+تېما يوللاش
2635210282 يوللانغان ۋاقتى:2018-2-3 21:12 3040 قېتىم كۆرۈلدى 19 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دوستلار چەمبىرىكى چېن كېشىڭ iPhoneXدا سۈرەتكە ئالغان قىسقا فىلىم  ئۈچ مىنۇت  بىلەن توشۇپ كەتتى بولغاي. توغرا، بۇ قىسقا فىلىم باشتىن-ئاخىرى iPhoneXدا سۈرەتكە ئېلىنغان.

211225o6ssop8tgwtutxzu.jpg

سىلەر (بولۇپمۇ ئالمىچىلار) بەلكىم  ئوخخو، iphoneدا مۇشۇنداق ياخشى فىلىمنى ئىشلىگىلى بولىدىكەن، iphone نېمە دېگەن قالتىس  دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن.

211227x8xl9b698uourjlz.jpg
211229az8gcc4axfkp64xo.jpg

كەچۈرۈڭ، ئۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپسىز. بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشتا ئىشلەتكەن نەرسىلەر ئارىسىدا iphoneدىن باشقا پەقەت ئۈچ پۇتلۇق جازىنىلا سېتىۋېلىشقا قۇربىڭىز يېتىشى مۇمكىن.

211231hjj8lw31wjce1elg.jpg

Beastgrip جازىسى، 125 دوللار


211232m6qjcrao38qvnzvy.jpg

Beastgrip DOF ئۇلاش ھالقىسى، 150 دوللار

211234vevv7knx0otdtggs.jpg

Carl Zeiss 85mm F1.4 CY، نىمكەش تەخمىنەن 5000 يۈەن

211236lpzc2d5gzhdd88od.jpg
211238dmv4k46c404vtmox.jpg
211241dqi94gijgywiqxij.jpg

SmallHD كۆزەتكۈچ، 1499 دوللار

211243qxfe2l6wu162ueef.jpg

DJI ئادەمسىز ئايروپىلان، تەخمىنەن 1200 دوللار

211250zq7cvv2cpbci0qnz.jpg

نامەلۇم ماركىلىق مۇقىملىغۇچ، بازار باھاسى تەخمىنەن 2000-4000 دوللارغىچە

211251jz0qrx5lozxxlog8.jpg

ھەر خىل سۈرەتكە ئېلىش دېتاللىرى، كىچىك ئارتىس ئىشلەتكەن مۇقىملىغۇچ قاتارلىقلارنى تىلغا ئالمىدۇق.

211252orp3tvr3tqiymfq8.jpg
211253l8lm4zwb24dge5qw.jpg

بۇ ئۈسكۈنىلەردىن سىرت، يەنە كەسپىي سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى بولۇشى كېرەك، بۇلارغا نەچچە پۇل كېتىدۇ؟

211254nr8i8t9m9qh858xj.jpg

ئەڭ ئاخىرقى سۈرەتنىڭ ئاستىدىكى خەتنى كۆردىڭىزمۇ؟ سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئۈسكۈنە ۋە ئەپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خۇددى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلارنىڭ ئېلانىغا ئوخشاش بىرلا مەقسىتى بار، پەقەت سىزنى مىڭ كوي خەجلەپ داڭلىق فوتوگراف بولالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەندۈرۈش.
ماڭا ئىشىنىڭ، پۈتكۈل سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئەڭ مۇھىم بولمايدىغىنى يەنىلا iphone x

مەنبە :نۇر تورىدىن ئېلىندى،
شەخىسنىڭ قىزىقىشى ئارقىلىق كۈچۈرۈپ تارقىتىلدى، بارلىق ھۇقۇق نۇر تورىغا تەۋە.

