+تېما يوللاش
alptegin يوللانغان ۋاقتى:2018-2-14 22:49 4208 قېتىم كۆرۈلدى 27 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
        دەۋرنىڭ تەرەققىياتى، خىزمەت ئېھتىياجىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشى بىلەن كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلىش ئەقەللىي تەلەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇرۇن بەزى ئورۇنلاردا ئىش بېجىرگەندىلا كومپيۇتېردا قىلغان بولسا ھازىر كەنتكە بارساقمۇ ئىشىمىزنى كومپيۇتېردا قىلىدىغان بولدى. شۇ تۈپەيلى بىرەر ئورۇنغا ئىش ئىزدەپ بارساقمۇ كومپيۇتېر بىلەمسىز دەپ سورايدىغان بولدى.
يېقىندا شىنجاڭ تۇغلۇق تور-تېخنىكا شىركىتىنىڭ تەلىپى بىلەن كومپيۇتېر 1- دەرىجە ئىمتىھانى سىن دەرسلىكىنى ئىشلەپ چىقتىم، دەرسلىك ئۇيغۇرچە سۆزلەنگەن، سۈزۈك سىنغا ئېلىنغان، جەمئىي 57 قىسىم. گەرچە ھازىر دۆلەتلىك كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھانى، شىنجاڭ ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچى ۋە سېسترالىق ئىمتىھانلىرىغا ئازلا قالغان بولسىمۇ، يەنە كېمىدە بىر ئاي ۋاقىت بار دېگەن گەپ. شۇڭا بەكمۇ كېچىكىپ كەتمىدۇق دەپ ئويلايمەن.

        دەرسلىك ھەققىدە
        ئۆگىنىشكە ماس كېلىدىغانلار: كومپيۇتېرنى نۆل سەۋىيەدىن باشلاپ ئۆگەنمەكچى بولغانلار، دۆلەتلىك ۋە شىنجاڭ كومپيۇتېر 1- دەرىجە ئىمتىھانى بېرىدىغانلارغا ماس كېلىدۇ.
        مەقسەت: دەرسلىكنى ئۆگىنىپ، windows 7 سىستېمىسى ۋە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالى Microsoft Office 2010 نى ئۆز ھاجىتىدىن چىقالىغۇدەك ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش. دۆلەتلىك ۋە شىنجاڭ كومپيۇتېر 1 دەرىجە ئىمتىھانىدىن ياخشى نەتىجىدە ئۆتۈش.
        دەرسلىكنى ئۆگىنىپ، ئوبدان ئۆزلەشتۈرسىڭىز كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدا ئۆز ھاجىتىڭىزدىن چىققۇدەك بولىسىز.

        دەرسلىك بۆلىكى
                1- بۆلەك: كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى قىسمى، windows 7 سىستېمىسى ۋە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالى Microsoft Office 2010 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
مەشغۇلات سىستېمىسى قىسمىدا windows 7 دە يېڭى ھۆججەت، قىسقۇچ قۇرۇشتىن تارتىپ ئىنچىكە چۈشەندۈرۈلگەن.
ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالى Microsoft Office 2010 قىسمىدا، Word, Excel, PPT مەشغۇلاتى ئايرىم – ئايرىم سۆزلەنگەن. Word, Excel, PPT دا يېڭى ھۆججەت قۇرۇشتىن تارتىپ، قىستۇرۇش (插入)، لايىھەلەش (设计)، ئورۇنلاشتۇرۇش (布局)، تاللانما (选项) دېگەنلەر تەپسىلىي مىساللار بىلەن تولۇق چۈشەندۈرۈلگەن. Excel دا دائىم ئىشلىتىلىدىغان فورمۇلالار، يىغىندا تېپىش، رەتكە تۇرغۇزۇش، تىزىش دېگەنلەرمۇ ئۈلگە مىساللار بىلەن تولۇق چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ بۆلەكنى پىششىق ئۆگەنسىڭىز مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالى Microsoft Office نى ئۆز ھاجىتىڭىزدىن چىققۇدەك ئىشلىتەلەيدىغان بولىسىز.
                2- بۆلەك: windows 7 سىستېمىسى ۋە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالى (Microsoft Office 2010 (Word, Excel, PPT نىڭ دۆلەتلىك كومپيۇتېر 1 – دەرىجە ھەقىقىي ئىمتىھان سوئالىدىن بەش يۈرۈش ئىشلىگەن قىسىم.
        بۇنىڭدا كومپيۇتېر 1- دەرىجە ئىمتىھانى بېرىدىغانلار ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش، ئىمتىھان سوئاللىرىغا تاقابىل تۇرۇش تەپسىلىي سۆزلەنگەن.
سىز مەيلى دۆلەتلىك 1-دەرىجە، شىنجاڭ 1-دەرىجە، ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچى ۋە سېسترالىق ئىمتىھانى بېرىڭ، بۇ دەرسلىك ئارقىلىق ئىمتىھانغا ئوبدان تەييارلىق قىلسىڭىز، ئىشىنىمەنكى ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە ئالالايسىز.

