+تېما يوللاش
alip_eza يوللانغان ۋاقتى:2018-2-19 03:09 4610 قېتىم كۆرۈلدى 18 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alip_eza تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-2-19 03:11  

تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر! بۇرۇنقى تېما «office ياردەمچىسى( ئىسىم تەرجىمە+ ئىملا) نى سىناپ بېقىڭ» دا office ياردەمچىسىنىڭ سىناق نۇسخىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ھەمدە تورداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىگە ئاساسەن مەسىلىلەر تۈزىتىلگەن، ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن ھەقىقىي نەشىرى بۈگۈن تارقىتىلدى.
بۇ نۇسخىسىدىكى ئالاھىدىلىكلەر:
1. ئىملاچىدا:
1) سىستېما تەمىنلىگەن ئىملا ئامبىرى يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتىدىن رەتلەندى.
2) چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى ئانالىز تېخنىكىسى قوللىنىپ، ئىملا تۈزىتىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى.
3) ئىملا تۈزەتكەندە قېتىۋېلىش مەسلىسى ئوڭشالدى.
4) ئۈستەل يۈزىدىكى «Nadir_Imlachi» قورالنىڭ ياردەم قىسىمىغا پىكىر-تەكلىپ بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلدى ھەم بۇ قورالنىڭ ئىملا تۈزىتىش ئىقتىدارى ياخشىلاندى.
5) تورغا ئۇلانغان شارائىتتا ھەقسىز ئىشلىتىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
ئىملاچىنىڭ  ۋورتا ئىملا تەكشۈرۈش كۆرۈنمە يۈز رەسىمى تۆۋەندىكىدەك:
1.jpg
ئۈستەل يۈزى قورالىدا:
2.jpg
2. ئېكسېل ياردەمچىسىدە:
1) ئىسىم تەرجىمە قىلىش فۇنكىسىيەسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى كۈچەيتىلدى.
2) بايقالغان مەسلىلەر تۈزىتىلدى.
ئېكسېل ياردەمچىسىنىڭ ئىسىم تەرجىمە قىلىش كۆرۈنمە يۈزى(A  سىتوندىن B سىتونغا) تۆۋەندىكىدەك:
3.jpg
---------------------------------------------------------------------------------------
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2018-2-22 22:09):
2018-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى قايتىدىن يېڭىلاندى.

تولۇقلىما مەزمۇن (2018-4-25 17:05):
2018-4-25 تورداشلارنىڭ تەلىپى تولۇقلانغان يېڭى نۇسخىسى يېڭىلاندى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +3 يىغىش سەۋەبى
反对过分的 + 3 ياخشى دېتال

باھا خاتىرىسى

18ئادەم ئىنكاس يازدى

يەكەن520 ۋاقتى: 2018-2-19 13:11:53
رەھمەت دوستۇم چۈشۈرۋالدىم
kichikoghul ۋاقتى: 2018-2-19 13:55:22
windows defender بۇ نەشىرىنىمۇ تەھدىت بايقىدى دەپ قاچىلاشقا يول قويمىدى.


