+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2018-1-30 23:22 9984 قېتىم كۆرۈلدى 29 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-31 01:05  

deepin بولسا دۆلىتىمىز پروگراممىرلىرى  debian نى يادرو قىلىپ C++ QT دا يىزىپ چىققان ئوچۇق مەنبەلىك ھەم خەلىقئارالىشىشقا يۈزلەنگەن linux ئۈستەل يۈزى نەشىرى مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ دوستانە، قۇلايلىق، دۆلىتىمىز پروگراممىرلىرى يىزىپ چىققان بىلەن لاھىيە جەھەتتە خەلىقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىشلەتكۈچىلىرى بار، نۆۋەتتە 60+ دىن ئارتۇق تىلنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى،
بۇنىڭدىن دۆلىتىمىزنىڭ يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىنى خەلىقئارالىق ئەڭ ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ،



ئۆزۈم ئەسلى ئىلىكتىرونغا ئوتتەك ئىشتىياقى بار ئادەم،
ھەم ئانچە-مۇنچە AVR ئۆزەكلەرنى ئويناپ باققان،
كىيىن Linux-ARM توك يول تاختىلىرىنى كۆرگەن، كومپىيۇتېرىمغا Linux مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققان،
Raspberry pi3 كە MySql, Oracle JDK قاچىلاپ Kotlin web application نى يۈرگۈزۈپ باققان، pi4J, WiringPI لاردا Kotlin, C++ لاردا Raspberry نىڭ GPIO ئىغىرلىرىغا مەشغۇلات قىلىپ باققان.
ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلىرىمنىڭ بىرى Linux مەشغۇلات سىستېمىسىغا يۇمشاق دېتال ئىچىش ئىدى، ئەپسۇس پروگرامما يازىدىغان مۇھىتىم Microsoft .NET سۇپىسى بولغاچقا Windows قا باغلانغىنىم باغلانغان،
كىيىن Microsoft نىڭ .Net Core سۇپىسىنى ئىشلەتكەن بولدۇم،
كىيىن مەن ھىس قىلدىم،
مەن كۆنۈپ كەتكەن Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ياكى باشقىلار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختايدىغان  Mac OS x مەشغۇلات سىستېمىسى ماڭا قىلچىلىك ئەسقاتمايدۇ چۈنكى مەن پروگراممىر، بەرىبىر مائۇس بولمىسا ۋىندوۋسنىڭ يىرىمىنىڭ يىرىمىچىلىكمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان رىۋايەتلەردىكى ئالما os x بىلەن چىقىشالماي ھەپتىدە يۇيدۇم،
كۈنلەرنىڭ بىرىدە Linux قاچىلانغان مۇلازىمىتىردا پروگراممامنى يۈرگۈزۈشۈم، Linux قاچىلانغان ARM كونتىروللىغۇچۇم بىلەن كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىشلارنى قىلىشىم، Linux قا قاچىلانغان سانداننى ئاسرىشىم، Linux دا تىرمىنالغا بۇيرۇق يىزىشىم كىرەك، بۇلار مىنىڭ بىشىمغا ھامان كىلىدۇ، دەرھال كۆچۈشۈم كىرەك.


مۇلازىمىتىرىمىزنى Linux قا كۆچۈرۈش، ئۆزۈمنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم تىگىش قىلىدىغان IOT, Linux-ARM لارغا شارائىت ھازىرلاش، يىڭىچە ئىددىيە بىلەن تېخنىكا ئالماشتۇرۇش سەۋەبى بىلەن قىيالمىغان ھالدا .Net سۇپىسىدىن JVM Platform غا كۆچتۈم، ئانا پروگرامما تىلىم بولغان C# دىن Kotlin غا كۆچتۈم،

بۇ ماڭا نىسبەتەن Windows قا باغلىنىپ قالمايدىغانلىقىمدىن دىرەك بىرەتتى،
ياخشى بولدى،
كومپىيۇتېرىمنىڭ C:\ رايۇنىنى فورماتلاپ قۇرۇقدىدىم، توردىن Linux مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ئۈستەل يۈزى نۇسقىلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدىم،
بىرىنچى بولۇپ كۆزۈم چۈشىدىغىنى ئەلۋەتتە Ubuntu, ئۇنىڭدىن كىيىن Fedora, OpenSuse
Ubuntu بولسا دۇنيادا ئەڭ ئالقىسقا ئىرىشكەن Linux مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈستەل يۈزى نۇسقىلىرىنىڭ بىرىدىن ئىبارەت، مۇقەددەم نۇرغۇن 7-8 يىللار ئىلگىرى شۇ ۋاقىتتىكى سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز Ubuntu 12.xx نەشىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ Uyghurix (ئۇيغۇرئىكىس) نامىدا تارقاتقان ئىدى،
ئەلۋەتتە مەن شۇنىڭ تەسىرىدە بىرىنچى بولۇپ Ubuntu قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقتىم،
سىستېما ھەقىقەتەن مۇقىم ۋە ياخشى،
كىيىن باشقا نەشىرلىرىنىمۇ ئىشلىتىپ باققانمۇ بولدۇم،
كىيىن دۆلىتىمىزدىكى پروگراممىرلار Debian نىڭ يادروسى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان Deepin مەشغۇلات سىستېمىسىغا كۆزۈم چۈشتى،
مۇنداقلا سىناپ بىقىش مەقسىتىدە ئورگان تەرەپتىن 64 بىتلىق سىستېما تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ بارماق دىسكامغا ئويۇپ كومپىيۇتېرغا سىلىپ قوزغىتىپ قاچىلاش بىتىگە كىردىم...
ھەيران قالدىم،
كۆرۈنمە يۈزىنى بۇنچىلىك يىقىشلىق ۋە چىرايلىق دەپ ئويلىماپتىكەنمەن...
دۆلىتىمىز پروگراممىرلىرى يىزىپ چىققان بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ گۈزەللىكى بولسۇن، قۇلايلىقلىقى ھەم ئىقتىدارى بولسۇن خەلىقئارالىق ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە دىسەك ئارتۇق كەتمىگۈدەك.
تۇنجى كۆرگەن تەسرات بىلەن قاچىلىدىم، بىر نەچچە كۈن ئىشلەتتىم،
راستىنى دىسەم بۇ مەن كۆرگەن ھازىرغىچە كۆرگەن كۆرۈنمە يۈزى ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ يىقىشلىق، ئىقتىدارى ئەڭ تولۇق گۈزەل بىر مەشغۇلات سىستېمىسى.
.Net Core نىڭ مۇقىمسىز ئىشلىشى سەۋەپلىك Ubuntu  غا كۆچۈپ بولۇپ Ubuntu نى بىر نەچچە كۈن ئىشلىتىپ بىقىپ يەنە بۇ Deepin نى سىغىنىپ قايتىپ كىلىۋالدىم،

