+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-2-3 13:26 2428 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
نۇرغۇن تورداشلار ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق ئىجابىي ئېنىرگىيە، بىلىم-مەرىپەت، ساغلام مەزمۇن تارقىتىپ، كىشىلەرنى سالونغا جەلىپ قىلىپ كەلدى؛ ھەم شۇ ئارقىلىق ئاز-تولا كىرىم قىلىۋاتىدۇ. ئەمما مۇئەييەن سالايىھەت، ساپا ھازىرلىماي تۇرۇپلا ئۈندىدار سالونىنى نۇقۇل پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغانلارمۇ يوق ئەمەس. ئۇلاردا تارقاتقۇدەك مەزمۇن، قورساقتا ئۇماچ بولمىغاندىكىن باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ يوللاۋاتىدۇ، كۆچۈرگەن مەزمۇننىڭ كۆرۈلۈشى ياخشى بولمىغاندىكىن مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ماۋزۇ قويۇپ كىشىلەرنى جەلىپ قىلماقتا. بولۇپمۇ ئېلانلارغا قويغان ماۋزۇ ئىنتايىن چاكىنا، مەزمۇن بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق.
«بىر قىز كېچىسى ياتاق ئېچىپ...»، «پالانى سىتۇدېنىت بىر نەچچە كۈندىلا مىليونېرغا ئايلاندى»، «پۇكۇنى داڭلىق ئارتىس بۇ يىل نېمە قىلماقچى؟»، «ماۋۇ دورىنى ئىچسىڭىز خوتۇنىڭىز تالاغا قاراپ قالمايدۇ»... دېگەندەك. ئۇ تېمىنى چېكىپ ئاچسا ئىچىدىكى مەزمۇن بىلەن ئالاقىسى يوق، باشقا ساغلاملىق مەھسۇلاتنىڭ ئېلانى...
ئەلۋەتتە، بۇ يالغۇز سالون ئىگىلىرىنىڭ ئىشى ئەمەس، سالونغا ئېلان بېردىغان سودىگەرلەر شۇنداق ماۋزۇ قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىستىمالچىلار ئۇنچىۋالا دۆت ئەمەس، ماۋزوغا گوللاپ ئەكىرسەڭلار مەزمۇننى ئوقۇمايلا چىقىپ كېتىدۇ، ئېلاندىلا ئادەم ئالداپتۇ دەپ ئۇ مەھسۇلاتىڭلار ياخشى بولسىمۇ ئىشەنمەيدۇ، ھەم ئۇ مەھسۇلاتنىڭ باشقا يەردىكى ئېلانىنى كۆرسىمۇ قەستەن «مۇداپىئە كۆرۈش پىسخىكىسى» شەكىللىندۇ.

QQ截图20180203131120.jpg

بۇ خىل قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۈندىدار ئىگە تەرەپ مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:
پەسكەش، ساختا ماۋزو ۋە مەزمۇنلارغا زەربە بېرىلىدۇ
ئۈندىدار سالونى (微信公众平台) ئابونتلار ئۈچۈن يېشىل، ساغلام ئېكولوگىيىلىك مۇھىت يارىتىشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ؛ شەھۋانىي ، چاكىنا تۈرىدىكى ئۇچۇرغا قەتئىي زەربە بېرىدۇ. 2015-يىلى  پەسكەش مەزمۇنلارنى تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئۈندىدار سالونىدا يەنىلا چاكىنا ، ساختا تېما ۋە مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىش قىلمىشى ھەمدە تېخنىكا ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ بۇ خىل مەزمۇنلارنى چەكلەشكە قارشىلىق كۆرسىتىش قىلمىشى يۈز بەرمەكتە.
شۇڭا، « ئىنتېرنېت تورى ئابۇنېتى ئاممىۋى ھېسابات نومۇرى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»، « ئۈندىدار سالونى مۇلازىمەت كېلىشىمى » ۋە « ئۈندىدار سالونى تور تىجارىتى قائىدىسى» بويچە يۇقارقى قىلمىشلار تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
بۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ، يەنىلا پەسكەش، ساختا ماۋزو ۋە مەزمۇن يوللىغان ئۈندىدار سالونىدىكى يازمىلار ئۆچۈرۈلىدۇ ھەمدە مۇناسىپ جازا بېرىلىدۇ. كۆپ قېتىم مۇشۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلسا ياكى ۋاستە قوللىنىپ قارشى چىقسا (ئۈنىدىدار ئىگە تەرەپنىڭ ساختا، پەسكەش مەزمۇنى پەرقلەندۈرۈشىگە ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن قارشى چىقسا) ئۈندىدار سالون ھېساباتى مەڭگۈلۈك پېچەتلىنىدۇ.
ئۈندىدار ئەترىتى
2018-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى

