+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-2-23 13:37 3793 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
2-ئاينىڭ 23-كۈنى شىياۋمى بىلەن مىكروسوفت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە قاتتىق دېتال مەھسۇلاتى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ۋە چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورنىتىپ، شىياۋمى مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى يەر شارى مىقياسىدا كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزدى.

s_2084e34a886643669ec9596b7369e066.jpg

شىياۋمى بىلەن مىكرسوفت ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ:
بۇلۇت مۇلازىمىتى:
شىياۋمى ئۆزلۈكسىز خەلقئارا بازارغا يۈرۈش قىلماقتا. شىياۋمى بىلەن مىكروسوفت ئورتاق نۇقتىلاردا ئىزدىنىپ، مىكروسوفتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇلۇت سۇپىسى Azure تىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، خەلقئارا بازاردىكى شىياۋمى ئىشلەتكۈچىلىرىنى سانلىق مەلۇمات ساقلاش، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
خاتىرە كومپىيۇتېر تۈردىكى مەھسۇلاتلار:
شىياۋمى بىلەن مىكروسوفت نۆۋەتتە ھەمكارلىشىپ خاتىرە كومپىيۇتېر تۈردىكى مەھسۇلات تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، بىرلىكتە بازار ئېچىش، سېتىش يوللىرى ھەققىدە كېڭىشىۋاتىدۇ. مىكروسوفت شىياۋمى مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا بازارغا كىرگۈزۈشكە زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىدۇ.
مىكروسوفت Cortana بىلەن شىياۋمى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياڭراتقۇسى:
ئىككى تەرەپ نۆۋەتتە مىكروسوفت Cortana بىلەن شىياۋمى ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ياڭراتقۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقئارا بازارغا كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ بازار ئىگىللەش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ. شىياۋمى بىلەن مىكرسوفتنىڭ تەتقىقات، مەھسۇلات ۋە كەسىپ ساھەسىدىكى يۇقىرى قاتلام ئارا ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇ تۈردىكى ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرماقچى.
سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ:
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى قوللىنىشنى چۆرىدەپ ، ئىككى تەرەپ كۆپ قاتلاملىق ، كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. بۇلار كومپيۇتېر كۆرۈش سېزىمى، تاۋۇش، تەبىئىي تىلنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى، تېكىست كىرگۈزۈش، سۆھبەت تىپىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ، بىلىم ئامبىرى، ئىزدەش قاتارلىق مىكروسوفت سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىياۋمى بىلەن مىكروسوفتنىڭ ھەمكارلىقى 2015-يىلى باشلانغان. شىياۋمى Microsoft Azure بۇلۇت سۇپىسىنى ئىشلىتىپ «شىياۋمى بۇلۇت مۇلازىمىتى» نى قۇرغان. بۇ بۇلۇت سۇپىسىدا شىياۋمى ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ زاپاسلىغان ھۆججەتلىرى ساقلىنىدۇ.
2016-يىل 6-ئايدا مىكروسوفت بىلەن شىياۋمى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ھەمكارلىشىپ، شىياۋمى يانفونى ۋە تاختا كومپىيۇتېرغا مىكروسوفت Office、Skype قاتارلىق دېتاللارنى ئالدىن قاچىلىغان. شۇ چاغدا مىكروسوفت بىلەن شىياۋمى پاتېنت ھوقۇقىنى ئۆز-ئارا ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، بۇ ئارقىلىق مىكروسوفت شىياۋمى مەھسۇلاتىنىڭ خەلقئارا بازارغا كىرىشنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان.
2017-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى مىكروسوفتنىڭ CEO نادېللا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە شىياۋمى شىركىتىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، شىياۋمى شىركىتىنىڭ لىدىرى لېي جۈن بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە شىياۋمى پارچە سېتىش دۇكىنى «شىياۋمى ئائىلىسى» گە بېرىپ، شىياۋمى مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىپ كۆرگەن.
لېي جۈننىڭ بىلدۈرىشچە، IDC 2017Q4 دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا 2017-يىلى دۆلەت ئىچى يانفون بازىرى %15.7 تۆۋەنلىگەن، ئەمما شىياۋمىنىڭ يانفونلىرىنىڭ سېتىلىشى %57.6 ئاشقان.
بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالاش ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى ، كەلگۈسىدىكى تېخنىكا تەرەققىياتى ، يېڭى مەھسۇلات يارىتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ،  بازار كېڭەيتىشنى چەكسىز مۇمكىنلىككە ئىگە قىلىدۇ.

