+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-2-6 14:40 1094 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-2-6 14:40  

راك كېسىلى ئىنسانيەتكە كەلگەن بىر بالا-قازا. مېدىتسىنانىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بەزى راك كېسىلىنىڭ داۋاسى، كونترول قىلىش چارىسى تېپىلغان بولسىمۇ، يەنە كۆپلىگەن راك كېسىلى ئالدىدا چارىسىزمىز. راكنىڭ داۋاسى بولمىغان بىلەن ئالدىنى ئالغىلى، بالدۇر بايقالسا كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ياخشى تۇرمۇش ئادىتى، پاكىز مۇھىت ۋە قەرەللىك بەدەن تەكشۈرتۈش قىلىپ تۇرغاندا راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە بالدۇر بايقاپ، داۋالاشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
تۆۋەندىكىسى پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى  11 خىل راك كېسىلى ۋە سەۋەبى:
1. ئۆپكە راكى
مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن ئۆپكىدە بارك بولۇش نىسبىتى باشقا ئەزالاردىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۆپكە راكى بولۇشنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى ئىككى خىل. بىرىنجىسى تاماكا چېكىش. سىتاستىكىغا قارىغاندا %30 ئۆپكە راكى ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئىككىنجى سەۋەبى، مۇھىت بۇلغىنىش. ھاۋادىكى بۇلغانمىلار ئۆپكە راكى بولۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى.
13375399084305366581.jpg

2. سۈت بېزى راكى
سۈت بېزى راكى ئاياللاردا دائىم كۆرۈلدىغان بىر خىل راك كېسىلى. ئاساسلىق سەۋەبى: ياغ تەركىبى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىيىش؛ روھى بېسىمى ئېغىر بولۇش؛ كېچىكىپ توي قىلىش ، كېچىكىپ تۇغۇش...
3. ئاشقازان راكى
تۇز، تۇزلانغان يېمەكلەرنى، قىزىلمۇچنى كۆپ يىيىش، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش، ئىسلىغان يېمەكلىكلەرنى، كاۋاپنى كۆپ يىيىش ئاشقازان راكى يۈز بېرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىمۇ ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «ئورتاق غىزالىنىش» ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى يۇقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاشقازان راكىنى «يۇقتۇرۇشى» مۇمكىن. شۇڭا بەزىلەر ئاشقازان راكىنى يوقۇملۇق كېسەلگە تەۋە دەپ قارايدۇ.
4. جىگەر
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ، ئافلاتوكسىن (aflatoxin) بىلەن بۇلغانغان دانلىق زىرائەتلەر ۋە پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەر ھەمدە ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچىش جىگەر راكى كۆرۈلۈشنىڭ بىۋستە سەۋەبى.
10287499683521429913.jpg

5. قىزىل ئۆڭگەچ راكى
قىزىل ئۆڭگەچ راكى كۆرۈلۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دائىم قىزىق تاماق، قىزىق چاي ئىچىش. ئۇنىڭدىن باشقا تاماك چېكىش، سىمىزلىك، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈردىكى يېمەكلىلەرنى يىيىش قىزىل ئۆڭگەچ راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەتۈر ئېقىپ، قىزىل ئۆڭگەچكە كىرىشىمۇ قىزىل ئۆڭگەچ راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل.
6. چوڭ ئۈچەي راكى
قوي، كالا...دېگەندەك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى كۆپ يىيىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش؛ ياغدا قورۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىيىش، دائىم چوڭ تەرىتىنى قىسىۋېلىش... قاتارلىقلار چوڭ ئۈچەي راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچەي ياللۇغى ئېغىرلىشىپ كەتسە ئۈچەي راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. دوۋساق راكى
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ئىچىملىك سۇدىكى ئارسېن (Arsenic) دوۋساق راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا دائىم كىچىك تەرىتىنى قىسىۋېلىش دوۋساق راكى بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۋېتىدىكەن.
8. ئاشقازان ئاستى بېزى راكى
ئاشقازان ئاستى بېزى راكى راك كېسىلى ئىچىدىكى «پاراغەت كېسىلى» گە ۋەكىللىك قىلىدۇ. سىمىزلىك ۋە دىيابىت كېسىلى ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ئاساسلىق سەۋەب.
3951757538977418887.jpg