ساختا ماۋزو دېگەنلىك ماۋزو بىلەن مەزمۇن ماس كەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇقتۇرۇشنىڭ ئەسلى تېكىستى

微信公众平台公告:打击发布低俗、虚假标题和内容的行为
微信公众平台一直致力于为用户提供绿色、健康的生态环境,坚决打击涉嫌淫秽、色情及低俗类等信息。自2015年发布关于低俗内容整顿公告以来,仍存在公众号继续发布低俗、虚假标题和内容的行为,并采取技术手段恶意对抗。
因此,依照《互联网用户公众账号信息服务管理规定》、《微信公众平台服务协议》及《微信公众平台运营规范》,将针对上述行为进行以下处理:
从公告即日起,对于仍在发送低俗、虚假标题和内容的公众号,文章进行删除并实施相应的能力处罚,多次违规处理后仍继续发送违规内容的,或是故意利用各种手段恶意对抗,将进行永久封号处理。

微信团队
2018年01月10日

12ئادەم ئىنكاس يازدى

oylan2008 ۋاقتى: 2018-2-3 13:57:38
ئابۇنىتلامۇ ئاشۇنداق ماز سالونلارنى پاش قىلدىغان كۆزنەك ئېچىلسا ياخشى بولاتتى ئۇنداق ماۋزۇ بىلەن تىما ئوخشىمايدىغانمەزمۇنلا قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ ،كۈپۈنچىسى ساغلاملىق دۇرا ئېلانى ،ماۋزۇسى كارمەت دەششەت ئىچىگە كىرسە ،سۇپسىيازىر ،شىرزات ،روھلان ،باجى ،تىتانگىل ،كوبرا& #1583;ىگەندەك ھېلىقىدەك دۇرىلا دەششەت ئۆچ بولدۇمغۇ زادى
serdax007 ۋاقتى: 2018-2-3 14:01:48
بۇمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ ...
abdut ۋاقتى: 2018-2-3 15:23:30
شۇ تىمغا خو بەلگىسىنى بېسىشنىڭ يېنىغا  نارازىلىق بەلگىسىنى بېسىشنى قوشۇپ قويسا ھەم تىمىنى ئاچمايتۇرۇپلا كرسە   ياخشىتى ئەسلى
سەرخىل ۋاقتى: 2018-2-3 16:41:42
بولسا شۇنداق مەزمۇن يوللايدىغان سالۇنلارنى پاش قىلىپ سالۇنىنى تاقىتىۋەتسەك ياخشى بۇلاتتى، ساغلام بولغان تور مۇھىتىنى ھازىرلىساق بۇلاتتى ، ھازىرقى كىچىك بالىلاردىمۇ تېلىفۇن بار بولغان بۇنداق مۇھىتتا شۇ ئۈسۈپ يىيىلىۋاتقان بالىلارنىڭ شۇنداق ناچار مەزمۇلاردىن يىراق قىلىشىمىز ئۈچۈن شۇنداق ناچار ماۋزۇ قۇيۇپ باشقا تىما يوللايدىغان سالۇنلارنى پاش قىلساق ياخشى بۇلاتتى دەپ ئويلايمەن
-نادىر- ۋاقتى: 2018-2-3 17:28:30
مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا كۆپ ئۇچراپ پاش قىلدىغان يەرنى تاپالماي بەك جىلە بولۇپ كەتكەنتىم،بەك ياخشى بولۇپتۇ،مۇشۇنداق قىلىپ تەرتىپكە سېلىنىپ كەتسە بولاتتى.
KARWA5938 ۋاقتى: 2018-2-3 17:53:32
بۇ بەك ياخشى خەۋەر بوپتۇ ،مۇمكىن بولغان بولسا پالانى كىنونى كۆرسىڭىز ئۈچ توپقا يوللاڭ ،پالانى دىتالنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز ئۈچ توپقا يوللاڭ دىگەن ئىشلارنىمۇ تەرتىپكە سالسا ياخشى بۇلاتى ،بەزى سالۇنچىلار دىمىسىمۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى يوللاپ يالغانچىلىق كۆپۈيۈپ كىتۋاتىدۇ
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-2-3 18:01:00
abdut يوللىغان ۋاقتى  2018-2-3 15:23
شۇ تىمغا خو بەلگىسىنى بېسىشنىڭ يېنىغا  نارازىلىق بەلگى ...

