+تېما يوللاش
2_71828 يوللانغان ۋاقتى:2018-2-7 12:29 823 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تورداشلار،بارمۇ سىلەر؟نەچچە ۋاقىتتىن ئالدىراش بولۇپ قىلىپ يازىمەن دەپ ئويلاپ قويغان تېمىنى يازالماي قالدىم،يازماقچى بولغان تېمام javascript ۋە توربەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك،javascript(قىسقارتىپ js دەيدۇ،مەنمۇ ئاستىدا js  دەپ ئالاي)ئەلۋەتتە توربەت ياسىغانلار ئىشلىتىدىغان،تور كۆرگۈچتە ئىجرا بولىدىغان پروگرامما تىلى،بۇنى توربەت ياسايدىغانلارلا ئىشلىتىپلا قالماي توربەت ياسىمايدىغانلارمۇ ئىشلەتسە بولىدۇ،قانداق ئىشلىتىدۇ؟تېمىغا داۋاملىق دىققەت قىلىڭ.ئاستىدا ئۇششاق گەپنى جىق قىلىپ قويغان بولۇشۇم مۇمكىن،تەخىر قىلىپ ئوقۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇرۇنقى js مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كۆرۈپ باقتىم،مەن سىلەرگە دىمەكچى بولغان ئۇسۇل بۇرۇنقى يازمىلادا سۆزلەنمەپتۇ،شۇڭا تەجرىبەمنى سۆزلەپ بەرسەم،كىيىن تورداشلار پايدىلىنىپ قالسا دىمەكچى،باشقا مەقسەت يوق،بەلكىم بەزىلەر مەن دىگەن ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ قىلىۋاتقان بولىشىڭلار مۇمكىن،ئىشلەتمىگەنلەر كۆرۈپ باقساڭلار پايدىلانغىدەك بولۇپ قالسا پايدىلىنارسىلەر.بۇنىڭ پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇ js توغرۇلۇق ئازراق مەلۇماتقا ئىگە بولساڭلار بولىدۇ،بۇ توغرۇلۇق ماتىرياللارنى تودىن ياكى بۇرۇنقى مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىن كۆرۈپ ئۆگىنىۋىلىڭلار،مېنىڭمۇ سەۋيەم چەكلىك،دەرس سۆزلىگىدەك ئۇماچ يوق.يەنە قۇرۇق گەپ باشلاپ كەتتىممۇ؟مانا ھازىر باشلايمەن.
ئاۋال تېما يېزىش ئۇسلۇبۇم بويىچە يولۇققان مەسىلىنى سۆزلەي.ئادەتتە مەن توربەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا بەزى ئىشلارنى قىلىۋېرىپ بەك ئىچىم سىقىلىپ كېتىدۇ،مەسلەن مەخپىي نۇمۇر كىرگۈزۈش،توربەتنىڭ مائوس كونۇپكىلىرىنى چەكلىگەن ئەھۋاللار،ھەمدە كۆچۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويغان ۋە چوقۇم باسمىسا بولمايدىغان ئېلانلار... قاتارلىق بىر مۇنچە ئەھۋالغا دائىم ئۇچراپ تۇرىمەن ،شۇڭا بۇ مەشخۇلاتنى ئاپتۇماتىك قىلغىلى بولدىغان ئۇسۇل تېپىپ ھەل قىلىپ كەلدىم،مەخپىي نۇمۇر ساقلايدىغان دىگىنى شۇ توربەتكە كىرگەندە نۇمۇر بىلەن پارولنى كىرگۈزۈپ ئاندىن كىرىمىزغۇ؟مەخپىي نۇمۇرنىمۇ مەن كىرگۈزۈشكە ئېرىنىپ js بىلەن ھەل قىلغان،بەلكىم ھازىر كاللاڭلاغا مەخپىي نۇمۇرنى كىرگەن چاغدا تور كۆرگۈچكە ساقلاپ قويسىلا تۈگمەمدۇ،نىم جاپادۇ بۇ بالىغا دىگەن خىيال كەلگەن بولىشى مۇمكىن،مېنىڭمۇ بۇرنلا كاللامغا كەلگەن بۇ ئۇسۇل،لىكىن سىلەر ئويلىغان بۇ ئۇسۇل بىخەتەر ئەمەس،بىخەتەر ئەمەسلىكىنى يېرىم يىل بۇرۇن يوللىغان«تور كۆرگۈچ ساقلىۋالغان مەخپى نومۇرنى كۆرۈش» دىگەن تېمىنى  تەپسىلىي ئوقۇسىڭىز بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز،كومپىيۇتېرنى مۇتلەق ئۆزىڭىز ئىشلەتسىڭىزغۇ ئۇنىڭدا چاتاق يوق،ئەگەر باشقىلار ئىشلىتىپ سالسا،تۇيۇقسىز ئاشۇ توربەتنى ئېچىپ سالسا مەخپىي نۇمۇرلار ئۆزلىكىدىن كىرگۈزۈپ قويۇلغان بولسا ۋاھ،دەپلا مەخپىي نۇمۇرىنى خاتىرلىۋالىپ ئەخمەق قىلساق بىرمۇنچە ئاۋارچىلىق چىقمامدۇ،بەلكىم ئۇمۇ ئالىپ تورىنى ئوينايدىغان بولسا مېنىڭ نۇمرىمنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ تېمىسىنى مۇكاپاتلاپ قىلىۋالسا ئاران يىققان نۇمۇرنى يوق قىلىۋەتسە قاراپ قالىمىزدە.مەنمۇ بۇرۇن باشقا بىرىنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى شۇنداق قىلىپ كۆرۋاكغان،لىكىن ئەسكى ئىش قىلمىغان،قىزىقىپ كۆرۈپ باقتىم،بوپتۇ ،ئالىپ تورىدا مېنىڭ پۇلغا يارىغۇدەك نەرسەم يوق دەپ ئويلىدىڭىز ھەقاچان،لىكىن باشقا توربەتلەرگە مۇشۇ نۇمۇر بىلەن كىرىش ئېھتىماللىقىڭىز يۇقرىدۇ؟دىمەكچى مەخپىي نۇمۇرلار ئاساسەن ئوخشاشتۇ؟ھە،مۇنداق گەپ بار بۇيەردە.ئوخشاش بولۇپ قالسا ۋەلىپاي دىگەندەك توربەتكە كىرىپ پۇلىڭىزنى ياكى ئىلخەتكە كىرىپ سەخسىي ماتىريالارنى ئاباراگوم قىلىۋەتسە قاراپ قالسىز دە،مەخپىي نۇمۇر توغرۇلۇق مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەي،تېما چەتنەپ كېتىپ بارىدۇ.بۇنداق قىلماي يەنە باشقا ئۇسۇل بارمۇ دېسىڭىز با.ئۇسۇلىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن توركۆرگۈچ توغرۇلۇق سۆزلەي.
توركۆرگۈچتە ئاساسەن ھەممىسىدىلا بار،ئاچقۇچىلار قۇرالى (开发者工具)دەپ بىر ئىقتىدارى بار،بۇنى ئېچىش ئۈچۈن تور كۆرگۈچنى ئېچىپ F12كۇنۇپكىسىنى باسساق چىقىدۇ،بۇ ئىقتىدارنى  بىز توربەتنىڭ ئىچ قارنىنى كۆرۈش ئۈچۈش ئىشلىتىمىز،يەنى css،js ۋە مېڭىپ يۈرگەن سومكىلاردىكى پارامىتىر ئۇبۇلارنى كۆرۈش ۋە تەھلىل قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ يەردىن پايدىلىنىمىز،ئەسكى ئىش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس جۇمۇ،مېنىڭ يازغان تېمىلىرىم سەلبىي تېمىلار ئەمەس،ئەسكى ئىش قىلىشنى ئۆگىتىدىغان،ئاخىرى شۇ ئۆزىڭىزنىڭ قانداق پايدىلىنىشىغان مۇناسىۋەتلىك.مۇشۇ ئىقتىداردا يەنە كونتىرول سۇپىسى(控制台)دەپ بىر يېرى بار،بىز مۇشۇ يەرگە jsكودلىرىنى يازساق ئىجرا بولىدۇ.رەسىمدىكىدەك.
kongzhitai.png



