+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-2-7 13:07 2966 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كۆپچىلىككە مەلۇم، ئۈندىداردا مەلۇم بىرەرسنى ئۆچۈرۋەتسەك، بىزنىڭ تورداشلار تىزىملىكىمىزدىن ئۆچكەن بىلەن، قارشى تەرەپتىن ئۆچمەي «جەسەت» بولۇپ ساقلىنىۋېرىدۇ. شۇڭىمۇ كۈندە دېگۈدەك جەسەت ئۆچۈردىغان توپ ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۋالىمىز. ھەم جەسەت ئۆچۈردىغان ھەر خىل ئۈچىنجى تەرەپ ئەپلىرىمۇ كۆپىيىپ كەتكەن. ئەمدى بۇ ئىشلارغا خاتىمە بېرىلمەكچى.
تۆنۈگۈن مىكروبلوگدا ئۈندىدارنىڭ ئىچكى سىناق قىلىنغان بىر تۈركۈم كەسمە رەسىملىرى چىقىرىلغان. بۇلاردىن قارىغاندا ئۈندىدارغا پات ئارىدا تورداشنى قوش يۆنىلىشتە ئۆچۈرۈش، توپ باشقۇرۇش ھوقۇقى... قاتارلىق ئالتە خىل يېڭى ئىقتىدار قوشۇلماقچى.

1. تورداشنى قوش يۆنىلىشتە ئۆچۈرۈش
بىرەرسنى ئۆچۈرمەكچى بولغاندا ئۆچۈرۈش ۋە ئۆزىڭىزنى قارشى تەرەپنىڭ تىزىملىكىدىنمۇ ئۆچۈرۈش دېگەندەك بىر تاللاش تۈرى چىقىدۇ. شۇنى باسسىڭىز سىز قارشى تەرەپنىڭ تورداشلار تىزىملىكىدىنمۇ ئۆچۈرۈلىسىز. خۇددى كىيۇكىيۇغا ئوخشاش.
微信图片_20180207113518.jpg

2. دوستلار چەمبىرىكىنى گۇرۇپپىغا ئايرىش
بۇ قېتىمقى سىناقتا يەنە دوستلار چەمبىرىكىنى گۇرۇپپىغا ئايرىش ئىقتىدارى قوشۇلغان. چەمبىرىكىڭىزنى دوستلار، تۇغقانلار، فەيلاسوپلار، خىزمەتداشلار... دېگەندەك گۇرۇپپىغا ئايرىپ قويالايسىز. گۇرۇپپا بويچە كۆرسىڭىز ياكى كۆرمىسىڭىز بولىدۇ.
微信图片_20180207113533.jpg

3. ئاۋاز سۈرئەت كونترولى
ئۈندىداردا قارشى تەرەپ بىلەن ئاۋازلىق سۆزلەشكەندە جېق سۆزلەر ئارسىدىن بىرەرسنى قايتا ئاڭلىماقچى بولسىڭىز باشتىن ئاڭلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاۋازنى ئالدى-كەينىگە ئۆتكۈزۈپ ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. بۇ قېتىم يېڭىلىنىشتا مۇشۇ ئاۋاز سۈرئىتىنى باشقۇردىغان كونترول قوشۇلماقچى. ئاۋازنىڭ خالىغان يېرىگە سىيرىپ ئاڭلىيالايسىز.
微信图片_20180207113537.jpg

4. ئۈندىدارغا توپ باشقۇرغۇچى بەلگىلەش ۋە سۆزلەشنى چەكلەش ئىقتىدارى
ئۈندىدار توپىغا كىيۇكىيۇ توپىغا ئوخشاش باشقۇرغۇچى بەلگىلەش ۋە مەلۇم ئادەمنىڭ سۆزلىشىنى چەكلەش ئىقتىدارى قوشۇلماقچى. خالىغان ئادەمنى باشقۇرغۇچى قىلىپ تەڭشىيەلەيسىز ياكى سۆزلىشىنى چەكلەپ قويالايسىز.
微信图片_20180207113541.jpg

5. دوستلار چەمبىرىكىگە ئېتىبارسىز قاراش ئىقتىدارى قوشۇلدۇ
چەمبىرەكتىكى باھا بېرىش، قوللاش تىزىملىكىنىڭ يېنىغا ئېتىبارسىز قاراش دەپ يەنە بىر تۈر قوشۇلىدۇ. چەمبىرەكتىكى سىزگە ياقمىغان، كۆرۈشنى خالىمىغان مەزمۇنغا شۇ يەرنى بېسىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
微信图片_20180207113545.jpg

6. رەسىم كۆرۈش ھوقۇقى
ئۈندىدارىڭىزغا چىقارغان رەسىمىڭىزنى كىملەرنىڭ كۆرۈش، كىملەرنىڭ كۆرمەسلىكىنى تەڭشەپ قويالايسىز.
微信图片_20180207113550.jpg

