+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:7 كۈن بۇرۇن 2925 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۆتكەن يىل 20 نەچچە يىلدىن بېرى ئېلىپ كېلىۋاتقان ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. كىشىلەر ئۇزۇن يوللۇق تېلېفوننى قورقاي قىلدىغان بولدى. ئەمما كۆچمە تور ئېقىمىنىڭ ئۇزۇن يوللۇق ھەققى يەنى، تور ئېقىمىنىڭ كەزمە ھەققى تېخى ئەمەلدىن قالمىدى. تور ئېقىمىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى بىجىرسەك ئاساسەن يەرلىك ئېقىم بىجىرىلىدۇ. مانچە G ئېقىم دېگەنلەر ئاساسەن يەرلىك ئېقىم. شۇ دائىردىن ياكى ئاپتونۇم رايون دائىرسىدىن چىقىپ كەتسەك تور ئېقىمىغا ھەسسىلەپ پۇل ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئىچى ئېقىم ئاز مىقداردا. كۆپ ساندىكى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچى ئېقىمى يوق. سىرتقا كۆپ چىقىدىغان سودىگەرلەر، ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچىلەر... ئۈچۈن بۇ بەك قولايسىز.  
1501147591332.jpg
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ 2018-يىللىق خىزمەت نىشانىدا، بۇ يىل ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىشنىڭ كۆچمە تور ئېقىمى كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش 2018-يىلدىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەپ كۆرسىتىلدى. خىزمەت نىشانى: «تور تەمىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەققىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»،  «4G تورى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى ۋە سۈرئىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۆچمە تور ئېقىم ھەققىنى يەنە تۆۋەنلىتىپ، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ كەڭ بەلباغلىق تورى ۋە مەخسۇس لىنىيە ئىشلىتىش تەنئەرقىنى تېخىمۇ چۈشۈرۈش» ، «ئۈچ تورنىڭ بىرىكىشىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش» ... قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلاردىن قارىغاندا كۆچمە تور ھەققى ۋە تور تەنئەرقىنى تۆۋەنلىتىش مۇھىم خىزمەت نىشانى.

دۆلەت ئىچىدىكى كۆچمە تور ئېقىمى كەزمە ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ شارائىتى پىشىپ يىتىلدى. ھازىر ئىشلەتكۈچىلەر سۆزلىشىش ۋە قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا قارىغاندا، كۆچمە تورنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. كۆچمە تور ئېقىمىنى يەرلىك ۋە دۆلەت ئىچى ئېقىمى دەپ ئايرىغاندا، يەرلىك تور ئېقىمى يىتىشمەيدىغان، دۆلەت ئىچى ئېقىمى يىتىشمەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. شۇڭا بۇنى چۇقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك.

مەنبەسى: 科技之窗 دىن تەرجىمە قىلىندى.

12ئادەم ئىنكاس يازدى

KARWA5938 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
بۇ شۇنداق ناۋاتتەك ياخشى خەۋەر بوپتۇ ،قۇلاققا ئەڭ خوش ياقىدىغىنى توت جى تورنىڭ قاپلىنىش دائىرسىنى كېڭەيتىش دىگەن يەرلىرى بوپتۇ ، ياخشى سىياسەتلەرنىڭ يەنە داۋاملىق ئۈزۈلمەي كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
HaYaTManzii ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
بەك ياخشى  بوپتۇ  مۇشۇ ئىشلام  كام قاغان زادى  قېنى قاراپ باقساق  قايسى   خەۋەرلىشىش  بالدۇر چىقىدۇ   
BADBOY0998 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
ئەلۋەتتە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش بالدۇر چىقىدۇ   
komsar ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
مىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسى، ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئەمەلىلەشتۈرۈپ بوپتىمىش،مەن تېلفۇن قىلسام ھېچ بىر ئۇنداق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنىڭ گېپىنى قىلمايدىغۇ
uyghur ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
komsar يوللىغان ۋاقتى  2018-2-12 20:10
مىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسى، ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ...

ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئەمەس. ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئۇرسىڭىز بۇرۇنقىدەك مىنۇتىغا نەچچە يۈەندىن پۇل كەلمەيدۇ. ئۆز رايونىڭىزدا مىنۇتىغا قانچە پۇل كەلسە، ئۇزۇن يوللۇققا شۇنچە پۇل چىقىدۇ.
2635210282 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
مىنىڭ كارتام تېلگىراف خەۋەرلىشىشنىڭ  36يۈئەنلىك يۈرۈشلۈكى ئىدى، 16GB تور 100مىنۇت سۆزلىشىش،تور: ۋىلايەت ئىچىدە 4GB،ئۆلكە ئىچىدە 6GB،دۆلەت ئىچىدە 6GB،لېكىن مەن تورنى ئىشلىتىۋېرىمەن،ۋىلايەتنىڭ تۈكىگەندە ئۆلكىنىڭ ھېسابلىنىشقا باشلايدۇ،ئۇ تۈكىگەندە دۆلەت ئىچى ئېقىم مىقدارى  ھىسابلنىدۇ ،ئىشقىلىپ توردىن قىسىلىپ قالمايمەن.
ئۇيغۇر، ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
بەك ياخشى  بوپتۇ
1330076792 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
2635210282 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-12 22:54
مىنىڭ كارتام تېل ...

لېكىن ئىچكىرىدە ئىشلىەتكەن بولسىڭىز ئۇنداق بولمايتتى      لېكىن ئەمدى ياخشى بوپتۇ
3131446363 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
2635210282 تورداش
سىز بۇ كەسپىنى تىجارەت زالىدىن بىجىردىڭىزمۇ ياكى ئەپ دىتالىدىن بىجىردىڭىزمۇ . مۇمكىن بولسا مەنمۇ بىجىرسەم بولىتى . .
♥AsKi♥ ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
رەخمەت   بولسا تېلگىراف خەۋەرلشىشنىڭمۇ كەسپ ئۆزگەرتىشكە بۇلامدۇ يوق  يوللىساڭللا
1589728092 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
دوسلار، ئۈلۈشكۈندىن باشلاپ،كۆچمە خەۋەرلىشىش سانجى تەۋەلىكىدە 4Gتور ئىچىلىدى، باشقا رايۇندا قانداقلىقىنى بىلمەيمەن.
100917t8t647r4t36gmlk8.jpg
sirlik728 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
خۇتەن  تەۋەسىدە    1  چىسلادىن   باشلاپ   تىلگىرافنىڭ   4g تور   ئېچىلغان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部