دىمەك بىز تور كۆرگۈچنىڭ مۇشۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلانساق بولىدۇ،(开发者工具 دىگەن نەرسە توغرۇلۇق تەپسىلىي سۆزلىمىدىم،توردىن ئىزدەپ ئۆزىڭىز ئۆگىنىۋلىڭ ياكى بىلسىڭىز تېما قىلىپ يوللاپ مېنىڭكىنى تولۇقلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.مەن ئۇنى سۆزلەپ ئولتۇرسام گەپ ئۇزىراپ كەتكۈدەك.شۇڭا ئۇدۇللا گېپىمنى قىلىۋەدىم،ھازىر ئازراق js توغرۇلۇق سۆزلەپ قالدىم،بىلمىسىڭىز داۋاملىق ئوقۇڭ،بىلسىڭىز  «jsبىلسىڭىز ئۇدۇللا مۇشۇ يەرگە تاقلىسىڭىز بولىدۇ»دىگە يەرگە ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ،يېزىپ بولۇپ قارسام  بۇ مەزموننىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان،ھېسابتا بۇ مەزمون شۇ ھەل قىلىش ئۇسولىنىڭ پىرىنسىپى،ئۆچۈرۋېتەي دېسەم بىرمۇنچە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېزىپتىمەن،شۇڭا ساقلاپ قالدىم،بىلسىڭىز ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىزمۇ بولىدۇ،بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئوقۇپ قۇرۇق گەپنى بەك جىق قىلدىكەن دەپ يۈرمەڭ.)
بايىقى ئۇچۇرغان مەسىلىنى بىز دەل jsكودىنى ئىجرا قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
قەدەم باسقۇچى تۆۋەندىكىچە:
ئاۋال ئاشۇ مەخپىي نۇمۇرلارنى يازدىغان ئىلىمىنىتلارنى تاپىمىز،ئاندىن بىز ئاشۇ ئىلىمىتنىڭ قىممىتىگە ماۋۇنى ياز دەپ بۇيرۇق بەرسەكلا بولىدۇ.ئالىپ تورىنى مىسالغا ئالسام،(ھەر قايسى توربەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشىمىغاچقا ھەر قايسى توربەتنىڭ بۇنداق jsكودى ئايرىم بولىدۇ.)كىردىغان نۇمرى test،مەخپىي نۇمرى 123456 بولسۇن،بۇ مېنىڭ نۇمرۇم ئەمەس جۇمۇ،مېنىڭ ئوخشايدۇ دەپ ھۇجۇم قىلپ ئولتۇرماڭلار،ھى ھى.(ئىشلار مۇرەككەپ بېلىنىپ كېتىپ بارامدۇ؟مەن دەپ بولغاننى ئاڭلىغاندىن كىيىن مۇرەككەپ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز،مەن بىراقلا ھەممىنى سۆزلەپ بولمىغاچقا بىردىن بىردىن كىلىدىغان ئىشكەن.شۇڭا دەسلەپتە مۇرەككەپ بىلىنىپ كېتىدۇ)بىز ئالىپ تورىنىڭ ئابونىت كىردىغان بېتىدىكى يېرىدىن مەخپىي نۇمۇر،ئابونىت نۇمۇرلىرىنى يازدىغان يېرىنى بايىقى ئىقتىدارىدىن تاپساق ئۇ ئىككى ئېلىمىنىت(htmlدىكى<a></a>دىگەندەكلەرنى ئادەتتە بىر ئىلىمىنىت دەپ ئاتايدۇ،يەنى 元素دەپ)ئابونىت نۇمرى يازدىغان ئىلىمىنىت بىلەن مەخپىي نۇمۇر يازدىغان (ياكى كىرگۈزدىغان ھە)ئىلىمىنىتنى تاپساق ئۇنىڭ id باركەن،ئىلىمىنىتنىڭ idسى بولسا بەك ياخشى،html解析 يەنى يەشكەندە ئاشۇ ئىلىمىنىتقا ئېرىشىش بەك ئاسان.بىۋاستە تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق شۇ ئىلىمىتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  1. document.getElementById("بۇ يەرگە ئىلىمىنىتنىڭ ئايدىسىنى يازىمىز")
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئەگەر ئىلىمىنىتنىڭ ئايدىسى بولسا ئىلىش ئاسانكەن،ئايدىسى يوق بولسا قانداق قىلىمىز دىگەن خىيال كاللاڭلاردىن ۋاش قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى،مۇشۇنداق ئەھۋالغىمۇ ئۇچراپ قىلىشى مۇمكىن دەپ يەنى بىر قانچىتال ئىلىمىنىت تاپىدىغان كودلار يەنى بۇيرۇقلار بار،تۆۋەندىكىچە:
  1. 1.document.getElementsByClassName("");
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بىرىنىچى كود بولسا ئىلىمىتنىڭ classدىگەن خاسلىقىغا ئاساسەن بىز كىرگۈزۈپ كۆرسەتكەن قىممەتلىك classلىرى بولغان ئىلىمىنىتلارنى بىزگە قايتۇرىپ بېرىدۇ،خاتا كۆرمىدىڭىز،ئاۋۇ يەردە ئىنگىلىزچە كۆپلۈك قوشۇمچىسى s بار،ئاز بولغاندا قۇرۇق ياكى ھىچنىمە قايتۇرىدۇ،بار بولسا بار بولغانىرىنى سانلار گۇرۇپپىسى شەكلىدە (数组)قايتۇرىدۇ،ئاستىدىكىلىرىمۇ ئوخشاش،قايتا چۈشەندۈرمىدىم.cssنى ئۆگنىپ باققانلار ياكى ئىشلىتىپ باققانلار بولىشىڭلار مۇمكىن،بىر classنى يېزىۋىلىپ بىرقانچە يەردە ئىشلىتىمىز دە،شۇڭا بىزگە بىرقاتار ئىلىمىنىت قايتۇرغىنى بەرھەقتۇر.بايا بىريەرنى سۆزلەشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،ئايدىسى بولسا نىمىشقا ئاسان دىگەن يەرنى.ئايدىidدىگىنى ئەمەليەتتە شۇ كىملىككە ئوخشاش تەكرارلانمايدىغان بولىدۇ،بىر دوكمىنىتتا ئايدى تەكرارلانسا بولمايدۇ،تەكرار يازسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز،مېنىڭكىدە بولىدىكەنغۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن،بولغان بىلەن بىر يەلىرى بىرقانداق بولىدۇ ئىشقىلىپ،تۈزەپ قويغان قائىدە بويىچە ئىشقىلمىسڭىز ھامىنى چاتاق چىقىدۇ،ئىشلار ئەپلەشمەيدۇ،مەن تەكرار ئايدى يېزىپ سىناق قىلىپ باقمىدىم،شۇڭا تەكرار بولۇپ قالسا نىم بولىدۇ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرەلمەيمەن.كەچۈرۈڭلار.بىلدىغانلار ئىنكاس شەكلىدە چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار بىلۋالساق.ئەسلى گەپكە كەلسە ئايدى بىلەن ئىلىمىنىت ئالساق بىزگە شۇ بىرتال ئىلىمىنىت،يەنە ئاشۇ ئىلىمىنىتنىڭ نەق ئۆزىنى قايتۇرىدۇ.ئەگەر ماس كەلمىگىنى بولمىسا سىزگە قۇرۇق بىرنەرسە قايتۇرۇپ كۆزىنى پاقىرتىپ قاراپ ئولتۇرۇرىدۇ.ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق،بار بولغان بولسا ھىچنىمىنى ئايىماي،ھىلىگەرلىك قىلماي قايتۇرۇپ بېرەتتى،دىمەك بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلگە يولۇقىمىز،ئىلىمىنىت يوق بولۇپ قالسىچۇ دەپ.دىمەك بىز كىيىنكى باسقۇچتا ئېرىشكەن ئىلىمىتنى باريوقلىقىغا ھۆكۈم قىلىىز بۇنداق قىلمىساق خاتالىق چىقىدۇ.شۇڭا تور بەت ياسىغان ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق ئۇششاق ھالقىلارنى تاشلاپ قويماسىقىمىز كېرەك.
  1. 2.document.getElementsByName("");
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئىككىنچى كودنىڭ مەنىسى بولسا ئىلىمىنىتنىڭ nameخاسلىقىغا ئاساسەن بىزگە ماس كەلگەن ئىلىمىنىتلارنى قاتار قىلىپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ،ئىسىم دىگەن خاسلىقنىڭ قىممىتىمۇ كۆپ بولسا بولىدۇ.خۇددى بىزنىڭ ئىسىملىرىمىز تەكرار بولغانغا ئوخشاش،ئاۋۇ كودنىڭ مەنىسى مۇشۇنداق،ئەگەر بىز ئەلى دەپ قىمەتتنى كىرگۈزۈپ بۇيرۇق بەرسەك بىزگە ئەلى ئىسىملىك ئىلىمىنىتلارنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ،يوق بولسا قۇرۇق بىر قىممەت قايتىدۇ.
  1. 3.document.getElementsByTagName("");
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئۈچۈنچىسىنىڭ مەنىسى بولسا ئىلىمىنىت ئىسمىغا ئاساسەن ئىزدەيدۇ.يەنى <a></a>,<img>,<div>/div> دىگەندەك ئىلىمىنىت نامىغا ئاساسەن ئىزدەيدۇ.مەسلەن بارلىق aئىلىمىنىتنى ئالماقچى بولساق تۆۋەندىكىدەك يازىمىز.
  1. document.getElementsByTagName("a");
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ھە راست ئاۋۇ document نى چۈشەندۈرۈشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.دۇكمىنىت دىگىنى htmlبەتنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ،يەنى تۆۋەندىكى بىر بەتنى بىز بىر دۇكمىنىت دېسەك بولىدۇ،
  1. <html><head></head><body></body></html>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

