25 20:19
ئالمىلا ئەمەس ،سۇ كىرمەيدۇ دەپ تەشۋىق قىلىنغان يانفۇن ...

بۇ قىرىنىدىشىمىز توغرا دەيدۇ ، ئادىيسى تىلفۇننىڭ توكقا چاتىدىغان USB ئىغىزى ياكى تىڭشىغۇچ ئىغىزىدىن ئاسانلا سۇ كىرىپ كىتىشى مۇمكىن
abjsoft ۋاقتى: 2018-2-26 14:31:36
تەخمىنەن 4 بەش يىل بولدىغۇ سايمان HTC  G11 يانفۇنى  ئىشلىتەتتىم ، ئىھتىياتسىزلىقتىن يانفۇنۇمنى يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ كىيىن ماڭغان يولۇمنى ئىزدەپ بارسام سۇدىن ئاتلاپ ئۆتكەندە سۇغا چۈشۈپ كىتىپتىكەن ، ئالاھەزەل بىرە سائەتتەك سۇدا تۇرغان تېلفۇن ئىتىلىپمۇ قالماپتىكەن ، سۇدىن ئېلىپ بىر سۈرتىۋېتىپلا ئىشلىتىۋەرگەنتىم ، ئەمما قول قۇيىمەن تېلفۇن بۇلا HTC دەك بۇلا.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部