Ubuntu دا qq قاچىلىيالماي يىرىم كۈن ئاۋارە بولۇپ ئاران قاچىلىغان،
ئەمما ماۋۇ Deepin  دا Deepin store دەپ بىر ئەپ دۇكىنى بار ئىكەن، شۇنىڭدا بىز Windows دا ئىشلىتىدىغان كۆپۈنچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ Wine غا ئۆزلەشتۈرۈلگەن نۇسقىسى بار ئىكەن،
پروگراممىرلىقتىكى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان ھەر قانداق يۇمشاق دېتاللار تىپىلىدىكەن،

DeepinScreenshot_deepin-appstore_20180130192534.png

DeepinScreenshot_Desktop_20180130192349.png

DeepinScreenshot_Desktop_20180130192447.png

DeepinScreenshot_Desktop_20180130192425.png

بۇ سىستېمىغا ئاشىق بولۇپ قالدىم،
كۆرۈنمە يۈزىنىڭ تىلىنى "ئۇيغۇرچە" گە تەڭشىدىم، ئەپسۇس ھەممە يەرلىرى ئىنگىلىزچە،

شۇنىڭ بىلەن ئورگان تور بىتىگە كىردىم،
بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىشلەتكۈچىلىرى بار ئىكەن،

DeepinScreenshot_Desktop_20180130191155.png

ئاستىغىراق سىيرىپ قاراپ يەرلىكلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار مەزمۇنلارغا كۆزۈم چۈشتى،
يەنە ئازراق قاراپ بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بارلىق تىل بولىقىنى transifex تا ئېلان قىلىنغىنىنى، خالىسا ھەر قانداق كىشى شۇ يەردىن ئۆزىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان تىلنى ئىلتىماس قىلىپ تەرجىمە قىلىپ بەرسە بولىدىغانلىقىنى ۋە ئورگان تەرەپنىڭ بۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆردۈم،
شۇنىڭ بىلەن deepin نىڭ transifex دىكى بىتىگە كىردىم،
مانا كۆر...
پەقەت ئۇيغۇرتىلىلا يوق ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا 60 دىن ئاشىدىغان تىللار تەرجىمە قىلىنىدىغان تىزىملىكتە بار ئىكەن،
ھەم ئاللىبۇرۇن ئون خىلدىن ئارتۇق تىلدا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىپ بوپتۇ،

شۇنىڭ بىلەن تىل ئىلتىماس قىلىدىغان بەتتىن Uyghur نى تىپىپ ئىلتىماس قىلدىم،
ئىككى كۈندىن كىيىن ئىلخىتىمگە ئىلتىماسنىڭ تەستىقلانغانلىقى، تەرجىمە قىلىشنى باشلىسام بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر كەلدى،(بەزى جەريانلارنى قىسقارتىپ يازدىم،)
DeepinScreenshot_20180130180407.png

شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرسوفىت ئىملا نى Windows كومپىيۇتېرىمغا قاچىلاپ تەرجىمە قىلىشنى باشلىدىم،

DeepinScreenshot_20180130180657.png

تەخمىنەن بىر ھەپتىلەردىن كىيىن سىستېما يىڭىلىنىشىنى تاپشۇرۋالدىم،
يىڭىلاپ بولۇپ قارىسام ھىلىققى مەن تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە خەتلەر قوشۇلۇپتۇ،
DeepinScreenshot_Desktop_20180130180559.png

ئەمما خوشلۇقتا سەكرەپ كەتتىم،
ئەڭ ئالدى بىلەن بىز بىلەن تۇنجى ئۇچرىشىدىغان "ئۈستەل يۈزى مۇھىتى" ( deepin-desktop-environment) دىن ئىش باشلاپ تەرجىمە قىلىپ 60 پىرسەنىتتىن ئاشۇردۇم،
نۇرغۇن نۇرغۇن تىللارنى ئارقىدا تاشلاپ ماڭدىم،

ھازىر deepin-desktop-environment نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نىسبىتى "ياپونچە"، "كورىيانچە"، "گىرىكچە"، "ھىندىچە" ھەم ھەممىمىز قول قويىدىغان مىللەت يەھۇدىيلارنىڭ تىلى Hebrew يەنى "ئىبرايچە" نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ 81% كە يەتتى،
DeepinScreenshot_Desktop_20180130175749.png

