+تېما يوللاش
EkK0 يوللانغان ۋاقتى:2018-2-3 19:15 942 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
C++ دا ئاددى ھسابلاش ماشىنىسى ياساش

ئۆزۇم بىر ئوقۇغۇچى  كومپىيوتىر كەسپىنىڭ  يومشاق دىتال تېخنىكسى كەسپىدە ئوقىۋاتىمەن ھازىر يېرىم مەۋسۇم (6 ئاي)  بولدى ، تېخى يېڭى ئۆگەنگۇچى ھىسابلىنىمەن تىمىنىمۇ تۇنجى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن خاتالىقىم بولسا ئوقۇتقۇچىللىرىمنىڭ يول كۆرسىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. كەمچىلىك بولسا تېپىپ تۈزىتىۋالسام.

C++ دا ئاددى ھسابلاش ماشىنىسى ياساش بۇ دەرس بىزگە ئۆتۈلگەن دەرس چۈشەنچەمنى سوزلەپ ئۆتسەم ؛
بۇ بىر ئاددى ھىسابلار ماشىنسى مەن ئىشلەتكەن كود تا  پەقەت 2-3 سان ئوتتۇرىسىدىكى ھىسابلاشلارنى قۇشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش قاتارلىق ھسابلارنى توغرا ھىسابلىغىلى بولىدۇ.

ئەگەر كوپ سانلارنى ھىسابلاشنى ئويلىساق كود قا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۇپ سىناپ باقساق بولىدۇ.
(بەزى سوزلەرنىڭ پەقەت خەنزۇچە ئوقۇلىشىنى يېزىپ يوللىدىم ، بۇ يىتەرسىزلىكىمنى ئىمكان قەدەر تۇزىتىپ كىتىمەن. يەنە بەزى سوزلەرنى كەسپى لوغەتتە تەرجىمە قىلماي ئادەتتىكى لوغەتتىلا تەرجىمە قىلىپلا يوللىدىم،خەنزۇچە ئوقۇلىشى بىللە يوللاندى،كەسپى لوغەتتە تەرجىمە قىلىپ چۇشەنسەڭلار.)

1. فونكىسىيە ۋە باش ھوججەتكە ئېنىقلىما بېرىش ( 定义头文件和函数 )

  1. #include<stdio.h>
  2. void main()
  3. {
  4. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

2.  ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى تەڭشەش ( 定义变量 )
  1. float x,y,z; char c;
  2.         scanf("%f%c%f",&x,&c,&y);
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئاددى ھسابلار ماشىنىسى بولغاچقا 2 ئۆزگەرگۇچى مىقدار قۇشۇلدى.
x,y  لار بولسا بىز ھسابلىماقچى بولغان 2 سان zبولسا ئۇلارنىڭ ئاخىرىقى نەتىجىسى ،  cبولسا  ھسابلاش بەلگىسى(charبىلەن ئىپادىلىنىدۇ)  + ، - ، * ، ÷
float نى ئېلىشتىكى مەقسەت بولسا ھىسابلاش نەتىجىسنىڭ ئېنىق بولىشى ئۈچۈن .scanf  بولسا cتىلىدا كىرگۈزگۇچى ئبارە (输入语句)
3. switch فونكىسىيەسى
  1. switch ( c )
  2. {
  3. case '+': z=x+y; break;
  4.     case '-': z=x-y; break;
  5.     case '*': z=x*y; break;
  6.     case '/': z=( y==0 )?(0):(x/y); break;
  7.     default: z=0; break;
  8.   }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
c تىلىدا ئاددى ھىسابلاش ماشىنىسى ياساش دەرسىمدىكى ئەڭ مۇھىم نوقتا،  switch فونكىسيەسى دەل بۇ پىروگراممىدىكى ئەڭ مۇھىم فونكىسىيە .
بۇ كود نى چۇشەندۇرگەندە ئاساسلىقى 2 سان ئوتتۇرىسىدىكى ھىسابلاش ، break بولسا بىر ھىسابلاش ئاخىرلاشقاندىكى ئاياغلىشىش.
مەكتەپتە بىزگە ئۈگەتكەندا ئەگەر ئۆزگەرگۈچى مىقدار 0 بولۇپ بۈلۈش ھىسابلانماقچى بولۇپ قالسا سىستىما خاتالىق بېرىپ قايتا ھىسابلاش ئېلىپ بارىدىغان قىلىپ يازغان ئىدۇق .
بۇ يەردىكىسى بولسا ئەگەر ئۆزگەرگۈچى مىقدار 0 بولۇپ بۈلۈش ھىسابلانماقچى بولۇپ قالسا نەتىجە 0 بوپ چىقىدۇ. ( باشلانغۇچتىكى بىلىم )  

4. نەتىجىنى چىقىرىش
  1. printf("%f%c%f=%f\n",x,c,y,z);
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
printf بولسا چىقىرىش ئبارىسى (输出语句)بىز كورمەكچى بولغان ھەرقانداق ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى چىقىرىپ بىرىدۇ.