19ئادەم ئىنكاس يازدى

يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-2-4 16:56:25
ئالمىنىڭ ياخشىلىقى راس،
كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان ھەقىقەت(گەرچە ئىشلەتمىسەممۇ)
ھەقىقەت ئۆزگەرمەيدۇ، مەيلى بىز ياخشى ياكى يامان دەيلى بەرىبىر.
Iphone X دە ئالغان بۇ سىننى ئوخشاشلا ئوخشاش ئورۇندىكى يانفۇن Galaxy note 8 دە ئالسىمۇ ياخشى چىقىشى مۇمكىن،
مەيلى Note8 Or Iphone X ھەممىسى شۇنداق ياخشى.
بۇ يەردە Iphone X قا مىڭ يۈەنلىك يانفۇنلارنى سىلىشتۇرۇش توغرا بولمىدى،
فىلىم ئىشلەش مەقسەت بولغاندىكىن نىمىشقا كامىراسى تىخىمۇ سۈزۈك تىخىمۇ ياخشى يانفۇننى تاللىمايدۇ؟ مەن بولساممۇ ئەڭ ياخشىسىنى تاللىغان بولاتتىم، بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەتقۇ؟
ھەيران بولغىنىم نىمىشقا سىلەرIphone X نى 1000 يۈەنلىك تېلېفۇنغا ئالماشتۇرماقچى بولىسىلەر؟ نىمىشقا زورلاپ كامىراسى Iphone X قا يەتمەيدىغان يانفۇندا سۈرەتكە ئالىسىلەر؟

مىنىڭ ئىنتايىن ھەيران بولغىنىم:
ئالما ياكى Android نىڭ گىپى چىقسىلا تالىشىدىكەنسىلەر بىر بىرىنى نىمىشقا چوقۇم چۈشۈرمەكچى بولسىىلەر؟ بۇ زۆرۈرمۇ؟ مەن راستىنلا چۈشەنمىدىم،
مەن ئالما تېلېفون ئىشلەتمەيمەن، سەۋەبى Android نىڭ ئوچۇقلۇقىغا ئامراق، Android پروگراممىسى يىزىشىم مۇمكىن، مەن Android قا ئامراق،
ئەمما ئالما غا مەن ھەقىقەتەن قايىل،
مەيلى لاھىيە بولسۇن ياكى ھۈنەر سەنئەت بولسۇن ھەممىسىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن نادىر مەھسۇلات دىيىشكە بولىدۇ،
بۇلار بىر نەرسە ياسىسا ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىشقا تىرىشىدۇ، قولىنىڭ ئۇچىدا ياكى مۇنداقلا قىلىپ قويمايدۇ، ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلارنىمۇ
ئىشلىتىۋاتقىنىم Mac mini كومپىيۇتېر، ئەمما سىستېمىسىغا كۆنەلمەي Linux ئىشلىتىۋاتىمەن،
ئەمما Mac mini مۇ مەيلى قۇلايلىق مەيلى سىرىتقى كۆرۈنۈش بولسۇن ئىنتايىن مۇنەۋۋەر مەھسۇلات دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ،

بىزنىڭ پىسخىكىمىزدا قەستەن ئۆزىمىز ئىشلەتمىگەن ياكى يات نەرسىلەرنى، كۆزىمىزگە سىغمىغان نەرسىلەرنى قەستەنگە يەكلەش پىسخىكىسى بار ئىكەن (خۇددى بىر يىل ئىلگىرى مەن weixin غا ئۆچلۈك قىلغىنىمغا ئوخشاش)

قارىسام ئىشخانىدا Ipod دىن بىرسى تۇرىدۇ، ئىكرانى سۇنۇق،
ئەمما قولۇمغا ئەپ كۆرۈپ باقتىم، سىرىتقى لاھىيە، ماتېرىيالى، سىپتىلىقى... ھەقىقى ئەڭ ياخشى مەھسۇلات دىسە ئارتۇق كەتمەيدۇ، ئىسىل ھەي.
ئۆز ئۆزۈمگە شۇنداق پىچىرلىدىم، "مەنمۇ يۇمشاق دېتال يازسام چوقۇم ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىشقا تىرىشىمەن"

ئەقلىم يەتمەيدىغىنى Iphone X دا سۈرەتكە ئاپتۇ دىسە 1000 يۈەنلىك يانفۇندىمۇ ئالغىلى بولىدۇ دىيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟
ئالىپ بىلەن نۇر غا پىسخىك مەسلىھەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلساق بولغۇدەك.