كىيىن transifex نىڭ تور بىتى ئىچىلماس بولۇپ قالدى، ئىچىلغاندا بولسا "داڭلىق" ئالىم مۇئەللىم ئۇيغۇرسوفىت ئىملا نى ھەقلىق قىلۋاپتۇ ،
شۇنىڭ بىلەن تەرجىمە توختاپ قالدى،
ئەمما ھازىر transifex نىڭ تور بىتى ئىچىلىدىكەن، ھەم ئۇيغۇرسوفىت ئىملا نى ئىشلەتكىلى بولىدىكەن
بۇ ئىشلارنىڭ بولۇپ بولغىنىغا 4 ئايدىن ئىشىپ بوپتۇ،
ئەمما مەن كۆپ كىشىلەرگە دىيىشنى لايىق كۆرمىدىم،
مەن راستىنى دىسەم ئالدىنقى ئۇيغۇرئىكىس دىكى بۇيرۇق تەلەپپۇزىدىكى تەرجىمىلەرنى ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن، مەنچە بولغاندا ئۇيغۇرتىلى ئىنتايىن سىلىق ھەم سىپايە، يىقىملىق ئاڭلىنىدىغان تىل،
ئەلۋەتتە تەرجىمىمۇ ئىنتايىن دوستانە ھەم سىلىق تەرجىمە قىلىنسا، ئىشلەتكۈچى بۇنىڭدىن ھوزۇر ئالالىسا ياخشى دەپ ئويلايمەن،
شۇڭا مەن بۇنى كۆپ كىشىلەرگە ئاشكارلىۋىتىپ نۇرغۇن كىشى ھەر خىل تەرجىمە ئۇسلۇبلىرىنى ئىشلىتىپ چاتاق بولىشىدىن ئەنسىرىگەندىم،
ئەمما ھازىر "ئۇزدىل ئەترىتى ھازىر نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟" دىكى يازمىنى كۆرۈپ مەنمۇ يەنىمۇ ئارىمىزدا ئۈن-تىنسىز تىرىشىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى دوسلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى يازدىم،

تۆۋەندە مەن ئۈستەل يۈزىدىن تۇتىۋالغان بىر يۈرۈش رەسىملەرنى دوسلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن

DeepinScreenshot_select-area_20180130180739.png

DeepinScreenshot_select-area_20180130181045.png
DeepinScreenshot_select-area_20180130172051.png

DeepinScreenshot_select-area_20180130172348.png

DeepinScreenshot_select-area_20180130172556.png

DeepinScreenshot_select-area_20180130173527.png


DeepinScreenshot_Desktop_20180130174306.png

DeepinScreenshot_select-area_20180130171955.png
DeepinScreenshot_select-area_20180130172022.png

DeepinScreenshot_Desktop_20180130173509.png

DeepinScreenshot_Desktop_20180130173704.png


DeepinScreenshot_Desktop_20180130173836.png

DeepinScreenshot_Desktop_20180130172747.png

DeepinScreenshot_Desktop_20180130172708.png



DeepinScreenshot_Desktop_20180130173103.png


DeepinScreenshot_Desktop_20180130172104.png

DeepinScreenshot_Desktop_20180130172117.png



DeepinScreenshot_Desktop_20180130171444.png

DeepinScreenshot_Desktop_20180130171302.png

DeepinScreenshot_Desktop_20180124160017.png



DeepinScreenshot_dde-launcher_20180130173758.png

DeepinScreenshot_dde-launcher_20180130173855.png

DeepinScreenshot_dde-launcher_20180130173915.png

تەرجىمە قىلىش بىتىدىن بىر كۆرۈنۈش

DeepinScreenshot_Desktop_20180130175630.png

ئەلۋەتتە بۇ سۇپىدا پروگراممىرلىق قىلسىڭىز ئەجايىپ يارىشىدۇ

DeepinScreenshot_Desktop_20180130174120.png

DeepinScreenshot_Desktop_20180130174154.png

DeepinScreenshot_Desktop_20180130175351.png

مەن بۇ Linux سۇپىسىدا Rider دا C# .Net Core يازىمەن، Visual Studio Code دا Html5, Css3, JavaScript, Vue يازىمەن، IntellIJ IDEA دا Kotlin يازىمەن، Android Studio دا Android يازىمەن، CLion دا C++, Kotlin Native ئويناپ قويىمەن،
ساندانغا MySQL قاچىلىۋالدىم، Redis بىلەن MongoDB مۇ قاچىلاقلىق ئەلۋەتتە،
ئىشخانىدىكى يەنە بىر خىزمەتدىشىمنىڭ خاتېرە كومپىيۇتېرىغىمۇ Linux deepin قاچىلىدۇق،
مىنىڭ ھەم خىزمەتدىشىمنىڭ Mac mini سىدىكى Mac os x بىلەن Windows نى يۇيۇپ Linux قاچىلىدۇق (يىرىم يىل بۇرۇنقى ئىشلار دىمەكچىدە بۈۋەدە)

مەنچە Deepin بولسا گۈزەل ھەم ئىسىل بىر مەشغۇلات سىستېمىسى
دۆلىتىمىز پروگراممىرلىرى ماۋۇ سىستېمىنى ئاچقاندا خەنزۇتىلىنى ئەمەس بەلكى ئىنگىلىزتىلىنى ئاساس قىلىپ ئاچىدىكەن، ھەتتا ئۆزىنىڭ تىلى بولغان خەنزۇتىلى نىمۇ كىيىن تەرجىمە شەكلىدە قوشىدىكەن،
دىمەك بۇلار خەلىقئارالىشىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدىكەن،
سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى لاھىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ،
ئەمما بىر ئىغىز گەپ قىلىشقا توغرا كەلسە پەقەت "بەك گۈزەل" دىسەكلا كۇپايە،

