+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-2-4 14:11 3733 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
5G تورىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچىمى مۇقىملاشتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، 5G مۇلازىمىتى ئىشلىتىلمەكچى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى كورىيە پىڭچاڭدا ئۆتكۈزۈلدىغان  قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا 5G تور مۇلازىمىتى تەمىنلەشكە باشلىندىكەن. بۇ دۇنيا بويچە 5G تور مۇلازىمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشى.

20180130_165546_197.jpg

كورىيە تېلگىرافى، سامسۇڭ، ئىنتىل قاتارلىق شىركەتلەر بىرلىكتە جۈمە كۈندىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىشلەتكۈچىلەرنى تۇنجى قېتىم 5G تورىنىڭ سۈرئىتىدىن بەھىرمان قىلىدىكەن.

5G نىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، 6GB سىغىمدىكى بىر كىنونى چۈشۈرۈشكە پەقەت ئىككى سېكۇنت كېتىدۇ.

4962e03c4307c6894ca328e2213471b6x640x243x15_jpeg;,3,jpegx;3,700x.jpg


دۆلىتىمىز 2015-يىلدىن باشلاپ 5G نىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتىش، تەتقىقات، سىناش خىزمىتىنى باشلىغان.  تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى 2017-يىل 11-ئايدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2018-يىل ئاز بولغاندا بەش شەھەردە 5G تورىنى كۆلەملەشتۈرۈپ قۇردىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا: ئاز بولغاندا بەش شەھەردە چاستوتىسى 6GHz دىن تۆۋەن بولغان 5G تورىنى قۇرۇش، ھەر بىر شەھەردىكى 5G ئاساسى پونكىتى 50 تىن كام بولماسلىق، تولۇق تورلۇق 5G تېرمىنالى 500 دىن كام بولماسلىق دەپ كۆرسىتىلگەن.
2019-يىلى 5G تورى سودىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىندۇ. بۇ يىلدىن باشلاپ يانفونلار 5G تورىنى قوللايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىمىسا بولمايدۇ.
2013-يىلى 4G تورى چىققاندا بازارغا سېلىنغانغا بىر يىل بولمىغان iPhone5S يانفونى 4G نى قوللىمىغانلىقى ئۈچۈن شاللىنىپ كەتكەن.
كۇۋالكوم 2018 جۇڭگو تېخنىكا ۋە ھەمكارلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا جۇڭگو كارخانىلىرى بىرلىكتە 5G تورىنى يۈرگۈزۈش باشلامچى پىلانىنى تۈزدى. ھەمدە شىياۋمى، جۇڭشىڭ، لىيەنشىياڭ، OPPO ،vivo قاتارلىق كارخانىلار تۇنجى تۈركۈمدىكى 5G يانفونلىرىنى چىقارماقچى بولدى.
خۇاۋېي بوبرا كىيىك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى 2019-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا 5G تورىنى قوللايدىغان قىلدىغانلىقىنى، ھەم شۇ چاغدا 5G يانفونى چىقىردىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالما شىركىتىنىڭ 5G تورىنى سىناش ئىلتىماسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى. بۇ ئالما شىركىتىنىڭ 2019-يىلى 5G نى قوللايدىغان ئايفون چىقىردىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇنداقتا 5G تورىنىڭ باھاسى قانداق بولىدۇ؟ 4G يېڭى چىققاندەك قىممەت بولامدۇ؟
خەۋەرلىشىش شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5G تورىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، باھاسىنى يەنە بىر قەدەم چۈشۈردىكەن.

7ئادەم ئىنكاس يازدى

1933315008 ۋاقتى: 2018-2-4 14:36:05
قانچىلا تېز بولغان بىلەن ساقلىغۇچنىڭ يېزىش سۆرئىتى يىتىشەلەمۇ بۇنىڭغا؟
alma0787 ۋاقتى: 2018-2-4 15:16:17
ياخشى بۇپ كەتكۈدەك تور  بەك ئاستا ئىدى
1760998027 ۋاقتى: 2018-2-4 19:35:54
wifiدىن ئېشىپ كىتىپتۇ 5g
boptula ۋاقتى: 2018-2-4 20:30:41
1933315008 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-4 14:36
قانچىلا تېز بولغان بىلەن ساقلىغۇچنىڭ يېزىش سۆرئىتى يى ...

5G تورىنى قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان يانفۇن ياسىغان شىركەتلەر بۇنى ئەلۋەتتە ئويلىشىدۇ
لەغمەن ۋاقتى: 2018-2-6 20:28:21
1760998027 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-4 19:35
wifiدىن ئېشىپ كىتىپتۇ 5g

ۋايفايدىن بىرلەشمىنىڭ 3گ تورىمۇ بەزىدە ئېشىپ كىتىدىغۇ
foxtpdf ۋاقتى: 2018-2-7 02:22:04
تىزلىشىپ قەيەرگە باراكىن                بۇ پەن- تېخنىكا 10gتور دەپمۇ چىقامۇ 2030-يىللىرى
subat118 ۋاقتى: 2018-2-19 00:52:34
ssd  قاتتىق دىسكا سىكۇنىتىغا 500 مىگبايىتتىن يازالايدىغۇ , خۇۋاۋېي تەتقى قىلىپ چىققان يېڭىسى ئۇنىڭدىنمۇ تېز كەن سىكۇنىتىغا 600 مىگا بايتتىن يازالايدىكەن ئ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部