دۇكمىنىتنىڭ يەنە بىرقانچىتال خاسلىقى بار،تەپسىلىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز توردىن ماتىرياللارنى كۆرۈڭ.ئۈستىدىكى ئىلىمىنىت تاپىدىغان كودنىڭ مەنىسى مۇنداق دەپ چۈشىنىڭ،مەسلەن:
  1. document.getElementById("بۇ يەرگە ئىلىمىنىتنىڭ ئايدىسىنى يازىمىز")
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ كودنىڭ مەنىسى بولسا ماڭا مەزكۇر بەتتىكى ئايدىسى xxx بولغان ئىلىمىنىتنى تېپىپ بەر دىگەنلىك بولىدۇ.ئەگەر html بەتتە ifream ئىشلەتكەن بولسا بالا بەتتىكى ئىلىمىنىتنى تاپماقچى بولسا ئانا بەتتە بۇ كود ئىشلىمەيدۇ،يەنى تاپالمايدۇ،بۇۋاققىتا جىددىيلەشمەي،ئاۋال بالا بەتنى يەنى ifreame نىڭ دۇكۇمىنىتىنى تېپىپ،ئاندىن مۇشۇ دۇكۇمىنىتتىن ئىزدىسەك بولىدۇ.قالغانلىرىنىمۇ مۇشۇ بويىچە كەلتۈرۈپ چىقىرۋالساق بولىدۇ.
سۆزلىسەم سۆزلەۋەرگۈدەكمەن،شۇڭا js چۈشەندۈرۈشنى توختىتىپ داۋاملىق ئاخىرىنى سۆزلەي.ئەمەليەتتىغۇ مەن تېمىدا سۆزلىمەكچى بولغان مەزموننى js نى بىلمىسڭىز ئەمەلىي قوللىنالماسلىقىڭىز مۇمكىن.