باھا سۆز

نادىر ئىنكاس  ۋاقتى: 2018-2-4 20:14
isil inkas  ۋاقتى: 2018-2-4 17:14
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2018-2-3 21:26:32
بۇ ئۈچ مىنۇتنى مەن ئالىپ تورىدا ئەمدى كۆردۈم،
nurjan11 ۋاقتى: 2018-2-3 23:34:29
بۇ زاپچاسلار بولسىلا  باشقا جۇڭگو يانفۇنلىرىدىمۇ ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ ،
1933315008 ۋاقتى: 2018-2-4 00:58:52
مەنمۇ ئىشەنمىگەنتىم ئۇنداق ئاددىلىقىغا، UC تور كۆرگۈچنى ئاچساملا چىققانتى كۆرۈپ باققان!
mingyil2013 ۋاقتى: 2018-2-4 11:11:17
مەن ئويلايمەن ئەڭ مۇھىم بولمايدىغىنى ئالما بولسا ئۇنداقتا باشقا كامىرالارنىڭمۇ ھىچقانداق رولى يوقكەنغۇ، بۇ يەردە ئاپتۇر دىمەكچى نەچچە مىڭ دوللار خەجلەپ پەقەت سۈرەتكىلا تارتقىلى بولىدىغان ئاپرات سېتىۋالغاندىن كۆرە ئالما يانفۇنى سېتىۋىلىڭ، بۇنىڭدا ئالاقە، كۆڭۈل ئىچىش....... قاتارلىقلاردىن باشقا مۇنداق قالتىس ئىشلارنىمۇ قىلغىلى بولىدۇ دىمەكچى. 1000 يۈەنلىك ئادەتتىكى يانفۇن بىلەن شۇ سۈرەتلەرنى ئىلىپ بىقىڭ شۇنداق ئىسىل چىقامدىكەن. بۇ يەردە تېخنىكىغا ھۆرمەت بىلدۈرمەكچى. پەقەت ئالما يانفۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس باشقا يانفۇنلارغا قارىغاندا بەكراق مۇكەممەل دىمەكچىغۇ ئەمدى.
mingyil2013 ۋاقتى: 2018-2-4 11:13:42
ئەگەر ھەممە ئۈسكۈنىلەر تولۇق بولۇپ بىرتال 1000 يۈەنلىك ئادەتتىكى يانفۇننى تۇتقۇزۇپ قويسىڭىز ھەممەيلەننىڭ پىكىرى چىقىدۇ. ئالما بۇ يەردە تېخنىكىنىڭ خىلى يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلغاچقا مۇشۇنداق بولغان شۇڭا ئاپتۇرمۇ ئادەتتى 1000 يۈەنلىك يانفۇننى ئەمەس ئالمىنى تاللىغان. خەقمۇ ماختىسا بولىدىغانلىقى بىلگەچكە شۇڭا قورۇقماي چىقىرىدۇ.
3131446363 ۋاقتى: 2018-2-4 11:35:57
باشقا يانفۇندا تارتسىمۇ  ئازراقلا پەرقنى دىمىگەندە ئانچە كۆپ پەرقى يوق
زومىگەر ۋاقتى: 2018-2-4 13:29:54
mingyil2013 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-4 11:13
ئەگەر ھەممە ئۈسكۈنىلەر تولۇق بولۇپ بىرتال 1000 يۈەنلىك ئ ...