        دەرسلىكنى سېتىۋېلىش ۋە دەرسلىككە ئېرىشىش
        بۇ سىن دەرس ھەقلىق، باھاسى 100 يۈەن (يۈز يۈەن). ئۈندىدار (微信) ياكى ئالىپاي (支付宝) دا پۇل تۆلەپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.
سېتىۋالغاندىن كېيىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئەۋەتىپ بېرىمىز. چۈشۈرۈۋالغاندىن كېيىن تور بولمىسىمۇ ئۆگىنىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.
دەرسلىككە بىر كومپيۇتېرغا بىر ئاكتىپلاش ئاچقۇچ نومۇرى تەمىنلەيمىز. كۆرگەندە شۇ ئاچقۇچ نومۇرى بولمىسا كۆرەلمەيسىز. شۇڭا سېتىۋېلىپ كۆرگەندە ئۆزىڭىز دائىم ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېردا كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

        سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت
        دەرسلىكنى سېتىۋالغاندىن كېيىن سىز بىلەلمىگەن بەزى جايلار بولسا چۈشەندۈرۈپ قويىمىز، پەقەت بىلەلمىگەن جايلار بولسا سىن دەرسلىك قىلىپ تولۇقلىنىپ بېرىلىدۇ.
  دەرسنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى چەكسىز. يەنى سىز دەرسلىكنى سېتىۋالغاندىن كېيىن بىزگە 机器码 نى ئەۋەتسىڭىز سىزگە ئاكتىپلاش نومۇرىنى ئەۋەتىپ بېرىمىز. شۇنى كىرگۈزۈپ خالىغان چاغدا كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئاچقۇچ نومۇرى بىر كومپيۇتېرغا پەقەت بىرلا قېتىم تەمىنلىنىدۇ.
  سېتىۋېلىش ئۈندىدار نومۇرۇم: amat1236
دەرسلىكنى سىناپ كۆرۈش: چۈشۈرۈش

27ئادەم ئىنكاس يازدى

bulbulla ۋاقتى: 2018-2-15 14:22:11
مەن بەك ئىتىياجلىق ئىدىم ئالىپاي نۇمۇرىڭىزنىمۇ قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن شۇنىڭدا پۇل تۆلەپ سېتىۋالسام
alptegin ۋاقتى: 2018-2-15 14:38:55

ئاستىدىكى ئۈندىدار بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز بوپتىكەن.
bvrkvt ۋاقتى: 2018-2-15 15:19:29
2- دەرىجە توغۇرلۇق دەرسلىك يوقمۇ؟
alptegin ۋاقتى: 2018-2-15 16:35:56
bvrkvt يوللىغان ۋاقتى  2018-2-15 15:19
2- دەرىجە توغۇرلۇق دەرسلىك يوقمۇ؟

