+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-2-21 19:35 3885 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۈندىداردا پۇل تۆلەش خېلى ئومۇملىشىپ قالدى. نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئۈندىداردا ئىككىلىك كودنى سايىلەپلا پۇل تۆلەيمىز.
ئۈندىداردا باشقىلارنىڭ ئىككىلىك كودىنى سايىلەپ پۇل تاپشۇرۇشتىن باشقا يەنە باشقىلار بىزنىڭ كودىمىزنى سايىلەپ بىزدىن پۇل ئېلىۋالدىغان بىر ئىقتىدار بار. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇ يەرگە دىققەت قىلسىمۇ، يەنە ئۇ يەرگە دىققەت قىلماي ئۈندىداردىكى پۇلدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس.
ئۈندىدارنىڭ 钱包 ئاندىن 收付款 دېگەن يېرىنى ئاچساڭلار تۆۋەندىكىدەك كود كۆرۈنسە ئۇ كودنى باشقىلا سايىلىسە سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئالالايدۇ.

20151230145813.png

شۇ ئۇ يەردىكى تاياقچە كود ياكى ئىككىلىك كود ياكى ئۈستىدىكى 18 خانلىق ساننى ھەرگىز باشقىلارغا يوللاپ بەرمەڭ، ياكى چەمبرىكىڭىز چىقارماڭ. يېقىندا شۇ كود سەۋەبىدىن پۇلى چىقىم بولۇپ كەتكەنلىك ئىنكاسىنى خېلى كۆپ ئاڭلىدۇق. بولۇپمۇ 18 خانلىق ساننى بىلىۋالسا پۇلىڭىزنى تېخىمۇ ئاسان ئېلىۋالىدىكەن.

باشقىلارغا پۇل تۆلىمەكچى بولسىڭىز باشقىلارنىڭ كودىنى سايىلەپ، پارولىڭىزنى كىرگۈزۈپ ئاندىن چىقىم قىلىش توغرا تاللاش. ئۆزىڭىزنىڭ كودىنى چىقىرىپ پۇل چىقىم قىلسىڭىز قارشى تەرەپ يامان غەرەزدە پايدىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى باركەن.
بۇ چىقىم قىلىش كودىنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ. تاقاش ئۇسۇلى شۇ كودنىڭ ئۈستى ئوڭ تەرەپتىكى ئۈچ تال چېكىتنى چەكسىڭىز 暂停使用 دەپ چىقىدۇ، شۇنى بېسىپ تاقاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

2015120418062133.jpg
2015120418062130.jpg

9ئادەم ئىنكاس يازدى

MB2490 ۋاقتى: 2018-2-21 19:56:19
بىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇن ئىكەن ، تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
رۇھ ۋاقتى: 2018-2-21 19:59:01
ئالىپايدا پۇل تۈلىمەكچى بۇلساق دۇكاندار تەرەپ تەمىنلىگەن ئىككىلىك كۇدنى سىكانىرىلىپ تۈلەيمىزمۇ ياكى بىز چىقىرىپ بەرگەن ئىككىلىك كۇدنى ئۇلار سىكانىرلاپ پۇل ئېلىپ قالامدۇ؟
ablatjan0997 ۋاقتى: 2018-2-21 20:08:12
رەھمەت . دوستۇم . بەك ياخشى ئۇچۇر يوللاپسىزلېكىن قانداق قىلغاندا پۇلىمىزنى ئوغرىلاپ كېتىدىغانلىقىنى تەپسىلىي يازماپسىزغۇ؟
MAHMUDJAN2764 ۋاقتى: 2018-2-21 20:19:34
ھە بۇنۇڭغىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك ،بۇ ئىككىلىك كود ھەر بىر مىنوتتا بىر قىتىم يېڭىلىنىپ تۇردۇ ، ئۇنچىۋالا غەم يىيىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق
OK211985 ۋاقتى: 2018-2-21 22:32:00
رۇھ يوللىغان ۋاقتى  2018-2-21 19:59
ئالىپايدا پۇل تۈلىمەكچى بۇلساق دۇكاندار تەرەپ تەمىنلى ...

ھەر ئىككى خىل ئۇسۇلدا بولىدۇ.  لېكىن مۇتلەق كۆپ ئەھۋالدا سىز سايىلەپ تۆلەيسىز.
ehrami ۋاقتى: 2018-2-22 10:21:47
بۇ كودنى ئادەتتىكى ئەزالار سىكاننېرلىيالمايدۇغۇ دەيمەن. پەقەت دۇكاندارلار سىكانېرلىيالايدۇ. ئالىپايدىمۇ شۇنداق، بىر قېتىم سىڭلىم ئىككىمىز سىناپ باققان.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر مىنۇتتا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە پۇل تۆلىگىلى بولمايدۇ. ئىشقىلىپ دىققەت قىلسىلا چوڭ چاتاق يوق.
alimjantaxna ۋاقتى: 2018-2-22 15:26:17
رەھمەت دوستۇم ياخشى تىما يىزىپسىز دىققەت قىلساق بولغۇدەك ،  
tax7 ۋاقتى: 2018-2-24 18:16:08
چىقىم قىلىش كودى يېڭىلىنىپ تۇرسا ياخشىكەنغۇ ، مەن جىفۇباۋدا مۇشۇ كود ئارقىلىق پۇل تۈلەيتىم تاللا بازالىرغا كىرگەندە،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部