16ئادەم ئىنكاس يازدى

رۇھ ۋاقتى: 2018-2-23 16:38:05
13139744004 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-23 15:25
يارايسەن شاۋمى تېخىمۇ روناق تاپ ئىستىقپالىڭ پارلاق بو ...

ياشاپ كەت جۇڭخۇا
HUXHUY6002 ۋاقتى: 2018-2-23 14:17:50
شياۋمى ھەقىقەتەن كەلگۈسى ئىستىقبالىڭ پارلاقكەن جۇما يارايسەن
weli ۋاقتى: 2018-2-23 14:39:49
شىياۋمىنىڭ ئۇلى يەنمۇ مۇستەھكەملىنىپ بىرىۋاتىدۇ جۇمۇ !
رۇھ ۋاقتى: 2018-2-23 15:20:55
شاۋمېينى تاللاش ئاقىلانە تالاش.مەنمۇ شاۋمېينى قۇللايمەن
13139744004 ۋاقتى: 2018-2-23 15:25:57
يارايسەن شاۋمى تېخىمۇ روناق تاپ ئىستىقپالىڭ پارلاق بولسۇن مەن شاۋمىنى يانفۇنىنى ياختۇرمەن مەن دۆلىتىمدىن پەخىرلىنمەن ياشاپ كەت جۇڭخۇۋا
nakix ۋاقتى: 2018-2-23 15:43:13
كۆپ خۇرسەن بولدۇم، رەھمەت سىزگە

hotan09032 ۋاقتى: 2018-2-23 19:39:43
نوكىيانىڭ كۈنىگە قوياپ قويماس ھاما بۇلا ۋىندوۋس تېلفۇن ئىشلەپ باقىلى دەپ
fffffffffffffff ۋاقتى: 2018-2-23 19:46:46
مەن ئىشلەتكەن تىلفۇنلارنىڭ ھەممىسى شىياۋمى تىلفۇنى،  مەن تىلفۇن ئىشلەتكەندىن بىرى شاۋمى تىلفۇننىلا ئىشلىتىمەن
kokbora163 ۋاقتى: 2018-2-23 19:56:33
شىياۋمىينى قوللايمەن
kasi ۋاقتى: 2018-2-24 09:43:25
چۇڭ  ئىلگىرلەش بوپتۇ، كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغاي
سالچى ۋاقتى: 2018-2-24 17:09:55
بەك بەلەن ئىش
begmurad ۋاقتى: 2018-2-24 18:33:15
خۇڭمىي 4a تىلفۇنىنىڭ سوغۇقتىن قورقۇش كىسىلى باركەن . سوغۇقتا ھۇشىدىن كەتسە ئسسىق ئۆيگە كىرمىگۈچە ھۇشىغا كەلمەيدىكەن . ئەمما شىياۋمىنىڭ سىستېمىسىنى بەك قۇلايلىق كۆردۈم.
穿越火线 ۋاقتى: 2018-2-24 23:36:06
مەنمۇ خوڭمى نوتى3ئىشلىتىمەن ،    ئىشقىلىپ  تىلفۇننىڭ ئىچىدە   miui سېستىمىسى    بەك يارىدى ماڭا   
♡OTYURAK♡ ۋاقتى: 2018-2-25 11:46:42
شىياۋمى ھەقىقەتەن ياخشى شىياۋمى مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك سەپلىمىسى يۇقىرى قۇلايلىق باھاسى ئەرزان
小米商城 ئەپ دىتالىدا مال سېتىۋېلىشتا مۇددەتكە بۈلۈپ ھەق تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى بارئىكەن قانداق ئېچىشنى بىلمىدىم بىلىدىغانلار بولسا چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار
13725073241 ۋاقتى: 2018-3-10 12:44:46
مەن 小米تىلفۇن ئالاي دىگەن 小米6نى ئالسام بۇلامۇ يا 小米NOTE3نىمۇ ئىككىلنىپ قالدىم ئىشلىتىپ باققان دۇسلۇرىمىز بىر تەسىراتىڭلانى دەپ بىقىڭلا
ababakri520 ۋاقتى: 2018-4-23 01:18:48
شىياۋمىنىڭ تىزراق تەرەققى قىلىپ خۇاۋىيدىن ئىشىپ كىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.گەرچە خۇاۋىينىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ ئۆزگىچە بولسىمۇ ، مەن يەنىلا شىياۋمىنىڭ مىەھسۇلاتلىرىنى ياخشى كۆرىمەن . يانفۇن ، تاختا كومپىيوتىر ، تىلىۋىزور ، يەنە تىخى ئەقلى ئىقتىدارلىق تەرەت تۇڭى . . . . .  
شىياۋمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىگە ھەقىقەتەن قايىلمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部