ئىككىنچى دەرىجە بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا ئىمتىھان بېرىدىغانلار ئاز. شۇڭا بىرىنچى دەرىجىنى ئاساس قىلدۇق.
WANDAY ۋاقتى: 2018-2-15 21:18:32
ياخشى مەزمۇن بوپتۇ،ئېھتياجلىقلار سېتۋېلىڭلار 100يۈەن قىممەت ئەمەس،چۈنكى بىلمنىڭ قىممتىنى ئېلىپ ئېيتقاندا 100يۈەنگە ئۇ بىلمەر ئەرزان بولۇپ قالدۇ،بۇنداق بىملەرنىڭ ئۇيغۇرچسىنى كۆپ ئەمەس
شۈكۈر ۋاقتى: 2018-2-16 02:45:31
بولسا JAVA تىلى توغۇرلۇق بىر دەرسلىك ئىشلەپ تارقاتقان بولساڭلا بەك قالتىس ئىش بولغان بولاتتى، ئىقتىسادى ئەھۋالى تۆۋەن ياكى كۇرۇسقا قاتنىشىش ئىمكانىيتى يوقلار ئۈچۈن ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشاللىنارلىق ئىش بولغان بولاتتى، شۇلارنىڭمۇ پىروگراممىر بولۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى.
bvrkvt ۋاقتى: 2018-2-16 11:58:08
مۇمكن بولسا پىروگىرامما توغۇرلۇق دەرسلەرنى ئىشلەپ تارقاتساڭلار.
abdisalam@ ۋاقتى: 2018-2-16 12:04:31
دەرسلىكنى ھەقىقەتەن چۈشىنىشلىك ئىكەن ،   خاتىرجەم سېتىۋېلىڭلا.
alptegin ۋاقتى: 2018-2-16 14:27:34
bvrkvt يوللىغان ۋاقتى  2018-2-16 11:58
مۇمكن بولسا پىروگىرامما توغۇرلۇق دەرسلەرنى ئىشلەپ تار ...

WordPress دە نۆل سەۋىيەدىن توربېكەت ياساش ۋە ئالمىغا ئەپ ئېچىشتىكى Swift پىروگرامما تىللىرىنىڭ دەرسلىكلىرىمۇ بار
omuqukeg ۋاقتى: 2018-2-16 22:09:37
بولسا تىڭشۈن دەرسخانىسىغا يوللىساڭلار  ئاسانغا توختايدىكەن (شەخسەن ماڭا ).  بەزىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش  كومپىيۇتېرى يوق،بەلكىم ،كومپىيۇتىر ئالغاندا سىلەرنى تېپىش  تەس
ablatjaan ۋاقتى: 2018-2-17 02:40:45
دەھشەت  ئىسىل    مەن  مۇشۇنداق  تىمىدىكى  مەزمۇن ياكى دەرسلىكنىڭ چىقىشىنى  50   60كۆزۈم بىلەن كۈتكەن   干得漂亮   
bulbulla ۋاقتى: 2018-2-17 08:13:58
omuqukeg يوللىغان ۋاقتى  2018-2-16 22:09
بولسا تىڭشۈن دەرسخانىسىغا يوللىساڭلار  ئاسانغا توختاي ...

توغرا تىڭشاپ تور دەرىسخانىسىغا يوللىساڭلار تېخىمۇ قۇلايلىق بۇلاتتى يانفۇندىمۇ كۆرۈپ ئۆگەنگىلى بولاتتى
alptegin ۋاقتى: 2018-2-17 11:43:10
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2018-2-17 08:13
توغرا تىڭشاپ تو&#158 ...

تېڭشۈن دەرسخانىسىنىمۇ ئويلىشىپ باقارمىز. تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
MrJam ۋاقتى: 2018-2-17 13:26:06
شۈكۈر يوللىغان ۋاقتى  2018-2-16 02:45
بولسا JAVA تىلى توغۇرلۇق بىر دەرسلىك ئىشلەپ تارقاتقان بو ...

