+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-1-31 16:11 3696 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تېڭشۈن ئىناۋىتى كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس؛ ئالىپاي ئىناۋىتىگە ئوخشايدۇ. بۇ ئىناۋەت دەرىجىسى يۇقىرى بولسا قەرز ئېلىش، ماشىنا، ئۆي ئىجارە ئېلىش ۋە بەزى مۇلازىمەتلەردىن ھەقسىز بەھىرىمان بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بار. ئالدىنقى يىلى تېڭشۈن ئىناۋىتى گۇاڭجۇ، شېنقېن، جىياڭسۇ قاتارلىق بىر قانچە شەھەردىلا سىناق قىلىپ ئېچىلغان. باشقا يەردە ئېچىلمىغان، شۇ چاغدا ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئاي پى ئادېرسىنى يۇقارقى شەھەرگە توغرىلاپ، تېڭشۈن ئىناۋىتىنى ھەقلىق ئېچىپ بېرىدىغان مۇلازىمەتچىلەرمۇ پەيدا بولغان.
بۈگۈن تېڭشۈن شىركىتى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تېڭشۈن ئىناۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك سىناققا ئېچىۋەتتى.
ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش رامكىسىغا 腾讯信用 دەپ ئىزدىتىپ، 腾讯信用 سالونىنى قوشۇۋېلىپ كىملىكتىكى ئىسىم، كىملىك نومۇرى، ئۈندىدارنى تىزىملاتقاندا ئىشلەتكەن يانفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپ ھەقىقىي ئىسىمنى دەلىللەپ بولغاندىن كېيىن تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

1517365287754.jpg

تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرى 650 تىن يۇقىرى بولسا قەرز ئېلىشقا، كېپىلسىز ئۆي ئىجارە ئېلىشقا، كېپىلسىز ۋېلىسپىت، ماشىنا ئىجارە ئېلىش... قاتارلىق نۇرغۇن قولايلىق مۇلازىمەت بار.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېڭشۈن ئىناۋىتى ئارقىلىق ئۈندىدار ETC نى بىجىرىشكە بولىدۇ. ئۈندىدار ETC مۇلازىمىتى ھازىر جىياڭسۇ، شەندوڭ قاتارلىق جايلاردا ئېچىلدى. بۇنىڭدا ھەق ئېلىش پونكىتى، ماشنا توختىتىش مەيدانىدا ئۈندىدار ئارقىلىق چىقىم قىلغىلى بولىدۇ. تېڭشۈن ئىناۋىتى 630 تىن يۇقىرى بولغانلارغا 280 يۈەنلىك ئۈسكۈنە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

20180130_185554_246.png

ئالىپاينىڭ كۈنجۈت ئىناۋىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. تېڭشۈن ئىناۋىتىگىمۇ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قولايلىق ئىناۋەتكە ئائىت مۇلازىمەتلەر قوشۇلۇشى مۇمكىن. شۇڭا بالدۇرراق ئېچىۋېلىڭلار.

10ئادەم ئىنكاس يازدى

uyghur ۋاقتى: 2018-1-31 17:53:25
يۇقارقى سالونغا كىرگەندىن كېيىن ئاستىدىكى تىزىملىكتىكى 我的信用 دېگەن يەرنى باسسا ئىسىم دەلىللەيدىغان يەر چىقىدۇ، دەلىللەپ بولغان بولسىڭىز ئىناۋەت نومۇرىڭىز كۆرۈنىدۇ، لېكىن ھازىر نۇرغۇن تورساشلاردا ئۇ تىزىملىك كۆرۈنمەپتۇ سىناق بولغاچقا شۇنداق بولۇشى مۇمكىن؛ ئۇ تىزىملىك كۆرۈنمىگەنلەر ساقلاپ تۇرۇڭلار.

QQ截图20180131175247.jpg
15599807714 ۋاقتى: 2018-1-31 16:24:08
ۋاھ رەھمەت ئالىپجان ئالامەت خۇش خەۋەركەن بۇ
ablat1340 ۋاقتى: 2018-1-31 16:57:02
مەن ئۇقالمىدىن تەپسىلىي  چۈشەندۈرۈپ قۇيۇڭلا ئۇ سالۇندا مەخسۇس سەھىپە يوقكەن
xaxtiko98 ۋاقتى: 2018-1-31 17:16:28
شۇنداق بۇ تىمىدىكى مەزمۇنلارنى تىخىمۇ تەپسىلىرەك يوللىغان بولساڭلار
3131446363 ۋاقتى: 2018-1-31 17:47:28
تىمىدا دىيىلگەن ئۈسكۈنە ھەققى دىگەن قايسى ئۈسكۈنىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىۋەتسەڭلار.
如果爱忘了 ۋاقتى: 2018-1-31 18:59:52
Screenshot_2018-01-31-18-34-19-682_com.tencent.mm.png مىنىڭكىدە دەسلەپ نۇرمال چىققان ئۇچۇرلۇرىمنى تولدۇرۇپ بۇلۇپ يېنىپ قارىسام مۇشۇنداقلا چىقىۋالدى ، 信用查询 دىگەندەك ئىقتىدارلىرى يۇقاپ كەتتى؟ بۇ نىمە ئىشتۇ؟
如果爱忘了 ۋاقتى: 2018-1-31 19:37:51
باياتتىن مەن ئۈزۈمننىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ بۇلۇپ قايتا قارىسام  ئاستىدىكى ئىقتىدارلىرى يۇقاپ كەتكەن ئەمدى دوستۇمنىڭ  ئۈندىداردا 腾讯信用سالۇنىنى قاچىلاپ كۈرۈپ باقساممۇ 我的信用,信用特权,信用管理 دىگەن ئىقتىدارلىرى كۈرۈنمەيدۇ ، دوستۇمنىڭ ئۇچۇرلىرىنى باغلىيالمىدىم ، مۇشۇ مەسىلىگە ئۇچراپ باققانلار بارمۇ ؟ ئەمدى بۇ نىمە ئىشتۇ ؟ 腾讯 بۇ ئىقتىدارنى ئىتىۋەتكەندىمۇ؟
hiyal6925 ۋاقتى: 2018-1-31 21:02:08

210207bkg2td9gkkguwdg9.png
alnixan ۋاقتى: 2018-1-31 22:45:35
您好,欢迎关注腾讯信用!
腾讯信用全国限时公测活动现已结束,我们在加快升级中,敬请期待!
مېنىڭكىدە مۇنداق ئۇچۇر چىقتى. قارىغاندا ۋاقىتلىق ئېتىۋەتىكەن ئوخشايدۇ.
oylan153 ۋاقتى: 2018-2-1 13:57:25
قارىغاندا پائالىيەت ئاخىرلىشىپتۇدە،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部