9. لىمفا راكى
لىمفا ۋە قان ئىشلەش سىستېمىسىدىكى راك كېسىلى ئاساسلىقى لىمفا ئۆسمىسى، ئاق قان كېسىلى ۋە كۆپ پەيدا بولىدىغان يىلىك ئۆسمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە سىمىزلىك لىمفا راكى يۈز بېرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.
10. بۆرەك راكى
بەدەننىڭ سىمىزلىك دەرىجىسى، ئىچىملىك سۇدىكى ئارسېننىڭ مىقدارى ۋە تاماكا چېكىش بۆرەك راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
11. بالىياتقۇ بوينى ۋە تۇخۇمدا راكى
بالىياتقۇ بوينى ۋە تۇخۇمدا راكى پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل. مەسىلەن: كېچىسى ئۇخلىيالماسلىق، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش، جىنسىي تۇرمۇشنى بەك بالدۇر باشلاش... دېگەندەك.

مەنبەسى: 中国网 دىن تەرجىمە قىلىندى.

9ئادەم ئىنكاس يازدى

@بەخىت ۋاقتى: 2018-2-6 16:11:28
شۇنىڭغا قارىغاندا تۇرمۇشنى سەل غورىگۈلرەك ئۆتكۈزسە بولامدۇ نىمە،
يايانچۇقتا پۇل بولسىغۇ تەس غورىگۈل ياشاش.
oylan2008 ۋاقتى: 2018-2-6 16:19:45
راك بىلەن ئۆسمە ئىككىسى بىر گەپمۇ ؟نىمە پەرقى با ؟
مىنىڭ مېڭەمدە ئۆسمە پەيدا بوپ قاپتۇ ھازىر شۇنۇڭغا قارتا داۋالاش قىلۋاتىمە
دوختۇرنىڭ دىيىشچە بەدەندىكى ئۆسمىنى پەقەت ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىقلا يوقاتقىلى بولدىكە ،ئۆسمىنى يوقۇتالايدىغان دۇرا يوقكە  ،لىكىن مەن دۇرا يەۋاتىمە
uyghur ۋاقتى: 2018-2-6 18:32:11
oylan2008 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-6 16:19
راك بىلەن ئۆسمە &#1574 ...

راك بىلەن ئۆسمە ئىككىسى بىر گەپ.
ياخشى سۈپەتلىك، يامان سۈپەتلىك دەپ ئايرىلدىكەن. ياخشى سۈپەتلىك بولسا ئوپراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتسە بولىدىكەن.
oylan2008 ۋاقتى: 2018-2-6 19:12:53
uyghur يوللىغان ۋاقتى  2018-2-6 18:32
راك بىلەن ئۆسمە ئىككىسى بىر گەپ.
ياخشى سۈپەتلىك، ياما ...

ئۆسمىنى يوقۇتۇشتىكى ئالدىنقى تاللاش ئوپراتسىيەمۇ دۇرا يەپ پەقەت يوقاتقىلى بولماسمۇ
uyghur ۋاقتى: 2018-2-6 19:54:06
oylan2008 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-6 19:12
ئۆسمىنى يوقۇتۇ&#1588 ...

ئۆسمە دېگەن ئۆسمە. دورا يېسەم بولارمۇ، ئوپراتسىيە قىلدۇرسام بولارمۇ دەپ ئىككىلىنىپ ئولتۇردىغان سۈگەل ئەمەس.
دوختۇر نېمە دېسە شۇنى قىلىڭ. شارائىتىڭىز يار بەرسە قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا بارسىڭىز شۇنچە ياخشى. ئۈرۈمچىگە بولسا بېيجىڭ، شاڭخەيدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، شۇ يەردىكى مۇتەخەسىسلەر قانداق داۋالاش تەدبىرنى ئوتتۇرغا قويسا شۇ بويچە قىلىڭ.
oylan2008 ۋاقتى: 2018-2-6 20:37:22
uyghur يوللىغان ۋاقتى  2018-2-6 19:54
ئۆسمە دېگەن ئۆسمە. دورا يېسەم بولارمۇ، ئوپراتسىيە قىل ...

