+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-2-9 15:19 1678 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالما iOS 9 نىڭ يادرولۇق ئەسلى كودى GitHub تورىدا ئاشكارلىنىپ كەتتى. ئالما تەرەپمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلدى. ئاز بولغاندا 70 مىليون ئالما ئۈسكۈنىسى بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋىپىگە دۈچ كەلدى.

20180209121425_1528.jpg

بۇ قېتىم ئاشكارلىنىپ كەتكەن iOS 9 ئەسلى كودىدا iBoot ئەسلى كودىمۇ بار ئىكەن. ئۇ ئايفون ۋە ئايپەدنىڭ قوزغالغاندىن كېيىنكى بىخەتەرلىكىنىڭ يادرولۇق قىسىمى ئىكەن. iBoot ئۈسكۈنىدىكى ئەپلەرنىڭ بىخەتەر ئىجرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدىغان قىسمى، ئۇ بولغاچقا ئەپلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
ئالما تەرەپ iBoot ئەسلى كودىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىلگىرى iBoot يۇچۇقىنى بايقىغانلارغا 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، iOS 9 تىكى iBoot ئەسلى كودى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە خاككىرلار چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ، كۆپلىگەن يۇچۇق بايقىغان، ئالما ئۈسكۈنىلىرى بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋىپىگە دۈچ كەلگەن.
iOS 9 ئالما شىركىتىنىڭ 2015-يىلى چىقارغان مەشغۇلات سىستېمىسى. ئۈچ يىلدىن بېرى نەچچە قېتىم يېڭىلىنىپ بولدى. بۇ قېتىم ئاشكارىلىنىپ كەتكەن iOS 9 iBoot ئەسلى كودى iOS 10 ۋە iOS 11 دە بار ياكى يوقلۇقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
ئالما تەرەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ ئەسلى كود ئاشكارلىنىپ كېتىش ئالما ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزەلمەيدۇ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەسلى كودقىلا تايانمايدۇ، يەنە كۆپ قاتلاملىق يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ دېدى. ئەمما GitHub بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئەسلى كودنى ئۆچۈرگۈزىۋەتتى.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاز مىقداردىكى يادرولۇق كودنىڭ ئاشكارلىنپ كېتىشى بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئېغىر خەۋپ يەتكۈزەلمەيدىكەن، ئەمما خاككىرلار مۇشۇ ئەسلى كودنى تەھلىل قىلىپ، ئايفوننى مەڭگۈلۈك تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئامالىنى تېپىپ چىقىشى مۇمكىن.

5ئادەم ئىنكاس يازدى

2635210282 ۋاقتى: 2018-2-9 16:14:54
دۇنيادا  بىرمۇ  بىخەتەر سېستىما يوق.
mamat16 ۋاقتى: 2018-2-9 16:30:56
بۇ خەۋەر iPhoneنىڭ بازار رىقابىتىگە تەسىرىى  بولارمۇ؟  ئالما شىركىتى قانداق تەدبىر  قوللىنا
turhun717 ۋاقتى: 2018-2-9 23:18:17
ios 11.2.5  نى ئىشلىتۋاتقانلار بارمۇ؟ قانداراقكەن؟
سانغۇن ۋاقتى: 2018-2-10 00:49:16
turhun717 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-9 23:18
ios 11.2.5  نى ئىشلىتۋاتقانلار بارمۇ؟ قانداراقكەن؟

مەن 11.2.5 نى ئىشلىتىۋاتىمەن . باتارىيەنىڭ خورىشى بەك تېز، سىستېما سەل ئاستا. سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇپ، 11.3 چىققاندا يېڭىلاسىز. مەنمۇ يېڭىسىغا ئىشتەي ساقلاۋاتىمەن.
ovqi5211 ۋاقتى: 2018-2-11 00:52:41
ئەسلى مەخسەت ئايفۇننىڭ نەشىرنى يۇقىرى كۈتىرىڭلا دىمەكچى ئۇيۇن ئويناشقا ئۇستىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部