ما پىكىرنى قوللايمەن ، ئۈستىگە قارايدىغان خو بەلگىسى بولغان ئىكەن ئاستىغا قارايدىغان خو بەلگىسىنىڭ بولىشى تېخىمۇ مۇۋاپىق ،
oylan2008 ۋاقتى: 2018-2-3 19:31:22
KARWA5938 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-3 17:53
بۇ بەك ياخشى خەۋ&#1749 ...

ئۆزەم ئىھتىياجلىق دىتال بولسىمۇ مانچەتوپقا چەمبىرەككە يوللاڭ دىگەن ھامان دەرھال چىكىنىپ كىتىمە ،مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا شۇلانىڭ دىگىنى بۇيىچە قىلىسىمۇ شۇ دىتالنىڭ راس بۇلشى ناتايىن ،مەخسىدى لاۋزا سالونىنى تەشۋىق قىلدۇرۇش .
بىر كۇنۇپكا بىلەن يۈتكەن تېلفۇننى تېپىش دىتالى ،بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئىزدىگەن ئادەمنىڭ ئورنىنى بىكىتىش دىتالى 0ئىشەنچىلىك دەپ كىتشى نىمدىگەن كۈلكىلىك مۇشۇنۇڭغىمۇ ئىشىندىغانلا باكە ھەيرانمەن
2635210282 ۋاقتى: 2018-2-3 19:35:12
ياخشى مەزمۇن بوپتۇ، ئەسلىدىلا بىر تەرتىپكە سېلىشى كىرەك ئىدى.
爱情心 ۋاقتى: 2018-2-3 22:31:37
ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ .ھەممىمىز ساغلام،مەدەنىي تور موھىتىغا مۇھتاج.
foxtpdf ۋاقتى: 2018-2-3 23:19:19
مۇشۇ ئۈندىدار سالونى دېگەن ئۇقۇم يوق چاغلار نىمىدىگەن گۈزەل ھە ،
پەقەت توركۆرگۈچكە ئۆزىمىز خالىغان تورنىڭ ئادرېسىنى كىرگۈزۈپلا تورغا چىقاتتۇق ، كومپىيۇتېر دا ئۇلىنىش تورىغا تۇنجى كىرىپ باققان چېغىمدا بەكلا ھاياجانلانغان ئىدىم ئىچىدە رەتلىك ھەرخىل تور بەت ئادرېسلىرى كىنو ناخشا
قاتارلىقلار يەنە ئېلانلارنىمۇ شۇنداق چىرايلىق چىقىرىپ قويۇغلۇق ئىدى ،
مىسرانىم ،كىنوچى ، ئىزدە ناخشا تېبابەت،
ھەرخىل ياخشى تور بەتلەر مۇشۇ سالون چىققاندىن باشلاپلا يوقاپلا كەتتى ،
مەن يەنىلا سالونغا قارىغاندا توركۆرگۈچ بىلەن تورغا چىقىشنى بەك قولايلىق دەپ ئويلايمەن ،چۈنكى تور بەتكە كىرسەك ئۇيەگە يوللاڭ مانچە دوستىڭىزنى ئەكىرىڭ دېمەيدۇ، ئىشقىلىپ ئەخلەت سالونلارنىڭ كۆپلىكىدىن بەك بىزار بۇلۇپ كەتتىم ، ئۆچۈرۈپ بولماقمۇ شۇنچە كۆپ مەشغۇلات كېتىدۇ.
alim0908 ۋاقتى: 2018-2-4 08:51:27
ئاشۇنداق تېتىقسىز سالۇنلارنى تازىلاپ،تورمۇھىتىمىزنى ساپلاشتۇرۇش ڭېرەك! سالون ئاستىدا 投诉ئەرىز قىلىش دىگەن خەت بار،شۇنى چېكىپ ،تاللايدىغان مەزمۇننى تاللاپ يوللىۋەتسەك، ئىش پۈتىدۇ!ئەرىز قىلىدىغانلار كۆپەيگەنسېرى ،ئورگان تەرەپ چوقۇم چارە قوللىنىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部