نامسىز.jpg
黑客郎 ۋاقتى: 2018-2-19 16:03:57
بىرىنچىسى، ئىملا خاتا، ھېسىيات ئەمەس، ھېسسىيات.
ئىككىنچى، تەرجىمە سۆزلەر قوپال، بۇيرۇق تەلەپپۇزكەن. ئەمما دېتالنى ياخشى ياساپسىز، تىرىشىڭ.
alip_eza ۋاقتى: 2018-2-19 18:03:02
قىممەتلىك پىكىر ۋە ئىلھام بەرگەن دوستلارغا رەھمەت!قاچىلاش ھۆججىتىنى ئۆزەم ياسىغان، ۋىروس يوقلىقىغا ھۆددە قىلالايمەن، بەلكىم سىستىمىغا قىستۇرمىنى تۇنۇتۇش قىسىمىنى ۋىروس دەپ قارىغان ئوخشايدۇ.
ئىملا خاتالىقىغا كەلسەك ئاۋۇ نامزات سۆز مەندىكى ئىشلەتكۈچى ئامبىرىدىن كەلگەن، مەن سىرتتا بولغاچقا سىناشقا ئىمكانىيەت بولمىدى، ئەسلى ئامبارنى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ، ئەسلى ئامباردىمۇخاتالىق بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئەسلى ئامبار تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن خاتالىق نىسبىتى تۆۋەن.
ئەمدى بۇيرۇق تەلەپپۇزىغا كەلسەك بۇرۇن بۇيرۇق كۇنۇپكىللىرىنى بۇيرۇق شەكىلدە يېزىش تەشەببۇس قىلىنغان ئىدى،(ئاۋاز ئارقىلىق بۇيرۇققا ماسلىشىش ئۈچۈن) كۆنەلمىگەندەك ھېس قىلساڭلار، كېيىنكى نەشىرىدە ئۆزگەرتىۋېتەي.
گەرچە بۇنۇسخىسى بايقالغان، ئىنكاس قىلغان خاتالىقلار تۈزۈتۈلگەن ھەقىقىي نۇسخىسى بولسىمۇ يەنىلا مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەر بولىشى مۇمكىن، مەسىلە ۋە تەكلىپ بولسا ئاكتىپ پىكىر بەرساڭلار بىز تېز سۈرئەتتە تۈزۈتىشكە تىرىشىمىز!
1389945 ۋاقتى: 2018-2-20 04:47:38
بىز سېستىمىغا بۇيرۇق بەرگەندىكىن شۇنداق بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا چىققىنى توغرا دەپ قارايمەن، بۇ نەشرىنى تورسىز مۇھىتتا ئىشلەتكەندە يەنە ھەقلىقمۇ ياكى پۈتۈنلەي ھەقسىزمۇ‎؟
palwan0997 ۋاقتى: 2018-2-20 11:16:52
سىزدە دىتال قاچىلاش ھوقۇقى يوقكەن دىگىنى قانداق گەپ ۋىندوس11  32بىتلىق  ئىشخانا دىتال مىكروسوفىت 2007 ئىدى
alip_eza ۋاقتى: 2018-2-20 11:36:32
تورسىز مۇھىتتا ھەقلىق.
قاچىلاش ھوقۇقى يوقكەن دېگىنى بەلكىم ئېچىقلىق ۋورد ياكى ئېكسېل ھۆججىتى بار بولىشى مۇمكىن، ئېچىقلىق ھۆججەتلەرنى تاقىۋېتىپ قايتا سىناپ بېقىڭ،يەنە بولمىسا كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ باشقا مەشغۇلات قىلماي تۇرۇپ قاچىلاپ بېقىڭ، يەنە قاملاشمىسا ئىنكاس قىلسىڭىز مەن يەنە سىناپ باقاي.
2635210282 ۋاقتى: 2018-2-20 12:00:40
رەھمەت ،جاپا چىكىپسىز ،ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
uyghur ۋاقتى: 2018-2-20 12:44:48
alip_eza يوللىغان ۋاقتى  2018-2-20 11:36
تورسىز مۇھىتتا ھەقلىق.
قاچىلاش ھوقۇقى يوقكەن دېگىنى بە ...

قاچىلىغاندىن كېيىن word ياكى excel غا  قوشۇلمىدى، تەڭشەيدىغان بىرەر يەرلىرى بارمۇ؟ ئۈستەل يۈزى قورالى نورمال.
مۇھىت: ۋىندوۋس 10 نىڭ 64 بىتلىق نەشىرى؛ office 2013
alip_eza ۋاقتى: 2018-2-20 13:11:37
uyghur يوللىغان ۋاقتى  2018-2-20 12:44
قاچىلىغاندىن كېيىن word ياكى excel غا  قوشۇلمىدى، تەڭشەيد ...

كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ بېقىڭ، يەنە قۇشۇلمىسا چۈشۈرۈش ئادرېسىدا يەنە بىر gif دەرسلىك بار،شۇ بويىچە com 组件 تاللايدىغان يەردىن تاللاڭ، ئۇ يەردە بولمىسا ئوڭ تەرەپتىكى قوشۇش كونۇپكىسى ئارقىلىق d:\nadirdolls\dll ئىچىدىن ۋورتا ilma.dll نى ، Excel دا يەنە بىر dll نى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
uyghur ۋاقتى: 2018-2-20 13:38:33
alip_eza يوللىغان ۋاقتى  2018-2-20 13:11
كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ بېقىڭ، يەنە قۇشۇلمىسا چۈ ...

سىز دېگەن ئۇ dll ھۆججىتىنى يۈكلەشتە خاتالىق چىقتى دەپ چىقىۋالىدى.