گەرچە بۇ سىستېمىدا بەزىدە ئۇششاق چۈششەك مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ تۇرسىمۇ ئەمما بىر مەسىلىنى بايقاپ بىر ھەپتىگىچە ياكى بىرەر ھەپتىدىن كىيىن بىر يىڭىلانما تاپشۇرۋىلىش بىلەنلا ئوڭشىلىۋاتىدۇ
سىستېمىنىڭ مۇقۇملىقى ئانچىكى ئۇششاق چۈششەك ئىشلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ياخشى، ئەمەلىي ئىشلىتىشتا ئىشلىتىشكە بەك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ (ئەمما Ubuntu غا سىلىشتۇرغىلى بولمايدۇ)

مەن بىر پروگراممىر،
مەن مەخسۇس تىل تەتقىقاتچىسىمۇ ئەمەس، ئىنگىلىزتىلىنى ئۈگەنگەنمۇ ئەمەس، گەرچە مەن بۇلار بولمىساممۇ ئەمما مەن ئۆزۈم قىلالايدىغان ئىشنى قىلدىم،
ئەڭ يۇقىرى ئىمكانىيىتىم تەرجىمە سۈپىتىنى ئىنتايىن ياخشى قىلىشقا تىرىشتىم، ھەر بىر سۆزنىمۇ ئۇيغۇرسوفىت ئىملا دىن بىر قىتىم ئۆتكۈزۈپ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىن كىيىن ئاندىن تاپشۇردۇم،

ئەسلى ئىنگىلىزتىلىدىكى بەزى سۆزلەرنى شۇ پىتى تەرجىمە قىلىپلا قويساق سىستېمىنىڭ بەزى يەرلىرىگە ئاشۇ بىۋاستىلا تەرجىمە قىلغان سۆزلەر تازا چۈشمەيدىكەن،
ئەمما بىز تەرجىمە قىلغاندا ئۆزىمىز تەرجىمە قىلىۋاتقان سۆزنىڭ سىستېمىنىڭ قەيىرىدە چىقىدىغانلىقىنىمۇ ئىنىق بىلمەيدىكەنمىز،
ئىشقىلىپ تەرجىمە بەك جايىدا دەل چۈشمەي قالغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم جايلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىملا خاتالىقى يوق، يامان ئەمەس ئۆزۈمگە يارىغۇدەك تەرجىمە قىلىندى دەپ ئويلىدىم،
شۇڭا مەن تەرجىمىنى دەل جايىغا چۈشۈرەلمەسلىكتىن ياكى باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشىدىن قورقۇپ ھىچ ئىش قىلمىسام توپتوغرا جايىغا چۈشۈرۈپ تەرجىمە قىلىدىغانغا ئادەم چىقمايدىكەن ياكى ئۇلار خەۋەرسىز يۈرۈيدىكەن، ئۇلارنى مەن بىلمەيدىكەنمەن،
بۇ ئىشلارمۇ مۇشۇ پىتى قىلىۋىرىدىكەن،
مەن پەقەت ئۆزۈم قىلالىغاننى ھەم قولۇمدىن كىلىدىغاننى قىلدىم،
ئورگان تەرەپكە ئىلتىماس سۇنۇپ deepin دىكى يادرولۇق نۇرغۇن بۆلەكلەرگە ئۇيغۇرتىلىنى توشقۇزدۇم،
نۆەتتە مەن پەقەت (deepin-desktop-environment قىسقارتىپ dde دەيمەن) dde نىلا تەرجىمە قىلىۋاتىمەن،
ئەگەر خالادىغانلار بولسا trinsifex ھىساباتى تىزىملىتىپ مەن تەرجىمە قىلمىغان باشقا تۈرلەرگە مەسئۇل بولۇپ تەرجىمە قىلىپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ، ھەم سۆزلۈكلەر ئۇنچىلىك قۇمدەك كۆپمۇ ئەمەسكەن،
https://www.transifex.com/linuxdeepin/public/

نۆۋەتتە deepin مەخسۇس ئۈچىنچى تەرەپكە نىسبەتەن مەخسۇس مەشغۇلات سىستېمىسى تەرەپتىن ھەر خىل ئۇلىنىش ئىغىزلىرىنى تەمىنلەش ئارقىلىق پروگراممىرلار ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى deepin دا تىخىمۇ ياخشى سىستېما بىلەن ماسلىشىشچانلىققا ئىگە قىلىش ۋە سىستېمىنىڭ يىڭى ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش شارائىتى تەمىنلىگەن،
Chromium يادروسىدىكى html ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىچىش رامكىسى بىلەن تەمىنلىگەن،
مۇزىكا قويغۇچ، سىن قويغۇچ، ئەپ بازىرى، كالىندار، ۋەزىپە باشقۇرغۇچ دىگەندەك يادرولۇق ھەم ئاساسلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئۆزى قايتىدىن يىزىپ چىققان،
نۆۋەتتە بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى دوستانە ھەم ئوچۇق بولۇپ dde نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈستەل يۈزى مۇھىتى ۋە ئۆزىنىڭ خاس نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللىرىنى debian دىن باشقا fedora, ubuntu دەك باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرىغا تەمىنلىدى،
سىز خالىسىڭىز linux نىڭ باشقا ئۈستەل يۈزى نەشىرىدە تۇرۇپمۇ dde نى ئىشلىتەلەيسىز ۋە ھوزۇرىنى سۈرەلەيسىز،

Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشكە ئەڭ ماس كىلىدىغان ئىشلەتكۈچىلەر توپى

0. Android قا ئەپ ئاچىدىغانلار (ھوزۇر)
1. Linux يۇمشاق دېتاللىرىنى يازغۇچىلار، (C, C++, QT)
2. Java || Kotlin يازىدىغانلار
3. PHP يازدىغانلار
4. Python يازىدىغانلار
5. HTML5, CSS3, JavaScript (Node.JS) يازىدىغانلار
6. ساندان بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار (MySql)
7. Linux ARM يۇمشاق دېتاللىرىنى ئاچقۇچىلار
8. قەتئىي نىيەت بىلەن سۇپا ئاتلاشنى نىيەت قىلغان .Net Core ئىشلەتكۈچىلىرى


Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشكە ئەڭ ماس كەلمەيدىغان ئىشلەتكۈچىلەر توپى

0. كومپىيۇتېردا كەسپىي ئويۇن ئوينىغۇچىلار
1. كۆڭۈل ئىچىش تىپىدىكى ئىشلارغا ئىشلىتىدىغانلار
2. لاھىيەلىگۈچىلەر (چۈنكى Adobe نىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ھىچقايسىسىنىڭ Linux نۇسقىسى يوق)(Mac تەۋسىيە)
3. ئۈچ ئۆلچەملىك گىرافىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار (3DsMax دىن باشقىسىنىڭ Linux نۇسقىسى يوقمىكىن دەيمەن)(Mac تەۋسىيە)
4. ئويۇن لاھىيەلىگۈچىلەر (Unity3D دىن باشقىسىنىڭ Linux نۇسقىسى يوق)
5. Microsoft ئىكىلوگىيەسىدىكى يەنى .Net Framework سۇپىسىدىكى پروگراممىرلار
6. Apple ئىكىلوگىيەسى (IOS, OsX پروگراممىرلىرى)(Mac دىن باشقىسىدا قىلغىلى بولمايدۇ)
7. مۇنداقلا ئىشلىتىپ باقىدىغان ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر (چۈنكى Linux ئىشلىتىش ئۈچۈن Bash Shell بۇيرۇقلىرىنى بىلىشىڭىز كىرەك)


خالىسىڭىز https://www.deepin.org/ دىن Deepin نىڭ يىڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقسىڭىز ياكى Transifex دىن يۇقارقى ئۇلانما بىلەن كىرىپ سىزمۇ تەرجىمىگە قاتناشسىڭىز بولىدۇ،

ئاخىرىدا Linux قا مۇناسىۋەتلىك بىر ئۇيغۇرچە تور بەتنىڭ ئادېرسىنى قالدۇراي، يوقلاپ قويساڭلار بولىدۇ، ئىسىل بىلىملەر توپلاشقان تور بەت. http://uyghurix.net/archives/category/linux_related

ئۇزدىل تورى http://www.uzdil.com

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
kilimat + 30 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

29ئادەم ئىنكاس يازدى

يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-1-30 23:22:55
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-30 22:32  

بىرمۇنچە خەتنى يىزىپ بولۇپ تېمىنى يوللىغاندا مانداق ئىشقا يولۇقساڭلار قانداق ھىسياتتا بولىسىلەر؟
DeepinScreenshot_Desktop_20180130202257.png
stilly ۋاقتى: 2018-1-31 08:59:16
ئويلاپ باقسام بۇ سىستېمىنى لىنۇكىسنىڭ نىملىكىنى بىلمەيدىغان چاغلىرىمدا خېلى ئىشلەتكەن . نىمىشقا دىسەڭلا كۆرۈنمە يۈزى راسلام بەك چىرايلىق . كىيىن نىمنىڭ لىنۇكىس نىمنىڭ مەشخۇلات سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە بۇ سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنىڭلا چىرايلىق بوپ قالماي جۇڭگولۇقلارغا ئەڭ ماس كىلىدىغان لىنۇكىس مەشخۇلات سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم . ھازىر ئاساسەن ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن ھەم ئۇبۇنتۇنىڭ سادىق پىنتوزىسى . لىكىن ماۋۇ سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈز راھەتچانلىقى ۋە ۋېندوۋېس سىستېمىلىرىغا يىقىنلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ .

ئاپتورنىڭ بۇ سىستېمىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدىكى ئەجىرىگە رەھمەت ئىيتماي تۇرالمايمىز . قىززىقىش باشقا ، ئۆزىنىڭ بىلىمىدىن ئەل-جامائەتكە ئازراق بولسىمۇ قولايلىق ئەپ كىلىش يەنە باشقا گەپ . بۇنداق ئىشلارنى ھەممە بىلىملىك ئادەملەر قىپ بولالمايدۇ .

