+تېما يوللاش
stilly يوللانغان ۋاقتى:7 كۈن بۇرۇن 1972 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىنقى نەچچە كۈندە ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقتىم ھەم دەسلەپكى قەدەمدە مەزكۇر بېكەتنىڭ كىچىك پىروگراممىسىنى يېزىپ ئىلان قىلغانمۇ بولدۇم . گەرچە كىچىك پىروگرامما رەسمىي ئېلان قىلىنغىلى 1 يىلدىن ئارتۇق بولغان بولسىمۇ مېنىڭ كىچىك پىروگرامما دولقۇنىغا كىرىشىم خىلى كىيىنگە سۈرۈلۈپ كەتتى . كىچىك پىروگرامما كۆپ جەھەتلەردىن كۆپ چەكلىمە ۋە يېتەرسىزلىكلەر بولسىمۇ لىكىن غايەت زور ئىشلەتكۈچى توپى ئارقا كۆرۈنۈشى بولغاچ يەنىلا "ئوت" ھالەتنى ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ .

ئەمدى ئۆزۈمنىڭ كىچىك پىروگرامما يېزىش جەريانىمدىكى مەسىلىلەر ۋە تەجىربىلىرىم ھەققىدە سۆزلەپ باقاي دىدىم . يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە بەلگىلىك پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ قارايمەن . مەقسەت شۇ بىلىم ئورتاقلىشىشقۇ بۇ يەردە . يىتەرسىزلىكلەر بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن .

ئارتۇقچىلىقىم

مەن كىچىك پىروگراممىسى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن vue.js لەرنى بىر قاتار ئۆگىنىپ ھەم تۈر قىپ باققان بولغاچ ، كىچىك پىروگراممىنىڭ مۇندەرىجە تۈزۈلىشى ۋە 生命周期 لەرنى ئاسانلا چۈشىنىپ كىتەلىدىم .ھەم بۇ جەھەتلەردە كىچىك پىروگراممىنىڭ vue.js كە قارىغاندا بەكلام ئاددىيلىقىنى ھىس قىلدىم . كىچىك پىروگراممىنىڭ ئاساسلىق گىرامماتىكىسى es6 گىرامماتىكىسى بولغاچ بىراقلام تۈر يېزىش باسقۇچىغا ئۆتۈشۈمگە بەك ئۇزاق ۋاقىت كەتمىدى .

ئۆگىنىش ئۇسۇلۇم

1. مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە كىچىك پىروگراممىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى 配置 ۋە  生命周期 دىن ئىبارەت . كىچىك پىروگراممىنىڭ 生命周期 ناھايتى شۇ نەچچە خىللا بولۇپ ، ئىگەلللەش بەك تەس توختىمايدىكەن .بۇ ئىككى مەزمۇن كىچىك پىروگرامما ئورگان تەرەپ ئاچقۇچىلار قوللانمىسىدا ناھايتى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن . مەنچە كىچك پىروگراممنى چۈشىنىش ياكى ئۆگىنىشكە ئورگان تەرەپ ئاچقۇچىلار قوللانمىسى ئەڭ ياخشى ياردەمچى بولالايدىكەن دەپ قارىدىم .

2.  UI . كىچىك پىروگراممىنىڭ UI قىسمى ئاساسەن flex ئېلاستىكىلىق قۇرۇلمنى قوللىنىدىغان بولغاچ ، css نىڭ flex قۇرۇلمىسىدىن خەۋىرى بارلار ئاسانلا UI قىسمىنى تاماملاشقا بولىدىكەن . ھەم ئاچقۇچىلار قوللانمىسىدىمۇ بۇ ھەقتە ئۈلگە مىسال بىرىلىپتۇ. كىچىك پىروگراممىنىڭ UI قىسمىغا مۇناسىۋەتلىك 腾讯课堂 دا ھەقسىز دەرسلىكلەرمۇ خىلى باركەن كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك .

نەتىجەم

ئالاھەزەل بىر ھەپتىدىن جىقراق ۋاقىت ( ھەر ئاخشىمى ئىككى سائەت ) سەرپ قىلىپ مەزكۇر بكەتنىڭ كىچىك پىروگراممىسىنى ياسىغاچ كىچىك پىروگراممىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە قۇرۇلمىسى ، API لىرى بىلەن بىر قاتار تونۇشۇپ چىقىپتىمەن . ھەر ھالدا زاماننىڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپراق ماڭدىم دىسەممۇ بولىدۇ .


قىنى ئەمسە تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ بەك داملاپ كەتكەن كىچىك پىروگراممامنى سىناق قىپ باققايسىلەر . يىتەرسىزلىكلەرنىڭ بولىشى تۇرغانلا گەپ. ئاۋۋال ماۋۇ نەشىرىنى ئىلان قىپ تۇردۇم . بارا بارا تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئىلىپ بىرىشقا توغرا كىلىدۇ . كىيىنچە بەلكىم بۇ پىروگراممىنىڭ كودنى ئوچۇق كودلۇق قىلىشىم مومكىن . كۆپرەك قوللاپ بېرىڭلا ھى .....

code.jpg

10ئادەم ئىنكاس يازدى

UYGHURBIZM ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
ئۈندىدار ئەپچىسى
小程序 ئەپچە
2635210282 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
ياريسىز،كىچىك پىراگگىرامما كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم چىقىپتۇ ،داۋاملىق تىرىشىڭ ،ئۇتۇق ئامەت سىزگە يار بولسۇن.
stilly ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
UYGHURBIZM يوللىغان ۋاقتى  2018-2-12 17:25
ئۈندىدار ئەپچىسى
小程序 ئەپچە

مۇشۇ بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇمۇ ؟ مەن مۇشۇ بويىچە ئىشلەتسەم بولغۇدەك ئەمسە
begmurad ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
بىر خىل پاكىزە ، ھەم ئىسىل سۈپەت چىقىپتۇ. 经典,干净。
stilly ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
begmurad يوللىغان ۋاقتى  2018-2-13 09:10
بىر خىل پاكىزە ، ھەم ئىسىل سۈپەت چىقىپتۇ. 经典,干净。

رەھمەت . سىز ھىلىقى بۇرۇنقى ئۇيغۇرئىكىسنى بارلىققا كەلتۈرگەن بەگمۇراد شۇمۇ ؟
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
ئىسىل ھى ئىسىل...
پەچەت چىقىپتۇ ھى ئاغىنەم،
ئەمدىكى مەسىلە خو بىرىدىغان يىرى يوقما ھى بۇ ئەپ چاقنىڭ؟
stilly ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2018-2-13 17:31
ئىسىل ھى ئىسىل...
پەچەت چىقىپتۇ ھى ئاغىنەم،
ئەمدىكى مەس ...

خو بېرىدىغان يەرنى كىينچە نەشىرلىرىدە قىلامىز ديمەنغۇ ، ما ئەپچاقتا ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن ئۆز ئارا 互动 قىلىدىغان ئىش بولسا ئاسان تەستىقلىمايدىكەنچۇ .شۇڭا .
asdff ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
ۋاھ بەك بەلەن چىقىپتۇ،   بولسا مۇشۇ ئۈندىدار كىچىك ئەپچىسىنى ياشاش جەريانىنى سىنغا ئېلىپ ، دەرسلىك شەكىلدە تورداشلارغا تەمىن ئەتمەمسىز  ... ھەممەيلەن ئۈگەنسەك
stilly ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
asdff يوللىغان ۋاقتى  2018-2-14 22:12
ۋاھ بەك بەلەن چىقىپتۇ،   بولسا مۇشۇ ئۈندىدار كىچىك ئەپ ...

شۇنداق پىلانمۇ بار يېقىندا . ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى يېزىش توغۇرلۇق بىر سېن دەرس ئىشلىمەكچى .
mutallipmuallim ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
ماڭا بىر كىچىك ئەپ قىپ بەرسىڭىز بولارمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部