微信截图_20180220133437.jpg

微信截图_20180220133605.jpg
Gvllinayli ۋاقتى: 2018-2-20 13:41:48
بۇ دېتالنى ياساشتىكى مۇددا ئېنىق ئىكەن. لېكىن ئوخشاش تۈردىكى دېتاللارنى ياساشتىكى گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلاش ۋە ئىقتىدار كۆرسەتمە سۆزلىرى قاتارلىقلارنى ئالىم مۇئەللىم ئۆز دېتاللىرىدىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆلگە كۆرسىتىپ بەرگەن.
مۇمكىن بولسا ئالىم مۇئەللىمنىڭ شۇ ئۆرنەكلىرىنى ئۆز دېللىرىمىزدا قوللانغان بولساق ئوبدان بولاتتى. جۈملىدىن مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدار كۇنۇپكا ناملىرىنى ئالىم مۇئەللىم قانداق ئىشلەتتى، نېمىشقا شۇ سۆزگە تۇراقلاشتى…دېگەنلەرنى ھېس قىلىپ باقساق بولىدۇ.
ئاۋاز بىلەن قوزغىتىش دەۋرىمۇ كەلدى، لېكىن ئاۋازنىمۇ بۇيرۇق تەلەپۇزدا دېمەيمۇ نورمال تونۇتۇش قىلغىلى بولىدىغۇ؟
«تۈزىتىش»
«ئېتىبارسىز»
«چېكىنىش»

ئاۋازغا مۇنداق بۇيرۇق قوللىنىسىمۇ بولىدۇ، «تۈزەت، چېكىن؛چېكىنگىن،…» دېگەندەك قوپالراق سۆزنى ئىشلەتمىگىنىمىز تۈزۈك.
alip_eza ۋاقتى: 2018-2-20 13:55:30
يۈكلەشتە خاتالىق چىققىنى نېمە سەۋەپلىكىنى تەكشۈرۈپ باقاي، باشقا كومپىيوتېرلاردا نورمال ئىدى.
بۇيرۇق ئېلىش ياكى «قىلىش، ئېتىش» دېگەندەك ئېلىشنى بۇيەردە تالاش قىلمايلى، بۇ توغۇرلۇق توختىلىپ بولغان،  باشقا مەسىلە ۋە قولايسىزلىقلار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭلار، دېتالنىڭمۇ سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى بار.  يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن دوستلارغا كۆپ رەھمەت!
alip_eza ۋاقتى: 2018-2-23 11:41:13
2018-2-23-كۈنى يۇقارقى يازمىدىكى چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى.
بۇ نۇسخىسىدا قاچىلاشتا كۆرۈلگەن مەسلىلەر ھەل قىلىندى، يەنە ئۆچۈرۈش پروگگىراممىسىمۇ قوشۇلدى.
https://pan.baidu.com/pcloud/alb ... 8782092942638907426[/url] چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
alip_eza ۋاقتى: 2018-2-24 22:51:02
2018-2-24 كۈنى كەچتە، چۈشۈرۈش ئادرىسىغا ئەڭ يېڭى نەشىرى يوللاندى.
بۇ نەشىرىدە ئۈستەل يۈزى ئىملا تەكشۈرۈش قورالى نورماللا)تى.
ئىسىم تەرجىمىنىڭ مەشىق ئامبىرىغا، تورداشلار ھەمبەرىلىگەن 3000 دىن كۆپ ئىسىم قوشۇلدى.
alip_eza ۋاقتى: 2018-4-3 22:14:41
alip_eza يوللىغان ۋاقتى  2018-2-24 22:51
2018-2-24 كۈنى كەچتە، چۈشۈرۈش ئادرىسىغا ئەڭ يېڭى نەشىرى يو ...

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: دېتال 64 بىتلىق سېستىمىدا ئىشلىمەيدۇ.
alip_eza ۋاقتى: 2018-4-25 22:44:24
يېقىندا ئۆزەم 64 بىتلىق سىستېمىدىمۇ سىناپ باقتىم، نورمالكەن، نورمال بولمىغانلار ئوففىسنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى قاچىلاپ سىناپ بېقىڭلار.
ilterish ۋاقتى: 2018-4-29 14:25:57
كۆپ  رەھمەت ، excel دا نورمال ئىشلىمەيۋاتىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部