+تېما يوللاش
@بەخىت يوللانغان ۋاقتى:2018-2-3 12:23 1648 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ياخشىمۇسىلەر تۇرداشلار!
بۈگۈن سىلەرگە flyme6 گە فونىت قاچىلاپ ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق قىلىشنى سۆزلەيمەن.
گەflyme6 يېڭىلانغاندىن كىيىن فونىت قاچىلغۇچلار بىلەن فونىت قاچىلانمىدى.
ياكى روتنى كۈچەيىتكىلى بولمىدى.شۇڭا ئۆزىدىكى روت ھوقۇقىدىن پايدىلنىپ فونىت قاچىلماقتىن باشقا چارە يوقكەن.
ئەمىسە باشلايلى!
بىرىجى قەدەم تەڭشەككە كىرىپ مىيزۇ ھىساۋاتىغا تىزىملىتىپ كىرىمىز ،تىزىملىتىپ بولغان بولسىڭىز ئىككىنىچى قەدەم تەڭشەكنىڭ بىخەتەرلىك تۈرىگە كىرىپ روت باشقۇرۇشقنى تاللاپ كىلشىمگە قوشۇلغاندىن كىيىن ھىساۋات نومۇرىنى كىرگۈزۈپ مۇقۇملىساق روت ئىلىنىپ تىلپۇن قايتا قوزغىلدۇ.روتلاپ بولغان بولسىڭىز بىۋاستە فونىت قاچىلاشقا ئۆتۈڭ!
ئەمدى ئالدى بىلەن mt باشقۇرغۇچنى قاچىلايمىز،ئاندىن فونىت بولسا شۇنى تەييارلايسىز بولمىسا ئاستىدىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرسىز.تەييارلىغان فونىتنىڭ ئىسمىنى ماۋۇ ئىسىمغا ئۆزگەرتىمىز NotoNaskhArabicUI-Regular.ttf
NotoNaskhArabic-Bold.ttf
NotoNaskhArabic-Regular.ttf
NotoNaskhArabicUI-Bold.ttf
بولمىسا مەن تەمىنلىگەن فونىتنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى قويۇپ بولغان.

ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ

mtباشقۇرغۇچنى ھەر قايسى ئەپ بازارلىزدىن
mt管理器دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۈڭ
ئەمدى mtباشقۇرغۇچنى  قوزغىتىپ بايا تەييارلىغان ياكى چۈشۈرگەن فونىتنى تاپىمىز(سول تەرەپ تىزىملىكتىن)ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىكتىن  systemنى چىكىمىز ئاندىن fontsقىسقۇچىنى چىكىمىز ئاندىن سول تەرەپتىكى فونىتنى بىسىپ تۇرساق مەشغۇلات تىزىملىكى چىقىدۇ بۇنىڭدىن كۆچۈرۈش ياكى يۆتكەشنى تاللاپ چىكىمىز چىققان ئەسكەرتشكە ئوقۇش يېزىشقا ھوقۇق بىرىشنى تاللىساق ئوخشاش ھۆججەت بار باستۇرامسز دەپ چىقىدۇ بۇنىمۇ جەزەملەشتۈرىمىز ئەمدى فونىت سىستېمىغا تەۋە بولۇپ بولدى.ئەمدى ئەڭ موھىم باسقۇچقا كەلدۇق. دىققەت ئەمدى قاچىلغان فونىتنى بىسىپ تۇرساق مەشغۇلات تىزىملىكى چىقىدۇ بۇنىڭدىن属性نى چىكىمىز،ئاندىن权限نىڭ ئۇدۇلىدىكى كۈلرەڭ ئورۇننى چىكىمىز، ئاندىن توققۇز كاتەكچە بار كۆزنەك چىقىدۇ بۇلاردىن سول تەرەپ تىك يۆنلىش ئۈچ كاتەكچىگە ئوتتۇرىسى تىك يۆنىلىش ئەڭ ئۈستىدىكى بىر كاتەكچىگە توغرا بەلگىسى قويىمىز،سول تەرەپ ۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئاستىنقى ئىككى كەتەكچىدە بەلگە بولسا بەلگىنى ئىلۋىتىمىز ،ئەگەر مۇشۇ بويچە بەلگە قويۇپ ھوقۇق بەرمىسەك سىستېما بۇزۇلشى مومكىن.ھەر بىر  كاتەكچىدىكى بەلگىنى ئىلىۋەتكەندە ياكى بەلگە قويغاندا ئاستىدىكى سان ئۆزگىرەيدۇ .ئاشۇ سان 644بولسا بەلگە قويۇش توغرا بولغان بولىدۇ.ئەمدى بەلگىنى قويۇپ بولۇپ ئاستىدىكى جەزىملەشنى باسىمىز ئاندىن تاقاش دىگەننى باسىمىز تامام.ئەمدى تىلفۇننى ئىتىپ ئاچساقلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز(تىلفۇننى ئىتىشتىن بۇرۇن فونىتقا ھوقۇق توغرا بىرىلدىمۇ شۇنى قايتا تەكشۈرۈپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن)
ئەمىسە سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن!
بىلەلمىگەنلەر ماۋۇ سۈرەتلەردىن كۆرۋىلىڭلار!