تۇلۇق كود  

  1. #include<stdio.h>
  2. void main()
  3. {
  4.         float x,y,z; char c;
  5.         scanf("%f%c%f",&x,&c,&y);
  6.         switch (c)
  7.         {
  8.                 case '+': z=x+y; break;
  9.                 case '-': z=x-y; break;
  10.                 case '*': z=x*y; break;
  11.                 case '/': z=( y==0 )?(0):(x/y); break;
  12.                 default: z=0; break;
  13.         }
  14.                 printf("%f%c%f=%f\n",x,c,y,z);
  15. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش














باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
secret + 30 ياخشى

باھا خاتىرىسى

6ئادەم ئىنكاس يازدى

abdut ۋاقتى: 2018-2-3 21:57:27
مەن كەسپىڭىزنى چۈشەنمىسەممۇ
لىكىن تېخىمۇ بەكرەك تىرشىسىڭىزنى  تەۋسىيە قىلىمەن


ۋاقىت ئۈتۈپكەتكەندىن كىيىن تىرشسامدۇ دەيدىغانلا كۆپ
شۇۋاقىتنىڭ ئۈزىنى چىڭ تۇتمايدۇ
مىنىڭ بۇگىپىمنى  ھەممە ئادەم بىلىدۇ چۈشىنىدۇ لىكىن ئۈزىگە يۇقمايدۇ
infinite ۋاقتى: 2018-2-4 02:57:53
ھەقىقەتەن ئاسان ۋە چۈشۈنىشلىك ياساپسىز ،داۋاملىق تىرىشىڭ ؛مەن كىچىك بولسىمۇ (بىلەمسىز ياكى بىلمەمسىز ئۇقمىدىم شۇڭا سۆزلەپ قوياي)بىر يەرىنى دەپ بىرەي پايدىلىق بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ؛
باش ھۆججەتكە math.h نىمۇ قىتىپ قويسىڭىز تىخى ياخشى ،بۇ ماتىماتىكىلىق ئەمەل ھىساپلاشقا ئىشلىتىدۇ (مىنىڭ كۆز قارىشىم ،شەخسەن مەن باشقىغا ئىشلىتىپ باقمىغان)
مەن بىر قانچە ئىشلىتىش دائىرىسىنى  يوللاپ بىرەي لىكىن مىنىڭ ئۈگىنىدىغان دەرسلىكىم ساپ خەنزۇچە ،لىكىن چۈشۈنۈلۈپ كىتەلەيسىز :


函数已经在「math.h」或其它标头档宣告过了,因此在使用时不必再加型别宣告,例如「y=sin(x);」,不用写成「y=double sin(double x);」。
函数说明:
using ::abs; //绝对值
using ::acos; //反余弦
using ::acosf; //反余弦
using ::acosl; //反余弦
using ::asin; //反正弦
using ::asinf; //反正弦
using ::asinl; //反正弦
using ::atan; //反正切
using ::atan2; //y/x的反正切
using ::atan2f; //y/x的反正切
using ::atan2l; //y/x的反正切
using ::atanf; //反正切
using ::atanl; //反正切
using ::ceil; //上取整
using ::ceilf; //上取整
using ::ceill; //上取整
using ::cos; //余弦
using ::cosf; //余弦
using ::cosh; //双曲余弦
using ::coshf; //双曲余弦
using ::coshl; //双曲余弦
using ::cosl; //余弦
using ::exp; //指数值
using ::expf; //指数值
using ::expl; //指数值
using ::fabs; //绝对值
using ::fabsf; //绝对值
using ::fabsl; //绝对值
using ::floor; //下取整
using ::floorf; //下取整
using ::floorl; //下取整
using ::fmod; //求余
using ::fmodf; //求余
using ::fmodl; //求余
using ::frexp; //返回value=x*2n中x的值,n存贮在eptr中
using ::frexpf; //返回value=x*2n中x的值,n存贮在eptr中
using ::frexpl; //返回value=x*2n中x的值,n存贮在eptr中
using ::ldexp; //返回value*2exp的值
using ::ldexpf; //返回value*2exp的值
using ::ldexpl; //返回value*2exp的值
using ::log; //对数
using ::log10; //对数
using ::log10f; //对数
using ::log10l; //对数
using ::logf; //对数
using ::logl; //对数
using ::modf; //将双精度数value分解成尾数和阶
using ::modff; //将双精度数value分解成尾数和阶
using ::modfl; //将双精度数value分解成尾数和阶
using ::pow; //计算幂
using ::powf; //计算幂
using ::powl; //计算幂
using ::sin; //正弦
using ::sinf; //正弦
using ::sinh; //双曲正弦
using ::sinhf; //双曲正弦
using ::sinhl; //双曲正弦
using ::sinl; //正弦
using ::sqrt; //开方
using ::sqrtf; //开方
using ::sqrtl; //开方
using ::tan; //正切
using ::tanf; //正切
using ::tanh; //双曲正切
using ::tanhf; //双曲正切
using ::tanhl; //双曲正切
using ::tanl; //正切