16ئادەم ئىنكاس يازدى

日记 ۋاقتى: 2018-2-7 13:31:55
بەك ياخشى بوپتۇ ،، تىخىمۇ قولايلىق بوغۇدەك
丨★丶__Dar ۋاقتى: 2018-2-7 13:43:56
پاھ، مۇشۇ ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلسا تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇپ كەتكۈدەك ئۈندىدار. ھەممىشى قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى ئىقتىدارلاركەن.
yasman ۋاقتى: 2018-2-7 13:57:51
ياخشى بوپتۇ ، بۇ قىتىم بۇ ئۈندىدارغا خىلى كۈچىگەن ئوخشايدۇ !
ablzjan ۋاقتى: 2018-2-7 14:11:29
ھەقىقەتەن ياخشى ئىقتىدارلارنى قوشۇپتۇ
كىيىك ۋاقتى: 2018-2-7 14:21:49
ئەمدى تېخمۇ مۇكەممەللەشكىلى تۇرۇپتۇ جۇمۇ
ئاتەش11 ۋاقتى: 2018-2-7 14:29:15
خېلى  كۆپ ئىقتىدارلار قوشۇلۇپتۇ. تېزراق ئېلان قىلىنسا بولاتتى.
miradil315 ۋاقتى: 2018-2-7 15:38:50
ياخشى ئىش بوپتۇ
2635210282 ۋاقتى: 2018-2-7 15:43:02
ئۈندىدار بارغانسىرى   چچ   غا  ئوخشاپ كىتىپ  بارىدۇ   دىسە ،ئۈزىنىڭ خاسلىقىنى  ساقلىسا  ياخشى  بۇلاتتى،  يېڭى  ئىقتىدارلار قۇشۇلۇش  ياخشى ئىش،يەنىلا  خۇش خەۋەركەن.
كۈلكە123 ۋاقتى: 2018-2-7 15:59:52
ماۋۇ ئىسىل ئىش بوپتۇ
3131446363 ۋاقتى: 2018-2-7 16:38:36

ئازدۇر كۆپتۇر چ چ غا ئوخشىيالمىسا بەلكىم كىيىنچە شاللىنىشى مۇمكىن. بولسا چ چ غا ئوخشاش كومپيۇتېر بىلەن مۇكەممەل بىرىكەلىسە بولاتتى.
خىيالى007 ۋاقتى: 2018-2-7 21:34:43
پاھ بەك ياخشى بوپتۇ كىيىنچە ئىقتىدارلىق ئۈندىدارلامۇ كەينىدە قالغۇدەك  
alnixan ۋاقتى: 2018-2-7 23:44:53
ياخشى ئىقتىدارلاركەن ، مۇشۇ يېقىندا توپقا باشقىلار يوللىغان ئۇچۇرنى توپ باشلىقى قايتۇرۋاتالايدىغان ئىقتىدار قۇشۇلدىكەن دەپ بىر ئۇچۇرنى كۆرگەنتىم ، قارىغاندا قۇرۇق گەپ ئوخشايدۇ  
تىۋىش ۋاقتى: 2018-2-8 21:26:37
قالتىس
تىڭشۈن شىركىتى ھەقىقەتەن يامانكەن بايقاش ئىقتىدارىمۇ قالتىسكەن نىمىدىگەن مۇكەممەل ئويلىغان يەنىلا تىڭشۈن ئەزالىرىنى ئويلاپتۇ ئىسىل ئىقتىدارلاركەن
اۋاملىق يېڭىلانسۇن
ماناۈمۇشۇنداق ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ يېڭىلانسا يېڭىلانغاندەك تۇرمامدۇ دەيمەن ھەر قېتىم يېڭىلىسام قوشۇلغان ئىقتىدارىنى ئاختۇراتتىم بىراق ھېچنىمە يوق ئىدى
بىرە يىل بولاي دىدى توپنى تاقاپ قويۇش ئىقتىدارى قوشۇلغىلى
بۇ  چوڭ يېڭىلىنىش بولغان ئۇنۇڭدىن بۇرۇن ياكى كىيىن  ئۆزگۈرۈش بەك رازى قىلارلىق ئەمەس ئىدى
يۇقىرقىدەك يېڭىلانسا يوووووو
قالتىس
sansz1131 ۋاقتى: 2018-2-10 04:49:33
ناھايىتى ياخشى ئىقتىدارلار قۇشلۇپتۇ  ئەمما قۇشقاندىن يەنە بىر ئىقتىدارنى قۇشۋەتسە تىخىمۇ بەلەن بۇلاكەن تۇردا با يۇق  ئىقتىدارىنى قۇشقان بۇلسا
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部