ناۋادا ئاپتور ئۆزى باش بولۇپ گۇرۇپ تەشكىللەپ،سىستېمىلىق ، پىلانلىق ھالدا تەرجىمە ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى تۇتقان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى دەپ قارايمەن . ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇش بۇ ئىنتايىن ئىسىل ئىش ، ئىش قىلغانكىن سىستېمىلىق،پىلانلىق،سۈپەتلىك قىلىشمۇ ھەم ئىنتايىن مۇھىم . ھەممىمىز ئۆز ئالدىمىزغا ئۆزىمىز بىلگەنچە قىلغاندىن ياخشىراق دەپ قارايمەن ،
stilly ۋاقتى: 2018-1-31 09:18:27
ئاۋۇ UYGHURIX دىگەن توربەتنىڭ ئۇچۇرىنى تەمىنلەپ بەك ياخشى قىلدىڭىز . بۇرۇن لىنۇكىس سىستېمىلىرى ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە بىلوگلاردىن خىلى بار ئىدى . ھازىر يوقمىكى دەپ ئويلايتىم .
nawayi ۋاقتى: 2018-1-31 10:55:52
مۇشۇ mac os سېستىمىسىنى نەدىن چۈشۈرىدۇ چۈشۈرۈش ئادرىسى بولسا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
abjsoft ۋاقتى: 2018-1-31 11:06:42
مەنمۇ كومپيوتېرىمغا قۇشۇمچە سېستىما قىلىپ قاچىلاقلىقتى  ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بۇلۇپ قالدى، بۇرۇن راستىنلا نۇرغۇن تىللار بار ئىدى ئۇيغۇرچىدىن باشقا ، يېقىننىڭ ياقى ئۇيغۇرچە قۇشۇلۇپتىكەن سېستىما نەشىرى يىڭىلىنىپ ئەسلىدە مۇختەرجان ئەپەندىنىڭ تۆھبىسىكەندە بۇ كۆپتىن كۆپ رەھمەت مۇشۇنداق مىللىتىمىزنىڭ كومپيوتېر ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن تۈنسىز تىرىشىۋاتقانلارغا.
arwahjan ۋاقتى: 2018-1-31 11:54:28
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر مەن مۇ بىر ئاينىڭ ئالدىدا  مەۋھۈم قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققان ئىدىم  
كۆرۈنمە يۈزى ھەقىقتەن يېقىشلىق سىز دېگەندەك  'بەك گۈزەل' دېگەن گەپتىن باشقىسى بىكار
بۇ سېستىمىغىمۇ ئۇيغۇرچە قوشۇلغىنى ھەقىقتەن ياخشى بوپتۇ   
bulbulla ۋاقتى: 2018-1-31 12:01:20
بارىكاللا تېما ئىگىسى قالتىس ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز!سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز نەتىجىسىدە پات يېقىندا يىڭى بىرى ئۇيغۇرچىلاشقان سېستىما سېستىما بىلەن يۈزكۆرۈشكۈدەكمىز،گەرچە مەن لىنۇكىس سېستىمىسى ئىشلىتىپ باقمىغان بولساممۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ راستىنلا ھاياجانلاندىم.ئۆزۈم بىر تېخنىكىغا قىزىقىدىغان ئىزدىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان يىڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان ئادەممەن.شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك ئاۋۇ سېستىمىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ مەن ئادەتتە ئويۇن ئويناپ كەتمەيمەن تېمىدا دىيىلگەن سېستىنى قانداق قاچىلايمىز چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-1-31 13:36:35
بۇ linux سېستىمىسىنى قانداق قاچىلايمىز ؟ بۇ سىستېمىدا ئادەتتە ۋىندوۋس سىستېمىسىدا ئىشلەيدىغان دېتاللارنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ ياكى ئۆزىنىڭ ماس ئېچىلغان دېتاللىرى بارمۇ؟ بۇ سىستېمىنى ئادەتتە كومپيۇتېردا قانداق مەشخۇلاتلارنى قىلىدىغانلار قاچىلىسا مۇۋاپىق  بولىدۇ؟
Shadiman ۋاقتى: 2018-1-31 14:58:26
ئېسىل ئىشتىن بىرنى قىلىۋېتىپسىز ، رەھمەت ئېيتىمىز ... ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمىز !
foxtpdf ۋاقتى: 2018-1-31 18:20:05
ئاتەش119 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-31 13:36
بۇ linux سېستىمىسىنى قانداق قاچىلايمىز ؟ بۇ سىستېمىدا ئا ...

