+تېما يوللاش
uzdil يوللانغان ۋاقتى:2018-2-7 16:05 1966 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
01.png

فورۋوغا ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ۋە تەلەپپۇز قوشىدىغان ئاكتىپ ئەزالارنىڭ ناھايىتى ئاز بولۇشى، ئۇيغۇرچىنى ئۆگېنىشكە قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ تۇرماقتا. بۇ ۋەزىپىنى ئاناتىلى ئۇيغۇرتىلى بولغان، تورغا چىقىش ۋە پايدىلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارىسا، فورۋودىن ئۆزىمۇ پايدىلىنىپ قالماي، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرەلىگەن بولاتتى.

سىز مەيلى فورۋونى ئىشلىتىڭ، ئەزا بولۇڭ، سۆزلۈك قوشۇڭ، تەلەپپۇز ئىئانە قىلىڭ ۋە ياكى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىڭ، قايسىبىرىدە بولمىسۇن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئۆز ئانا تىلىڭىز ۋە باشقا تىللار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشىۋاتقان بولىسىز.


فىلىم ئادرىسى:
http://v.youku.com/v_show/id_XMzM4MzY1NDQ1Ng==.html

فىلىم ئىشلىگۈچى: دىلمۇرات توختى

5ئادەم ئىنكاس يازدى

nawayi ۋاقتى: 2018-2-7 19:49:10
تىشلىقمۇ بۇنىڭغا تىل قوشقاننىڭ نىمە پايدىسى بار
bulbulla ۋاقتى: 2018-2-7 21:20:09
مەن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كېداشۆفىي ئاۋازلىق تەرجىمانىغا خوتەن شىۋىسىنى تونۇتۇش تونۇتۇش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان ئىدىم ئۇنىڭدا ئاۋۋال كېدا شۆفىي ئاۋازلىق تەرجىمان شىركىتىنىڭ خوتەندىكى تارماق شىركىتىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ توختام تۈزۈپ ئاندىن شۇلار ئېچىپ بەرگەن ھېساۋات نۇمۇرى ئارقىلىق كىرىپ ئالدىن ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاپ قويغان خوتەن شىۋىسىدىكى(قەشقەر شىۋىسىمۇ بار) ئاۋازلارنى تىڭشاپ يېزىق كىرگۈزىدىغان كۆزنىكىگە شۇ سۆزلەرنى ئەدەبىي تىلدا گىرامماتېكىغا ئۇيغۇن قىلىپ يېزىپ بىرىمىز ئاندىن سېستىما كىرگۈزگەن يېزىقىمىزنى ئىملا تەكشۈرگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ توغرا بولسا كىيىنكى جۈملىگە ئۆتىدۇ خاتا بولسا شۇ سۆزنى ئەسكەرتمە قىلىپ چىقىرىپ بىرىدۇ،ئادەتتە بىر جۈملىدىن كىرگۈزىمىز بىر قېتىمدا 200دىن 400گىچە جۈملىنى بىرگوروپپا قىلىپ ئىشلەيمىز.ئاندىن ئىشلىگەن جۈمىلەرنى باھالىغۇچىلار تەكشۈرۈپ باھالاپ توغرىلىق نىسپىتى 80%دىن تۈۋەن بولسا قايتۇرۋېتىدۇ ئۇنىڭدىن يۇقۇرى بولسا ھەربىر جۈملە ئۈچۈن 0.05جۇغلانما بىرىدۇ (0.05جوغلانما 0.05يۈئەنگە تەڭ)ھەر ئاينىڭ 20چىسلا ھىساۋات قىلىپ ئىشلىگەن جۈملىلەرنىڭ باھالاپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىگە بىرىلگەن جوغلانمىلارنى يىغىپ ھەر بىر جۇغلانمىنى بىر يۈەن خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇپ يىڭى ئاينىڭ 10چىسلاغىچە كارتىغا ئۇرۇپ بىرىدۇ.قارىسام ماۋۇ FORVOغا ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ھەم تەلەپپۇز قوشىدىغان ئىش شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىكەن،ئەگەر مۇشۇنىڭغىمۇ مەلۇم نىسبەتتە ھەق بەرگەن بولسا قىلىدىغانلار چۇقۇم كۆپ چىقاتتى.
كەسمە رەسىملەر
212009fjrvuju75suuojms.PNG
212009qft71gjkthvijttn.PNG
212009h5x87lbeul1s5fll.PNG
212009lyhh6kq7p62qmzq6.PNG
2635210282 ۋاقتى: 2018-2-7 21:39:26
بەك تەپسىلىي  چۈشەندۈرۈپسىز   رەھمەت  سىزگە.ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
131520 ۋاقتى: 2018-2-11 10:21:59
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2018-2-7 21:20
مەن ئىشتىن سىرتق ...

ماۋۇ ئىش بولىدىكەن، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كىرىم قىلالىساق ياخشى ئەمەسمۇ. بۇ كېداشۆفېينىڭ تارماق شىركىتى ئاقسۇدىمۇ بارمىدۇ؟ ئەگەر توختاملىشىمىز دېسەك قانداق رەسمىيەتلەر كېتەر؟ بولسا ئېغىر كۆرمەي مۇشۇلارنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز بۇرادەر.
bulbulla ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
131520 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-11 10:21
ماۋۇ ئىش بولىدى&#160 ...

ئاقسۇدا بارمۇ يوق بىلمەيمەن ئەمما ۋەزىپە تىزىملىكىگە پەقەت خوتەن،قەشقەر دەپلا چىقىدۇ،ئورگان تورىغا چىقىپ قاراپ باقسام 154گوروپپا باركەن خوتەندىكى تارماق شىركەت ئاشۇ 154گۇرۇپپىنىڭ بىرىكەن،مەن بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ بىر نەچچەيلەن بىلەن بىللە ئىشلەي دىسەم ھازىر گۇرۇپپا قۇرغىلى بولمايدىكەن.توخاتملىشىش ئۈچۈن كىملىك ۋە كەنتىنىڭ بىر پارچە تونۇشتۇرىشى كېتىدۇ،ئاندىن سودا-سانائەت بانكىسىدىن كارتا بىجىپ مۇئاش كارتىسى قىلىۋالىسىز ئشلىگەن جۈملىڭىزنىڭ پۇلىنى ھەر ئايدا كارتىغا ئۇرۇپ بىرىدۇ،ئۇندىن باشقا جۈملە ئىشلەشنى ھەقسىز ئۆگۈتۈپ قويىدۇ ،ئەگەر ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى بىلسىڭىز بىر كۆرسىڭىزلا ئۆگۈنىۋالايسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部