+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-2-5 14:47 3060 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئون يىللار ئىلگىرىكى يانفونلارنىڭ باتارىيەسى ئاجىرايتى. ئۇ چاغدا يانفوننىڭ توكى يەتمەسلىكىدىن ئەنسىرمەيتۇق. زاپاس باتارىيە تەييارلىۋېلىپ، يانفوننىڭ توكى تۈگىگەندە باتارىيەسنى ئالماشتۇرۇپلا ئىشلەتسەك بولىۋېرەتتى.

微信图片_20180205144218.jpg

جوبىس باتارىيەسى ئاجىرايدىغان يانفون بەك سەتكەن دەپ قاراپ، ئايفونغا باتارىيەسى ئاجىرىمايدىغان لايىھە قوللاندى. باشقا شىركەتلەرمۇ ئالمىنى دوراپ، يانفونلىرىنى تەدرىجىي باتارىيەسى ئاجىرىمايدىغان قىلىپ ياسىدى. ھازىرقى يانفونلارنىڭ ئاساسەن باتارىيەسى ئاجىرىمايدۇ.

微信图片_20180205144227.jpg

باتارىيەسنى ئاجىرىمايدىغان قىلىپ ياساشنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى شۇكى، ئىستىمالچىلارنى پات-پات يانفون ئالماشتۇرغۇزۇش. يانفون باتارىيەسىنىڭ زەرەتلەش، توك قويۇپ بېرىش ئۆمرى ئادەتتە 300-500 قېتىم بولىدۇ. مۇشۇ بويچە ھېسابلىغاندا بىر يانفوننى بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا ئىشلەتكەندىن كېيىن باتارىيەسى كونىراپ، ئىقتىداردىن چېكىنىشكە باشلايدۇ. باتارىيەنىڭ قۇۋۋىتى يېتىشمىگەنلىكتىن يانفوننىڭ سۈرئىتىگە تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا ئايفوندا باتارىيە كونىرىغاندىن كېيىن تېزلىكىنى پىروگرامما ئارقىلىق مەجبۇرىي ئاستىلىتىۋېتىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر باتارىيە ياكى يانفون ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. يانفوننىڭ ئىچىگە مۇقىملاشتۇرۋېتىلگەن باتارىيەنى ئالماشتۇرۇش ئاۋارىچىلىق، كەسپى رېمۇنىتچىلار بولمىسا ئادەتتىكى ئىستىمالچىلار يانفوننى چۇۋۇپ باتارىيەسىنى ئالماشتۇرالمايدۇ. شۇڭا كۆپىنچە ئىستىمالچىلار بۇنداق ئاۋارە بولغۇچە يانفوننىڭ ئۆزىنى ئالماشتۇردۇ. بۇ يانفون كارخانىلىرىغا پايدا بولىدۇ.
ئەمما بۇنداق بولغاندا ئىسراپچىلىق بولۇپ قالماي يەنە، كۆپ مىقداردىكى ئېلېكترون ئەخلەتلىرى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدۇ.

微信图片_20180205144230.jpg

يېقىندا ئامېرىكا ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى رېمۇنىت قىلىشچانلىق ھەققىدە قانۇن تۇرغۇزۇشنى پىلانلىدى. قانۇندا يانفوننىڭ باتارىيەسىنى چوقۇم ئاجىراتقىلى بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىندى. سەۋەبى: يانفون باتارىيەسىنى ئاسان ئاجىراتقىلى بولمايدىغان قىلىپ ئىچىگە مۇقىملاشتۇرۋەتكەندە، باتارىيە ئالماشتۇرۇش، رېمۇنىت قىلىشنى تەسلەشتۈرۋېتىدۇ، بۇ مۇھىت ئاسىراش، تەكرار ئىشلىتىش قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇڭا يانفون باتارىيەسىنى چوقۇم ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى خالىغانچە ئالماشتۇرالايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىشى كېرەك.