[(jsبىلسىڭىز ئۇدۇللا مۇشۇ يەرگە تاقلىسىڭىز بولىدۇ)]
بايا سۆزلەپ سېستىمىغا كىردىغان بەتتىكى نۇمۇر ۋە مەخپىي نۇمۇر كىرگۈزدىغان ئىلىمىنىتنى تاپىدىغان يەرگە كەلگەن.ئالپ تورىنىڭ ئابونىت كىرىدىغان بەتنىڭ تۈزىلىشىگە ئاساسەن ئىلىمىنىتنىڭ ئىسمى(ئايدىسى ئۆزگىرەپ تۇرىدىكەن،شۇڭا ئايدىنى ئىشلەتمىدىم) usernameۋە password ئىكەن.بايىقى سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇسۇل بىلەن ئىلىمىتنى ئالىمىز.كودى تۆۋەندكىدەك:
  1. var x=document.getElementsByName("username")[0];
  2. var y= document.getElementsByName("password")[0];
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

كودتىكى var دىگەننىڭ مەنىسى بولسا بىر ئۆزگەرگۈچى مىقدار قۇردىغان،يەنى ئېنىقلايدىغان بۇيرۇق.ئۆزىمىزنىڭ تىلىغا ئايلاندۇرۇپ چۈشەندۈرسەك،ماڭا بىر ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئورۇن ئاجرىتىپ بەر،ئۇ ئورۇننىڭ ئىسمى x بولسۇن،ئاندىن ئاۋۇ بۇيرۇق تاپقان قىممەتنى شۇ ئورۇنغا بەر دىگىنى.بىز ئەمدى ئاۋۇ ئىلىمىنىتنى xدىگەن ئىسىمگە باغلىۋالدۇق،ئاندىنقى شەرتى ئۇ ئىلىمىنىت بولىشى كېرەك،بولمىسا x نىڭ قىممىتى قۇرۇق بولۇپ،ئىشلەتكەندە خاتالىق چىقىپ قالىدۇ.كەينىدىكى [0] دىگىنى بايا چۈشەندۈرگەندەك سانلار قاتارى قايتۇرىدۇ،بىز ئىشلەتمەكچى بولغان ئىلىمىنىتنىڭ رەت تەرتىپى بولسا ئىكككىلىسىدىلا بىرىنچى ئورۇندا ئىكەن،(ئادەتتە پروگراممىدا 0دىن باشلاپ سانايدۇ،خۇددى بىز 1دىن باشلىغانغا ئوخشاش،شۇڭا بۇيەردە ئاشۇ سانلار قاتارىنىڭ 0_چىسى دىگىنى شۇ بىزنىڭ تىلىمىزغا ئايلاندۇرغاندا بىرىنچىسىنى ئىشلىتىمەن دىگىنى.)بىز تاپقان ئىككى ئىلىمىنىتنى x ۋە y ئارقىلىق ئىپادىلىۋالدۇق.يەنى ئابونىت نامى كىرگۈزدىغان رامكا بىلەن مەخپىي نۇمۇر كىرگۈزدىغان رامكىنى.كىيىنكى قەدەمدە مۇشۇ رامكىنىڭ ئىچىكىگە بىز بۇيرۇق ئارقىلىق قىممەت بېرىمىز.(ئىلىمىنىت بارمۇ يوق دىگەنگە ھۆكۈم قىلىپ ئولتۇرمىدىم،ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىم)يەنى تۆۋەندىكى كودنى ئىجرا قىلساق مەخپىي نۇمۇر يازدىغان يەرگە بىز دىگەن قىممەتنى يېزىپ بېرىدۇ.بايا مەن سىناق قىلدىغانغا ئابونىت نامىنى test،مەخپىي نۇمۇرىنى 123456 قىلىپ بېكىتكەن،شۇنى كود ئارقىلىق ئىپادىلىسەك تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
  1. x.value="test"
  2. y.value="123456"
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

كودنى يىغىپ بىريەرگە ئەكەلدىم.تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
  1. var x=document.getElementsByName("username")[0];
  2. var y= document.getElementsByName("password")[0];
  3. x.value="test";
  4. y.value="123456";
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بەلكىم ئاۋارچىلىق دەپ ئويلاپ كەتتىڭىز،ئالدىرماي تۇرۇڭ،ئېلان بېردىغان يەر ئالدىڭىزدا.
بۇ كودنى مەن قىسقارتىپ قۇر ئاتلاش بەلگىسىنى چىقىرۋەتتىم،ئەمدى قىسقىراپ بىر قۇر كود بولدى،لىكىن بىر قۇر بولغان بىلەن پروگرامما تىلىنىڭ ئۆزىدە قۇر ئاخىرلىشى بەلگىسى چېكىتلىك پەش بار.(;)كودنىڭ ھازىرقى ھالىتى تۆۋەندىكىدەك.
  1. var x=document.getElementsByName("username")[0];var y= document.getElementsByName("password")[0];x.value="test";y.value="123456";
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

كود قىسقىراپ بىر قۇرغا يىغىنچاقلاندىن،ئاندىن قانداق قىلىمىز؟كودنى ئىجرا قىلماقچى بولساق F12نى بېسىپ كونتىرول سۇپىسىنى ئېچىپ ئىجرا قىلىپ يۈرمەيمىز،بەلكى تور كۆرگۈچنىڭ ئادرىس يازدىغان يەنى http://www.aliptori.com نى يازىدىغان يەرگە يازىمىز،ئاندىن ئېنتىرنى بېسىپ سىناپ بولدىڭىز ھە قاچان.ئېنتىرنى باسسىڭىز سىز كىرگۈزگەن كودنى ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئىزدەپ بېرىدۇ،ئالدىغا يەنە مۇھىم بىر سۆزنى قوشۇپ قويىمىز.يەنى javascript: دىگەن سۆزنى قوشۇپ قويىمىز.يەنى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
  1. javascript:var x=document.getElementsByName("username")[0];var y= document.getElementsByName("password")[0];var z=x.value="test";var z=y.value="123456";
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


ئەمدى ئىجرا قىلىپ بېقىڭ،قانداق؟نەتىجىسى كۆرۈلدىما؟رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك نەتىجىگە ئېرىشتىڭىزمۇ؟
denglu.png

denglu2.png

denglu3.png

denglu4.png

denglu5.png

denglu6.png

يۇقۇرقى كودتا نىمىشقا
  1. var z= x.value….
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