سىزگە ياردىمى بولۇپ قالار ،ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىنى ئىشلىتەلىسىڭىز بەلكىم پەن تىخنىكىلىق ھىساپلىغۇچ (科学计算器)نى ياسالىشىڭىز مۇمكىن ؛مەسىلە ئەمدى تىرناق ئىچىدىكىنى ھىساپلاش ۋە ئەمەل تەرتىپى بويىچە ھىساپلاشنى كودىنى يېزىشقا ۋاقىت چىقسىلا ئەۋەتىپ بىرەي ،داۋاملىق تىرىشىڭ
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-2-4 17:00:24
نىمىشقا
C++ نىڭ مۇستەقىل STDLIB سىنى ئىشلەتمەيسىز؟ (مەسىلەن std::cout, std::cin, std::endl)
نىمىشقا C++ دەك بىر ئىسىل بىر تىلدا نىمىشقا يەنا بۇرۇنقى C دىن قالغان ئۇدۇم printf نى ئىشلىتىسىز؟

سىزگە دىسەم ماۋۇ كودلىرىڭىز C++ ئەمەسكەن
bulbulla ۋاقتى: 2018-2-4 17:32:28
يازغان كودىڭىزنى ئىجراقىلىپ كۆرۈپ باقتىم يامان ئەمەس ياساپسىز،مەن ئانچە-مۇنچە مىكرو كونتىروللىغۇچ (arduino)ئويناپ قۇيىمەن يېقىندا Cتىلى ئۇيغۇرچە كىتابىدىن cتىلى ئۆگۈنىۋاتىمەن ئەسلىc++ئۈگۈنمەكچى ئىدىم ئەمما ئۇيغۇرچە ماتېريال تاپالمىدىم مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ھەراس ئاۋۇ بەرگەن ئېنىقلىمىڭىز بەكلا چۈشۈنىشلىك چىقىپتۇ بەكلا ياقتۇردۇم
فەخرىي ۋاقتى: 2018-2-5 13:54:05
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2018-2-4 17:32
يازغان كودىڭىزن& ...

مەنمۇ Arduino غا قىزىقىپ يۈرگىلى ئىككى ئۈچ يىلچە بولۇپ قاپتۇ ، ئېلىكتىر چەۋەنداز ئەپەندى Arduino نىڭ ئوتىنى بۇ يۈرەككە سېلىپ قويۇپلا يوقاپ كەتتى ، نەچچە يىلدىن بۇيان تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە قىزىقىشىم قىزىقىش پېتىلا تۇرۇپ قالدى ، يېرىم يىلچە بولۇپ قالدى ۋاقتىنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ قايتا باشتىن ئۆگىنىشنى باشلاپ كەتتىم ، ئەمما نەدىن باشلاشنى بىلمەي بېشى يوق يىلاندەك تىنەپ تەمتىرەپ يۈرىيمەن ، يا يولداش يوق ، يا ئۇستاز يوق شۇڭا مۇمكىن بولسا مېنىمۇ يولداش قىلىۋالسىڭىز ، بىلمىگەنلىرىمنى سوراپ بىلىۋالسام تەڭ ئىلگىرلىسەك ، ئۈچ ئادەم بىر يەرگە كەلسە بىر جۇگىلىياڭ ھاسىل بولىدۇ دەيدىغان گەپ بارغۇ
مېنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم 646280980 مۇمكىن بولسا مېنى قوشسىڭىز
EkK0 ۋاقتى: 2018-2-5 17:15:22
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2018-2-4 17:00
نىمىشقا
C++ نىڭ مۇستەقىل STDLIB سىنى ئىشلەتمەيسىز؟ (مەسىلە ...

رەھمەت ئۇستاز ، مەن تىرىشىپ C++ دا كود يېزىپ يوللاي ، رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部