پىنيىن چىقىدىغان فونىتنى قاچلساق بولىتى دىسەڭلا پۇلغا ئالماي ئامال بولمىدى.
پىنيىن چىقىدىغان خەت نۇسخىسنى بىر نەچچە خەت نۇسخىسىغا باستۇرۇپ قاچىلاپ كۆرۈپ باقتىم ئۈنۈمى كۆرۈلگىنى Roboto-Regularخەت نۇسخىسى بولدى .لىكىن مۇندەرىجە خەتلىرى نورمال كۆرۈنمەي تۇرۋالدى.مەزمۇنلار نورمال چىقتى.شۇڭا بەش كوينىڭ كۆزىگە قارىماي سىتىۋالساق بولدىكەن.بۇنى بەش كويغا سىتۋالغاندىن كىيىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشنى باسقاندىن كىيىن ئاۋۇ تۆت تال فونىت بىلەن ناھايىتى بەلەن ماسلىشىپ ئۇيغۇرچىمۇ چىرايلىق خەنزۇچىنىڭمۇ پىنيىنىمۇ چىقىپ تۇرىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەشغۇلاتنى توغرا قىلماي ياكى باشقا سەۋەپ تۈپەيلى يانفۇنىڭىزدىن مەسلە كۆرۈلسە بارلىق مەسئولىيەت ئۆزىڭىزگە، مەن ياكى ئالىپ تورى مەسئول ئەمەس.

S80202-190547(1)(1).jpg
S80202-190656(1)(1)(1)(1).jpg
S80202-190725(1)(1).jpg
S80203-115931.jpg
S80202-190755(1)(1).jpg
S80202-190745(1).jpg
S80202-190734(1)(1)(1).jpg

12ئادەم ئىنكاس يازدى

@بەخىت ۋاقتى: 2018-2-3 12:36:04
سۈرەتلەر ئالمشىشىپ كىتىپتۇ ھەم چۈشۈپ قاپتۇ.ماۋۇ رەسىملەردىن كۆرۋىلىڭلار !
تەرتىپ بويىچە.
S80202-190705(1)(1)(1).jpg
S80202-190656(1)(1)(1)(1)(1).jpg
S80202-190547(1)(1)(1).jpg
S80202-190725(1)(1)(1).jpg
S80202-190734(1)(1)(1)(1).jpg
S80202-190745(1)(1).jpg
S80202-190755(1)(1)(1).jpg
S80203-115931(1).jpg
2501005820 ۋاقتى: 2018-2-3 13:15:58
مېيزۇ ئىگە تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىگى تەرەپتىن قوش تۇرساق ياخشى بۇلاتتى ئۇسلۇپ بازىرغا   
alim0908 ۋاقتى: 2018-2-3 13:57:37
بۇنى مۇرەككەپ كۆرسىڭىز،ئەڭ قولاي،ئاددى ئۇسۇلدىن بىرسى بار،يەنى ئۇسلۇپ 主题نىڭ ئىچىگە كىرىپ،字体دىگەن رامكا ئىچىدىن ئىزدەش رامكىسىغا 维吾尔ياكى UKIJدەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەتسەك ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى چىقىدۇ،شۇنى تاللاپ 应用دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىۋەتسەك ئىش تامام!
1552yasinjan ۋاقتى: 2018-2-3 14:20:58
مىيزۇ ئۇسلۇپ بازىرىدا باغۇ ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق قىلىدىغان فونىت 维吾尔组  دەپ ئىزدىسە چىقىدىكىن
1552yasinjan ۋاقتى: 2018-2-3 14:22:04
مەن قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن  شۇنداق چىرايلىق چىقىدۇ ئۇيغۇرچە خەتلەر
كىيىك ۋاقتى: 2018-2-3 14:36:28
alim0908 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-3 13:57
بۇنى مۇرەككەپ كۆ ...