تېمىنىڭ باش ئاخىرىنى ئوقىماي سوئال سورايدىكەنسىز،
خۇددى تاپشۇرۇقنى ئىشلىمەي كېلىپ ئۆتۈپ بولغان مەزمۇننى ئۇقۇتقۇچىدىن سورايدىغان ئوقۇغۇچىدەك.
   ئاۋال تېمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىقىڭ !
ئاندىن ئۈنۈملۈك سوئاللىرىڭىز بولسا ئوتتۇرغا قويۇڭ.
androiduyghur ۋاقتى: 2018-1-31 22:47:21
مەنمۇ بۇرۇن ئوبونتۇ دىگەندەك  لونىش سېستىملېرىنى ئىشلىتىپ باققان  كىيىن ئالمىنىڭ مەك  سېستىمىسىغا ئۈتۈپ كەتتىم بىر ئۈتكەنچە بەش يىلدىن ئىشىپتۇ  ھازىر swift  ئۈگۈنۋاتمەن شۇڭا Mac تىن ئايرىلالمايمەن  گەرچە يىپىق كودلۇق بولسىمۇ بىرخىل پەيزى مەك سېستىمىسى   سىسىۋىفىت تۇغۇرلۇق ئۈگۈنۋاتقانلار بولسا بىللە پىكىرلىشەيلى
buzhunqi ۋاقتى: 2018-1-31 23:19:29
قول قويدۇم راسلا تالانتىڭىز بارئىكەن
2635210282 ۋاقتى: 2018-1-31 23:57:40
ياخشى تىمىكەن ،قۇلۇڭىزغا دەرت تەگمىسۇن
uyghurdetal ۋاقتى: 2018-2-1 01:42:17
بۇنى كۆرۈپ ئىگە تەرەپتىن ئۇيغۇرچە قوشقان بىر مۇنچە دېتاللارنى تېخى تورغا جاكارلىمىغىنىم يادىمغا كېلىۋاتىدۇ.
بەزىلىرىگە ئىگە تەرەپتىن ئۇيغۇرچە قوشقىلى ئىككى يىلچە بوپتۇ. مەندىن باشقا بىرى ئىشلىتەمدۇ يوق بىلمەيمەن شۇ دېتاللارنى.
بىرەر يىل ئىلگىرى بىر ئاغىنىمىز ئىزدەپ قالدى، نېمە ئىش دېسەم مۇشۇ  ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمىسىنى يېڭىلايلى، ئالتە - يەتتە پىرسەنتتە قاپتۇ ، سىلە دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدىغان ئىشنى جىق قىلغاندىكىن ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە تېما يوللاپ، قىلغۇسى بار پىدائىيلارنى توپلاڭلار، ئاندىن ئىككىمىز لازىملىق دېتاللارنى ۋە قىلىشنى ئۆگىتىپ بىللە قىلايلى دېدى. ماقۇل دەپ ئۆزۈم باشتا تىل ھۆججىتىنى تەييارلاپ، دېتاللارنى قاچىلاپ تەييار قىلىپ، بۇرۇن تەرجىمە قىلغان تىل بولىقى ۋە ئۆزۈم يىغقان ئامبارنى تەييار قىلىپ ئولتۇرسام ئۇ بالا چوڭ سۆزلەپ قويۇپ كېيىن يوقاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن چىك ئا، مەن يا ئۇبۇنتۇ ئىشلەتمىسەم، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان windwos 10 ئۇيغۇرچە پەچەت چىقىۋاتسا، ئوففېسمۇ ئۇيغۇرچە مانا، ئۇبۇنتۇ ئۇيغۇرچە قىلساق قانچىلىك ئادەم ئىشلىتەر دەپ تاشلاپ قويغانتىم.
ئا كۆرۈنمە يۈزنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم. مۇشۇنداق ئۈن - تىنسىز ئەمگەك قىلغانلارغا تەشەككۈر.
idown ۋاقتى: 2018-2-1 15:27:05
بۇلىدىغان ئىشكەن ،   بۇنى قانداق قىلىپ قوشۇمچە سېستىما قىلغىلى بولىدۇ
maysa0997 ۋاقتى: 2018-2-5 22:56:21
مەن بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ۋىن10دىن مۇشۇ سېستىمىسى بىراقلا كۆچكەن
ھەممە يېرى شۇنداق ياققان لىكىن ئوففىزدە ئۇيغۇرچە خەتنى يازىدىغان ئامال بارمىدۇ?

wine نى قانداق ئىشلىرىمىز ۋىندوۋىسنىڭ بەزەن دىتال لىرىنى ئىشلەتكۈچى كىلىپ قالىدىكەن ئادەمنىڭ
مەسىلەن فوتو شوپۇر دىگەندەك
bulbulla ۋاقتى: 2018-2-7 16:25:58
maysa0997 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-5 22:56
مەن بىر نەچچە كۈ&#1606 ...

ئوففىس دە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدىكەنغۇ مەن كىرگۈزۈپ باقتىم
bulbulla ۋاقتى: 2018-2-7 16:27:33
كىرگۈزگۈچنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىسىڭىز كىرگۈزگىلى بولىدىكەن
162732oq18iqse41p4ek3k.png
tarhan99 ۋاقتى: 2018-2-7 17:49:27
بولسا Elementary OS  نى بىر تەرجىمە قىلساڭلار بوپتىكەن
kapsiz330 ۋاقتى: 2018-2-9 00:19:42
مەن قايسى كۈنى كومپىيوتىرىمغا deepin سىستىمىنى قاچىلىغان ، سىستىمىنىڭ كۈرۈنمە يۈزى بەك چىرايلىقكەن ، ياقتۇردۇم ،لىكىن ئىشلىتىش جەريانىدا ئازراق كۈنەلمەسلىك ئىشلىتەلمەسلىك مەسىلسىىگە يۇلۇقتۇم ،  deepin سىستىمىسى ئادەتتىكى كومپىيوتىر ئىشلىتىدىغانلارغا ماس كىلەمدۇ ، ماس كەلسە مۇشۇ سىستىمىنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلنىش توغۇرسىدا چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلا يەنە بىرسى مۇشۇ ۋىندوۋس سىستىمىدىكى بەزى بىر نەرسىلەرنى  deepinسىستىمىسىدا ئىجرا قىلىشقا بۇلىدىغان تەقلىدلىگۈچ بولسا تەۋسىيە قىلغان بولساڭلا
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-2-11 21:06:37

