+تېما يوللاش
uzdil يوللانغان ۋاقتى:7 كۈن بۇرۇن 1528 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
9dce1518281797.jpg
ئۇزدىل تورى خەۋىرى:

2018-يىلى 10-فېۋرال ئۇزدىل فورۋو تەرەپنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى ئېلخەت ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇ فورۋودىكى ئاناتىلى ئۇيغۇرتىلى بولغان تىزىملاتقان 150 ئەزاغا ۋاكالىتەن ئېرىشكەن تۇنجى باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا 618 مىڭ تىزىملاتقان ئەزاسى بار بۇنداق چوڭ تور بېكەتتىكى، 386 نەپەر باشقۇرغۇچىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىمىزدەك بىر چوڭ خۇشاللىق.

27041518282402.jpg

ئالدىنقى مەزگىلدە ئۇزدىل ئەترىتى فورۋودىكى ئۇيغۇرچە سۆزلۈك قوشۇشنى تېزلىتىش ۋە توردا ماقالە ئېلان قىلىپ تورداشلارنى سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە فورۋو ئورگان تەرەپكە خەت يېزىپ باشقۇرغۇچىلىق (تەھرىرلىك) ھوقۇقى بېرىش شۇنداقلا مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەمىنلەپ، ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىكى 2-دەرىجىلىك فورۋو ئۇيغۇرچە بېتىنى قۇرۇش ھەققىدە ياردەم تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، ئورگان تەرەپ بۇ ئىشقا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ، تەپسىلىي جاۋاب قايتۇرغان.

ئۇيغۇرچە باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە فورۋو بېتىنى تۈزۈش ئىشىغا ئورگان تەرەپ ۋاقتىنچە قوشۇلمىغان. ئۇزدىل ئەترىتى جاۋاب خەت يېزىپ، ئورگان تەرەپنىڭ بەرگەن ياردىمىگە چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، قاچانكى ئۇيغۇرچە فورۋو بېتى تۈزۈش ئىشىغا مۇمكىنچلىك بولسا ھەرۋاقىت ئۇزدىل بىلەن ئالاقىلىشىشنى بىلدۈردى.

فورۋونىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى ئارقىلىق خاتا سۆزلۈك ۋە تەلەپپۇزلارنى ئوڭشاش، تۈركۈملەپ سۆز قوشۇش ۋە تەھرىرلەش، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپلىگەن تەپسىلىي سىتاستىكا ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولۇش قاتارلىق ئالىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولۇپ، ئۇيغۇرتىلىنىڭ فورۋودىكى ئۇچۇر سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

مۇشۇ خۇشاللىق پەيتتە فورۋو ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرچە ئۆگېنىشنى خالايدىغانلارغا خالىس ياردەم  بېرىش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا ئالاھىيدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، ئۇزدىل ئەترىتى بۇ تۈرنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدۇ.

مەنبە: http://www.uzdil.com/?post=68

7ئادەم ئىنكاس يازدى

oylan111 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
قالتىس  ،مۇبارەك بولسۇن  ،تىرىشىڭلار  ،تىرىشايلار  قىرىنداشلار.
سانغۇن ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
مەزكۇر فورۋو تورى قانداق تور بېكەت؟ مەن ھازىر زىيارەت قىلىپ چىقتىم . ئۇيغۇرچىنى  تاپالمىدىم.  
aski心 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
يارايسىلەر ! ! !

مۇبارەك بولسۇن ! ! !
oguzbag ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
فورۋور تورىنى مەن تېلفۇندىن تاپالمىدىم     تېلفۇندا چىقمامدۇ يا
ئاتەش11 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
مۇبارەك بولسۇن ،  سىلەرنى قوللايمەن.
uzdil ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
سانغۇن يوللىغان ۋاقتى  2018-2-12 13:34
مەزكۇر فورۋو تورى قانداق تور بېكەت؟ مەن ھازىر زىيارەت  ...

http://www.uzdil.com/?post=56
http://www.uzdil.com/?post=55
http://www.uzdil.com/?post=63
uzdil ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن

https://zh.forvo.com/languages/ug

تېلفوندىمۇ چىقىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部