توغرا مەنمۇ شۇنداق تونۇتقان تىمدىكىسى سەل مۇرەككەپ بولۇپ قاپتۇ، مەن ئۆزنىڭ ئۇسلۇپ بازرىدىن چۈشۈرۈپ قاچلاپ ئىشلىتۋاتقىنمغا بىر يىل بولاي دەپ قالدى
@بەخىت ۋاقتى: 2018-2-3 15:21:08
باشقا خەت شەكلىگە ھەۋەس بولسا تىمىدا دىيلگەندەك قاچىلساڭلا بولدۇ.ئۇسلۇپ بازىردىكىمۇ بولىدىكەن.لىكىن پىنيىن چىقدىغان فونىتقا تەڭشىسەك ئۇيغۇرچە يەنە ھىلقىدەك چىقىدۇ شۇ.
okyar ۋاقتى: 2018-2-3 16:21:35
ئاشۇ تۆت خىل خەت نۇسخسنىڭ ھەممنى باستۇرۇپ قاچلامدۇق
ablizmansur ۋاقتى: 2018-2-4 00:49:01
ئۈنۈمدىگەن مانا مۇنداق بولىدۇ!

004900xstsbhuurdhtuv7u.png
004901iuya96wdd6607uyo.png
رۇھ ۋاقتى: 2018-2-4 09:17:00
رۇت ئالساق مېيزۇ پاي ئىقتىدارى ئىشلىمەيدۇ.سېستىما يېڭلاشقىمۇ زىيىنى بار
LUosfER ۋاقتى: 2018-2-4 15:06:08
مەن مېيزۇنىڭ 4 يىللىق پىنتوزىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى مېيزۇ تىلىفۇنىنى روتلىماڭ...
كىيىن پۇشايماننى ئالدىغان قاچا تاپالمايسىز ،،،
شۇڭلاشقا تىلفۇننى روتلىماي زۆرۈر نەرسىلەر بولسا بىر تىلفۇننىڭ پۇلىدىن مىڭ ھەسسە ھەرزان بولغاندىكىن پۇللۇقنى ئېغىر كۆرمەسلىكىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
@بەخىت ۋاقتى: 2018-2-4 16:17:15
LUosfER يوللىغان ۋاقتى  2018-2-4 15:06
مەن مېيزۇنىڭ 4 يىللىق پىنتوزىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن شۇ ...

روتنى تاقايتىم دىسە ئۇمۇ ئاسانكەنغۇ!   رومنى چۈشۈرسەك update.zip دەيدىغان بىر جىدىن چوڭ ھۆججەت چۈشىدىكەن ئۇنى يانفۇن ساقلىغۇچىنىڭ باش مۇندەرىجسگە يۆتكەپ رىكوۋىر ئارقىلىق قاچىلۋەتسىلا بولدىكەنغۇ ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا قاچىلنىپ بولدىكەن.روتلىسا راس دىگەندەك مىيزۇ پاي بىلەن سىستېما يىڭلاش ئىشلىمەيدىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部