بەك ئاددىي،
خەت نۇسقىسى ھۆججىتىنى ئىككى چىكىپ قاچىلىسىڭىزلا بولىدۇ
uyios ۋاقتى: 2018-2-18 19:41:14
مەنمۇ بۇ سېستىمىغا قۈچۈۋالغىلى بىر ھەپتىدەك بولدى لىكىنزە بۇ سېستىمىنىڭ كۈرۈنمە يۈزى بولسۇن ۋە باشقا يىرى بولسا ئىشقىلىپ ھۇزۇر ئېي ھۇزۇر مەنبىرە ھەلتىدەك ئىشلىتىپلا ئامراق بۇپقالدىم بۇ سېستىمىغا لىكىنزە java مۇھىتى ھازىرلىيالماي بەك جىلە بولدوم ھەم Android studio نىمۇ چۈشۈرگەن بىلەن ئىشلىتالمايۋاتىممەن بولسا مۇشۇ سېستىمىغا java مۇھىتى ھازرلاش ۋە Android studio نى قاچىلاپ تەڭشەش دېگەندەك بىر تىما يوللانسا ئىنتايىن ياخشى بۇلاتتى
kitabpurux ۋاقتى: 2018-2-21 18:07:27
مەنمۇ بىرنەچچە كۈن بولدى مۇشۇ سىستىمىدا ئويناۋاتقىلى، ماڭا ياققان يەنە بىر تەرىپى، بۇنىڭدا پەقەت ئىلان چىقىۋالمايدىكەن، يۇكۇ، تىڭشۈندىن فىلىم كۆرسىڭىزمۇ بېشىدىكى ئىلان چىقمايدىكەن.
لېكىن تىل ۋە كىرگۈزگۈچنى ئۇيغۇرچىغا توغۇرلىساممۇ، ئۈستىدىكى سۈرەتتەك ئۇيغۇرچە كۆرۈنگەن يەرلىرى ئىنگىلىزچە چىقىۋاپپارىدۇ.
uzdil ۋاقتى: 2018-3-5 18:02:14
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. يازمىڭىزنى ئېلان قىلىنغاندىلا كۆرگەن بولساممۇ، ئۇزدىل تورىدا ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىپ بولالمىدىم، بۈگۈن ئاددىي بولسىمۇ بىر خەۋەر يوللاپ قويدۇم:
http://www.uzdil.com/?post=120
داۋاملىق بىرلىكتە ئىزدىنەيلى، تىرىشايلى.
uzdil ۋاقتى: 2018-3-5 18:11:11
سىز 7-8 يىلنىڭ ئالدىدا ئىشلەتكەن ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى، ئەينى يىلى (2009-يىلى)ئالىي مەكتەپتە تەتىلدە بىر ياتاقتا بىر مەزگىل بىللە تۇرغان مەكتەپدىشىم بەختىيار بەكمۇ ھېرىسمەن ئىدى، مەن شۇ ۋاقىتتا باشقۇرىۋاتقان سەبۇرى ئىزدەش تورىغا مەخسۇس ئۇبۇنتۇ سەھىپىسى قوشۇپ، PJBlog دا ئۇيغۇرچە بىلوگدىن بىرنى مۇستەقىل ئىشلىتىشكە تەمىنلىگەن ئىدىم. بەختىيار نۇقتىلىق ھالدا ئۇبۇنتۇ تېخنىكلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرىنى توپلاپ، مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ۋە دەرسلىكلەرنى كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر:
https://baike.baidu.com/item/%E7%91%9F%E5%B8%83%E6%97%A5
شۇ ۋاقىتتىكى ئەترەت ئەزالىرىمىزنىڭ رەسىمىدىكى سول تەرەپ ئىككىنچىسى بەختىيار شۇ، مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى، كېيىن بەختىيارنى خۇاۋېيدا ئىشلەپ قالغىنىدىن خەۋەردا بولدۇم. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىشلار تاشلىنىپ قالغان.
uzdil ۋاقتى: 2018-3-5 18:17:33
ئۇندىن كېيىن بەختىيار www.ugubuntu.com تور بېكىتىنى قۇرۇپ 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پائالىيتىنى داۋاملاشتۇردى، كېيىن خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن توختاپ قالدى. سىز تەۋسىيە قىلغان تور بېكەتتە ugubuntu ئەسلى نۇسخىسىنى ساقلاپ قاپتۇ.
ئادرىسى:
http://www.uyghurix.net/ugubuntu
تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان، مېھنەتسىز ئەجىر قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەمگەك نەتىجىلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىدى.
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-5-1 04:08:59
uzdil يوللىغان ۋاقتى  2018-3-5 18:17
ئۇندىن كېيىن بەختىيار www.ugubuntu.com تور بېكىتىنى قۇرۇپ 2012-ي ...

مۇمكىن بولسا ئالاقە ئادېرسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز،
سىز بىلەن دىدارلىشىپ ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم.

ھەيييييي ئىشتىياق باردە بىزدە بۇ لىناكىسقا ئاجايىپ بىر خىل.
2017 ۋاقتى: 2018-5-2 23:05:55
مەن بۇگۈن بىر قاچلاپ ئىشلىتىپ باقاي دەپ 虚拟机  نى قاچلاپ ئۇنىڭغا ئۇبۇنتۇ بىلەن deepin    قاچلىغان بولسامۇ قارا ئېكران بۇلۇپ چىقۋالدى ،قوش سىستىما قىلىپ قاچلاپ باقاي دەپ تەييارلىقنى پۇتتۇرۇپ قاچلىساممۇ ئوتتۇرغا كىلىپ  يەنە بولمىدى ،توردىكى قاچلاش يوللىرىنى ،تەجىربىللىرىنى سىناپ باقتىم ،مەن قىلغانغا ھېچ ئوخشىمايدۇ باشقىلارنىڭ .https://www.deepin.org/  ماۋۇ تور بەتتىكى قاچلاش يۇلى  بىلەن قىلساممۇ   يەنە  ئوتتۇرغا  كىلىپ شۇندا قارا ئېكران ،،،،،بولسا قاچلاشتىكى دىققەت قىلدىغان ئىشلارنى قاچلاش يۇلىنى بىلدىغانلار بىر ئورتاقلىشۋەتسەڭلار
Sarsan-Roh ۋاقتى: 2018-5-19 16:56:34
مۇشۇنداق بىر ياخشى تىمىنى ھازىر كۆرگىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن . ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ، ئىنكاس يېزىپ بولغىچە ئالدىراپ سىستىمىغا بۇيرۇق بەرگەنىدىم ، قاچىلاش كۆزنىكىمۇ ماڭا ناھايىتى بەك ياقتى ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部