دەپ ئالسىز دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن،چۈنكى بىۋاستە قىلسىڭىز
  1. javascript:var x=document.getElementsByName("username")[0];var y= document.getElementsByName("password")[0];var z=x.value="test";var z=y.value="123456";)
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئۇنىڭدىكى قىممەت بېرىش جۈملىسى يەنى x.value=xxxxدىگەن جۈملە ئىجرا بولغاندا قانچىنى بەرگەن بولسىڭىز سىزگە شۇنچىنى قايتۇرىدۇ،بۇنى بىز تور كۆرگۈچنىڭ ئادرىسىغا كىرگۈزۈپ قىلغاندىكىن قايتۇرغان قىممەتنى شۇ تور كۆرگۈچنىڭ بەت يۈزىگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ،بۇ ۋاقىتتى بەت يوقاپ كېتىدۇ،شۇڭا بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مەن قايتۇرغان قىممەتنى باشقا بىر قىممەتكە ساقلىۋىلىپ ھەل قىلدىم.ئادەتتە كود يازغاندا ئۇنداق قىلىپ يۈرمىسەكمۇ بولىدۇ.ئالاھىدە ئەھۋال بولغاندىكىن شۇنداق بولۇپ قالدى.ئۈستىدىكى كودنى ئىجرا قىلىپ نەتىجىسىنى كۆرگەن بولسىڭىز سەۋەبىنى ئانچە مۇنچە چۈشىنەتتىڭىز.
مەن كۆرسەتكەندەك نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىڭىز ئەمدى 99% قىسمىنى ھەل قىلىپ بولغان بولىسىز.1% يېرى شۇ تالانتىڭىزدىن كىلىدۇ،مۇشۇ يەرگە ئېلان بەرسەم بەك ياخشى بولاتتى ھە.
مەن بۇ كودلارنى ھەرگىز txt ھۆججىتىگە ساقلىۋىلىپ ئىشلىتىدىغان ۋاقىتتا كۆچۈرۈپ توركۆرگۈچكە چاپلاپ ئىجرا قىلمايمەن،بۇنداق قىلغاندىن بىۋاستا قولدا بېسىپ كىرگۈزسىلا تۈگمىدىمۇ،مەن ئادەتتە  تور كۆرگۈچنىڭ ئۆزىگىلى ساقلىۋالىمەن.يەنى ھەرقانداق تور كۆرگۈچتە ساقلىغۇچ بار،شۇيەرگە ساقلايمىز،تىزلەتمە كۇنۇپكىسى Ctrl+D  نى بېسىپ چىققان كۆرنەككە ئادرىس ئىسمى ۋە ئادرىسىنى كىرگۈزىسىز.ئادرىسغا بايىقى كودنى چاپلىسىڭىز بولىدۇ.ئىسىمگە ئۆزىڭىز خالىغانچە بىرنەرسە يېزىۋالسىڭىز بولىدۇ.ياكى مېنىڭ تورنامىمنى يېزىۋىلىڭ،2.718 تۇنۇش سانمىكەن بۇ ؟ھە ماتىماتىدىكى تەبىئىي سان e شۇ.چاقچاقنى بەك قىلىپ كەتتىم،زېرىكىپ كەتكەندۇ دەپ،كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.
كىرگۈزۈپ بولساق توركۆرگۈچنىڭ ساقلىغۇچىغا بايىقى كىرگۈزگەن ئۇچۇر ساقلىنىدۇ،رەسىمدىكىدەك،(مەن chrome تور كۆرگۈچنى مىسال قىلىپ رەسىمگە تۇتتۇم،شۇڭا بەزى تور كۆرگۈچتىكى مەشخۇلات ئوخشىماسلىقى مۇمكىن،ئۆزلەشتۈرۈپ قىلۇرسىز)