9ئادەم ئىنكاس يازدى

2_71828 ۋاقتى: 2018-2-5 15:12:03
شۇ ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان قىلىپ لايىھەلىسە بولاتتى،دۆلىتىمىزدىمۇ مۇشۇنداق قىلسا بولاتتى.
serdax007 ۋاقتى: 2018-2-5 15:36:20
ماۋۇ ئىش خېلى جايىدا بوپتۇ جۇمۇ لىكىن ...
nurjan11 ۋاقتى: 2018-2-5 16:14:28
ماۋۇ ئىش بولىدىكەن جۇمۇ ، تىلفۇننىڭ توكى تۈگىسە توكدان ئىزدەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجتى قالمىغۇدەك ، لىكىن يانفۇننىڭ سىرىتقى سەكلى كۆرۈمسىز بوپ قالامۇ ؟
@بەخىت ۋاقتى: 2018-2-5 17:06:53
مىنىڭچە بولغاندا باتاريسىنىلا ئەمەس كامىرانىمۇ خالغانچە سەپلەپ ئىشلەتكىلى بولدىغان قىلسا بولىتى.يەنە تىخى ئېكراننىمۇ خالغانچە سەپلەشكە بولسا ياخشىتى.خالساق يىگىرمە مىليون پىكسىل خالىساق ئالتە دىيۇمغا چوڭ كۆرنسە تۆت دىيۇمغا سەپلىسەك .
مۇشۇ ئىنكاسىمنى تىمكۆك بىلەن سامسۇڭ بى كۆرسە چوقۇم شۇنداق قىلىپ ياسايتى ئايفۇن12بىلەن سامسۇڭ 12نى.
HaYaTManzii ۋاقتى: 2018-2-5 20:15:04
بىر يانفۇننى  1-يىلدىن كوپرەك ئىشلەتسەك  باتارىيسى  ئاجىز لىسا  يەنە يېڭى  يانفۇن  سېتىلۋېلىپ  ئىشلەتسەك  لىكىن  ماۋۇ  پىلان  ياخشىكە  سۇپىتى  كۇرۇمسىز   چىقىپ قالسىمۇ  ئۇزۇنراق  ئىشلىتەلەيدىكەنمىز     
urum131 ۋاقتى: 2018-2-5 20:27:20
    گوگىل مودۇللاشقان يانفوننى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ دىگەن خەۋەرنى ئاڭلىغىلىمۇ نەچچە يىللار بولدى، تىخىچە خۇش خەۋىرىنى ئاڭلىمىدۇق، ياكى مەغلۇب بولغان بولسا خەۋىرىنى مەن ئاڭلىماي قالدىممۇ.
      @بەخت نۇرداش دىگەندەك كامىراسىنى خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان تېخنىكىغا ھازىرمۇ كۈچى يىتىشى مۇمكىن، لىكىن ئېكرانىنى خالىغان رازمىرلىققا ئالماشتۇرىدىغان تېخنىكىنى شىركەتلەر ئويلاشماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئېكراننىڭ چوڭ كىچىكلىكى باشقا قاتتىق دىتاللىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشقا چىتىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل بولۇشى مۇمكىن.
    باشقىسىنى ھازىرچە قىلمىسىمۇ باتارىيەسىنى ئاجرايدىغان قىلىشنى تىزراق ئەسلىگە كەلتۈرسە بولاتتى يانفون شىركەتلىرى، سىرتقا چىقسا يانفونۇمنىڭ توكى قاچان تۈگەپ كىتەر دەپ ئەنسىرەپ كۆزى تۆت ئادەمنىڭ.....
ئەخمەت@ ۋاقتى: 2018-2-6 21:30:50
نىم قىلىدۇ باتەرىيە ئالماشتۇرىدىغان قىلىپ باتارىيە ئالماشتۇرمىسا ياخشى ئەمەسمۇ ھەم قولايلىق ھەم بىخەتەر ھازىر پەن تېخنىكا تەرەققى قىلىپ يانفۇن شىرشىركەتلىرى باتارىيەسىنى چىقمايدىغان قىلىۋاتسا ئىشلەتكۈچىگە قولايلىق بولسۇن دەپ        ئىنكاسچىلارمۇ ئاغزىغا كەلگەننى يېزىۋېردىكەن
8625410 ۋاقتى: 2018-2-19 20:51:25
ئەينى  ۋاقىتتا  خۇاۋېي  تىلپۇنلىرىنىڭمۇ  ئالمىشاتتى  مېيى  …كۈرۈمسىز  چىقمايتى  شۇ  تىلفۇنلارمۇ  …مەن قوللىدىم  جۇمۇ  شۇ  تېخنىكىنى  بولسا  تېزراق  قوللانسا  بۇلۇركەنتۇق  
rf9s9t ۋاقتى: 2018-2-23 21:12:46
ياخشىمۇسىلەر دوسىتلار مەن ئالما بەش ئېسنىڭ باتارىيەسىنى ئالماشتۇرغان كۆك ئېكران بۇلۇپ ئېچىلىپ ئىتىلىپ تۇرۇۋالدى مۇشۇنىڭ ئوڭشاش ئامالى بارمۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部