بۇ گىپىڭىز سەل ناتوغرا بوپقالدى ، مۇشۇ ئۈسكىنىلەر بولسا باشقا يانفۇنلاردىمۇ ئوخشاش فىلىم ئىشلىگىلى بۇلىدۇ ، بەلكىم بۇ سۈرەتكە ئالغۇچىنىڭ قۇلىدا بارۇ شۇ يانفۇن بۇلىشى مۇمكىن ، ياكى بولمىسا ئالمىنىڭ ئىلانى دىسەكمۇ بۇلىۋېردۇ ،،،،
3131446363 ۋاقتى: 2018-2-4 13:45:08
ئەگەر باشقا ئۈسكۈنىلەر تولۇق بولۇپ، ئالمىدا ئالغان بىلەن ياخشى يۇمشاق دىتال بولمىسا ئۇنداق ياخشى فىلىم چىقمايدۇ.
ئەگەر ئالما بولماي باشقا ياخشىراق يانفۇن بولسا ئاشۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ، ياخشى دىتال ھەم رىژىسسور، رەڭ تەڭشەيدىغان ھەم كىرىشتۈرىدىغان ئادەم بولسا بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى چىقىشى مۇمكىن. پەقەت ئالمىدا سۈرەتكە ئالغانلىقى ئۈچۈنلا فىلىم ياخشى چىققان دىيىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس.  شۇ ئۈسكۈنىلەرنى تارتقان ئادەم يامان بولسىلا مىنىڭچە ئۇنى باشقا يانفۇندا سۈرەتكە ئىلىپمۇ خىلى يامان ئەمەس فىلىم ئىشلەشكە بولىدۇ دەپ قارايمەن.
んì丫ǎしíℳ ۋاقتى: 2018-2-4 14:57:57
mingyil2013 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-4 11:13
ئەگەر ھەممە ئۈسكۈنىلەر تولۇق بولۇپ بىرتال 1000 يۈەنلىك ئ ...

مەن بۇ گەپنى قوللايمەن      ،     مەنمۇ شۇ قاراشتا دىمەكچىدە   
مەكتۇب ۋاقتى: 2018-2-5 12:18:23
مىنىڭچە بۇ ئالمىنىڭ ئىلانىدەك قىلىدۇ ،ئالما ئەكىس تىلىفۇنىدا سۈرەتكە ئىلىندى دەپ يازغاندىكىن باشقا قوشۇمچە قاتتىق دىتال ۋە يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىتىش ھاجەتسىز
فەخرىي ۋاقتى: 2018-2-5 13:43:52
مېنىڭ يانفۇنۇممۇ نەچچە مىڭ يۈەنلىك Nubia z11 ، مەكتەپتە ئىشلىگەن MV  نى شۇ يانفۇنۇمدا سىنغا ئالغان ، مەكتەپنىڭ سەنئەت پائالىيىتىنىمۇ شۇ يانفۇنۇمدا سىنغا ئالغان ، يانفۇندىن باشقا پەقەت ئۈچ پۇتلۇق جازىلا ئىشلەتتىم ، لىكىن سىننىڭ سۈزۈكلىكى 4K  سۈزۈكلۈكتە ، ئىدىىيۇستا كىرىشتۈرگەندە سەپلىمىسى خېلى ياخشى كومپيۇتېرىممۇ سىننى قويۇشتا قىينالدى ، بۇ يەردە مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ھەرگىزمۇ يانفۇننى سېلىشتۇرۇش ئەمەس ، لىكىن بۇ ئېنىقلا ئايفوننىڭ ئېلانىكەن
serdax007 ۋاقتى: 2018-2-5 15:47:15
ئايفوننىڭ ئىلانىكەن بۇ راس....
nurjan11 ۋاقتى: 2018-2-5 20:36:29
بۇ فىلىمنى مەن تولۇق كۆرۈپ چىقتىم ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، ئالما ئىلان ئىشلىگىلى بەك ئۇستا جۇمۇ !
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部