تېڭشۈن دەرسخانىسىدا بار ئىكەن، ئەلتاشنا شىركىتنىڭ سىنلىق دەرسى.
Java基础视频教程
吾买尔·肉孜
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرى مۇشۇنداقراق، ئىزدەپ بېقىڭ، دەرسلىك باھاسى 298.00 يۈەن ئىكەن.
kerindax ۋاقتى: 2018-2-17 14:18:24
بوپتۇ
androiduyghur ۋاقتى: 2018-2-17 18:42:44
alptegin يوللىغان ۋاقتى  2018-2-16 14:27
WordPress دە نۆل سەۋىيەدىن توربېكەت ياساش ۋە ئالمىغا ئەپ ئ ...

swift  تۇغۇرلۇق دىدىڭىزمۇ  3.0مۇ ياكى4.0نىڭمۇ  مەنمۇ ئالمىغا ئەپ ئىچىشنى ئۆگۈنۋاتقان ھەۋەسكار  دەرسلىكىڭىز ھەقلىقمۇ ياكى ھەقسىزمۇ  مەن ئېھتىياجلىقتىم
alptegin ۋاقتى: 2018-2-17 20:42:15
androiduyghur يوللىغان ۋاقتى  2018-2-17 18:42
swift  تۇغۇرلۇق دىدىڭىزمۇ  3.0مۇ ياكى4.0نىڭمۇ  مەنمۇ ئالمىغ ...

2.0 دىن 2.X گىچە. دەرس ھەقلىق
MrJam ۋاقتى: 2018-2-18 01:27:15
alptegin يوللىغان ۋاقتى  2018-2-16 14:27
WordPress دە نۆل سەۋىيەدىن توربېكەت ياساش ۋە ئالمىغا ئەپ ئ ...

ماۋۇ دەرسلىرىڭىزگە قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن، ئالاقە ئۇسۇلىڭىزنى مۇمكىن بولسا قالدۇرسىڭىز
irhabiy ۋاقتى: 2018-2-18 08:53:33
alptegin يوللىغان ۋاقتى  2018-2-15 16:35
ئىككىنچى دەرىجە بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ ...

ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئىمتاھانى  ئاساسەن قايسى مەزمۇنلاردىن چىقىدۇ؟مەن قاتنىشىپ باقاي دەپ ئويلىغان…
alptegin ۋاقتى: 2018-2-18 11:22:30
MrJam يوللىغان ۋاقتى  2018-2-18 01:27
ماۋۇ دەرسلىرىڭىزگە قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن، ئالاقە ئۇسۇ ...

amat1236
مۇشۇ ئۈندىدارنى قاچىلاڭ
alptegin ۋاقتى: 2018-2-18 11:25:09
irhabiy يوللىغان ۋاقتى  2018-2-18 08:53
ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئىمتاھانى  ئاساسەن قايسى مەزمۇنلا ...

يېڭى it  بىلىملىرى، ۋىندوۋس يەتتىنىڭ تەسرەك بولغان مەشغۇلات تەڭشەكلىرى، ئوففس 2010 نىڭ ئالاھىدە تەس بولغان مەشغۇلاتلىرى. مەسىلەن ۋوردتا بىر پارچە رەسىم بېرىپ، مۇشۇ رەسىمگە ئوخشاش قىلىپ ۋوردتا لايىھەلەپ چىقىڭ دەيدىغان. بۇ ئىمتىھانغا بۇلارغا پىشىپ قاق بولۇپ ياكى تەقلىدىي سوئالنى جىق ئىشلىگەن ئادەم بولمىسا ئۆتمەك بەسى مۈشكۈل
oylan111 ۋاقتى: 2018-2-19 19:49:14
bvrkvt يوللىغان ۋاقتى  2018-2-16 11:58
مۇمكن بولسا پىروگىرامما توغۇرلۇق دەرسلەرنى ئىشلەپ تار ...

پىرۇگىرمىما ئۈگىنىش ھەم ئازاپلىق ھەم خۇشاللىنارلىق جەريان،ئەگەر ئىھتىياجىڭىز بولسا مىنى ئىزدەڭ
qq1827878488
شۈكۈر ۋاقتى: 2018-2-21 02:36:43
MrJam يوللىغان ۋاقتى  2018-2-17 13:26
تېڭشۈن دەرسخانىسىدا بار ئىكەن، ئەلتاشنا شىركىتنىڭ سى ...