添加1.png

添加2.png

添加3.png

添加4.png


ئەمدى بىز شۇنى بىر كۇنۇپكىنى بېسىپ مەخپىي نۇمۇرىڭىزنى تىز سۈرەتتە كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى مەخپىي نۇمۇرنى كۆرىمەن دېسە بىردەمچىلىكلا ئىش،لىكىن مەن مەخپىي نۇمۇرنىڭ ھەممىسىنى كىرگۈزمەيمەن،ئازراق بىر قىسىمىنى قولدا كىرگۈزىمەن.نىمىلا دىگەن بىلەن بىخەتەرلىك بىرىنچىدە.
يۇقۇرقى ئۇسۇلنى چۈشەندىڭىزمۇ؟قانداق سىز ئۈچۈن ئەھميىتى بارمىكەن؟ئېھتىياجلىقمىكەنسىز؟تۆۋەندە مەن سىلەرگە دائىم ئىشلىتىدىغان،ھەم سىلەرنىڭمۇ ئېھتىياجىڭلار چۈشىدىغان بىر قانچە قۇر ھەممە بەتكە ماس كىلىدىغان ئۇنۋېرسال كودنى ھەمبەھىرلەيمەن.
تور بەتلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلاردا مائوسنى ئوڭ سول كۇنۇپكىسى چەكلىگەن ئەھۋاللارنى ئۇچراتقان بولىشىڭلار مۇمكىن؟بۇنداق مەسىلىگە يۇلۇقساق قانداق قىلىمىز؟يەنى شۇ جاۋاسىكرىپىت بىلەن ھەل قىلىمىز،چۈنكى تور كۆرگۈچ چەكلىگەن ئىكەنكەن،يەنە مۇشۇ توركۆرگۈچ ئارقىلىق چەكلەشنى بۇزۇپ تاشلايمىز،توربەتنىڭ قولايلىق يېرى توركۆرگۈچ بولسىلا ئىجرا بولغان بىلەن ئاخىرىدا ئاشۇ ئابونىتنىڭ كومپىيۇتېرىنىڭ توركۆرگۈچىدە ئىجرا بولىدۇ،بۇنداق ۋاقىتتا بىز سانلىق مەلىماتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايمىز.شۇڭا مۇلازىمىتىرغا ئۇچۇر يوللىغان بولسا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ قىلمىساق ماڭغا ئوخشاش بىكا قالغان ئادەملەر قالايمىقان نەرسىلەرنى يوللاپ مۇلازىمىتىرىڭىزغا چاقچاق قىلىدۇ،ياكى ئېغىر بولغاندا توربېتىڭىزنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان ئىلىپ كىلىدۇ.شۇڭا توربەت ياسىغان ۋاقىتتا مۇشۇ ئىشلارنىمۇ ئويلىشىشقا تىگىشلىك.خوش ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك مائوسنىڭ ئوڭ سول كونۇپكىلىرىنى چەكلەپتۇ،نىمىشقا چەكلىگەندۇ دەپ ئويلاپ باققان بولىشىڭلار مۇمكىن.سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي،نۇمۇسسىز توربەتلەر ۋە سالونلار خەق ئاران يېزىپ چىقىرىپ قويغان مەزموننى ئۆز پېتى ئۆزىنىڭ توربىتىگە كۆچۈرۈپ، تەييارغا غەييار بولۇپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ.خۇددى بىرسى بىلمەيدىغاندەك،تېخى ئاخىرىغا جاپا تارتىپ تېما تەييارلىدىم،ئۇنداق بۇنداق دەپ قويۇشلىرى باركەن.مەنبەنى ئەسكەرتسىغۇ مەيلىتى،ئەسكەرتمەيدۇ ئەمەسمۇ. بۇنىڭغىغۇ ھىچقىسى يوق،لىكىن قاراپ تۇرۇپ سىز قىلغان نەرسىنىڭ مەن قىلغان دەپ ماۋۇ چىراي ئىپادىسىنى چىقىرۋېلىپ گۆشتەك قاراپ تۇرسا ئوت ئۈستىگە ياغ چاچىدۇ.ئالاقىلىشىپ ئەسەر ھوقوقىڭىزنى قوغدايمەن دېسىڭىز قولىڭىزدىن كىلىشىچە قىلىڭ دەيدۇ تېخى،قانداق قىلىمىز؟بۇنداق ئىشلار سالونلاردا جىق ئۇچىرايدۇ.بوپتۇ دەپ ئۆتكۈزىۋەتمەي ئامال يوق،يەنىلا خەلقىمىز پايدىلىنىدۇ ئەمەسمۇ،بۇنى سۆزلەۋېتىپ ئەسەر ھوقوقىغا ئائىت يەرگە چۈشۈپ كەتتىمغۇ،نىم دىمەكچى دىگەندە ئۇ توردىكى ئەسەرنى سىز يازمىغاندىكىن مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭىز بىز شۇ مەنبەگە كىرىپ چۈشىنەلمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس ئارقىلق سۇئال سوراپ قىلساق بولىدۇ.سىز يازمىغاندىكىن بەلكىم جاۋاب بېرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن،جاۋاب بېرەلىسڭىز ئۇنداق  خەقنىڭكىنى ئۆزىنىڭ قىلۋالدىغان ناچار ئىشنى قىلىپ ئولتۇرمايتتىڭىز.مۇشۇ ئالپ تورىدىكى مەزموننى كۆچۈرسىڭىز(مەزموننى تاللاپ ctrl+c نى بېسىپ كۆچۈرسىڭىز دىمەكچى) ئاخىرىغا ئالپ تورىدىن ئىلىندى دەپ ئاپتۇماتىك قوشۇپ قويىدۇ،سەۋەبى شۇ خەقنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ دىمەكچى. بۇ ئەسەر ھوقوقى توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرماي.مەنمۇ بەزىدە يېشۋىتىلگەن دىتال ئىشلىتىمەن.مەن دەپ تۇرۇپ ئۆزۈم ئەمەل قىلمىسام قالماشمايدۇ. شۇڭا بۇ توغرۇلۇق لىكسىيە سۆزلەشكە يۈزۈم چىدىمايدۇ،لىكىن ئازراق بولسىمۇ كەسپىي ئەخلاق با دە.خەقنىڭكىنى ئۆزەمنىڭ قىلىۋىلىشقا يۈزۈم چىدىمايدۇ.
مۇشۇنداق كۆچۈرۈش چەكلەنگەن ياكى مائوس كۇنۇپكىلىرى چەكلەنگەن بولسا تۆۋەندىكى كودنى بايىقىدەك ساقلىغۇچقا قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

ئوڭ سول كونۇپكا ۋە كۆچۈرۈش چەكلەنگەن ئىقتىدارىنى بىكار قىلىش كودلىرى
  1. javascript: document.body.oncopy=null;document.body.onselectstart=null;document.body.oncontextmenu=null;document.oncontextmenu=new function(){};
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