شۇنداق قىلشنى مەنمۇ بىلمە لىكىن ئوپراتسىيە ھەققىگە 150مىڭ تەييارلاپ قوي دەيدۇ  مەن بىر دىھقان يىللىق ساپ كىرمىم 10مىڭدىن ئاشمايدۇ ،ئىقتىساددا قىيىنچىلىق بولغاچقا دۇرا بىلەنمۇ ساقايغىلى بولامۇ دەپ قىلۋاتقان ئىش بۇ
uyghur ۋاقتى: 2018-2-7 10:53:03
oylan2008 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-6 20:37
شۇنداق قىلشنى م&#174 ...

ئۇنى سىز بىلگەن بىلەن ئۆسمە دېگەن مەرەز سىزنىڭ پۇلىڭىز يوقلۇقىنى بىلمەيدۇ. دوختۇر ئوپراتسىيە قىلىمىز دېگەن بولسا شۇنىڭغا ئامال قىلىڭ. دورا بىلەن ساقىيدىغان ئىشقا دوختۇر ئوپراتسىيە قىلىمىز دېمەيدۇ. ئۇ دوختۇرنىڭ گېپىگە ئىشەنمىسىڭىز باشقا چوڭراق دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.
دېھقان بولسىڭىزمۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىڭىز باردۇ؟ ئۇنداق ئېغىر كېسەلنى يۇقىرىغا يوللاپ بېرىدۇ. يەنە دېسەك يەنە شۇ ئۆسمە باشقا كېسەلگە ئوخشىمايدۇ، قانچە بالدۇر داۋالاتسىڭىز شۇنچە ياخشى.
دورا يىدىم دەپ «ھەممىگە شىپا قىلدۇ» دەپ ئېلان قىلىۋاتقان دورىلارنى يېسىڭىز، تاپقان پۇلىڭىزنى پايدا قىلمايدىغان دورىغا تېگىشىپ، كېسىلىڭىز ئېشىپ قالىدۇ.
furqet ۋاقتى: 2018-2-7 12:48:05
oylan2008 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-6 20:37
شۇنداق قىلشنى م&#174 ...

قېرىندىشىم كېسىلىڭىزگە شىپاھلىق بەرسۇن، ئەمما بۇ ئۆسمىگە سەل قارىماڭ، دېھقان بولسىىڭىزمۇ بىر ئاماللارنى قىلىڭ جان بولسا جاھان دەپتىكەن يەنە تىپىلىپ قالار مال دۇنيا دېگەن، بۇنى بىر كۈن بالدۇر داۋالاتقىدەك پۇرسەت بولسا بىر كۈن بۇرۇن داۋالىتىڭ، بىر سائەتنىمۇ قولدىن بېرىشكە بولمايدۇ، بۇ مەرەز كىسەلگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ
Ãℳℜ❣k❣ℳ ۋاقتى: 2018-2-9 00:22:07
مەنمۇ بۇ يىل 16 ياشقا كىردىم  ئۈچ يىل ئاۋال مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن بېشىمنى تەكشۈرتكەندە دوختۇر بېشىڭىزدا  سۇلۇق ئۆسمە باكەن بولسا ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ ئالدۇرىۋەتسىڭىز ياخشى دىگەنتى لىكىن بىزنىڭمۇ ئائىلە ئىقتىسادىمىز بەك ياخشى بولمىغاچقا ئوپراتسىيە قىلدۇرمۇدۇم ھازىر ھېچقانداق دورىمۇ يىمىدىم بىراق سەل ئەنسىرەيمەن كىيىن چوڭ بىر چاتاق چىقىپ قالامۇ ھاياتىمغا تەسىر يىتىپ قالارمۇ دەپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部