كۆپ رەھمەت، ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق دەرسلىكنى پەقەت تاپالمايۋاتاتتىم، رەھمەت سىزگە.
tvnkiqe ۋاقتى: 2018-2-21 10:54:45
بوسا ۋىندوۋىس 10نىڭ بولسا  بۇلاتتى، ۋىندوۋىس 7دە  يازدىكى يامىراپ كەتكەن، بىت تەڭگە، ۋىرۇسى تارقالغاندىن كىيىن، كۆپ ساندىكى ئادەملەر  تاشلىۋەتتى، دەپ قارايمەن قىسمەن مەنمۇ شۇنداق قىلدىم، سىز قانداق بوپ كونا سىستىما دەرسلىك ئىشلىگەنسز
alptegin ۋاقتى: 2018-2-21 18:14:50
tvnkiqe يوللىغان ۋاقتى  2018-2-21 10:54
بوسا ۋىندوۋىس 10نىڭ بولسا  بۇلاتتى، ۋىندوۋىس 7دە  يازدىك ...

گەرچە ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېرىدا Win7 بار بولسىمۇ، ئۇنى ئاساسلىقى مۇشۇ دۆلەتلىك 1-دەرىجە ئىمتىھانى ئۈچۈن ئىشلەتكەن. دۆلىتىمىزدىكى قەيەردىكى كومپيۇتېرىغا قارايلى، مۇتلەق كۆپى Win7، ئاز ساندا Win XP \ Win10 نى ئۇچراتقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا Win7 نى ھەممە يەردىكى كومپيۇتېرىنىڭ سىستېما ئۆلچىمى. بەلكىم سىز دەرىجە ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا بۇ دەرسلىك ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلەندى. شەخسەن ئۆزۈم Win XP دىن بىراقلا Win8/ Win8.1 ۋە ھازىرقى Win10 غا يېتىشىپ مېڭىۋاتىمەن. بىت تەڭگىسى ۋىرۇسى ئاللىقاچان تىزگىنلىنىپ بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى سەزگۈرلىكىمۇ يىلسېرى ئىشىپ بېرىشى بىلەن ھەممە ئادەم كومپيۇتېر بىلىدىغان، ئىنتېرنېت، تور بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئۇنىۋېرساللىق بىلەن چۈشىنەلەيدىغان ھالەتكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ.
ئەگەر Win10 ۋە Office 2016 يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ دەرسلىكلىرىگە ئېھتىياج بار بولسا ئۇنىڭكى دەرسلىكىنى ئىشلەشمۇ تەس ئەمەس. مۇھىمى ئېھتىياج.
يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن Win7 بولغان قوللاش ئاياغلاشسا دۆلىتىمىز ئېنىقلا Win10 - Office 2016 لارنى ئۆلچەم قىلىدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلى خالاس. دۆلىتىمىز نۇسخىسىدىكى Win10 ۋە Office 2016 مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەلىپى بىلەن ئۆزگەرتىلىنىپ بولۇندى، قالغىنى ھۆججەت چۈششە بىراقلا كۆچسەك بولدى.
15162187513 ۋاقتى: 2018-2-23 20:15:57
未来教育
نىڭ دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجە ئىمتىھان سوئالى دېتالىنىڭ  ئالاھىدە ئەزا نۇسخىسى بار ئىدى ،  ئېھتىياجلىقلار بولسا
https://pan.baidu.com/pcloud/alb ... 1546835926171873964
مۇشۇ ئادرېستن چۈشۈرۈپ ئىشلىتەسىلەر ،بۇ دېتاللارنى يېشىپ ئىشلىتىشكە  توغرا كېلىدۇ ،يېشىش دېتالىمۇ ئىچىدە بار ،يېشىش دېتالىنى دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجە ئىچىگە ئەكىرىپ قوزغۇتۇپ چىققان ئەسكەرتمە بويىچە مەشغۇلات قىلساڭلار بولىدۇ
qunduz ۋاقتى: 2018-2-23 21:55:44
يانفۇندا كۆرگىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部