يۇقۇردىكى كودلارنىڭ مەنىسى بولسا مائوسنىڭ ئوڭ سول كۇنۇپكىسىنىڭ چەكلىمىسى ۋە كۆچۈرگەندىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.سىزنىڭ مەشخۇلاتىڭىزغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.ئەمدى توربېتىمگە تېما كۆچۈرگەندە قىينالمايدىغان بولدۇم دەپ خوشال بولۇپ كەتمەڭ،بىر قۇر مەزمون يېزىش تەس بولمىغاندىكىن مەنبەسىنى ئېنىق قىلىپ ئەسكەرتسىڭىز ھەممىمىزگە قولاي.مۇشۇ تېمىنى مەنبە ۋە ئاپتور مېنى ئەسكەرتىپ خاتا سۆزلەپ قويغان يەرنى پىشىقلاپ خالىغانچە كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ،ئاستىغا مۇشۇ تېمىنىڭ نەق ئادرىسىنى قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.سىزمۇ تارقاسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئادەم پايدىلانسا ياخشى بولمامدۇ؟تېما يېزىشتىكى مەقسىتىمىز شۇ بىلدىغىنىمىزنى بىلمەيدىغانلار پايدىلانسۇن ئۈچۈندۇ؟بولمىسا مەنمۇ بىكا قىلىپ يېزىپ ئولتۇرمۇدۇم.ئىلىپبە دىگەندەك مېنىڭمۇ بېردىغان يېرىگە كەلگەنتى.شۇ ھىچكىم سورىمىغاندىكىن ئۆزەمچە سۆزلەپ سالدىم.
ئوڭ سول كۇنۇپكىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلدۇقمۇ؟ھە ئەمدىكى يول بولسا بەزى دائىم چىقىدىغان توربەتتە چىقىدىغان ئېلانلار ئىچىڭىزنى پۇشۇرامدۇ؟كۆرۈش دائىرىڭىزگە كىرىۋىلىپ ؟مەسلەن مەن 电影天堂غا دائىم كىرىپ داۋبەن كىنو ئىزدەيمەن.ھى ھى،بايىقى ئەسەر ھوقوقىغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلىگەن بىلەن قىلغان ئىشلىرىم ماسلاشمايۋاتامدۇ؟مۇللامنىڭ دىگىنىنى قىل قىلغىنىنى قىلما دىگەن گەپ بارغۇ،شۇ بويىچە بولسۇن.شۇ بەتكە چىققاندا دائىم ئېلان چىقىۋىلىپ ياكى مەجبورىي ئېلان بېتىنى ئاچقۇزىۋاتىدۇ.بىر ئىككى قېتىم بولسغۇ مەيلى ،لىكىن ھەر قېتىم شۇنداق.شۇڭا بۇنىمۇ مۇشۇنداق جاۋاسىكرىپىت بىلەن ھەل قىلدىم.يەنى ئاشۇ ئېلاننىڭ مەزمونى بار ئىلىمىنىتنى تېىپىپ كۆزدىن يوقىتىش،بۇ ئۇسۇل بەت بىر قېتىم ئېچىلغاندا ئىجرا قىلساق كىيىنكى قېتىم ئېچىلغاندا مەڭگۈ يوقاپ كەتمەيدۇ،قانچە قېتىم ئاچساق شۇنچە قېتىم ئىجرا قىلىمىز.چۈنكى مۇلازىمىتىردىن شۇنداق كەلگەندىكىن بىز بىرنىمە قىلالمايمىز.لىكىن بىزنىڭ توركۆرگۈچكە كەلگەن نەرسىنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلالايمىز. بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتىرىدا خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىمىز.لىكىن بۇمۇ بىر تەرەپلىمە،بايا دىگەندەك مۇلازىمىتىرگە كەلگەن ئۇچۇرلارنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈردىغان بولغاچقا مۇلازىمىتىرنى قالايمىقان قىلالمايمىز.لىكىن تور كۆرگۈچتىكى مەزموننى قالايمىقان قىلالايمىز،ئېلاننى ۋە كۆگىڭىز يوق بولغان مەزموننى شۇنداق بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.كىيىن بۇنىمۇ قىلىۋېرىپ زېرىكىپ ئېلان توسىدىغان نەرسە يوقمىدۇ دەپ توردىن ئىزدەپ تور كۆرگۈچنىڭ قىستۇرمىلىرى ئارقىلىق توسقىلى بولدىغانلىقىنى بىلدىم،مەن 360 تور كۆرگۈچىدە 广告终结者دىگەن قىستۇرما (插件)قاچلاپ سىناپ باقسام راسىنلا ئۈنۈمى بولدى،باشقا تور كۆرگۈچ ئىشلەتسىڭىز ئاشۇنداق قىستۇرمىلارنى ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ
خوش،ئېلاندىن قۇتۇلدۇممۇ؟تېلفۇنۇمغا قارىسام بىرسى سالونغا تېما يوللاپتىكەن،ئىچىپ قارىسام مەن ئامراق ناخشىكەن.بۇنىمۇ قولدىن بەرمەي چۈشۈرۋالىشقا ئۇرۇندىم.بۇنىمۇ شۇ داڭلىق جاۋاسىكرىپىت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلدىم.كومپىيۇتېردا ئاچقان بولسامغۇ بۇنداق جاپا تارماستىم،تېلفۇندا بولغاندىكى ئەپسىز،شۇڭا كودىنى تېلفۇننىڭ تور كۆرگۈچىدە ئىجرا قىلىپ چۈشۈرۈپ كەلگەن،كودىنى قوشۇپ قوياي دەپ ئويلىغان،لىكىن بەت قۇرۇلمىسى ئۆزگىرەپ تۇرغاندىكىن كىيىن بۇ كود ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن شۇڭا قوشمۇدۇم.
تېلفۇندىمۇ مۇشۇنداق مەشخۇلاتلارنى  قىلغىلى بولامدۇ؟ئەلۋەتتە بولىدۇ.مەن بىرقانچىتال ئاندروئىد تېلفۇنىنىڭ تور كۆرگۈچىنى قاچىلاپ باقتىم،ئۆزىنىڭكى تور كۆرگۈچىدىمۇ بولىدۇ.360نىڭكىمۇ بولىدىكەن،لىكىن بىز كودنى كۆچۈرۈپ ئادرىس يازدىغان يەرگە چاپلىساق ئالدىدىكى javascript: دىگەن خەتنى چىقىرۋاتىدىكەن،ئاندىن قولدا قايتا يازغىلى سالىدىكەن،بۇ بەك ئاۋارچىلىقكەن،ئىزدەپ يۈرۈپ 2345نىڭ توركۆرگۈچى بۇ ئىقتىدارنى نورمال قوللايدىغانلىقىنى بايقىدىم،جاۋاسىكرىپىت كودىنى مەخپىيلەشتۈرۈپ قىلسا سېستىمىنىڭ قوللىمىدى،لىكىن مۇشۇ 2345نىڭ قوللىدى.2345نى مەن ياسىمىدىم،ھەم 2345ماڭغا بىرموچەنمۇ پايدىسىنى ئارمايدۇ،پەقەت تەۋسىيە قىلدىم،بۇ 2345 نىڭ ئېلانى ئەمەس،
جاۋاسىكرىپىت بىلەن مانا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ،ئۇنىڭ قىلالايدىغان ئىشلىرى يەنە بار،بىر قانچە تېما بىلەن يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
ئاخىردىكى يەنە بىر قۇر كودنى بەلكىم رايونىمىزدىكى پروگراممىرلار دوستلار ئىشلىتىپ قىلىشى مۇمكىن،سىلەرگە مەلۇم بولغاندەك بەيدۇدىن مۇشۇ IT غا مۇناسىۋەتلىك نەرسە ئىزدىسەك رايونىمىزدا csdnدىگەن توربەتنىڭ بىلوگى ئېچىلمايدۇ،لىكىن مۇنبەرسى ئېچىلىدۇ،ئاۋۇ بىلوگىدىمۇ ياخشى مەزمونلار ئۇچراپ قالىدۇ.بەيدۇ شۇنى ئىزدەپ تېپىپ بەرسە شۇنى بېسىپ ئېچىپ باقىمىز.لىكىن ئېچىلمايدۇ،قانداق قىلىمىز؟ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ توربەتلەردىن ئۇچۇر يېغىش جەريانىدا ئۇلاردىمۇ شۇ نۇسخىسى ساقلىنىپ قالىدۇ،بىز 显示缓存نى بېسىپ شۇ مەرموننى كۆرسەك بولىدۇ.لىكىن رەسىملەر چىقمايدۇ،شۇنداق بولسىمۇ لازىملىق گەپلەر بارمىكىن دەپ ئېچىپ قاراپ باقىمىز.دەسلەپتە دىققەت قىلماي بەيدۇ ئىزدەپ چىققان تىزىملىكتىن بىلىپ بىلمەي ئېچىلمايدىغان ئۇلانمىسىنى باسىمىز،ئاندىن ئېچىلمىسا بايىقى 显示缓存نى باسىمىز،بىر قېتىمغا شۇنداق بولىدۇ.ئىككىنچى قېتىمغىمۇ بولىدۇ،لىكىن تەكرار بولۇپ كەتسە مېنىڭ ئېچىم پۇشىدۇ.چىداپ تۇرالمايمەن.شۇڭا مۇشۇنداق پروگراممىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىنى ئىزدىسەم يەنە شۇ جاۋاسىكرىپىت بىلەن ئاشۇنداق ئېچىلمايدىغان توربەتنى كۆرسەتكەن تىزىملىكىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولدىغان قىلىۋالىمەن،ئادەتتە دىققەت قىلىپ قارمىسىڭىز قايسى توربەتنىڭكىنى بىلگىلى بولمايىدۇ،شۇڭا چوڭراق،كۆزگە چىلىقىدىغان قىلىپ كۆرسىتىدىغان قىلىۋالىمەن،ئاندىن تەرتىپ بويىچە ئىچىپ نۆۋەت ئۇنىڭغا كەلگەندە بىۋاستە 显示缓存 نى باسىمەن،ئۇ ۋاقىتتا بايىقى ئۇچرايدىغان بىر باسقۇچنى ماڭمىدىم،ھىچ بولمىسا بىر ئېچىلمايدىغان توربەتنى ئېچىپ ئولتۇرمىدىم،ئاچقاندىكىن ئۈچۈردىغان ئىشتە.مۇشۇ ئىش خۇشاقماي مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلدىم.رەسىمدىكىدەك.
تۆۋەندىكىسى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇنقى ھالىتى

