+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2018-2-22 15:14 6421 قېتىم كۆرۈلدى 18 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالپ تورى ئۈندىدار ئەپچىسى (微信小程序) ئېلان قىلىندى.
ئالاھىدىلىكى:
ئۈندىدار ئەپچىسىنى يانفونغا قاچىلاش ھاجەتسىز. ئايفون ياكى ئاندرويد نەشىرى دەپ ئايرىلمايدۇ، قانداق يانفون؛ تاختا كومپىيۇتېر بولسۇن ئۈندىدار بولسىلا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئالپ ئۈندىدار ئەپچىسىگە ئۇيغۇرچە فونت قوشۇۋېتىلىدى. ئۇيغۇرچە فونت قاچىلانمىغان يانفوندىمۇ خەتلەر چىرايلىق چىقىدۇ.
بۇ ئەپچە ئارقىلىق ئالپ تورىدىكى يازمىلارنى زىيارەت قىلىشقا؛ تېما، ئىنكاس يېزىشقا بولىدۇ.
ئەڭ يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىپ ياسىلىپ، تېڭشۈن ئىگە تەرەپنىڭ قاتتىق تەستىقىدىن ئۆتكەن بولغاچقا بىخەتەرلىكى يۇقىرى. قالايمىقان ئېلان چىقىۋالمايدۇ.
ماۋۇ ئىككىلىك كودنى سايىلەپ كىرسەڭلار بولىدۇ.
gh_800667e7f73c_258.jpg

ياكى ئۈندىدارنىڭ 小程序 دېگەن يېرىگە aliptori دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.

كۆرۈنمە يۈزى:

微信图片_20180222145751.jpg

微信图片_20180222145803.jpg

微信图片_20180222145807.jpg

بىر قېتىم كىرگەندىن كېيىن ئۈندىدارىڭلاردا ساقلىنىپ قالىدۇ، كېيىنكى قېتىم ئۈندىدار باش بېتىدە پەسكە سىيرىسەڭلار ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
微信图片_20180222145811.jpg

بۇ ئەپچىنى ياساشقا ئالپ تورىدىكى پروگراممىر Kerindax ئەپەندى كۆپ كۈچ چىقاردى. قېرىنداش ئەپەندىگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
ئۈندىدار ئەپچىسى خەت تەرجىمىسى بويچە كىچىك پروگرامما، «كىچىك» بولغاندىن ئىقتىدار جەھەتتىن نۇرغۇن چەكلىمىلەر بار ئىكەن. مەسىلەن: ئۇلانما ئادېرسلىرى بېسىلمايدىكەن. شۇڭا ئەپچە ئارقىلىق بىرەر ئەپنى بىۋاستە چۈشۈرۈشكە بولمايدىكەن. شۇنداق ئېھتىياج بولسا ئالپ تورىنىڭ تور بەت نۇسخىسى ياكى تېرمىنالىنى ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.

18ئادەم ئىنكاس يازدى

sewdaye ۋاقتى: 2018-2-22 15:37:20
مەن قوشۇۋالدىم
ablatjan0997 ۋاقتى: 2018-2-22 16:03:42
رەھمەت ، ئالىپ ئەپەندى . ياشاپ كېتىڭ . ئۆمرىڭىز ئۇزۇن . تەنلىرىڭىز سالامەت بولسۇن . بولسا مۇشۇ خەت نۇسخىسىنى ئازراق چوڭايتىپ بەرگەن بولسىڭىزمۇ ، ئاشۇ ياشانغانلىرىمىزغا خەت بەك كىچىك كۆرۈنۈپ قېلىۋاتىدۇ. مۇنبەر ساقلىۋېلىش ئىنكاس تېما ، يېزىش دېگەن يەررەسىم ھالەتتە بەزى ياخشى نەرسىلەرنى ساقلىساق بەت يۇزىگە چىقىۋالىدىكەن ، مۇشۇنى يوقىتىۋەتكىلى ۋە ياكى بولماي قالساپەسكە سىيرىپ قويغىلى بولامدۇ.
2635210282 ۋاقتى: 2018-2-22 16:31:51
رەھمەت ،مەنمۇ  قۇشۇۋالدىم
玉素甫。巴拉提 ۋاقتى: 2018-2-22 17:05:07
ياخشى باشلىنىش بوپتۇ،
كىيىك ۋاقتى: 2018-2-22 17:36:48
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، مەن ھىسابات نۇمۇرۇمنى سالسام كىرمەيدۇ يا بۇ نىمە ئىش ئەمدى
271259069 ۋاقتى: 2018-2-22 22:22:08
مەن ئەكىلىۋالدىم مانا.
222208y15ftf75355abusc.png
alip ۋاقتى: 2018-2-23 13:45:07
كىيىك يوللىغان ۋاقتى  2018-2-22 17:36
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، مەن ھىسابات نۇمۇرۇمنى سالسام كىرم ...

ئەزا نامى ئۇيغۇرچە بولسا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن بوشلۇق كۇنۇپكىسنى بىرنى بېسىپ، ئاندىن ئۇ بوشلۇقنى ئۆچۈرۋېتىڭ. ئاندىن نورمال كىرىدۇ.
getlir124 ۋاقتى: 2018-2-23 13:48:08
قولايمىز
1483722118 ۋاقتى: 2018-2-23 15:22:20
تېخى ئىنكاس يازغىلىمۇ بولىدىكەن  قالتىس ئىش بوپتۇ
دولان ئوغلى ۋاقتى: 2018-2-23 16:57:05
بەك قۇلايلىق بوپتۇ مەنمۇ تىزىملىتىپ كىرۋالدىم
oylan2008 ۋاقتى: 2018-2-23 21:04:15
ئۈندىداردا بۇ ئەپچىنى زىيارەت قىلساق ئېقىم كۆپ كېتەمدۇ ياكى ئالىپ تۇرنىڭ يانفۇن تېرمىنالىنى ئىشلەتسەكمۇ ،ئەگەر بۇ نۇڭدا پەرىق بولمىسا يەنىلا تېرمىنال قولايلىقكە
كىيىك ۋاقتى: 2018-2-23 23:01:18
alip يوللىغان ۋاقتى  2018-2-23 13:45
ئەزا نامى ئۇيغۇرچە بولسا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن بو ...

رەھمەت مەنمۇ مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا تىزملىتۋالدىم
ababab ۋاقتى: 2018-2-24 00:12:01
راستتىنلا قولايلىق ئىكەن ، مەنمۇ  تىزىملىتىپ  كىرىۋالدىم  رەھمەت سىزلەرگە !!!
mamatezizjan ۋاقتى: 2018-2-24 10:17:34
مەنمۇ ئەمدى كىرۋالدىم
تېلسىم ۋاقتى: 2018-2-24 18:56:04
ئوۋۋ بەك قالتىس بوپتۇ ئەمدى ئىشلىتىش تېخىمۇ  قولاي بولىدىغان بولدى .
bahadir7141 ۋاقتى: 2018-3-3 09:25:10
بۇ خىل ئىقتىدار ئالىپ ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن قولايلىق بولۇپتۇ.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部