csdn1.png

csdn2.png

csdn3.png

ئاستىدىكىسى ئىجرا قىلغاندىكى ھالىتى.

csdn4.png

csdn5.png

يۇقۇرقى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ كودى:
  1. $("div.result.c-container:contains('blog.csdn.net')").css("background","gainsboro");
  2. $("div.result.c-container:contains('blog.csdn.net') div.f13 a.c-showurl:contains('blog.csdn.net')").css("background","white");
  3. $("div.result.c-container:contains('blog.csdn.net') div.f13 a.m").css("font-size","20px");
  4. $("div.result.c-container:contains('blog.csdn.net') div.f13 a.m").css("background","#00BCD4");
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بىر قۇر ھالەتكە ئەكەلسەك:
  1. javascript:$("div.result.c-container:contains('blog.csdn.net')").css("background","gainsboro");$("div.result.c-container:contains('blog.csdn.net') div.f13 a.c-showurl:contains('blog.csdn.net')").css("background","white");$("div.result.c-container:contains('blog.csdn.net') div.f13 a.m").css("font-size","20px");$("div.result.c-container:contains('blog.csdn.net') div.f13 a.m").css("background","#00BCD4");
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


كودنىڭ بىريەرلىرى باشقىچە كۆرىنىۋاتامدا؟بايا چۈشەندۈرگەندەك ئەمەسمىكەن كودى؟بۇ ئىشلەتكىنىم بولسا jquery،جاۋاسىكرىپىتنى قولايلاشتۇرۇپ چىقارغان جاۋاسىكرىپىتنىڭ قۇرۇلمىسى(框架)،ئاۋال جاۋاسىكرىپىتنى ئۆگىنىپ بىرنەرسە يۇققاندىن كىيىن بۇ قۇرۇلمىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.
قانداق؟تورغا چىقىپ ماتىريال ئىزدەش ئاسانمىكەن؟بىز مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە يۇلۇققان ۋاقىتتا ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىدىكەنمىز.بىر جاپاغا ئۇچۇرساق بىر ئەقىل،تەجرىبە تاپىمىز.ھەم باشقىلارمۇ ماڭغا ئوخشاش جاپا تارتىپ يۈرمىسۇن دەپ ئۆزەمنىڭ ھەل قىلغان ئۇسۇللىرىمنى سۆزلەپ ئۆتتۈم.يارىسا ساقلىۋىلىڭ.يارىمىسا ھە دەپلا قويۇڭ.ئاندىن راست چۈشەندۈرگەن ۋاقىتتا كەسپىي بىلىملەرنى خاتا چۈشۈندۈرۈپ قويغان بولسام ئىنكاس شەكلىدە خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ قويىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن،مەنمۇ خاتالىقىمنى بىلىۋالسام،كىيىنكىلەر ئىزدەش جەريانىدا ئۇچراپ قىلىپ پايدىلانسا ،مېنىڭ خاتا چۈشەندۈرىشىم بىلەن خاتا يولغا كېتىپ قالمىسا دىمەكچى شۇ.
تېما مۇشۇ يەر بىلەن ئاياقلاشتى.ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت.
(گەپنى بەك تولا قىلىدىغان ئاداشكەن بۇ ھە،بىر زەنلى قىلىڭلار مانىڭغا)
پى ئەس: ئۈندىداردىكى زەنشاڭما نى چىقىرىپ قويايمىكىن دەپ توختاپ قالدىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +50 ئاقچا +10 يىغىش سەۋەبى
alip + 50 + 10 ئىجادىي ئەسەر

باھا خاتىرىسى

4ئادەم ئىنكاس يازدى

سانغۇن ۋاقتى: 2018-2-7 14:00:05
تېما بولا مۇشىنچىلىك بولا! ئەمما يېزىپ قويۇپسز ،ئېرىنمەي -تېرىكمەي ،ئازماي- تالماي. بەك تەپسىلىي بوپتۇ. ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2018-2-7 15:54:13
مەن ئىزدەپ يۈرگەن كودلاركەنغۇ، لىكىنزە، ھازىر ئۈندىداردىن ناخشا چۈشۈرۈش دىتاللىرى ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئادرىسنى تور كۆرگۈچتە ئاچسا «ئۈندىداردا زىيارەت قىلىڭ»دەپ چىقىۋېلىپ ئامراق ناخشىلارنى چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن،
stilly ۋاقتى: 2018-2-7 16:35:32
تېمىنى بەك تەپسىلىي چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىپسىز . ئەمدى بارا بارا javascript نىڭ يېڭى نەشىرى es6 توغۇرلۇق پاراڭ قىلىدىغان ۋاقىتلار كەلدى ، es6 ئىلان قىلىنغىلىمۇ ھىلىھەم ئىككى يول بولاي دىدى ، قاچانغىچە كونا نەرسىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ يۈرۈيمىز .
es6 توغۇرلۇق يازمىمۇ يوللىغان مەن بىر ۋاقلاردا

https://www.aliptori.com/forum.php?mod=viewthread&tid=52510&extra=

https://learnfans.com/category/ECMAScript
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-2-8 13:08:48
stilly يوللىغان ۋاقتى  2018-2-7 16:35
تېمىنى بەك تەپسىلىي چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىپسىز . ئەمدى  ...


ES6 پەچەت ھەي
ئەمما شۇنىڭ يەنا بىر بىر يەلىرىگە كۆنەممەي TypeScript ئىشلىتىپ ژۈگەنتىم بى ۋاقىتلار.
ئىشقىلىپ بىر خىل پەيزى.
ئەمما قاتتىق ئىچىنىدىغىنىم شۇكى بىزنىڭ بالىلار پەقەت يېڭىلىقنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلمايدىكەن،
يەنا شۇ قەدىمكى زاماندىكى پەدىسى بويىچەلام يىزىۋىرىدىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部